A-A+

ئۇيغۇرلار تاشنى قانداق ساتىدۇ؟(خوتەن قاش مەدەنىيىتى جەمگاھى 95)

2015-يىل 20-سېنتەبىر ئەقىدە قاش ئىنىستىتۇتى باھا يوقكەن زىيارەت: 6,364 قېتىم

ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم تەرجىمىسى

مەزكۇر ماقالە خوتەن قاش سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان  بىر خەنزۇ كەسىپدىشىمىز تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ،خەنچە قاشتېشىغا ئائىت كەسپىي تور بەت ،سالۇنلاردا كەڭ تارقالغان  ھەم كۈرۈلۈش قېتىم سانىمۇ ناھايتى يۇقۇرى بولغان.

خەلقمىز خوتەن قاشلىرىنى ئېغىزىدا تاش دەپ ئاتاپ كۆنگەن بولغاچقا بۇ ماقالىدە خوتەن قاشلىرى تاش دەپ تەرجىمە قىلىندى ! ____ تەرجىماندىن 

94371f13hbddf315f96b3&690

1 . ئۇيغۇرلار ئەسلا تاش  تۇنۇمايدۇ !

 بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەيران بولماڭ . << گەپ قىلالمىغان ئېغىزدىن چاپاق باسقان كۆز ياخشى >> دەپ مېنىڭ ئادەم ئالدايدىغان خۇيۇم يوق . ئۇيغۇرلار تاش تۇنۇمايدۇ دېيىشىمنىڭ سەۋەبى بىرلا . ئۇ بولسىمۇ  _________  ئۇيغۇرلار  راستىنلا خوتەن قاشلىرىنى تۇنۇمايدۇ !

بىز ئاۋۋال خوتەن قاشلىرىغا  تەبىر بېرەيلى . خوتەن قاشلىرى ____ تاشلارنىڭ ئېسىلى . ئۇنىڭ  ئېسىللىكى نەدە ؟ ئىسىللىكى دەل قاشنىڭ سۈپىتىدە .يەنى گۈزەللىكى ۋە ئەۋرىشىملىكىدە .ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق ، ئۇلار ئاق تەنلىكلەر بىلەن قانداش كېلىدۇ . نەسەبىنى سۈرۈشتۈرگەندە ئۇلار ئەسلىدىنلا ئۈنچە - مەرۋايىتقا ئامراق ، كۆزنى چاقنىتىپ تۇرىدىغان ئۈنچە - مەرۋايىتلارغا ئۇلارنىڭ ئالاھىدە مېھرى بار . شۇڭا بايلىرى ئالماس ئوينىسا كۆك نامراتلىرى ئەينەك بولسىمۇ ئوينايدۇ ..... بىراق خوتەن قاشلىرىغا نىسپەتەن ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ چۈشەنچىسى ئېنىق ئەمەس . مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ خوتەن قاشلىرىغا مېھرى يوق ..... شۇ سەۋەپتىن خوتەن قاشلىرى دۇنياۋى سەھنىدىن ئورۇن ئالالماي بېرمىدىن چىقىدىغان  كۆك تارغاق (فېيسۈي ) قاشقا ئورۇن بوشىتىپ بەردى .

بەلكىم خوتەنگە قاشتېشى سېتىۋېلىش ئۈچۈن بارغان دوستلار ئويغۇرلارنىڭ ئاغزىدىن << تاش دىگەن نەرسىنى خەنزۇلار ئالمىسا ئىتقا تاشلاپ بەرسە ئىتمۇ يىمەيدۇ >> دىگەن گەپلەرنى ئاڭلىغان بولىشى مۈمكىن . ئۇيغۇر تاشچىلار تاشقا چاپان سېلىشنى بىلىدۇ ، يارام تاشلارنى يۇقۇرى باھادا ساتقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.بىراق يۇقارقى گەپلىرىدىن كۈرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ، ئۇلاردىن << خوتەن قاشلىرى نىمىشقا قىممەت،نىمە سەۋەپتىن  شۇنچە كۆپ پۇلغا يارايدۇ؟>> دەپ سورىسىڭىز ئۆزلىرىمۇ ئېنىق بىر نەرسە دىيەلمەيدۇ.شۇ سەۋەپتىن خەنزۇلار بىر پارچە ئىسىل قاشتېشىنى كۈرۈپ ھاياجانلىنىپ ئۇنىڭغا مەپتۇن بۇلۇپ قالغان شۇ دەقىقىلەردە ئۇيغۇر تاشچىلاردا مۇنداق ھاياجاندىن قىلچىمۇ ئەسەر يوق بولۇپ،ئۇلارنىڭ ئەس-يادى خېرىدارنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلدا بولىدۇ.

fd61347adab44aed3153fa80b01c8701a18bfb2a

 2 . ئۇيغۇرلار تاش سېتىشقا بەك ئۇستا !

ئۇزۇن يىل تاش سېتىش نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلار شۇ نوقتىنى ئېنىق بىلىپ يەتتىكى،خوتەن قاشلىرىنىڭ باھاسىنى پەقەت خەنزۇلارلا بىلىدۇ.

سىز تاش بازىرىغا قەدەم باسقاندىن تارتىپلا ئۇيغۇر تاشچىلار سىزگە ئىنتايىن ئىنچىكىلىك بىلەن دىققەت قىلىشقا باشلايدۇ .ئۇلار خۇددى سايىدەك سىزگە ئەگىشىپ سىزنىڭ قانداق مال ئالىدىغانلىقىڭىزنى تەتقىق قىلىدۇ.ئۇلارنىڭ ئارقىڭىزدىن ئەگەشكىنىگە قاراپ ھەتتا سىز ئۇلارنى ئوغرى-يانچۇقچىمىدۇيا ،دەپمۇ قالىسىز.بىراق ئېھتىيات قىلمىسىڭىزلا سىز قايسى تاشنى قانچە پۇلغا ئالماقچى ئىكەنلىكىڭىزنى ھەركىتىڭىز ،ھىسسىياتىڭىز ئارقىلىق ئاللىقاچان ئاشكارىلاپ قويغان بولىسىز.ئۇلار سىزنىڭ ھەربىر پارچە تاشنى كۆرگەن ۋاقتىڭىزدىكى روھى ھالىتىڭىز،ھەركىتىڭىزگە ئاساسەن سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكىنى دىتلايدۇ-دە،ناھايتى ئۇستىلىق بىلەن سىزنىڭ پۇلىڭىزنى ئالىدۇ.

5fcad87egce9e060dc1d0&690

3 . ئۇيغۇرلار خېرىدارغا تاشنىڭ << ئانا پۇلى >> (بېنچەن) نى دەپ بىرىشكە بەك ئامراق !

مالنىڭ ئانا پۇلىنىڭ ئۇنىڭ تەنەرخ باھاسى ياكى ئەسلىدىكى كىرىش باھاسى ئىكەنلىكىنى ھەممەيلەن بىلىمىز. ھەر قانداق بىر سودىگەر  ئۆز مېلىنىڭ ئەسلىدىكى باھاسىنى خېرىدارغا ئالدىراپ دىمەيدۇ. بىراق ئۇيغۇرلار بىلەن سودىلاشقاندا ئۇلار ناھايتى ئاسانلا سىزگە مالنىڭ ئانا پۇلىنى دەپ بىرىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ناھايتى كۈچلۈك بولۇپ، مۇنداقلارغا دۇچ كەلگەندە سىز ئۇلارنىڭ روھى ھالىتىنى ئەستايىدىل كۈزۈتۈپ مالنىڭ ئانا پۇلىغا تەخمىنەن 10 % ئەتراپىدا باھا قوشسىڭىزلا سودىدا پۈتىشەلەيسىز .

بىراق ، كۆپۈنچە ھاللاردا ئۇلار نىڭ << ئانا پۇلى >> نى دەپ بىرىشى سىزنىڭ بۇ مالنى ئەڭ يۇقۇرى بولغاندا نەچچە پۇللارغا ئالالايدىغانلىقىڭىزنى بىلىۋېلىش ئۈچۈندۇر.مۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە سىز چۇقۇم كەسكىنلىك بىلەن << مالنىڭ ئانا پۇلىنى دىيىش-دىمەسلىك ئۆزەڭنىڭ ئىشى،تۆۋەن بولۇپ قالسا پۇل قوشسام بولىدۇ،بىراق باھا  يۇقۇرى بولۇپ قالسا  ئالمىساممۇ بولىدۇ >>دەڭ .شۇنداق دىمىسىڭىز مۇنداق ئەھۋالدا سىز تىل قىسىنچىلىقىدا قالىسىز.چۈنكى << ئانا پۇلى >> دىگەن باھانىڭ ئۈستىگە يەنە پۇل قوشسىڭىز بۇ مالنى ئەلۋەتتە قىممەت ئېلىپ قالىسىز، پۇل قوشمىسىڭىز پۈتۈشەلمەيسىز.قانداق قىلىش كېرەك؟مۇنداق ئەھۋالدا سىزمۇ بوش كەلسىڭىز بولمايدۇ.ئەڭ مۇھىمى سىز كۆڭلىڭىزدىكى باھانى ئۇلارغا بىلدۈرۈپ قويماسلىقىڭىز كېرەك.ئۇلار سىزنىڭ بۇ جاۋابىڭىزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن سىزنى يەنە باھا قۇيۇشقا ئۈندەيدۇ.سىز ئەستايىدىل ئويلاشقاندىن كېيىن تۆۋەن باھادىن باشلاپ ئېغىز ئاچىسىز.بۇ چاغدا ھەرقانداق بىر تاشچى تەبىئى ھالدا سىزگە << بۇ باھاغا ساتسام زىيان چىقىدۇ ،ئازراق قوشقىن >> دەيدۇ... ئۇلارنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭىزدا ناھايتى سەۋرىچان بولۇڭ. باھا تالىشىش جەريانىدا سەۋېرچان بولسىڭىزلا ئۇلارمۇ جىددىلىشىپ بىخۇتلىشىشقا باشلايدۇ.چۈنكى ھىچكىممۇ << ئازراق قوشقىن >>دىگەن جۈملىدىكى << ئازراق >> نىڭ زادى قانچە پۇل ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلمەيدۇ.مالنى ھەقىقەتەن ئالغۇڭىز بولسا ئەستايىدىل ئويلۇنۇپ،ئۆز ئىقتىدارىڭىز ۋە دىتىڭىزغا  تايىنىپ باھا قۇيۇڭ.ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ ئاتالمىش << ئانا پۇلى >> دەيدىغان ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەتمەڭ.

52ee8cabh836199f52808&690

4 . بىر قىسىم ئۇيغۇر تاشچىلار قوپاللىق بىلەن تاش سېتىشقا ئامراق !

تاش بازىرىدىكى كىشىلەر ئارىسىدا خەنزۇ خېرىدارلار مۇلايىم ۋە ئۇقۇمۇشلۇقلىقىدىن يۇۋاشراق كۈرۈنگەچكە ، بىر قىسىم ياش تاشچىلارنىڭ << نوچىلىقى >>  تۇتۇپ خەنزۇلارغا  تاشنى يۇقۇرى باھادا زولاپ ساتقۇسى كىلىدۇ.بۇ جەريان مۇنداق بولىدۇ :

بىر تاشچى ئالدىڭىزغا كىلىپ قۇلىڭىزدىن تۇتقان پېتى ئۇنىمىغىنىڭىزغا قارىماي  سىزنى زورلاپ يايمىسىغا ئاپىرىدۇ . ئارقىدىنلا ئۆزلىكىدىن تاشلىرىنىڭ ئانا پۇلىنى دەپ بىرىدۇ.(ئەلۋەتتە ، بۇ شۇ مالنىڭ ئەڭ قىممەت باھاسى ).سىز <ئالمايمەن > دىسىڭىز ئۇلارنىڭ چىرايى شۇ زامان تۇتۇلۇپ زەھەرخەندىلىك بىلەن < ئاغىينە،سەن تاشلىرىمنى ياراتمايۋاتامسەن ياكى قىممەت كۈرىۋاتامسەن؟>دەيدۇ.چاتاق مۇشۇ يەردىن چىقىدۇ.سىز جامائەت ئالدىدا < تېشىڭ بولمايدىكەن > دەپ قويسىڭىز بالادا قالىسىز.< تېشىڭ ياخشىكەن > دەپ قۇيسىڭىز تېخىمۇ بالادا قالىسىز .ئۇلار < ياخشى بولسا نېمىشقا ئالمايسەن؟ > دەپ يېپىشىۋالىدۇ.بۇ پاتقاققا پېتىپ قالسىڭىز قانداق قىلىش كېرەك ؟ بۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىلىرى كۆپ.قانداق ھەل قىلىش ئۆزىڭىزگە باغلىق.ئەڭ ئاسان قۇتۇلۇش چارىسى < كەن بۇدوڭ 看不懂 > ( تاشنى ئانچە بەك تۇنۇمايدىكەنمەن ، بىلەلمىدىم )، ياكى < تىڭ بۇدوڭ听不懂 > ( گىپىڭىزنى چۈشۈنەلمىدىم ) ، دەپ دەرھال شۇ يايمىدىن ئايرىلىشتۇر .

ئەگەر سىز يۈز-ئابرويىڭىزغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان ئادەم بولسىڭىز تاشنىڭ ئىگىسىگە ئەستايىدىللىق بىلەن  < ئاغىينە ، تاش دىگەن ئالدىرماي كۈرۈپ ئالىدىغان نەرسە . ماڭا يېپىشۋالمىغىن . بىز خەنزۇلار بۇ قىلمىشىڭلارنى ئەدەپسىزلىك دەپ قاراپ بەك ئېغىر ئالىمىز .بۇ قىلىقىڭنى مەن پەقەت ياقتۇرمىدىم > ،دىسىڭىز كۆپۈنچە ھاللاردا ئۇلار شۇ زامان ئۆزىنى ئوڭشىۋالىدۇ.

سىز ئۇلاردىن قۇتۇلۇپ كېتىش بىلەن بىرگە يەنە ئۇلارنىڭ بىر ئاز ئەدىپىنى بىرىپ قويماقچى بولسىڭىز ، سىزگە ئېسىلىۋالغان ئۇ تاشچىنىڭ تېشىغا قاراپمۇ قويماي باشقىلارنىڭ تېشىنى ئالدىرىماي كۈرۈڭ ، ئۇ تاشچى سىزنى ساقلىسۇن . ئۇنىڭ تېشىنى كۈرۈش نۆۋىتى كەلگەندە بولسا ئۇ سىزگە تېخىمۇ بەك يېپىشىدۇ . بۇ چاغدا سىز جايىڭىزدىن مىدىرىماي تۇرۇپ < تېشىڭنى ئالدىمغا ئەكەل >دىسىڭىز ئۇنىڭ ئاچچىقى كېلىپ سىزگە يېپىشىۋېلىشتىن ۋاز كېچىدۇ.

تاشچىلار تېشىغا ناھايتى يۇقۇرى باھا قۇيۇۋالغاندا سىز گەپ قىلمايلا ئۇنىڭ يېنىدىكى يايمىدىكى تاشلارغا قاراپ تۇرىۋالسىڭىز ،ئۇ ناھايتى ئاچچىقلانغان ھالدا < مېنىڭ تېشىم يارام ئەمەسمىكەن ؟> دەپ سورايدۇ.ئۇلار ئەمەلىيەتتە بىر < < قەغەز يولۋاس >> تۇر . بۇ چاغدا سىز ئۇنىڭ تېشىدىن بىرنى شاپپىدە تۇتۇڭ.(بۇ ھەركىتىڭىز ئۇنى چۆچۈتىۋېتىدۇ).سىز تاشنى كۈن نۇرىغا تۇتۇپ كۆرگەچ ئالدىرىماي تۇرۇپ باھاسىنى سوراڭ.ئۇ باھاسىنى دەپ بەرگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا:< بۇرادەر شۇنچە يارام تاشنى ئاران 10000 غا ساتامسەن؟ ئەپسۇس مەن شىئەنلىك ،ئەگەر بېيجىڭلىق بولۇپ قالغان بولسام سەن بىلەن باھا تالىشىپ بۇ تاشنى 5000 غا ئېلىپ  بېيجىڭغا ئاپىرىپ 30000 غا ساتاتتىم . بېيجىڭدىن دوستۇم كېلىپ قالسا  ساڭا تۇنۇشتۇرۇپ قوياي.سەن ئەگەر ئۇنىڭغا قىممەت باھادا تاش سېتىپ قالساڭ ماڭا پايدا ( خەنزۇلارنىڭ排档子 دىگىنى ئۇيغۇرچە پايدا دىگەن گەپ .-تەرجىماندىن ) ئايرىشنى ئۇنتۇپ قالمىغىن > دەڭ.شۇنداق دىيىشىڭىزگىلا بۇ تاشچىنىڭ ئەسلىدىكى ياۋۇزلۇق چىقىپ تۇرىدىغان كۆزلىرى بىردىنلا ئۈمۈتلۈك چاقناپ سىزگە يېلىنىش ۋە ئىلتىجالىق نەزىرى بىلەن تىكىلىدۇ.ئىشەنمىسىڭىز ئۇنى تاماققا تەكلىپ قىلىپ بېقىڭ،ئۇ سىزنى خوشاللىق ۋە رازىمەنلىك بىلەن مېھمان قىلىدۇ.

114227

5.ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى << ساڭا قانداق تاش لازىم بولسا مەن تاپالايمەن >> دەپ مەيدىسىگە مۇشتلايدۇ!

بۇ سۆز بەلكىم ھازىرقى تاش كولاشنى چەكلەش بۇيرىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۈمكىن.ئۇنداق بولمىغان تەقدىردىمۇ  ھازىرقى بازاردا يارام ياشلار بەك ئاز.شۇڭا سىز تاش بازىرىدا ئون يايمىدا تاش كۆرسىڭىزمۇ بىرەر تال كۆڭۈلدىكىدەك تاشنى ئۇچرىتالمايسىز.بىراق نېمىگە ئالدىرايسىز؟سىزدىنمۇ

بەك ئالدىراۋاتقانلار بار. ________ئۇيغۇر تاشچىلار پۇل تېپىشقا بەك ئالدىرايدۇ.___ئالدىرىمىسا بولمايدۇ-دە.چۈنكى ئۇلارنىڭ يېڭى موتۇسىكىلىت ئالغۇسى بار،بالىسى ئۇقۇش پۇلى تۆلەيدۇ،خۇتۇنى تۆنۈگۈن بىر قۇر كىيىم كۈرۈپ قويدى.....بۇلارنىڭ ھەممىسىگە پۇل بولمىسا بولمايدۇ.لېكىن پۇل سىزنىڭ يانچۇقىڭىزدا.شۇڭا ئۇلار سىزدىن توختىماي <ئاغىينە ساڭا قانداق تاش لازىم؟> دەپ سورايدۇ.سىز ئۆزىڭىز ياخشى كۈرىدىغان تاشنىڭ ئۆلچىمىنى دەپ بەرگەندە، ئۇلار سىز بىلەن كىچىكىپ كۈرۈشكىنگە ئۆكۈنگەن قىياپەتتە < ھەي،مۇنداق تاش مەندە بارتى ئەمەسمۇ> دەيدۇ-دە،شۇ زامان باشقىلارغا تېلىفۇن قىلىپ ئۇلارنىڭ تاشلىرىنى ئەكەلتۈرىدۇ ياكى سىزنى تاش كۈرۈشكە ئاپىرىدۇ ۋە ياكى ئەتىلا ئۆزىنىڭ شۇ تاشنى ئەكىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.بىراق،ئۇلار مەيلى قانداق قىلغان بولىشىدىن قەتئىي نەزەر نەتىجىسى بىرلا____ئۇلارنىڭ ئالدىڭىزغا ئەكەلگىنى ئەخلەت،باھاسى قىممەت.كۆڭلىڭىزدىكىدەك بىر پارچە تاش چىقمايدۇ.ئەجىبا ئۇلار سىزنىڭ تەلىپىڭىزنى چۈشەنمىگەنمىدۇ!؟مۇنداق ئەھۋال بىرقانچە قېتىم تەكرارلانغاندىن كېيىن سىز تەبىئى ھالدا شۇنى چۈشۈنۈپ قالىسىزكى،سىز ئۇلارغا < ئاسماندىكى ئاينى ئالاتتىم > دىسىڭىزمۇ،ئۇلار دەرھاللا < مېنىڭ ئۆيۈمدە بىر نەچچىسى بار،ئۇنىڭ ئۈستىگە باھاسى دەششەت ئەرزان...> دەيدۇ.شۇڭا سىز ئۇلارغا <ماللىرىڭنى ئەكەلسەڭ كۈرۈپ باقاي ، ياخشىسى بولسا  سېتىۋالاي،ئارتۇق تەلىپىم يوق >،دەڭ.ھەرگىزمۇ  ئۇيغۇرلارنىڭ < قانداق تاش دىسەڭ مەن تاپالايمەن > دىگەن بۇ گىپىگە گۆل بولماڭ. چۈنكى ،بۇ كىچىك بالىغا كەمپۈت تۇتقۇزۇپ قويغاندەك بىر ئىش ،خالاس.

61074879_24

6.ئۇيغۇرلار سودىدا ئۆزئارا ماسلىشىشقا بەك ئۇستا!

تاش بازىرىدا سىز ئادەتتىكى تاشلارنى سېتىۋاتقان يايمىچىلارنىڭ بىچارە قىياپىتىنى كۆرگەن ۋاقتىڭىزدا ئىختىيارىسىزلا سەزگۈرلىكىڭىز بوشاپ قالىدۇ.گوياكى ئۇلارنى سودىدا ھىچقانداق پىلان-تاكتىكا تۈزىيەلمەيدىغاندەك ھىس قىلىسىز.مۇنداق ھىس قىلغان بولسىڭىز  سىز خاتالاشقان بولىسىز ،خاتالاشقاندىمۇ بەك چوڭ خاتالاشقان بولىسىز.چۈنكى ئەمەلىيەتتە بۇ يايمىچىلار تاش سېتىشقا بەكمۇ ئۇستا، يارام تاش ساتىدىغانلىرى تېخىمۇ قالتىس!ئۇلار سودا جەريانىدا ئۆزئارا ماسلىشىشقا شۇنچىلىك ماھىركى،بۇ ماسلىشىشنى گۈل-گۈلىگە كەلتۈرىۋېتىدۇ.ئۇلار تۆۋەندىكى ئۇسۇللار بىلەن سىزنىڭ يانچۇقىڭىزدىكى پۇللارنى سۇغۇرىۋالىدۇ :

بىرىنچى ، سىز قانداق تاش ئالىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتقان ھامان بۇ ئۇچۇر شۇنداق تېز تارقايدۇكى،سىز كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا مۇشۇنداق تېشى بار تاشچىلارنىڭ ئارىسىدا قالىسىز.بىراق ئالدىراپ خوش بولۇپ كەتمەڭ،چۈنكى سىزنى ئورىۋالغان بۇ تاشچىلارنىڭ قۇلىدا ساختا ۋە قىممەت تاشلار بەكمۇ كۆپ .

ئىككىنچى ، سىز تاش بازىرىدا بىر تاشچى بىلەن مەلۇم بىر تاشنىڭ باھاسىنى كىلىشەلمىدىڭىز دەيلى،ئۇ تاشچى مېلىنى 2000 يۈئەن دەپ تۇرىۋالدى،سىزنىڭ 1200 يۈئەنگە ئالغۇڭىز بار.سىلەر باھا تالىشىپ قالدىڭلار .دەل شۇ چاغدا ئۇ تاشچىنىڭ دوستى قۇلىڭىزدىكىدىنمۇ ناچار بىر تاشنى سىزگە تەڭلەپ 3000 يۈئەننىڭ ئۈستىدە باھا قۇيىدۇ.ئارقىدىنلا بۇ تاشنىڭ ئانا پۇلىنىڭ 2500 يۈئەن ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ كاپشىشقا باشلايدۇ.شۇنىڭ بىلەن سىزدە <قۇلۇمدىكى بۇ تاش 2000 يۈئەنگە ھەقىقەتەن ئەرزان ئىكەن > دەيدىغان تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ.بۇنداق ئۆزىنىڭ تېشىنى بازارلىتىپ تۇرۇپ دوستىغا ياردەم بىرىدىغان ئىش تاش بازىرىدا قەدەمدە بىر ئۇچرايدۇ.

ئۈچۈنچى ، گاھىدا سىز كۆڭلىڭىزدىكىدەك بىر پارچە مالنى ئۇچرىتىپ باھاسىنى كىلىشىپ پۇل ساناشقا تەمشىلىسىز.ئەمما دەل شۇ چاغدا يېنىڭىزدا ئاسماندىن چۈشكەندەكلا بىرسى پەيدا بولۇدۇ-دە،<بۇ تاشنى بۇ باھادا ساتقىلى بولمايدۇ > دەپ تۇرىۋالىدۇ.تاشنىڭ ئىگىسىمۇ دەرھاللا ئۇنىڭغا ماسلىشىپ < بۇ كىشى مېنىڭ شىرىكىم ئىدى،ئۇ بۇ باھاغا ساتقىلى بولمايدۇ دىسە مەنمۇ ساتالمايمەن.راستىنلا ئالغۇڭ بولسا يەنە بىرئاز پۇل قوشقىن > دەپ تۇرىۋالىدۇ.مۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلسىڭىز  سىزنىڭ ئۇلارنىڭ ئۇيۇنىغا ئالدانماي كىتىپ قالغىنىڭىز ئەۋزەل.

تۆتىنچى ، سىز مەلۇم بىر تاشنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن باھا تالىشىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا يېنىڭىزدا لۆممىدە بىرسى پەيدا بولىدۇ-دە، ئۇنىڭمۇ شۇ تاشنى ئالغۇسى كىلىپ كېتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىر ئوبدان سودىدا پۈتىشىۋاتقان بۇ سۇرۇن بىردىنلا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش مەيدانىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.مۇنداق ئەھۋالدا سىز بۇ تاشنى ئەرزان باھادا سېتىۋېلىش خام خىيالىنى قىلماي دەرھاللا كىتىپ قېلىڭ.ئازراقمۇبىخەستەلىك قىلىشقا بولمايدۇ.

بەشىنچى ، سىزنىڭ تاش بازىرىدىكى مەلۇم بىر تاشقا مېھرىڭىز چۈشۈپ ئالغۇڭىز كىلىپ قالدى.بىراق باھاسىنىڭ زىيادە قىممەتلىكى تۈپەيلىدىن كىلىشەلمەي كەينىڭىزگە بۇرۇلىشىڭىزغىلا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرەيلەن ناھايتى قىزغىنلىق بىلەن ئوتتۇرغا چىقىپ سىزنىڭ ئالدىڭىزغا كىلىدۇ.ۋە <ئاغىينە، بۇ تاشنىڭ ئانا پۇلىنى مەن بىلىمەن،سېنىڭ زادى قانچە پۇلغا ئالغۇڭ بار ئىدى،دەپ باقساڭ ،مەن سىلەرنى كىلىشتۈرۈپ قوياي > دەپ گويا سىزگە ياردەملىشىدىغان تەرىزدە سۆزلەپ كېتىدۇ.بىراق بۇ < كۈيۈمچان ،خالىس >تاشچىنىڭ كۆزلىگىنى سىزنىڭ مەنپەتىڭىز ئەمەس،بەلكى يانچۇقىڭىزدىكى پۇلدۇر. مۇنداق ئەھۋالدا سىز ھەرگىزمۇ كۆڭلىڭىزدىكى باھانى ئاشكارىلىماڭ ،بۇ ھىلە-مىكىردىن پەخەس بولۇڭ .

ئۇيغۇرلارنىڭ تاش بازىرىدىكى مۇنداق ھىلە-مىكىرلىرى ناھايتى كۆپ بولۇپ،مەن بۇ يەردە ساناپ بولالمايمەن.شۇڭا دوستلارنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان سودىدا ناھايتى سەگەك،ھۇشيار بولۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن . 

1318147315953226238

7.ئۇيغۇرلار دائىم سىزنى <كۈزۈڭ بەك مال تۇنۇيدىكەن > دەپ ماختايدۇ ۋە قۇلىڭىزدىكى تاشنى سېتىۋالماقچى بولىدۇ

تاش بازىرىنى چۈگىلەۋاتقىنىڭىزدا بەزىدە تۇنۇش تاشچىلار ئۇچراپ قالسا ئۇلار  <قانداق ئىسىل مال سېتىۋالدىڭ،كۈرۈپ باقايلى >دەپ تۇرىۋالىدۇ.بۇنى غەلىتىلىك دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ.چۈنكى ئۇلار بۇ ئارقىلىق توختىماي خەنزۇ خېرىدارلارنىڭ قانداقراق ماللارنى سېتىۋالىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىدۇ.ھەم سىزنىڭ قانداق مالنى ياقتۇرىدىغانلىقىڭىزنى بىلىۋېلىپ كىيىنكى قېتىم سىزگە شۇنداق ماللارنى سېتىشنى ئويلايدۇ.ئەلۋەتتە ئۇلار چۇقۇم سىزدىن ھەربىر پارچە تېشىڭىزنى نەچچە پۇلغا ئالغانلىقىڭىزنى تەپسىلى سورايدۇ.قۇلىڭىزدىكى ماللارنىڭ تەپسىلى ئۇچۇرىنى بىلىپ بولغاندىن كېيىن سىزنى <كۆزۈڭ بەك ئۆتكۈركەن،ھەقىقەتەن مال تۇنۇيدىكەن

سەن >دەپ ماختاپ ئۇچۇرۋېتىدۇ.ھەتتا بىر قىسىم تاشلىرىڭىزنى پايدىڭىزنى بىرىپ سېتىۋالماقچىمۇ بولىشىدۇ.

بۇ زادى قانداق ئىش؟بۇنىڭدا بىرقانچە خىل ئېھتىماللىق بار.بىرىنچىسى،ئۇلار سىزنى ئەخ

مەق قىلىۋاتىدۇ.چۈنكى ئۇيغۇرلار خەنزۇلارنىڭ خوتەن قاشلىرىغا  مېھرىنىڭ ناھايتى چۇڭقۇرلىقىنى،قولىدىكى مالنى ئالدىراپ سېتىۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ.ئۇلارنىڭ <تاشنى ئەرزان سېتىۋاپسەن > دىگىنى پەقەتلا سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى خوش ئىتىپ قويغىنى ۋە ئاستىرىتتىن ھازىرقى بازار باھاسىنى بىلىۋالغىنى ،خالاس.ئۇلارنىڭ مېلىڭىزنى سېتىۋالماقچى بولغانلىقىغا كەلسەك،سىز ئۇلارغا تېشىڭىزنى راستىنلا سېتىپ بىرىشكە تەمشەلگەندە ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا كىلىشىۋالغاندەك  < ھەي ،بەكلا سېتىۋالغۇم بار ئىدى،لېكىن پۇل سالماي كەپتىمەن >دەيدۇ.يەنە بىر خىل ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ راستىنلا سېتىۋالغۇسى بار.بىراق،مۇنداقلار ناھايتى ئاز ئۇچرايدۇ.ئەلۋەتتە ئۇلار سېتىۋالسىمۇ سىزنىڭ ئەڭ ئىسىل تاشلىرىڭىزنى سېتىۋالىدۇ.شۇڭا سىز ئۇيغۇرلارغا راستىنلا تاش ساتماقچى بولسىڭىز سىزنىڭ سېتىش ماھارىتىڭىز ناھايتى يۇقۇرى بولۇشى كېرەك.مەن ئۆزۈمنىڭ سېتىش ماھارىتىمنى سىناپ باقماقچى بولۇپ،ئۇيغۇرلارغا تاش سېتىپ باققان.دەسلەپ ساتالماي بېشىم قاتقان بولسا،سېتىپ بولغاندىن كېيىن سېتىۋەتكىنىمگە  پۇشايمان قىلدىم.ۋە شۇ چاغدىلا ئۆزۈمنىڭ تولىمۇ ھاماقەت ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم ھەم شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا تاش سېتىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم.

2578873736640259182

8.ئۇيغۇرلارنىڭ << دەسلەپ >> قىلغان چاغدىكى باھاسى ئەرزان بولىدۇ

ئەنئەنىنىڭ تەسىرىمۇ ياكى ئېتىقادنىڭ تەسىرىدىنمۇ،ئەيتاۋۇر ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر  بازارغا چىقسا ھەر كۈنىلا <<دەسلەپ>> قىلىشقا ئالدىرايدۇ.ھەم دەسلەپ  قىلغان ھامان مال پۇلىنى يايمىدىكى باشقا ماللىرىغا تەككۈزىدۇ.بۇ ئۇلارنىڭ يامانلىقنى قوغلاپ سودىسىغا بەركەت چىللىغىنىدۇر.بىرقىسىم تاشچىلارنىڭ << دەسلەپ >>قىلغىنى خوددى كوچىدىكى باققاللار ئۆزىگە خېرىدار چىللىغاندەك يايمىسىغا  خېرىدار جەلىپ قىلىش ئۈچۈن بولۇپ،بۇ ئىشنى يامان دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.چۈنكى بۇ چاغدىكى تاشنىڭ باھاسىنى ئەرزان دىيىشكىلى بولىدۇ.

W020150901451434555488

9.يايمىدىن بىر قەدەم ئايرىلسىڭىزلا سودىدا پۈتۈشىسىز 

سىز بىر پۇلدار ھەم خوتەن قاشلىرىنى ياخشى كۈرىدىغان ئادەم بولسىڭىز تاشنىڭ باھاسىنى ئانچە تالىشىپ كەتمەيسىز .مەسىلەن : تاش بازىرىدا سىزنىڭ بىر تاشقا كۆزىڭىز چۈشۈپ سىز ئۇنى شاڭخەينىڭ بازىرىدا 5000 يۈئەنگە ساتقىلى بولىدىغانلىقىنى دىتلىدىڭىز .ھەم باھادىمۇ ئاساسەن پۈتۈشۈپ قالدىڭىز ۋە ۋاقىتنى تېجەش ئۈچۈن دەرھاللا سومكىڭىزدىن پۇل چىقاردىڭىز دەيلى.بۇ چاغدا ئەھۋال شۇ ھامان  ئۆزگۈرىدۇ.تاشنىڭ ئىگىسى سىزنىڭ نەق پۇل چىقارغىنىڭىزنى كۈرۈپ دەرھاللا سىزدىن داۋاملىق پۇل قۇشۇشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالىدۇ. گاھىدا تېخى   پۈتۈشۈپ بولغان سودىمۇ تاش ئىگىسىنىڭ يېنىۋېلىشى ،باشقىلارنىڭ ئارلىشىشى بىلەن بۇزۇلۇپ كىتىدۇ.مۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلسىڭىز تاكتىكا ئىشلىتىپ بۇ يايمىدىن مالنى ئالمايدىغان قىياپەتتە بىر قەدەم ئايرىلىڭ.شۇ ھامان سودىدا پۈتىشىسىز.چۈنكى ئۇلار سىزدەك << تىللا تۈكىلىدىغان دەرەخ >>نى ھەرگىزمۇ قول

دىن چىقىرىپ قويمايدۇ.

مەنبە : 隆福玉器 سالونى

2015 -يىلى 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ