
بىر يوتقان سودىگىرى بىلەن بىر نانچى ئادەم قەھرىتان قىشنىڭ سوغۇق بىر كېچىسى تاشلاندۇق ئۆيدە تۈنەپتۇ.ئىككەيلەننىڭ ئۆزئارا كارى بولماپتۇ. نانچى نېنىنى يەپ قورساق تويغۇزۇپ يېپىنچىسى يوق ھالدا بىر بۇلۇڭدا تۈگۈلۈپ يېتىپتۇ . يوتقان سودىگىرى يوتقانغا پۈركىنىپ ئاچ قورساق ھالەتتە قىينىلىپ بىر بۇلۇڭدا يېتىپتۇ .
ھەر ئىككىلىسى كۆڭلىدە <ئەگەر قارشى تەرەپ ئاۋۋال مېنى ئىزدىسە مەن چۇقۇم...