A-A+

(6)ھەمكارلىق:ئون سەككىز تۈلكىنىڭ ئۈزۈم يېيىشى

ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت تەرجىمىسى 

timg

تال باراڭدا قىزىرىپ پىشقان ئۈزۈملەرنى كۆرگەن 18 تۈلكە ئارقا-ئارقىدىن كېلىپ ئۈزۈم يېمەكچى بوپتۇ ...

بىرىنچى تۈلكە

تال باراڭنىڭ ئاستىغا كېلىپ ئۈزۈمنى يېيىشكە بويى يەتمەيدىغانلىقىنى پەملىگەندىن كېيىن دىلىغۇل بولۇپ ئۇزاق ئويلىنىپتۇ ھەم باغۋەننىڭ شوتا قويۇپ ئۈزۈم ئۈزگەنلىكىنى ئېسىگە ئاپتۇ-دە ،ئۈزۈم بارىڭى يېنىدىكى شوتىنى تېپىپ تال باراڭغا چىقىپ ئۈزۈمدىن تويغۇچە يەپتۇ .

ئىلھام : بۇ تۈلكە مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ، يولۇققان قىيىنچىلىقتىن قورقماي ، قىيىنچىلىقتىن ئۆزىنى قاچۇرماي مەقسىدىگە يەتكەن .


ئىككىنچى تۈلكە

تال باراڭنىڭ ئاستىغا كېلىپ ئۈزۈمنى يېيىشكە بويى يەتمەيدىغانلىقىنى پەملىگەندىن كېيىن كۆڭلىدە : << بۇ ئۈزۈم چۇقۇم قىرتاق ، لاۋزا بولۇشى مۇمكىن . يېسەممۇ چۇقۇم بىئارام بولىمەن ، ئۇنىڭدىن يىمەيلا قويايچۇ ! >> دەپ كېتىپ قاپتۇ .

ئىلھام : بۇ تۈلكىنىڭ قوللانغىنى بىز دائىم دەيدىغان << قول يەتمىگەن ئۈزۈم ئاچچىق >> ئۇسۇلى بولۇپ ئۇ  مۇۋاپىق بىر سەۋەب تېپىپ ئۆز كۆڭلىنى ئەمىن تاپقۇزغان .


ئۈچۈنچى تۈلكە

تال باراڭنىڭ ئاستىغا كېلىپ ئۈزۈمنى يېيىشكە بويى يەتمەيدىغانلىقىنى پەملىگەندىن كېيىن  يېقىندىلا ئۇقۇغان << پولات قانداق تاۋلاندى >> دىگەن ئەسەرنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپتۇدە < مەن  تىرىشساملا چۇقۇم سەكرەپ ئۈزۈم ئۈزەلەيمەن > دەپ ئۆز-ئۆزىنى روھلاندۇرۇپ سەكرەشكە باشلاپتۇ . سەكرە-سەكرە بويى يەتمەكتە يوق چارچاپ قازا قىلىپ ئۆزۈمگە ئوغۇت بوپتۇ .

ئىلھام : بۇ تۈلكىنىڭ قوللانغان ئۇسۇلى << جاھىللىق >> بولۇپ ئۇ ئۈنۈمسىز ھەرىكەتنى قارىغۇلارچە تەكرارلاش بىلەن ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان .


تۆتىنچى تۈلكە

تال باراڭنىڭ ئاستىغا كېلىپ ئۈزۈمنى يېيىشكە بويى يەتمەيدىغانلىقىنى پەملىگەندىن كېيىن ئارزۇيى كۆپۈككە ئايلىنىپتۇ دە ئاغزىنى بۇزۇپ تىللاپ ئۈزۈمنىڭ باراڭلىرى چىشلەپ ئۈزۈشكە باشلاپتۇ ھەم تال باراڭنىڭ ئىگىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپتۇ .

ئىلھام : بۇ تۈلكىنىڭ قوللانغان ئۇسۇلى ھۇجۇم قىلىش بولۇپ بۇ ئۆزىگىمۇ ئۆزگىگىمۇ زىيان سالىدىغان ئۇسۇل .


بەشىنچى تۈلكە

تال باراڭنىڭ ئاستىغا كېلىپ ئۈزۈمنى يېيىشكە بويى يەتمەيدىغانلىقىنى پەملىگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ پاكارلىقىدىن كۆڭلى يېرىم بولۇپ يىغلاپ كېتىپتۇ ھەم< پىلدەك ئىگىز بولغان بولسام قايسىنى يېگۈم بولسا شۇنى يىيەلەيتىم> دەپ ئۈمۈدسىزلىنىپتۇ.

ئىلھام : بۇ تۈلكىنىڭ قوللانغان ئۇسۇلى چېكىنىش بولۇپ ،كىچىككىنە قىيىنچىلىققا ئۇچرىسىلا داتلايدىغان خارەكتىرنى يورۇتۇپ بەرگەن.


ئالتىنچى تۈلكە

تال باراڭنىڭ ئاستىغا كېلىپ ئۈزۈمنى يېيىشكە بويى يەتمەيدىغانلىقىنى پەملىگەندىن كېيىن كۆڭلىدە : << مەن يېيەلمىگەن ئۈزۈمنى چۇقۇم باشقا تۈلكىلەرمۇ يېيەلمەيدۇ . ئۇنداق بولغان ئىكەن ھەممىمىز ئوخشاش ، مەن نېمىدىن ئەپسۇسلىناتتىم >> دەپ يولىغا راۋان بوپتۇ .

ئىلھام : بۈ تۈلكىنىڭ قوللانغان ئۇسۇلى ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى باشقىلار ئارقىلىق ئۆلچەيدىغان ئۇسۇل بولۇپ پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويغان . 


يەتتىنچى تۈلكە

تال باراڭنىڭ ئاستىغا كېلىپ ئۈزۈمنى يېيىشكە بويى يەتمەيدىغانلىقىنى پەملىگەندىن كېيىن كەيپىياتى بۇزۇلۇپتۇ ھەم : << مەن نېمە ئۈچۈن يېيەلمەيمەن ، مېنىڭ ئامىتىم نېمىشقا بۇنداق كاج ، ھەتتا بىر ئۈزۈم يېيىش ئارزۇيۇمغىمۇ يېتەلمىدىم >> دەپ چۈشكۈنلىشىپ ئويلىغانسىرى سۆزلەپ ،ئۈمۈتسىزلىك ئىچىدە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپتۇ .

ئىلھام : بۇ تۈلكىنىڭ ئەھۋالى << ئەسەبىيلىك كېسىلى >> بولۇپ ئادەمنى چۈشكۈنلەشتۈرۈپ نېرۋىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدۇ.


سەككىزىنچى تۈلكە

تال باراڭنىڭ ئاستىغا كېلىپ ئۈزۈمنى يېيىشكە بويى يەتمەيدىغانلىقىنى پەملىگەندىن كېيىن نەچچە قېتىم سەكرەپ باققان بولسىمۇ ئۈنىمى بولماي ئۈزۈم يېيىش ئارزۇسىدىن ۋاز كېچىپتۇ . بىراق باشقا تۈلكىلەرنىڭ بۇ ئۈزۈمدىن تويغىچە يەپ ھوزۇرلانغانلىقى ئىچىگە ئۆتۈپ كېتىپ تال باراڭغا ئۈسۈپ ئۆلىۋاپتۇ .

ئىلھام : بۇ تۈلكىنىڭ قوللانغان ئۇسۇلى كەيپىياتنىڭ بۇزۇلۇشىدىن كېلىپ چىققان نەتىجە . تۇرمۇشىمىزدىمۇ داۋاملىق ئۆزىنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ كەيپىياتىنى بۇزىۋالىدىغان ئەھۋاللار ئۇچراپ تۇرىدۇ .


توققۇزىنچى تۈلكە

تال باراڭنىڭ ئاستىغا كېلىپ ئۈزۈمنى يېيىشكە بويى يەتمەيدىغانلىقىنى پەملىگەندىن كېيىن ئۆز-ئۆزىگە : << باشقىلاردىن ئاڭلىسام ئۈزۈمنىڭ تەمى بىلەن لىموننىڭ تەمى ئوخشاپ كېتىدىكەن ، ئۈزۈمنى يېيەلمىسەم لىمون تېپىپ يېسەممۇ ئوخشاشقۇ !؟ >> دەپ يولىغا راۋان بوپتۇ .

ئىلھام : بۇ تۈلكىنىڭ قوللانغان ئۇسۇلى << ئورنىغا دەسسىتىش >> ئۇسۇلى بولۇپ ئۆزى قىلالايدىغان ئىشلارنى قىلغان.


ئونىنچى تۈلكە

تال باراڭنىڭ ئاستىغا كېلىپ  ئۆزىنىڭ سەۋىيەسى ۋە ئىقتىدارىدىن قارىغاندا بۇ ئۈزۈمنى يېيەلمەيدىغانلىقىنى پەملەپ سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش نىيىتىگە كەپتۇ-دە، ئىشتىن سىرتقى ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ بىلىم ئىگەللەش ئۈچۈن ماگىستىرلىق كۇرسقا تىزىملىتىپتۇ ھەم مەخسۇس ئۈزۈم ئۈزۈش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ مەقسىدىگە يېتىپتۇ .

ئىلھام : بۇ تۈلكىنىڭ قوللانغان ئۇسۇلى ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى بىلەن مەسلىنىڭ خارەكتىرىنى سېلىشتۇرۇپ ئەڭ ياخشى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تېپىشتۇر .


ئون بىرىنچى تۈلكە

تال باراڭنىڭ ئاستىغا كېلىپ ئۈزۈمنى يېيىشكە بويى يەتمەيدىغانلىقىنى پەملىگەندىن كېيىن بىر نەچچە شېرىكلىرىنى چاقىرىپ كېپتۇ ھەم  ئۇلار بەخۇدۇك تۇرغارن ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ جەسەتلىرىنى دۆۋىلەپ قېرىنداشلىرىنىڭ جەسەتلىرى ئۈستىگە دەسسەپ تۇرۇپ ئۈزۈمنى يەپتۇ .

ئىلھام : بۇ تۈلكىنىڭ قوللانغان ئۇسۇلى ئۆز مەنپەتىگە يېتىش ئۈچۈن باشقىلارنى قۇربان قىلىش ئۇسۇلى بولۇپ ياخشى نەتىجە بەرمەيدۇ .


ئون ئىككىنچى تۈلكە

تال باراڭنىڭ ئاستىغا كېلىپ ئۈزۈمنى يېيىشكە بويى يەتمەيدىغانلىقىنى پەملىگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئاجىز قىز ئىكەنلىكىنى ، ئۆز كۈچىگە تايانسا ئۈزۈم يېيەلمەيدىغانلىقىنى،چۇقۇم باشقىلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىش كېرەكلىكىنى ئويلاپ ئەركەك تۈلكىدىن بىرنى ياردەمگە  چاقىرىپتۇ . ئەركەك تۈلكە شوتىنىڭ ياردىمى بىلەن تۈلكە خېنىمغا ناھايىتى توق پىشقان ئۈزۈملەردىن ئۈزۈپ بېرىپتۇ .

ئىلھام :  بۇ تۈلكىنىڭ قوللانغان ئۇسۇلى تولۇقلاش پىرىنسىپى بولۇپ ئۆزىنىڭ ئەۋزەللىكى بىلەن باشقىلارنىڭ ئەۋزەللىكىنى بىرلەشتۈرۈپ مەقسەتكە يېتىش ئۇسۇلىدۇر .


ئون ئۈچۈنچى تۈلكە

 تال باراڭنىڭ ئاستىغا كېلىپ ئۈزۈمنى يېيىشكە بويى يەتمەيدىغانلىقىنى پەملىگەندىن كېيىن تال باراڭنىڭ ئىگىزلىكىدىن نارازى بولۇپ بۇ ئۈزۈمنىڭ تەملىك ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ بىر مۇنچە داتلىغاندىن كېيىن يولىغا راۋان بوپتۇ . 

ئىلھام : بۇ تۈلكىنىڭ قوللانغان ئۇسۇلى ئۆز ئىقتىدارىنى يوققا چىقىرىش  ئۇسۇلى بولۇپ ناھايىتى پاسسىپ روھىي ھالەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ . 


ئون تۆتىنچى تۈلكە

 تال باراڭنىڭ ئاستىغا كېلىپ ئۈزۈمنى يېيىشكە بويى يەتمەيدىغانلىقىنى پەملىگەندىن كېيىن يەرگە چۈشۈپ سېسىپ كەتكەن ئۈزۈم قالدۇقلىرى ۋە باشقا تۈلكىلەر چالا يەپ تاشلىۋەتكەن ئۈزۈم قالدۇقلىرىغا قاراپ : << ھەجەپمۇ كۆڭلۈمنى ئېلەشتۈردى ، كىممۇ بۇ نەرسىلەرنى يېسۇن ؟ >> دەپ كېتىپ قاپتۇ .

ئىلھام : بۇ تۈلكىنىڭ قوللانغان ئۇسۇلى تەتۈر تەپەككۇر بولۇپ ، ھەرىكەت بىلەن مۇددىئا بىرلىكى يوق .


ئون بەشىنچى تۈلكە

 تال باراڭنىڭ ئاستىغا كېلىپ ئۈزۈمنى يېيىشكە بويى يەتمەيدىغانلىقىنى پەملىگەندىن كېيىن  تىللاپمۇ كەتمەپتۇ ، ئۈزۈم ئۈزۈش ئۈچۈن سەكرەپمۇ كەتمەپتۇ . ئەكسىچە ئىلھامى كۆتۈرۈلۈپ : << ياخشى نەرسىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارلىقىمىزدا ھامان مۇئەييەن ئارلىق بولىدۇ،بۇنىڭ نەرى يامان ؟ >> دېگىنىچە قوشاق توقۇپ يولىغا راۋان بوپتۇ .

ئىلھام : بۇ تۈلكىنىڭ قوللانغان ئۇسۇلى رومانتىك ئۇسۇل بولۇپ مەقسىتىگە يېتەلمىگەن بولسىمۇ كەيپىياتىنى بۇزمىغان.


ئون ئالتىنچى تۈلكە

 تال باراڭنىڭ ئاستىغا كېلىپ ئۈزۈمنى يېيىشكە بويى يەتمەيدىغانلىقىنى پەملىگەندىن كېيىن ،شۇنچە ئوخشىغان ئۈزۈملەرنى يىيەلمىگىنىگە ناھايتى غەزەپلىنىپتۇ .نەتىجىدە ئاچىچىق ئىچىگە ئۈتۈپ ئاشقازىنى ئاغرىپ، ھەزىم قىلىشى ناچارلىشىپ يىمەكلىك يېگەندە دىققەت قىلىدىغان بوپتۇ . 

ئىلھام : بۇ تۈلكىدىكى ئەھۋاللار ئالمىشىش ھادىسى بولۇپ روھىي ئازابى بەدەنگە ئۆتۈپ كەتكەن.

ئون يەتتىنچى تۈلكە

 تال باراڭنىڭ ئاستىغا كېلىپ ئۈزۈمنى يېيىشكە بويى يەتمەيدىغانلىقىنى پەملىگەندىن كېيىن ئاغزىنى پۈرۈشتۇرۇپ : << بۇ ئىشنىڭ نېمە قىيىنى بولسۇن ؟ كىم مايمۇننىلا مىۋە ئۈزەلەيدۇ ، تۈلكىلەر مېۋە ئۈزۈلمەيدۇ دەيدۇ . بىزنىڭ تۈلكىلەردىنمۇ نۇرغۇنى ئۈزۈپ يېگەن ، بىز تۈلكىلەرمۇ بوش ئەمەس  >>  دەپ قويۇپ يولىغا راۋان بوپتۇ .

ئىلھام : بۇ تۈلكىنىڭ قوللانغىنى روھىي ھالەتنى تەڭشەش ئۇسۇلى بولۇپ ئۇ << ئۈلگىنىڭ رولى >> دىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان.


ئون سەككىزىنچى تۈلكە

 تال باراڭنىڭ ئاستىغا كېلىپ ئۈزۈمنى يېيىشكە بويى يەتمەيدىغانلىقىنى پەملىگەندىن كېيىن كۆڭلىدە : << مەن يېيەلمىگەن ئۈزۈمنى باشقا تۈلكىلەرمۇ يېيەلمەيدۇ . بىز نېمىشقا مايمۇنلارنىڭ ھەمكارلىشىپ ئاينى يۇلۇش روھىدىن ئۆگەنمەيمىز ؟ مايمۇنلار ھەمكارلىشىپ ئاينى ئۈزسە بولىدۇيۇ، تۈلكىلەر ھەمكارلىشىپ ئۈزۈم ئۈزسە نېمىشقا بولمىغۇدەك؟ بىزنى مۆجىزە يارىتالمايدۇ دەپ كىم دەيدۇ؟>> دىگىنىچە ئۈزۈم يىگۈسى بار تۈلكىلەرنى چاقىرىپ بىرنىڭ دۈمبىسىگە بىرسى دەسسەپ تۈلكە مۇنارى شەككىلەندۈرۈپ ئۈزۈملەرنىڭ خالىغىنىدىن ئۈزۈپ تويغۇچە يەپتۇ.

ئىلھام : بۇ تۈلكىنىڭ قوللانغىنى  ھەمكارلىق ئۇسۇلى بولۇپ بۇ ئۇسۇل ئۆزىگىمۇ ، ئۆزگىگىمۇ پايدىلىق .

مەنبە : 营销兵法 سالۇنى

2016-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ