خوتەن قاش قازغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىغا نەزەر(خوتەن قاش مەدەنىيىتى جەمگاھى 61)
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت يازمىسى
خوتەن قاشلىرىنى ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن نەچچە مىڭ يىللاردىن بىرى ئارزۇلاپ ،ئەتىۋالاپ ئىشلىتىپ كەلدى؟ئۇنىڭدىكى قانداق سېھرى كۈچ ئۇنى تارىم ۋادىسىدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقاتتى؟نېمە ئۈچۈن خوتەن قاشلىرىنىڭ باھاسى يىلدىن يىلغا ئۆرلەپ ،ئىستىمالچىلار توپى توختاۋسىز كۆپۈيۈپ مېڭىۋاتىدۇ؟كىشىلەر خوتەن قاشلىرىنى نېمە مەخسەت-مۇدىئالار بىلەن سېتىۋالىدۇ؟ئۇنىڭ ئىنسان ماددىيىتى ۋە مەنىۋىيىتىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى نېمە؟؟؟...
يۇقارقىدەك نۇرغۇن سۇئاللارغا خوتەن قاشتېشىنىڭ ئۆزىدىن قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ تېپىش مۈمكىنچىلىكى يوق.چۈنكى ئۇ گۈھەر تاشلارغا خاس ئاددىي بىر قېزىلما بايلىق،خالاس...
يۇقارقى سۇئاللارغا توغرا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن چۇقۇم ئۇزاق تارىخ جەريانىدا شەكىللەنگەن كۆپ قاتلاملىق ،كۆپ مەنبەلىك خوتەن قاش مەدەنىيىتىنى ئەتراپلىق چۈشۈنۈشكە توغرا كېلىدۇ.
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىمىز دىيارىمىز قېزىلما بايلىقلىرىنىڭ خان تاجى ، دۇنياۋى داڭلىق ماركا << خوتەن قاش >> ھەققىدە ئاۋامنى ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن كۆپ يىللىق ئىزدىنىش ئارقىلىق خوتەن قاش مەدەنىيىتى توغرىسىدىكى ماتىرياللاردىن 100 پارچە ماقالىنى رەتلەپ ،توپلاپ ،تەرجىمە قىلىپ ، يېزىپ <<خوتەن قاش مەدەنىيىتى جەمگاھى >>سەھىپىمىز ئارقىلىق ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.
خوتەن قاش قازغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىغا نەزەر
ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم يازمىسى
سۈرەتلەر تور دۇنياسىدىن يىغىلدى
يېقىندىن بۇيان خوتەن قاشلىرىنىڭ مىليون - مىليارتلارغا سېتىلغان خەۋەرلىرىنى كۆپ ئاڭلاپ كەتتۇق . خوش ئەمدى بىرلىكتە خوتەندىكى قاش قازغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىغا نەزەر سېلىپ باقايلى :
قاش قازغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى جاپالىق بولۇپلا قالماي ئىنتايىن خەتەرلىك ، ئۇلار دائىم دالىلاردا چېدىر تىكىپ ئۇخلايدۇ . ئادەتتىكى نۇرمال يىمەكلىكىمۇ ناھايىتى تەستە كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ . يامغۇر ، بوران .... ئۇلارنىڭ دائىملىق مېھمىنى !
دالا - چېدىرلاردا ‹‹ ئالىي دەرىجىلىك زىمىن ماركىلىق كارىۋات ›› تا
ئارام ئېلىۋاتقان كانچىلار
تاغدىن قاشلارنى دۈمبىسىدە يۈدۈپ ياكى ئىشەككە ئارتىپ ئەپچۈشىۋاتقان مېھنەتكەشلەر
كانچىلارنىڭ يىمەكلىكىمۇ ناھايىتى غورگۈل بولۇپ كۆكتات ، مىۋە -چىۋە يوق شارائىتتا ئۇلار ئاساسەن قۇرۇق نان ، كۈلگە كۈمۈپ پۇشۇرۇلغان تۇخۇم ... قاتارلىقلارنى يەيدۇ . تاغ - دالىلاردىكى چاشقانلار ئۇلارنىڭ ئاران تەستە ئېرىشكەن يىمەكلىكىنى ئەپقېچىپ ئارامچىلىق بەرمەيدىغان ئەھۋاللارمۇ قەدەمدە بىر ئۇچرايدۇ .
توختىماي رىزىق ئىزدەپ قاش كولاۋاتقانلار
دەريادا قاش كولاۋاتقانلار
قاتناش قولايسىز بولسىمۇ چوڭ قاشلارنى كىراندا يۆتكىمەي ئامال يوق
2015 - يىلى 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى