ئېلزابىتنىڭ ئالماس خان تاجىلىرى
ئالماسنى تىلغا ئالغاندا، ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابىتنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ، ئۇنى ئىسمى-جىسمىغا لايىق «ئالماس ئايال پادىشاھ» دەپ تەرىپلەشكە بولىدۇ، 26 يېشىدا ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى تاجىنى كىيىپ «يېڭى ئېلزابىت دەۋرى» نى باشلىدى، ئۇ ئۆزى يىغىپ ساقلىغان زىبۇ-زىننەتلەرنى زىبۇ-زىننەت دۇنياسىدىكى رىۋايەت دىيىشكە بولىدۇ، مەسلەن ئايال پادىشاھنىڭ ھوقۇق ھاسىسىغا نەقىشلەنگەن «كۇللىنان 1- نومۇر» بولسا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالماس، ھازىر بىز بىرلىكتە ئايال پادىشاھنىڭ ئالماسلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.
ئايال پادىشاھ ئېلىزابىت 1952-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى تەخىتكە چىققاندىن بۈگۈنگىچە ئەنگىلىيەنىڭ پادىشاھلىقىنى ئۈستىگە ئالغىلى 63 يىل بولدى، ئۇ ئەنگىلىيە تارىخىدىكى تەخىتتە ئولتۇرغان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن پادىشاھقا ئايلاندى، 2012-يىلى ئايال پادىشاھ تەخىتكە ئولتۇرغانلىقىنىڭ 60 يىللىق مۇراسىمىدا ئەنگىلىيەلىكلەر ئۇنى «ئالماس خانىش» «DIAMOND QUEEN» دەپ ئاتىدى.
ئايال پادىشاھنىڭ ھوقۇق ھاسىسىغا نەقىشلەنگەن «كۇللىنان 1- نومۇر» بولسا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالماس.
ئايال پادىشاھ تەخىتكە ئولتۇرغان ۋاقىتتا كەيگەن خان تاجى.
ئايال پادىشاھ ئېلىزابىت 14 تۈرلۈك مۇراسىم سورۇنىدا ئىشلىتىدىغان خان تاجىغا ئىگە. بېرتانىيە ئالماس خان تاجى بولسا ئايال پادىشاھ ئېلىزابىتنىڭ مومىسى خانىش مارى 1893-يىلى توي قىلغان ۋاقتىدا قوبۇل قىلغان تويلۇق سوۋغا. خانىش مارى ئېلىزابىت 1947-يىلى توي قىلغاندا تويلۇق بۇيۇم سۈپىتىدە ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان.
«كۇللىنان 3-نومۇر» ۋە «كۇللىنان 4-نومۇر»: دۇنيادىكى ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى چوڭ ئالماس. «كۇللىنان 3-نومۇر» 94.4 كارات، «كۇللىنان 4-نومۇر» 63.3 كارات.
بۇ ئىككى ئالماس ئەزەلدىن ئايرىۋېتىلىپ باقمىغان، ئايال پادىشاھنىڭ تاجىغا نەقىشلەنگەن، ئەسلىدە خانىش مارى 1911-يىلى تاقىغان.
بۇ ئايال پادىشاھ ئېلىزابىتنىڭ زىبۇ-زىننەتلىرى ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىق بىرى، ئۇ روسىيەدىن كەلگەن، ئەڭ دەسلەپتە روسىيەنىڭ ۋىلادمېر كېنەز خانىمىغا تەۋە، ئۇ مېكلېنبۇرگ مەلىكە، 1917-يىلى بىر ياش ئەنگىلىيەلىك ئاقسۆڭەك ئۇنى سانىت پېتىربۇرگ سارىيىدىن ئېلىپ قاچقان. 1921-يىلى مارى خانىش بۇ خان تاجىنى سېتىۋالغان، ئايال پادىشاھ ئېلىزابىت ئاندا-ساندا يېشىل ياقۇت ئورنىدا خان تاجى ئىچىدىكى مەرۋايىتقا ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىدۇ.
يېشىل ياقۇتقا ئالماشتۇرغاندىن كېيىنكى خان تاجى.
ئايال پادىشاھ ئېلىزابىتنىڭ تويلۇق سوۋغىسى، بۇ خان تاجى بولسا خانىش مارى 1893-يىلى ئېرىشكەن تويلۇق سوۋغا، 1947-يىلى خانىش مارى نەۋرىسى ئېلىزابىت توي قىلغاندا ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان، ئايال پادىشاھ بۇ خان تاجىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ. بۇ خان تاجى دائىم پەيدا بولىدىغان ئورۇن بولسا ئەنگىلىيە پۇلى، ھەر قېتىم يېڭى پۇل باسقاندا ئايال پادىشاھ ئېلىزابىت بۇ خان تاجىنى تاقايدۇ.
ۋىكتورىيە ئېلىزابىتقا قالدۇرغان خان تاجى.
تۆۋەندە ئايال پادىشاھ ئېلىزابىت تاقىغان 12 تۈرلۈك ھەشەمەتلىك ئالماس خان تاجىنى كۆرۈپ باقايلى.
ئايال پادىشاھ ئېلىزابىت 1976-يىلى تاقىغان.
ئايال پادىشاھ ئېلىزابىت 1976-يىلى تاقىغان.
ئايال پادىشاھ ئېلىزابىت 1977-يىلى تاقىغان.
ئايال پادىشاھ ئېلىزابىت 1978-يىلى تاقىغان.
ئايال پادىشاھ ئېلىزابىت 1983-يىلى تاقىغان.
ئايال پادىشاھ ئېلىزابىت 2007-يىلى تاقىغان.
ئايال پادىشاھ ئېلىزابىت 2010-يىلى تاقىغان.
مەنبە : نۇر تورى