(7)ھەمكارلىق:ھەمكارلىشىشتا تەشەببۇسكار بولۇڭ
بىر يوتقان سودىگىرى بىلەن بىر نانچى ئادەم قەھرىتان قىشنىڭ سوغۇق بىر كېچىسى تاشلاندۇق ئۆيدە تۈنەپتۇ.ئىككەيلەننىڭ ئۆزئارا كارى بولماپتۇ. نانچى نېنىنى يەپ قورساق تويغۇزۇپ يېپىنچىسى يوق ھالدا بىر بۇلۇڭدا تۈگۈلۈپ يېتىپتۇ . يوتقان سودىگىرى يوتقانغا پۈركىنىپ ئاچ قورساق ھالەتتە قىينىلىپ بىر بۇلۇڭدا يېتىپتۇ .
ھەر ئىككىلىسى كۆڭلىدە <ئەگەر قارشى تەرەپ ئاۋۋال مېنى ئىزدىسە مەن چۇقۇم ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىمەن >دەپ ئويلاپتۇيۇ، لېكىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېغىزلانماپتۇ . ئاقىۋەت زىمىستان قىشتىكى شۇ سەھەردە نانچى توڭلاپ ، يوتقان سودىگىرى ئاچلىقتىن قىينىلىپ ئۆلۈپ قاپتۇ.
بىراۋنىڭ سىزنى ئاكتىپلىق بىلەن ئىزدىشى سىزگە ھاجىتى چۈشكەنلىكتىن ئەمەس، بەلكى سىزنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىن . شۇڭا ھەمكارلىقنىڭ رولىغا سەل قارىماڭ ھەم ھەمكارلىشىشنى ئۇنۇتماڭ شۇنداقلا ھەر قانداق ھەمكارلىقتا تەشەببۇسكار بولۇڭ.
مەنبە : تور دۇنياسى
2016-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى