
نۆۋەتتە جەمئىيىتىمىزدە كارخانىچىلىقنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، مىللىي كارخانىلار يامغۇردىن كېيىنكى باھار مايسىلىرىدەك بەس-بەس بىلەن مەيدانغا كېلىپ، دۆلەت، جەمئىيەت ۋە خەلقىمىز ئۈچۈن نۇرغۇن تۆھپىلەرنى قۇشىۋاتىدۇ، نۇرغۇن يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى مىللىي كارخانىچىلىقنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتى ئىلگىرىكى ھەر قانداق بىر دەۋرنىڭ...