(3)ھەمكارلىق:ئۇتۇنچى بىلەن پادىچىنىڭ يېڭى ھىكايىسى
ئۇتۇنچى بىلەن پادىچىنىڭ يېڭى ھىكايىسى ( 2 )
ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم تەرجىمىسى
بىر ئۇتۇنچى ھەر كۈنى ئورمانلىققا بېرىپ ئوتۇن كېسىدىكەن . باشقىلار كۈن ئولتۇرغىچە كەسسە ئۇ قاراڭغۇ چۈشۈپ ئەل ياتقۇغىچە كېسىدىكەن ھەم ئۆزىنىڭ چۇقۇم مۇۋەپپىەقىيەت قازىنىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنىدىكەن . بىراق شۇنچە تىرىشسىمۇ يەنىلا باشقىلارنىڭ كەينىدە قاپتۇ ، << بەلكىم تىرىشچانلىقىم يىتەرلىك بولمىغان بولسا كېرەك >> دەپ تېخىمۇ كۈچەپتۇ ، بىراق كۈچىگەنسىرى ھالى خارابلىشىپ كېتىپتۇ ......
كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ ئۇتۇنچى بىر پادىچى بىلەن مۇڭدىشىپ قاپتۇ .....
1 . نامراتلارچە تەپەككۇر
كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ ئۇتۇنچى بىر پادىچى بىلەن مۇڭدىشىپتۇ .....
سىز ئۇتۇنچى ، دوستىڭىز پادىچى
بىر كۈن مۇڭداشتىڭلار ، دوستىڭىز قويلىرى ئوتلاپ تويدى ، بىراق سىزگە كىم ئوتۇن كېسىپ بەردى ؟
خۇلاسە ________ ھەر ۋاقىت سەگەك بولۇپ ، پايدىسىز ئالاقە تورى ۋە خېرىدارلىرىڭىزنى تاشلاڭ !
2 . مۇناسىۋەت تەپەككۇرى
ئۇتۇنچى بىلەن پادىچى بىر كۈن مۇڭداشتى ، كەچتە ئوتۇنچى كەنت باشلىقى بىلەن شاراب ئىچىشتى ۋە تاغدىكى دەل-دەرەخلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆتۈرە ئالدى .
خۇلاسە ________ تۇنۇشلار ئارقىلىق تۇنۇشلارنى تېپىپ ، ناتۇنۇشلار بولسا تۇنۇشۇپ خېرىدار مەنبىيىنى كۆپەيتىپ ، ئالاقە دائىرىمىزنى كېڭەيتىپ چوڭ سودا پۇرسەتلىرىنى تېپىشىمىز كېرەك .
3 . ئۆزگىچە تەپەككۇر
پادىچى ئوتۇنچىنى ئىزدەپ كېلىپ بىر كۈن مۇڭداشتى . ئەمما پادىسى يوقاپ كەتتى .....
ھازىر كەنتتىكى پادىلارنىڭ ھەممىسى پادىچىنىڭ ئىلىكىدە .
خۇلاسە ________ ئىدىيىڭىز ئۆزگەرسە ھەممە نەرسە ئۆزگىرىدۇ . دەۋىرگە ماس قەدەمدە ئىلگىرلىيەلمىسىڭىز ھالىڭىز خاراب
4 . ھەمكارلىق تەپەككۇرى
ئوتۇنچىنىڭ سودىسى كاساتلاشتى ، پادىچىمۇ پادىسىدىن ئايرىلدى ...
ئىككەيلەن شاراپ ئىچكەچ ئولتۇرۇپ مەسلىھەتلىشىپ ، ھەر ئىككەيلەن ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەجرىبىسىگە ئاساسلىنىپ ئوتۇنچى ياغاچ زاۋۇتى ، پادىچى باقمىچىلىق مەيدانى قۇردى .
خۇلاسە ________ ئىككەيلەن بايلىقتىن ئورتاق پايدىلىنىپ تەڭ گۈللەندى.
5. كەسپى تەپەككۇر
پادىچى بىلەن ئوتۇنچى بىر كۈن مۇڭداشتى
ئوتۇنچى پادىچىدىن قوي گۆشىنىڭ سېتىلىش يوللىرىنى بىلىۋالدى .
گۆشلەر ئاساسلىقى شورپىخانا ۋە كاۋاپدانلارغا ئۆتكۈزۈلۈپ بېرەتتى.
پادىچى شورپىخانا خوجايىنى قايىل قىلىپ ئوتۇن يەتكۈزۈپ بېرىشكە كېلىشتى .
تەمەشلەردىن كۆمۈر ياساپ كاۋاپدانغا ئاپىرىپ بەردى .
ئوتۇن-كۆمۈر ساتقاچ خېرىدارلىرىغا پادىچى دوستىدىن گۆش ئېلىشنى تەۋسىيە قىلدى.
خۇلاسە ________قۇشقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن
رىقابەتچىڭىز بولمىسا سىزگە سودا پۇرسىتىمۇ بولمايدۇ
يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس ، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس.
ھەمكارلىق _ مەۋجۇدلۇق ، تەرەققىياتنىڭ ئاساسىدۇر
مەنبە : 第 1 财经 سالونى
2016-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى