جۇڭگولۇق ئەر-ئايال تايلاندتا ئالماس ئوغرىلاپ تۇتۇلۇپ قالدى
كىنولاردا ھەر قېتىم مەرۋايىت ياكى داڭلىق رەسىم ئوغرىلىغاندا، ئوغرىلارنىڭ دائىم ئىنسانلارنىڭ تېخنىكىسىدىن ھالقىغان تاكتىكىلار ئارقىلىق بىر ئىشلار قىلىدىغانلىقى ئېسىڭىزدىمۇ؟ لېكىن بۈگۈن سۆزلىمەكچى بولغان بۇ دېلو مىسالىدىكى ئوغرى بەلكىم تېخنىكا جەھەتتە ئۇنچىلىك يۇقىرى بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن بەدىنى چوقۇم ناھايىتى تېمەن. يېقىندا تايلاندنىڭ باڭكوكتىكى مەرۋايىت كۆرگەزمىسىدە قىممىتى 10 مىليونغا يېتىدىغان تايلان بولغان (تەخمىنەن ئىككى مىليون خەلق پۇلىغا تەڭ) ئالماس ئوغرىلانغان، ئوغرى جىنايىتىدىن قېچىش ئۈچۈن دەرۋەقە ئالماسنى يۇتۇۋەتكەن.
بۇ ئاسىيالىق مۇھاجىر ئەر-ئايال ئوغرىلار باڭكوكتىكى مەرۋايىت سودىسى يىغىنىدىكى بىر ئالتە گرام بولغان ئالماسقا كۆز تىككەن بولۇپ، مال كۆرگەن قىياپەتكە كىرۋېلىپ كەينىدىن ئوڭۇشلۇق ھالدا مالنى ئېلىپ قېچىپ كەتكەن. سودا سارايدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر غەلىتىلىك ھېس قىلغاندىن كېيىن، دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلغان.
شۇنىڭ بىلەن تايلاند ساقچى تەرەپ سودا ساراي تەمىنلىگەن سىن فىلىمىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى رەسىم شەكىلدە، ھەرقايسى ئايرودروملارغا تارقاتقان، دەرۋەقە باڭكوكنىڭ بىر ئايرودرومىدا بۇ بىر جۈپ خۇنەندىن بولغان ئەر-ئايال ئوغرىلارنى قولغا ئالغان. لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ساقچىلار ئۇلارنىڭ يېنىدىن ھېلىقى ئالماسنى تاپالمىغان. ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ پەقەت ئايلىنىش ئۈچۈنلا كەلگەنلىكىدە چىڭ تۇرۋالغان.
كىم بىلسۇن ساقچى تەرەپمۇ قەتئىي بولدى قىلمىغان، داۋاملىق سوراق قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى ئايالنىڭ ئالماسنى يۇتۇۋالغانلىقىنى بىلگەن. شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار دەرھال ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ X نۇرلۇق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋە ئالماسنىڭ شەكلىنى كۆرگەن. لېكىن بۇ چاغدىمۇ ئايال يەنىلا ئۆزىنىڭ ئالماسنى يۇتقانلىقىنى ئىنكار قىلغان، ساقچى تەرەپ داۋالاش خادىملىرىغا ئۇنىڭغا ئىچىنى سۈردۈرىدىغان دورا يېگۈزۈشنى بۇيرىغان، لېكىن يەنىلا رولى بولمىغان. كېيىن دوختۇرلار بۇنداق قىلغاندا تەن سالامەتلىكىگە ناھايىتى زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ ئايال شۇ چاغدىلا ئوپراتسىيە قىلدۇرۇشقا قوشۇلغان. شۇنىڭ بىلەن ئاخىرىدا ئوڭۇشلۇق ھالدا بۇ ئايالنىڭ قورسىقىدىكى ئالماسنى ئېلىۋالغان.مەنبە : نۇر تورى