8مىليون 800 مىڭغا سېتىلغان زەر قاش
ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم تەرجىمىسى
2017-يىلى 3-ئاينىڭ بېشىدا ، خاڭجۇ <<ئەسىر >> كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئورنىدىكىلەر چوڭ كۆلەمدىكى كىمئارتۇق قىلىپ سېىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ 15 دانە قىممەتلىك گۆھەرنى كىمئارتۇق قىلىپ ساتتى .
بۇ كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش پائالىيىتىدە فىرانسىيەلىك دانىيال ئەپەندىم سەككىز مىليون سەككىز يۈز مىڭغا سېتىۋالغان ، 752 گرام ئېغىرلىقتىكى زەر قاش ( JIN SI YU 金丝玉 ) جامائەتچىلىكنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى .
زەر قاشنىڭ ئەسلى ئىگىسىنىڭ دانىيال ئەپەندىم بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا ئىگىلىشىچە ، دانىيال فىرانسىيەدىكى چاغدا ئۇنىڭ جۇڭگۇنى ساياھەت قىلىپ كەلگەن بىر دوستى دانىيالنىڭ رەپىقىسىگە جۇڭگۇدا سېتىۋالغان بىر زەر قاش بىلەيزۈكنى سوۋغا قىلغان .
دانىيال زەر قاش بىلەيزۈكنى كۆرگەن چاغدا بىلەيزۈكنىڭ گۈزەللىكى ، سىلىقلىقى ، جۇلاسىغا ھەيران بولۇپ ، زىمىننىڭ بۇ تەڭداشسىز بايلىقىغا مەپتۇن بولۇپ قالغان ھەم دوستىدىن بۇ قېتىمقى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش پائالىيىتىدە زەر قاشنىڭمۇ سېتىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ فىرانسىيەدىن ئالايىتەن كەلگەن .
دانىيال : << جۇڭگۇ جاۋاھىرات بازىرىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق ، كەلگۈسىدە چۇقۇم نۇرغۇن چەتئەللىك خېرىدار جۇڭگۇغا كېلىپ ئۈنچە-مەرۋايىت بولۇپمۇ زەر قاش سېتىۋالىدۇ >> دېگەن .
2017-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى تەرجىمە قىلىندى
مەنبە: تور دۇنياسى