A-A+

SWAROVSKI جاۋاھىراتچىلىقىنىڭ مىراسخورى ياتلىق بولدى

2017-يىل 5-ئىيۇل جاۋاھىراتلار دۇنياسى باھا يوقكەن زىيارەت: 80 قېتىم

20170622152438436

ۋىكتورىيە (SWAROVSKI) سىۋاروۋسكى بۇ يىل 23 ياشقا كىردى. ئۇ دۇنياغا داڭلىق ھەشەمەتلىك ئۈنچە-مەرۋايىت سىۋاروۋسكىنىڭ مىراسخورى بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتە يولدىشى بىلەن ئىتالىيەدە كاتتا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

20170622152438579

ۋىكتورىيەنىڭ يولدىشى ۋېرنېر مېرىز يەر-مۈلۈك ماگناتى بولۇپ، ئىككەيلەن ھەقىقەتەنمۇ خىلى-خىلىغا كەلگەن، ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قوشقان بىر جۈپلەردىن ئىدى. بۇ ئۇلارنىڭ توي مۇراسىمى نەق مەيدانىدىن تارتىلغان سۈرەتلەر، ئىككەيلەن قول تۇتۇشۇپ، ئىللىق كۈلۈمسىرىگىنىچە، بەختلىك تۇرمۇشىنى نامايەن قىلغانىدى.

20170622152438205

بۇ بىر جۈپلەر 2010-يىلى تونۇشقان بولۇپ، 7 يىللىق مۇھەببەت سەپىرىنى بېشىدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، رەسمىي يوسۇندا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، مۇھەببەتلىك قەسىمىنى داۋام ئېتىشنى قارار قىلدى.

20170622152439457

توي مۇراسىمىغا 250كە يېقىن ئېسىلزادىلەر ھەمدە ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەر قاتناشقان بولۇپ، تولىمۇ ھەشەمەتلىك ئىدى. توي مۇراسىمى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئۇلار يەنە ئۈچ كۈنگە سوزۇلغان تەبرىكلەش پائالىيتىنى ئۆتكۈزدى.

20170622152439538

 ۋىكتورىيە بىلەن يولدىشى ۋېرنېر مېرىزنىڭ چۈشكەن سۈرىتى. ۋىكتورىيە قولىغا گۈل كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئۇنىڭ ئۇچىسىدىكى توي كۆينىكىگە 500 مىڭ دانە سىۋاروۋسكى خرۇستالى ھەل بېرىلىگەن، قاراشتىنلا ناھايىتى سىپتا ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ، (نېمىدىگەن چىرايلىق)

20170622154421667

بۇ توي كۆينىكىنىڭ ئېغىرلىقى 46 كىلوگىرام كېلىدىغان بولۇپ، دۇبەيلىك لاھىيەلىگۈچى مايكول خىنكلى مەخسۇس ۋىكتورىيەگە ئاتاپ لاھىيەلىگەن. بۇ لاھىيەلىگۈچى ئىلگىرى نۇرغۇنلىغان چولپانلارنىڭ مۇراسىم كۆينىكىنىمۇ لاھىيەلەپ بەرگەن بولۇپ، ئىگىلىنىشىچە، ۋىكتورىيەنىڭ مۇشۇ مۇراسىم كۆينىكىنىڭ قىممىتى 700 مىڭ فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 6 مىليون 60 مىڭ يۈەنگە باراۋەر) كېلىدىكەن.

20170622154421126

توي كۆينىكى خېلىلا ئېغىر بولغاچقا، ۋىكتورىيە بىر قانچە كىشىنىڭ ياردىمىگە ئېھتىياجلىق بولغان، يەنە كېلىپ بىر قانچەيلەن ياردەملىشىپ كۆينەكنىڭ ئاخىرىنى كۆتۈرۈشۈپ بەرمىسە، بۇ قىزنىڭ ھەرىكەت قىلىشى تەسكە چۈشەتتى. بىراق نېمىلا دېگەنبىلەن، بۇ توي كۆينەك ئۇنىڭغا ھەقىقەتەنمۇ ياراشقانىدى.

20170622154421865

ئەر-ئايال ئىككەيلەن توي مۇراسىمىدا تورتنى كېسىۋاتىدۇ. بۇ تورت جەمئىي بەش قەۋەت ياسالغان بولۇپ، شەكلىمۇ شۇنچىلىك نەپىس ۋە كۆركەم ئىدى.

مەنبە : نۇر تورى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ