ئاسايىشلىق يىللاردىكى گۈزەل قاشتېشى ( 12 قىسىملىق مەخسۇس فىلىم ) ( خوتەن قاش مەدەنىيىتى جەمگاھى 79 )
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت يازمىسى
خوتەن قاشلىرىنى ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن نەچچە مىڭ يىللاردىن بىرى ئارزۇلاپ ،ئەتىۋالاپ ئىشلىتىپ كەلدى؟ئۇنىڭدىكى قانداق سېھرى كۈچ ئۇنى تارىم ۋادىسىدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقاتتى؟نېمە ئۈچۈن خوتەن قاشلىرىنىڭ باھاسى يىلدىن يىلغا ئۆرلەپ ،ئىستىمالچىلار توپى توختاۋسىز كۆپۈيۈپ مېڭىۋاتىدۇ؟كىشىلەر خوتەن قاشلىرىنى نېمە مەخسەت-مۇدىئالار بىلەن سېتىۋالىدۇ؟ئۇنىڭ ئىنسان ماددىيىتى ۋە مەنىۋىيىتىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى نېمە؟؟؟...
يۇقارقىدەك نۇرغۇن سۇئاللارغا خوتەن قاشتېشىنىڭ ئۆزىدىن قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ تېپىش مۈمكىنچىلىكى يوق.چۈنكى ئۇ گۈھەر تاشلارغا خاس ئاددىي بىر قېزىلما بايلىق،خالاس...
يۇقارقى سۇئاللارغا توغرا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن چۇقۇم ئۇزاق تارىخ جەريانىدا شەكىللەنگەن كۆپ قاتلاملىق ،كۆپ مەنبەلىك خوتەن قاش مەدەنىيىتىنى ئەتراپلىق چۈشۈنۈشكە توغرا كېلىدۇ.
ئەقىدە قاشگەرلىكىمىز <<خوتەن قاش مەدەنىيىتى جەمگاھى >>سەھىپىمىز ئارقىلىق خوتەن قاش مەدەنىيىتىنى رەتلەپ ،توپلاپ ،تەرجىمە قىلىپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.
ئاسايىشلىق يىللاردىكى گۈزەل قاشتېشى
ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىنداشلار ، ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى - ئەقىدە جاۋاھىرات تورىدىن ھەممىڭلارغا سالام !
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك يۇرتىمىز تەبىئىي بايلىقىنىڭ خان تاجى بولغان خوتەن قاشلىرى ۋە قاشگەرلىك مەدەنىيىتى ئون مىڭ يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ كۈنىمىزگە كەلگەندە مەدەنىيەت ئۈزۈكچىلىكىگە دۇچ كەلدى.بىباھا گۆھەر- خوتەن قاش دىيارىمىزدىن چىقسىمۇ،لېكىن بىزدە ئۇنىڭ مۇكەممەل نەزەرىۋى ئاساسى،ئەنئەنىگە سادىق،زامانغا لايىق سودا رىسالىسى،خام ئەشيا قېزىشتىن پىششىقلاپ ئىشلەپ بازار ئېچىشقىچە بولغان بارلىق ھالقىلاردا پىشىپ يېتىلگەن مۇكەممەل سودىگەرلەر قۇشۇنى تېخى ۋۇجۇدقا كەلمىدى.
ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتىن كېيىنكى 30 يىللىق بازار دولقۇنىدا گەرچە‹‹قاشگەرلىك ۋە قاشگەر ››دىن ئىبارەت يېڭى بىر سەپ بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ ،نۆۋەتتىكى كەسكىن رىقابەتكە تولغان بازاردا بۇ قۇشۇن ئىنتايىن ئاجىز ھالەتتە تۇرماقتا.ئەجداد مىراسى بولغان خوتەن قاش ئويمىچىلىقىمىزدىن ئېغىز ئېچىش تېخى مۇمكىن ئەمەس.ئاۋام خەلقنىڭلا ئەمەس ھەتتا قاشگەرلىرىمىزنىڭمۇ خوتەن قاش ھەققىدىكى بىلىشىنىڭ بەكمۇ يۈزەكى،چولتا بولۇشى ئادەمنى بىر تەرەپتىن ئەپسۈسلاندۈرسا يەنە بىر تەرەپتىن چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.
مەيلى سىز قاشگەر بۇلۇڭ ياكى بولماڭ،خوتەن قاشلىرىنى تۇنۇڭ ياكى تۇنىماڭ بۇ ئانچە مۇھىم ئەمەس.مۇھىم بولغىنى -دىيارىمىزنىڭ خوتەن قاشلىرىغا ئوخشاش قىممەتلىك تەبىئىي بايلىقلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتىنى بىلىشىمىز،ئەجدادلىرىمىز ياراتقان شانلىق مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىزدۇر!
ئۇيغۇر قاشتېشى تورىمىز ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس تەركىبى قىسمى بولغان خوتەن قاش مەدەنىيىتى ھەققىدە ئاۋامنى دەسلەپكى چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە شىنجاڭ قاش ئويمىچىلىق زاۋۇتى سۈرەتكە ئالغان،جۇڭگۇدىكى نۇپۇزلۇق مۇتەخەسىسلەرنىڭ خوتەن قاش ھەققىدىكى مۇپەسسەل بايانلىرى جەملەنگەن‹‹ئاسايىشلىق يىللاردىكى گۈزەل قاشتېشى›› ناملىق 12 قىسىملىق مەخسۇس فىلىمنى ئاۋازلىق تەرجىمە قىلىپ ،نۇرۇز بايرىمىلىق سوۋغا سۈپىتىدە ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.ئىشىنىمىزكى خەلقىمىزنىڭ جۈملىدىن قاشگەرلىرىمىز ۋە تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى تۇنۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ خوتەن قاشلىرىغا ئائىت تەرجىمە فىلىملەرگە قۇشۇلۇپ يەنە كۆپلىگەن مەخسۇس فىلىملەر ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرى روياپقا چىققۇسى.
1-قىسىم
2-قىسىم
3-قىسىم
4-قىسىم
5-قىسىم
6-قىسىم
7-قىسىم
8-قىسىم
9-قىسىم
10-قىسىم
11-قىسىم
12-قىسىم
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى - ئەقىدە جاۋاھىرات تورى
2014-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى