A-A+

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاكسىيە قانۇنى

2016-يىل 23-نويابىر ھەمكارلىق ( تىجارەت ئەندىزىلىرى ) باھا يوقكەن زىيارەت: 284 قېتىم

20160602061142292

(1998 – يىل 12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى 9 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6 – يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2004 – يىل 8 – ئاينىڭ 28 – كۈنى 10 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 11 – يىغىنىنىڭ ‹‹<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاكسىيە قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››غا ئاساسەن 1 – قېتىم تۈزىتىلگەن، 2005 – يىل 10 – ئاينىڭ 27 – كۈنى 10 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18 – يىغىنىدا ئۆزگەرتىلگەن، 2013 – يىل 6 – ئاينىڭ 29 – كۈنى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 3 – يىغىنىنىڭ ‹‹<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش قانۇنى> قاتارلىق 12 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››غا ئاساسەن 2 – قېتىم تۈزىتىلدى)

مۇندەرىجە

1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

2 – باب ئاكسىيە تارقىتىش

3 – باب ئاكسىيە سودىسى

1 – پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە

2 – پاراگراف ئاكسىيەنى بازارغا سېلىش

3 – پاراگراف ئۇچۇرنى سىجىل ئاشكارىلاش

4 – پاراگراف مەنئى قىلىنىدىغان سودا ھەرىكىتى

4 – باب بازارغا سالغۇچى شىركەتنى سېتىۋېلىش

5 – باب ئاكسىيە بىرژىسى

6 – باب ئاكسىيە شىركىتى

7 – باب ئاكسىيە تىزىملاش – راسچوت قىلىش ئاپپاراتى

8 – باب ئاكسىيە مۇلازىمەت ئاپپاراتى

9 – باب ئاكسىيەچىلىك جەمئىيىتى

10 – باب ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى

11 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

12 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1 – ماددا بۇ قانۇن ئاكسىيە تارقىتىش ھەرىكىتى ۋە ئاكسىيە سودا ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرتىپنى ساقلاش ۋە جامائەت مەنپەئىتىنى قوغداش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە پاي چېكى، شىركەت زايومى ۋە گوۋۇيۈەن قانۇن بويىچە بېكىتكەن باشقا ئاكسىيەلەرنى تارقىتىش ۋە ئاكسىيە سودىسى قىلىشتا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ؛ مۇشۇ قانۇندا بەلگىلىمە بولمىسا، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى›› ۋە باشقا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

ھۆكۈمەت زايومى ۋە ئاكسىيە مەبلەغ فوندى ئۈلۈشىنى بازارغا سېلىشتا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ؛ باشقا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا شۇ بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ. ئاكسىيە ھاسىلىي تۈرىنى تارقىتىش ۋە سودىغا سېلىشنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن مۇشۇ قانۇندىكى پىرىنسىپ بويىچە بەلگىلەيدۇ.

3 – ماددا ئاكسىيە تارقىتىش ۋە ئاكسىيە سودا پائالىيىتىدە ئاشكارا، ئادىل ۋە لىللا بولۇش پىرىنسىپىنى يولغا قويۇش شەرت.

4 – ماددا ئاكسىيە تارقاتقۇچىلار ۋە ئاكسىيە سودىسى قىلغۇچىلارنىڭ قانۇندىكى ئورنى باراۋەر، ئۇلار ئىختىيار قىلىش، ھەقلىق بولۇش، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپىغا رىئايە قىلىشى كېرەك.

5 – ماددا ئاكسىيە تارقىتىشتا ۋە ئاكسىيە سودىسى قىلىشتا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا رىئايە قىلىش شەرت؛ ئالدامچىلىق قىلىش، يەڭ ئىچىدە سودىلىشىش ۋە ئاكسىيە سودا بازىرىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىش قىلمىشلىرى مەنئى قىلىنىدۇ.

6 – ماددا ئاكسىيە كەسپى بانكا كەسپى، ئامانەت كەسپى، سۇغۇرتا كەسپىدىن ئايرىم باشقۇرۇلىدۇ، ئاكسىيە شىركىتى بانكا، ئامانەت، سۇغۇرتا كەسپىي ئاپپاراتلىرىدىن ئايرىم قۇرۇلىدۇ. دۆلەتنىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

7 – ماددا گوۋۇيۈەن ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاكسىيە بازارلىرىنى قانۇن بويىچە مەركەزلەشتۈرۈپ بىر تۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

گوۋۇيۈەن ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ئېھتىياجغا قاراپ، ئۆزىگە بېرىلگەن ھوقۇققا بىنائەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ۋاكالەت ئاپپاراتى قۇرسا بولىدۇ.

8 – ماددا دۆلەتنىڭ ئاكسىيە تارقىتىش ۋە ئاكسىيە سودا پائالىيىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىر تۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش شەرتى ئاستىدا، ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرىدىغان ئاكسىيەچىلىك جەمئىيىتى قانۇن بويىچە قۇرۇلىدۇ.

9 – ماددا دۆلەت ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى ئاكسىيە بىرژىسى، ئاكسىيە شىركىتى، ئاكسىيە تىزىملاش راسچوت قىلىش ئاپپاراتى، ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرىنى قانۇن بويىچە ئىقتىسادىي تەپتىش يولى بىلەن نازارەت قىلىدۇ.

2 – باب ئاكسىيە تارقىتىش

10 – ماددا ئاكسىيەنى ئاشكارا تارقىتىش قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن بولۇشى ھەمدە قانۇن بويىچە گوۋۇيۈەن ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ ياكى گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن تارماقنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى شەرت؛ ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسىنىڭ قانۇن بويىچە تەستىقلاتماي تۇرۇپ، ئاكسىيەنى ئاشكارا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئاشكارا تارقىتىش ھېسابلىنىدۇ:

(1) مۇئەييەنسىز ئوبيېكىتقا ئاكسىيە تارقاتسا؛

(2) ئاكسىيە تارقاتقان مۇئەييەن ئوبيېكتى جەمئىي 200 دىن ئېشىپ كەتسە؛

(3) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا تارقىتىش ھەرىكىتى.

ئاشكارا تارقىتىلمايدىغان ئاكسىيەنى ئېلان بېرىش، ئاشكارا قىزىقتۇرۇش ۋە باشقىچە ئاشكارىلاش يولى بىلەن تارقىتىشقا بولمايدۇ.

11 – ماددا تارقاتقۇچىلاردىن پاي چېكىنى ۋە پاي چېكىگە ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان شىركەت زايومىنى قانۇن بويىچە سېتىپ بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئاشكارا تارقىتىشنى ياكى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا تونۇشتۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش بەلگىلەنگەن باشقا ئاكسىيەنى ئاشكارا تارقىتىشنى ئىلتىماس قىلغانلىرى تونۇشتۇرۇش سالاھىيىتى بولغان ئاپپاراتنى تونۇشتۇرغۇچىلىققا تەكلىپ قىلىشى لازىم.

تونۇشتۇرغۇچى كەسىپ قائىدىسى ۋە ساھە قائىدىسىگە رىئايە قىلىشى، سەمىمىي بولۇشى ۋە لەۋزىدە تۇرۇشى، مەسئۇلىيىتىنى تىرىشىپ تولۇق ئادا قىلىشى، تارقاتقۇچىنىڭ ئىلتىماس ھۆججىتى ۋە ئۇچۇر ئاشكارىلاش ماتېرىيالىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەكشۈرۈپ، تارقاتقۇچىنىڭ قائىدە بويىچە ھەرىكەت قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى لازىم.

تونۇشتۇرغۇچىنىڭ سالاھىيىتىنى ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى چىقىرىدۇ.

12 – ماددا پاي چەكلىك شىركىتى قۇرۇپ پاي چېكىنى ئاشكارا تارقىتىشتا، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى››دا بەلگىلەنگەن شەرتنى ۋە گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان گوۋۇيۈەن ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى بەلگىلىگەن باشقا شەرتلەرنى ھازىرلاش، گوۋۇيۈەن ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا پاي توپلاش ئىلتىماسىنى ۋە تۆۋەندىكى ھۆججەتلەرنى يوللاش كېرەك:

(1) شىركەت نىزامنامىسى؛

(2) تەشەببۇسچىلارنىڭ كېلىشىمى؛

(3) تەشەببۇسچىلارنىڭ ئىسىم – فامىلىسى ياكى نامى، تەشەببۇسچى سېتىۋالغان پاي چېكىنىڭ سانى، مەبلىغىنىڭ تۈرى ۋە مەبلەغ تەكشۈرۈش ئىسپاتى؛

(4) پاي چېكىگە خېرىدار چاقىرىش چۈشەندۈرمىسى؛

(5) پاي پۇلىنى ۋاكالىتەن كىرىم قىلغۇچى بانكىنىڭ نامى ۋە ئادرېسى؛

(6) ساتقۇچى ئاپپاراتنىڭ نامى ۋە ئالاقىدار كېلىشىمى.

مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تونۇشتۇرغۇچى تەكلىپ قىلغۇچىلار تونۇشتۇرغۇچى بەرگەن تارقىتىش تونۇشتۇرۇشىنىمۇ يوللىشى كېرەك.

قانۇن – نىزاملاردا شىركەت قۇرۇشنى تەستىقلىتىش شەرت دەپ بەلگىلەنگەن بولسا، مۇناسىپ تەستىق ھۆججىتىنىمۇ تاپشۇرۇش كېرەك.

13 – ماددا شىركەت يېڭى پاي چېكىنى ئاشكارا تارقىتىشتا، تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:

(1) مۇكەممەل ھەم ئىشى يۈرۈشىدىغان تەشكىلىي ئاپپاراتى بولۇش؛

(2) سىجىل پايدا ئېلىش ئىقتىدارى بولۇش، مالىيە ئەھۋالى ياخشى بولۇش؛

(3) يېقىنقى ئۈچ يىللىق مالىيە – بوغالتىرلىق ھۆججىتىدە ساختىلىق بولمىغان، قانۇنغا خىلاپ باشقا چوڭ – چوڭ قىلمىشى بولمىغان بولۇش؛

(4) گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان، گوۋۇيۈەن ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى بەلگىلىگەن باشقا شەرتلەرنى ھازىرلىغان بولۇش.

بازارغا سالغۇچى شىركەت يېڭى پاي چېكىنى ئىچكى قىسىمدا تارقىتىشتا، گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان، گوۋۇيۈەن ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى بەلگىلىگەن شەرتنى ھازىرلىشى ھەمدە گوۋۇيۈەن ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىشى كېرەك.

14 – ماددا شىركەت يېڭى پاي چېكىنى ئاشكارا تارقىتىشتا، گوۋۇيۈەن ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا پاي توپلاش ئىلتىماسىنى ۋە تۆۋەندىكى ھۆججەتلەرنى يوللىشى كېرەك:

(1) شىركەتنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى؛

(2) شىركەت نىزامنامىسى؛

(3) پايچىكلار يىغىنىنىڭ قارارى؛

(4) پاي چېكىگە خېرىدار چاقىرىش چۈشەندۈرمىسى؛

(5) مالىيە – بوغالتىرلىق مەلۇماتى؛

(6) پاي پۇلىنى ۋاكالىتەن كىرىم قىلغۇچى بانكىنىڭ نامى ۋە ئادرېسى؛

(7) سېتىپ بەرگۈچى ئاپپاراتنىڭ نامى ۋە ئالاقىدار كېلىشىمى.

مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تونۇشتۇرغۇچى تەكلىپ قىلغۇچىلار تونۇشتۇرغۇچى بەرگەن تارقىتىش تونۇشتۇرۇشىنىمۇ يوللىشى كېرەك.

15 – ماددا شىركەت پاي چېكىنى ئاشكارا تارقىتىپ توپلىغان مەبلەغنى پاي چېكىگە خېرىدار چاقىرىش چۈشەندۈرمىسىدە كۆرسىتىلگەن ئورنى بويىچە ئىشلىتىشى شەرت، مەبلەغنىڭ پاي چېكىگە خېرىدار چاقىرىش چۈشەندۈرمىسىدە كۆرسىتىلگەن ئىشلىتىش ئورنىنى ئۆزگەرتىشنى پايچېكلار يىغىنىدا قارار قىلىش شەرت. ئۇنىڭ ئىشلىتىش ئورنىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىۋېتىپ تۈزەتمىگەنلەر ياكى پايچېكلار يىغىنىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىدىن ئۆتكۈزمىگەنلەرنىڭ يېڭى پاي چېكىنى ئاشكارا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

16 – ماددا شىركەت زايومىنى ئاشكارا تارقىتىشتا، تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك:

(1) پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ساپ مۈلكى خەلق پۇلى ھېسابىدا 30 مىليون يۈەندىن تۆۋەن بولماسلىق، چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ساپ مۈلكى خەلق پۇلى ھېسابىدا 60 مىليون يۈەندىن تۆۋەن بولماسلىق؛

(2) جەمئىي زايوم قالدۇقى شىركەت ساپ مۈلكىنىڭ %40 ىدىن ئېشىپ كەتمەسلىك؛

(3) يېقىنقى ئۈچ يىللىق تەقسىم قىلغىلى بولىدىغان ئوتتۇرىچە پايدىسى شىركەت زايومىنىڭ بىر يىللىق ئۆسۈمىنى تۆلەشكە يەتكۈدەك بولۇش؛

(4) توپلىغان مەبلەغنىڭ سېلىنما نىشانى دۆلەتنىڭ كەسىپ سىياسىتىگە ئۇيغۇن بولۇش؛

(5) زايوم ئۆسۈمى گوۋۇيۈەن بېكىتكەن ئۆسۈم نىسبىتىدىن ئېشىپ كەتمىگەن بولۇش؛

(6) گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن باشقا شەرتلەر.

شىركەت زايومىنى ئاشكارا تارقىتىپ توپلىغان مەبلەغنى تەستىقلانغان ئىشقا ئىشلىتىش شەرت، زىياننى تولدۇرۇشقا ۋە غەيرىي ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك چىقىمغا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

بازارغا سالغۇچى شىركەت پاي چېكىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدىغان شىركەت زايومىنى تارقىتىشتا، بىرىنچى تارماقتا بەلگىلەنگەن شەرتنى ھازىرلىغاندىن سىرت، مۇشۇ قانۇندىكى پاي چېكىنى ئاشكارا تارقىتىش شەرتىنى ھازىرلىشى ھەمدە گوۋۇيۈەن ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىشى كېرەك.

17 – ماددا شىركەت زايومىنى ئاشكارا تارقىتىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن تارماققا ياكى گوۋۇيۈەن ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا تۆۋەندىكى ھۆججەتلەرنى يوللاش كېرەك:

(1) شىركەتنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى؛

(2) شىركەت نىزامنامىسى؛

(3) شىركەتنىڭ زايوم مەبلىغى توپلاش چارىسى؛

(4) مۈلۈك باھالاش دوكلاتى ۋە مەبلەغ تەكشۈرۈش دوكلاتى؛

(5) گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن تارماق ياكى گوۋويۈەن ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى بەلگىلىگەن باشقا ھۆججەتلەر.

مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تونۇشتۇرغۇچى تەكلىپ قىلىدىغانلار تونۇشتۇرغۇچى بەرگەن تارقىتىش تونۇشتۇرۇشىنىمۇ يوللىشى كېرەك.

18 – ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنىڭ شىركەت زايومىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ:

(1) ئالدىنقى قېتىمدا ئاشكارا تارقاتقان شىركەت زايوم مەبلىغى تېخى تولۇق توپلانمىغانلار؛

(2) ئاشكارا تارقىتىلغان شىركەت زايومى ياكى باشقا قەرزلىرىدە خىلاپلىق قىلىش ياكى دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى كېچىكتۈرۈش پاكىتى بولغان ھەمدە شۇ ئىشنى يەنىلا داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلار؛

(3) مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، شىركەت زايومىنى ئاشكارا تارقىتىپ توپلىغان مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلەر.

19 – ماددا تارقاتقۇچىلار ئاكسىيە تارقىتىشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلىشتا يوللايدىغان ئىلتىماس ھۆججىتىنىڭ شەكلى ۋە يوللاش ئۇسۇلىنى تەستىقلاشنى قانۇن بويىچە مەسئۇل بولغان ئاپپارات ياكى تارماق بەلگىلەيدۇ.

20 – ماددا تارقاتقۇچىلار گوۋۇيۈەن ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا ياكى گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن تارماققا يوللايدىغان ئاكسىيە تارقىتىش ئىلتىماس ھۆججىتى راست، توغرا ۋە مۇكەممەل بولۇشى شەرت.

ئاكسىيە تارقىتىشقا ئالاقىدار ھۆججەت بېرىدىغان ئاكسىيە مۇلازىمەت ئاپپاراتى ۋە خادىملىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئادا قىلىپ، بېرىدىغان ھۆججەتلىرىنىڭ راست، توغرا ۋە مۇكەممەل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى شەرت.

21 – ماددا پاي چېكىنى تۇنجى قېتىم ئاشكارا تارقىتىشنى ئىلتىماس قىلغان تارقاتقۇچى ئىلتىماس ھۆججىتىنى تاپشۇرغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەن ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ئالاقىدار ئىلتىماس ھۆججەتلىرىنى ئالدىن ئاشكارىلىشى كېرەك.

22 – ماددا گوۋۇيۈەن ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى پاي چېكى تارقىتىش ئىلتىماسىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرىدىغان كومىتېت تەسىس قىلىدۇ.

تارقىتىشنى تەكشۈرۈش كومىتېتى گوۋۇيۈەن ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىدىكى كەسپىي خادىملاردىن ۋە بۇ ئاپپارات سىرتىدىن تەكلىپ قىلىنغان ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەردىن تەركىب تاپىدۇ، ئۇلار پاي چېكى تارقىتىش ئىلتىماسىغا بېلەت تاشلاش شەكلى ئارقىلىق ئاۋاز بېرىپ، تەكشۈرۈش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

تارقىتىشنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنى كونكرېت تەشكىللەش چارىسى، ئۇنىڭ تەركىبىدىكىلەرنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى ۋە خىزمەت تەرتىپىنى گوۋۇيۈەن ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى بەلگىلەيدۇ.

23 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى پاي چېكى تارقىتىش ئىلتىماسىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرت بويىچە تەستىقلاشقا مەسئۇل بولىدۇ. تەستىقلاش تەرتىپىنى ئاشكارىلىشى، نازارەتنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشى كېرەك.

پاي چېكى تارقىتىش ئىلتىماسىنى تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ تارقىتىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى بىلەن پايدا – زىيان مۇناسىۋىتى بولۇشىغا، تارقىتىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ سوۋغىتىنى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك قوبۇل قىلىشىغا، تارقىتىش ئىلتىماسى تەستىقلانغان پاي چېكىنى ئىلكىدە تۇتۇشىغا، تارقىتىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى بىلەن ئاستىرىتتىن ئۇچرىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن تارماق شىركەت زايومىنى تارقىتىش ئىلتىماسىنى ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىپ تەستىقلايدۇ.

24 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ياكى گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن تارماق ئاكسىيە تارقىتىشنى ئىلتىماس قىلىش ھۆججىتىنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە، قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرت ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەستىقلاش ياكى تەسىقلىماسلىقنى قارار قىلىشى، تارقاتقۇچى تارقىتىش ئىلتىماس ھۆججىتىنى تەلەپ بويىچە تولۇقلاش ۋە تۈزىتىشكە كەتكەن ۋاقىتنى ھېسابلىماسلىقى؛ تەستىقلىمىغانلىرىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

25 – ماددا ئاكسىيە تارقىتىش ئىلتىماسى تەستىقلانغاندىن كېيىن، ئاكسىيەنى ئاشكارا تارقىتىشتىن ئاۋۋال، قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە تارقاتقۇچى ئاشكارا تارقىتىپ، مەبلەغ توپلاش ھۆججىتىنى ئېلان قىلىشى ھەمدە ئۇ ھۆججەتنى جامائەتچىلىكنىڭ كۆرۈشى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ئورۇنغا قويۇپ قويۇشى كېرەك.

ئاكسىيە تارقىتىش ئۇچۇرىنى قانۇن بويىچە ئاشكارىلاشتىن بۇرۇن، ئەھۋالدىن خەۋەردار ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئاشكارىلىۋېتىشىگە ياكى ئاشكارىلاپ قويۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

تارقاتقۇچىنىڭ مەبلەغ توپلاش ھۆججىتىنى ئېلان چىقىرىپ ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن، ئاكسىيە تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

26 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ياكى گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن تارماق ئاكسىيە تارقىتىشنى تەستىقلاش قارارىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە ئۇيغۇن بولمىغانلىقىنى سەزسە، تېخى تارقىتىلمىغان ئاكسىيەنى بىكار قىلىپ، تارقىتىشنى توختىتىشى كېرەك؛ تارقىتىلغان بولسىمۇ تېخى بازارغا سېلىنمىغان بولسا، تارقىتىشنى تەستىقلاش قارارى بىكار قىلىنىدۇ، تارقاتقۇچى تارقىتىش باھاسىغا بانكىنىڭ شۇ مەزگىلدىكى ئامانەت پۇل ئۆسۈمىنى قوشۇپ ھېسابلاپ، ئاكسىيەنى ئىلكىدە تۇتقۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك؛ تونۇشتۇرغۇچى تارقاتقۇچى بىلەن بىللە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، لېكىن ئۆزىدە خاتالىق يوقلۇقىنى ئىسپاتلىيالايدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛ تارقاتقۇچىنىڭ پېيىنى كونترول قىلغۇچى پايچىك ۋە ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىدا خاتالىق بولسا، تارقاتقۇچى بىلەن چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

27 - ماددا پاي چېكى قانۇن بويىچە تارقىتىلغاندىن كېيىن، تارقاتقۇچىنىڭ تىجارىتى ۋە پايدىسىدىكى ئۆزگىرىشكە تارقاتقۇچى ئۆزى ئىگە بولىدۇ؛ شۇ ئۆزگىرىشتىن كېلىپ چىقىدىغان مەبلەغ سېلىش خەۋپ-خەتىرىنى مەبلەغ سالغۇچى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ.

28 – ماددا تارقاتقۇچىنىڭ مۇئەييەنسىز ئوبيېكتقا تارقىتىدىغان ئاكسىيەسىنى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئاكسىيە شىركىتىنىڭ سېتىپ بېرىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن بولسا، تارقاتقۇچى ئاكسىيە شىركىتى بىلەن سېتىپ بېرىش كېلىشىمى تۈزۈشى كېرەك. ئاكسىيە سېتىپ بېرىش كەسپىدە ۋاكالىتەن سېتىپ بېرىش ياكى ھۆددە ئېلىپ سېتىپ بېرىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.

ئاكسىيەنى ۋاكالىتەن سېتىپ بېرىش ئاكسىيە شىركىتى ئاكسىيەنى تارقاتقۇچىغا ۋاكالىتەن سېتىپ بېرىدىغان، سېتىپ بېرىش مۇددىتى توشقاندا، سېتىپ بولالمىغان ئاكسىيەنىڭ ھەممىسىنى تارقاتقۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىدىغان سېتىپ بېرىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ.

ئاكسىيەنى ھۆددە ئېلىپ سېتىپ بېرىش ئاكسىيە شىركىتى تارقاتقۇچىنىڭ ھەممە ئاكسىيەسىنى كېلىشىم بويىچە سېتىۋالىدىغان ياكى سېتىپ بېرىش مۇددىتى توشقاندا، سېتىپ بولالمىغان ئاكسىيەنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى سېتىۋالىدىغان سېتىپ بېرىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ.

29 – ماددا ئاكسىيەنى ئاشكارا تارقىتىدىغان تارقاتقۇچى ئاكسىيە سېتىپ بېرىدىغان شىركەتنى قانۇن بويىچە ئۆز ئالدىغا تاللاشقا ھوقۇقلۇق. ئاكسىيە شىركىتىنىڭ ئاكسىيە سېتىپ بېرىش كەسپىنى ناتوغرا رىقابەت ۋاسىتىسى بىلەن ئېلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

30 – ماددا ئاكسىيە شىركىتى ئاكسىيە سېتىپ بېرىشتە، تارقاتقۇچى بىلەن ۋاكالىتەن سېتىپ بېرىش ياكى ھۆددە ئېلىپ سېتىپ بېرىش كېلىشىمى تۈزۈشى، كېلىشىمگە تۆۋەندىكىلەرنى يېزىشى كېرەك:

(1) ئالاقىدارلارنىڭ نامى، تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى؛

(2) ۋاكالىتەن سېتىپ بېرىلىدىغان، ھۆددە ئېلىپ سېتىپ بېرىلىدىغان ئاكسىيەنىڭ تۈرى، سانى، سوممىسى ۋە تارقىتىش باھاسى؛

(3) ۋاكالىتەن سېتىپ بېرىش، ھۆددە ئېلىپ سېتىپ بېرىش مۇددىتى ۋە باشلىنىش – ئاخىرلىشىش ۋاقتى؛

(4) ۋاكالىتەن سېتىپ بېرىدىغان، ھۆددە ئېلىپ سېتىپ بېرىدىغان ئاكسىيەنىڭ پۇلىنى بېرىش ئۇسۇلى ۋە ۋاقتى؛

(5) ۋاكالىتەن سېتىپ بېرىش، ھۆددە ئېلىپ سېتىپ بېرىش ھەققى ۋە راسچوت ئۇسۇلى؛

(6) خىلاپلىق جاۋابكارلىقى؛

(7) گوۋۇيۈەن ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى بەلگىلىگەن باشقا ئىشلار.

31 – ماددا ئاكسىيە شىركىتى ئاكسىيە سېتىپ بېرىشتە، ئاشكارا تارقىتىدىغان توپلاش ھۆججىتىنىڭ راست، توغرا، مۇكەممەل بولغان – بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشى كېرەك؛ ئۇنىڭدا ساختىلىق قىلىنغانلىقى، ئازدۇرما باياننىڭ بارلىقى ياكى مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ چۈشۈپ قالغانلىقى سېزىلگەنلىرىنىڭ سېتىشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ ساتقانلار سېتىشنى دەرھال توختىتىشى ھەمدە تۈزىتىش تەدبىرى قوللىنىشى شەرت.

32 – ماددا مۇئەييەنسىز ئوبيېكتلارغا تارقىتىلىدىغان ئاكسىيەدىكى ئومۇمىي قىممەت خەلق پۇلى ھېسابىدا 50 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتسە، ئۇنى سېتىپ بەرگۈچىلەر سېتىپ بېرىشى كېرەك. سېتىپ بەرگۈچىلەر ئاساسلىق سېتىپ بېرىدىغان ۋە سېتىپ بېرىشكە قاتنىشىدىغان ئاكسىيە شىركەتلىرىدىن تەركىب تېپىشى لازىم.

33 – ماددا ئاكسىيەنى ۋاكالىتەن سېتىپ بېرىش، ھۆددە ئېلىپ سېتىپ بېرىش مۇددىتىنى ئۇزاق بولغاندا 90 كۈندىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ.

ئاكسىيە شىركىتى ئاكسىيەنى ۋاكالىتەن سېتىپ بېرىش، ھۆددە ئېلىپ سېتىپ بېرىش مۇددىتىدە، ۋاكالىتەن سېتىپ بېرىدىغان، ھۆددە ئېلىپ سېتىپ بېرىدىغان ئاكسىيەنى سېتىۋالغۇچىلارغا سېتىپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، ئاكسىيە شىركىتىنىڭ ۋاكالىتەن سېتىپ بېرىدىغان ئاكسىيەنى ئاۋۋال ئۆز شىركىتىگە قالدۇرۇپ قويۇشىغا ۋە ھۆددە ئېلىپ سېتىپ بېرىدىغان ئاكسىيەنى ئۆز شىركىتى ئۈچۈن ئالدىن سېتىۋېلىشىغا ھەمدە ساقلاپ قويۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

34 – ماددا پاي چېكى تارقىتىشتا ئۆرلىگەن باھادا تارقاتماقچى بولغانلار ئۇنىڭ تارقىتىش باھاسىنى تارقاتقۇچى بىلەن سېتىپ بەرگۈچى ئاكسىيە شىركىتى كېلىشىپ بېكىتىدۇ.

35 – ماددا پاي چېكى تارقىتىشتا ۋاكالىتەن سېتىپ بېرىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، ۋاكالىتەن سېتىپ بېرىش مۇددىتى توشقاندا، مەبلەغ سالغۇچىغا ساتقان پاي چېكىنىڭ سانى ئاشكارا تارقاتماقچى بولغان پاي چېكى سانىنىڭ %70 ىگە يەتمىسە، تارقىتالمىغان بولىدۇ. تارقاتقۇچى پاي چېكى سېتىۋالغۇچىغا تارقىتىش باھاسى بويىچە ھەمدە بانكىنىڭ شۇ مەزگىلدىكى ئامانەت پۇل ئۆسۈمىنى قوشۇپ ھېسابلاپ قايتۇرۇشى لازىم.

36 – ماددا پاي چېكىنى ئاشكارا تارقىتىشتا، ۋاكالىتەن سېتىپ بېرىش، ھۆددە ئېلىپ سېتىپ بېرىش مۇددىتى توشقاندا، تارقاتقۇچى پاي چېكىنىڭ تارقىتىلىش ئەھۋالىنى گوۋۇيۈەن ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا بەلگىلەنگەن مۇددەتتە ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

3 – باب ئاكسىيە سودىسى

1 – پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە

37 – ماددا ئاكسىيە سودىسى قىلغۇچىلار قانۇن بويىچە ئېلىپ ساتقان ئاكسىيە قانۇن بويىچە تارقىتىلغان ۋە تاپشۇرۇلغان ئاكسىيە بولۇشى شەرت.

قانۇنغا ئاساسلانماي تارقىتىلغان ئاكسىيەنى ئېلىپ سېتىشقا بولمايدۇ.

38 – ماددا قانۇن بويىچە تارقىتىلىدىغان پاي چېكى، شىركەت زايومى ۋە باشقا ئاكسىيەلەردىن ئۆتۈنۈپ بېرىش مۇددىتى توغرىسىدا قانۇندا چەكلىمىلىك بەلگىلىمە چىقىرىلغانلىرىنى مۇددەت ئىچىدە ئېلىپ سېتىشقا بولمايدۇ.

39 – ماددا قانۇن بويىچە ئاشكارا تارقىتىلغان پاي چېكى، شىركەت زايومى ۋە باشقا ئاكسىيەلەرنى قانۇن بويىچە قۇرۇلغان ئاكسىيە بىرژىسىدا بازارغا سېلىش ياكى گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان باشقا ئاكسىيە سودىسى سورۇنىدا ئۆتۈنۈپ بېرىش كېرەك.

40 – ماددا ئاكسىيەنى ئاكسىيە بىرژىسىدا بازارغا سېلىشتا، ئاشكارا كۆجۈم سودا ئۇسۇلىنى ياكى گوۋۇيۈەن ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى تەستىقلىغان باشقا ئۇسۇلنى قوللىنىش كېرەك.

41 – ماددا ئاكسىيە سودىسى قىلغۇچىلار ئېلىپ ساتىدىغان ئاكسىيەدە قەغەز يۈزى شەكلى ياكى گوۋۇيۈەن ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى بەلگىلىگەن باشقا شەكىللەر قوللىنىلسا بولىدۇ.

42 – ماددا ئاكسىيە سودىسى نەق پۇل ۋە گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن باشقا ئۇسۇل ئارقىلىق بولىدۇ.

43 – ماددا ئاكسىيە بىرژىسى، ئاكسىيە شىركىتى ۋە ئاكسىيە تىزىملاش – راسچوت قىلىش ئاپپاراتىدىكى كەسىپكارلار، ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىدىكى خادىملار شۇنىڭدەك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا پاي چېكى سودىسىغا قاتنىشىشى مەنئى قىلىنغان باشقا كىشىلەرنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى ئىچىدە ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە، پاي چېكىنى ئۆز نامى ياكى باشقىچە نامى ۋە باشقىلارنىڭ نامى بىلەن ئىلكىدە تۇتۇشىغا، ئېلىپ سېتىشىغا يول قويۇلمايدۇ، باشقىلار ھەدىيە قىلغان پاي چېكىنى قوبۇل قىلىشىغىمۇ يول قويۇلمايدۇ.

ھەرقانداق كىشى ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن كىشىگە ئايلانغاندا، ئۆزى ئىلكىدە تۇتۇۋاتقان پاي چېكىنى قانۇن بويىچە ئۆتۈنۈپ بېرىشى شەرت.

44 – ماددا ئاكسىيە بىرژىسى، ئاكسىيە شىركىتى، ئاكسىيە تىزىملاش – راسچوت قىلىش ئاپپاراتى مۇئامىلىدارلارغا ئېچىپ بەرگەن ئىسچوتنىڭ مەخپىيىتىنى قانۇن بويىچە ساقلىشى شەرت.

45 – ماددا پاي چېكى تارقاتقۇچىلارغا ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتى، مۈلۈك باھالاش دوكلاتى ياكى قانۇن پىكىرنامىسى قاتارلىق ھۆججەتلەرنى بەرگەن ئاكسىيە مۇلازىمەت ئاپپاراتى ۋە خادىمىنىڭ سېتىپ بېرىش مۇددىتى ئىچىدە ۋە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ئالتە ئاي ئىچىدە، شۇ خىلدىكى پاي چېكىنى ئېلىپ سېتىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بازارغا سالغۇچى شىركەت ئۈچۈن ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتى، مۈلۈك باھالاش دوكلاتى ياكى قانۇن پىكىرنامىسى قاتارلىق ھۆججەتلەرنى بەرگەن ئاكسىيە مۇلازىمەت ئاپپاراتى ۋە خادىمىنىڭ بازارغا سالغۇچى شىركەتنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ يۇقىرىقى ھۆججەتلەر ئاشكارىلانغاندىن كېيىنكى بەش كۈنگىچە، شۇ خىلدىكى پاي چېكىنى ئېلىپ سېتىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

46 – ماددا ئاكسىيە سودىسىدا مۇۋاپىق ھەق ئېلىنىشى ھەمدە ھەق ئېلىش تۈرى ئۆلچىمى ۋە چارىسى ئاشكارا بولۇشى شەرت.

ئاكسىيە سودىسىدىكى ھەق ئېلىش تۈرى، ئۆلچىمى ۋە باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقى بىر تۇتاش بەلگىلەيدۇ.

47 – ماددا بازارغا سالغۇچى شىركەتنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى ۋە ئالىي باشقۇرغۇچىلىرى، بازارغا سالغۇچى شىركەتنىڭ %5 ىدىن ئارتۇق پېيىنى ئىلكىدە تۇتقان پايچىكلار ئۆز ئىلكىدىكى شۇ شىركەتنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋېلىپ، ئالتە ئاي ئىچىدە سېتىۋەتسە ياكى ئۇنى سېتىۋېتىپ ئالتە ئاي ئىچىدە يەنە سېتىۋالسا، بۇنىڭدىن تاپقان پايدا شۇ شىركەتكە تەئەللۇق بولىدۇ، شىركەت مۇدىرىيىتى بۇ پايدىنى يىغىۋېلىشى كېرەك، لېكىن ئاكسىيە شىركەتلىرىدىن سېتىشنى ھۆددە ئېلىپ سېتىش مەقسىتىدە سېتىپ بولالمىغان پاينى سېتىۋالغاندىن كېيىن، %5 تىن ئارتۇق پاينى ئىلكىدە تۇتقانلىرىنىڭ شۇ پاي چېكىنى سېتىشى ئالتە ئايلىق ۋاقىت چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.

شىركەت مۇدىرىيىتى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىنى ئىجرا قىلمىسا، پايچىكلار مۇدىرىيەتتىن 30 كۈن ئىچىدە ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. شىركەت مۇدىرىيىتى يۇقىرىقى مۇددەت ئىچىدە ئىجرا قىلمىسا، پايچىكلار شىركەت مەنپەئىتىنى كۆزلەپ خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئۆز نامىدا بىۋاسىتە دەۋا قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

شىركەت مۇدىرىيىتى 1– تارماقتىكى بەلگىلىمىنى ئىجرا قىلمىسا، جاۋابكار مۇدىر چاتما جاۋابكارلىقنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ.

2 – پاراگراف ئاكسىيەنى بازارغا سېلىش

48 – ماددا ئاكسىيەنى بازارغا سېلىش ئىلتىماسىنى ئاكسىيە بىرژىسىغا سۇنۇش كېرەك، ئاكسىيە بىرژىسى قانۇن بويىچە ماقۇللىشى ھەمدە ئىككى تەرەپ بازارغا سېلىش كېلىشىمى تۈزۈشى كېرەك.

ئاكسىيە بىرژىسى ھۆكۈمەت ئاكسىيەسىنى بازارغا سېلىشنى گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن تارماقنىڭ قارارى بويىچە ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

49 – ماددا پاي چېكىنى، پاي چېكىگە ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان شىركەت زايومىنى ياكى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا تونۇشتۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇش بەلگىلەنگەن باشقا ئاكسىيەلەرنى بازارغا سېلىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، تونۇشتۇرۇش سالاھىيىتى بولغان ئاپپاراتنى تونۇشتۇرغۇچى بولۇشقا تەكلىپ قىلىش كېرەك. مۇشۇ قانۇننىڭ 11 – ماددىسىنىڭ 2 –، 3 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بازارغا سېلىشنى تونۇشتۇرغۇچىغا تەتبىقلىنىدۇ.

50 – ماددا پاي چەكلىك شىركىتى پاي چېكىنى بازارغا سېلىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:

(1) پاي چېكى گوۋۇيۈەن ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ تەستىقى بىلەن ئاشكارا تارقىتىلغان بولۇش؛

(2) شىركەتنىڭ پاي ئومۇمىي دەسمايىسى خەلق پۇلى ھېسابىدا 30 مىليون يۈەندىن كەم بولماسلىق؛

(3) ئاشكارا تارقىتىدىغان پاي شىركەت پېيى ئومۇمىي سانىنىڭ %25 ىدىن يۇقىرى بولۇش؛ شىركەتنىڭ پاي ئومۇمىي دەسمايىسى خەلق پۇلى ھېسابىدا 400 مىليون يۈەندىن ئاشقان بولسا، ئاشكارا تارقىتىدىغان پېيىنىڭ نىسبىتى %10 تىن يۇقىرى بولۇش؛

(4) شىركەت يېقىنقى ئۈچ يىلدا قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلمىغان، مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتىدا ساختىلىق قىلمىغان بولۇش.

ئاكسىيە بىرژىسى بازارغا سېلىش شەرتىنى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەندىن يۇقىرى قىلىپ بەلگىلىسە بولىدۇ ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىدۇ.

51 – ماددا دۆلەت كەسىپ سىياسىتىگە ھەمدە بازارغا سېلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان شىركەتنىڭ پاي چېكىنى بازارغا سېلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

52 – ماددا پاي چېكىنى بازارغا سېلىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، ئاكسىيە بىرژىسىغا تۆۋەندىكى ھۆججەتلەرنى يوللاش كېرەك:

(1) بازارغا سېلىش دوكلاتى؛

(2) پايچىكلار يىغىنىنىڭ پاي چېكىنى بازارغا سېلىشنى ئىلتىماس قىلىش قارارى؛

(3) شىركەت نىزامنامىسى؛

(4) شىركەتنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى؛

(5) بوغالتىرلىق ئورنى قانۇن بويىچە ئىقتىسادىي تەپتىش قىلغان شىركەتنىڭ يېقىنقى ئۈچ يىللىق مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتى؛

(6) قانۇن پىكىرنامىسى ۋە بازارغا سېلىش تونۇشتۇرمىسى؛

(7) يېقىنقى بىر قېتىملىق پاي چېكىگە خېرىدار چاقىرىش چۈشەندۈرمىسى؛

(8) ئاكسىيە بىرژىسىنىڭ بازارغا سېلىش قائىدىسىدە بەلگىلەنگەن باشقا ھۆججەتلەر.

53 – ماددا پاي چېكىنى بازارغا سېلىش ئىلتىماسىغا ئاكسىيە بىرژىسى قوشۇلغاندىن كېيىن، بازارغا سېلىش كېلىشىمى تۈزۈشكەن شىركەتلەر پاي چېكىنى بازارغا سېلىشقا ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئېلان قىلىشى ھەمدە بۇ ھۆججەتنى جامائەتچىلىكنىڭ كۆرۈشى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ئورۇنغا قويۇپ قويۇشى كېرەك.

54 – ماددا بازارغا سېلىش كېلىشىمى تۈزۈشكەن شىركەت ئالدىنقى ماددىدا بەلگىلەنگەن ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلىشتىن باشقا، تۆۋەندىكىلەرنىمۇ ئېلان قىلىشى كېرەك:

(1) ئاكسىيە بىرژىسىدا پاي چېكىنى بازارغا سېلىش تەستىقلانغان ۋاقىت؛

(2) شىركەت پېيى ئىلكىدە ئەڭ كۆپ بولغان ئالدىنقى ئون پايچىكنىڭ ئىسىملىكى ۋە ئىلكىدىكى پاي چېكىنىڭ سانى؛

(3) شىركەتنى ئەمەلىي كونترول قىلغۇچى؛

(4) مۇدىر، نازارەتچى ۋە ئالىي باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئىسىم – فامىلىسى شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئۆز شىركىتىنىڭ پاي چېكى ۋە زايومىنى ئىلكىدە تۇتۇش ئەھۋالى.

55 – ماددا بازارغا سالغۇچى شىركەتلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىنىڭ پاي چېكىنى بازارغا سېلىشىنى ۋاقىتلىق توختىتىشنى ئاكسىيە بىرژىسى قارار قىلىدۇ:

(1) شىركەتنىڭ پاي ئومۇمىي دەسمايىسى، پاي ھوقۇقى قاتارلىقلاردا ئۆزگىرىش بولغانلىقتىن، بازارغا سېلىش شەرتىنى ھازىرلىيالمايدىغان بولۇپ قالسا؛

(2) شىركەت مالىيە ئەھۋالىنى ئاشكارىلاشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغان ياكى مالىيە بوغالتىرلىق مەلۇماتىدا ساختىلىق قىلغانلىقتىن، مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئازدۇرۇش ئېھتىمالى كۆرۈلسە؛

(3) شىركەت قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلسا؛

(4) شىركەت يېقىنقى ئۈچ يىلدا ئۇدا زىيان تارتقان بولسا؛

(5) ئاكسىيە بىرژىسىنىڭ بازارغا سېلىش قائىدىسىدە بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

56 – ماددا بازارغا سالغۇچى شىركەتلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىنىڭ پاي چېكىنى بازارغا سېلىشىنى توختىتىۋېتىشنى ئاكسىيە بىرژىسى قارار قىلىدۇ:

(1) شىركەتنىڭ پاي ئومۇمىي دەسمايىسى، پاي ھوقۇقى قاتارلىقلاردا ئۆزگىرىش بولغانلىقتىن، بازارغا سېلىش شەرتىنى ھازىرلىيالمايدىغان بولۇپ قالسا، ئاكسىيە بىرژىسى بەلگىلىگەن مۇددەتتىمۇ بازارغا سېلىش شەرتىنى ھازىرلىيالمىسا؛

(2) شىركەت مالىيە ئەھۋالىنى ئاشكارىلاشتا، بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغان ياكى مالىيە بوغالتىرلىق مەلۇماتىدا ساختىلىق قىلغان بولسا، يەنە كېلىپ ئۇنى تۈزەتمىگەن بولسا؛

(3) شىركەت يېقىنقى ئۈچ يىلدا ئۇدا زىيان تارتقان، ئاخىرقى يىلىمۇ پايدا ئالالمىغان بولسا؛

(4) شىركەت تارقىتىۋېتىلگەن ياكى ۋەيران بولغانلىقى جاكارلانغان بولسا؛

(5) ئاكسىيە بىرژىسىنىڭ بازارغا سېلىش قائىدىسىدە بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

57 – ماددا شىركەتنىڭ زايومىنى بازارغا سېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى تۆۋەندىكى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك:

(1) شىركەت زايومىنىڭ مۇددىتى بىر يىلدىن ئارتۇق بولۇش؛

(2) شىركەت زايومىنىڭ ئەمەلىي تارقىتىلغان سوممىسى خەلق پۇلى ھېسابىدا 50 مىليون يۈەندىن كەم بولماسلىق؛

(3) شىركەت زايومنى بازارغا سېلىشنى ئىلتىماس قىلغاندىمۇ، شىركەت زايومىنى تارقىتىشنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتىنى ھازىرلىغان بولۇش.

58 – ماددا شىركەت زايومنى بازارغا سېلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، ئاكسىيە بىرژىسىغا تۆۋەندىكى ھۆججەتلەرنى يوللاش كېرەك:

(1) بازارغا سېلىش دوكلاتى؛

(2) مۇدىرىيەتنىڭ شىركەت زايومىنى بازارغا سېلىشنى ئىلتىماس قىلىش قارارى؛

(3) شىركەت نىزامنامىسى؛

(4) شىركەتنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى؛

(5) شىركەتنىڭ زايوم مەبلىغى توپلاش چارىسى؛

(6) شىركەت زايومىنىڭ ئەمەلىي تارقىتىلغان سانى؛

(7) ئاكسىيە بىرژىسىنىڭ بازارغا سېلىش قائىدىسىدە بەلگىلەنگەن باشقا ھۆججەتلەر.

پاي چېكىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدىغان شىركەت زايومىنى بازارغا سېلىشنى ئىلتىماس قىلىشتا تونۇشتۇرغۇچىنىڭ بازارغا سېلىش تونۇشتۇرۇشىنىمۇ يوللاش كېرەك.

59 – ماددا شىركەت زايومىنى بازارغا سېلىش ئىلتىماسىغا ئاكسىيە بىرژىسى قوشۇلغاندىن كېيىن، بازارغا سېلىش كېلىشىمى تۈزۈشكەن شىركەتلەر ئاكسىيەنى بازارغا سېلىش ھۆججىتى ۋە ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە ئېلان قىلىشى ھەمدە ئىلتىماس ھۆججىتىنى جامائەتچىلىكنىڭ كۆرۈشى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ئورۇنغا قويۇپ قويۇشى كېرەك.

60 – ماددا شىركەت زايومى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، شىركەتتە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئاكسىيە بىرژىسى شۇ شىركەت زايومىنى بازارغا سېلىشنى ۋاقىتلىق توختىتىپ تۇرۇشنى قارار قىلىدۇ:

(1) شىركەت قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلسا؛

(2) شىركەت ئەھۋالىدا زور ئۆزگىرىش بولۇپ، شىركەت زايومىنى بازارغا سېلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەي قالسا؛

(3) شىركەت زايومى تارقىتىشقا توپلىغان مەبلەغ تەستىقلانغان ئىشقا ئىشلىتىلمىگەن بولسا؛

(4) مەجبۇرىيىتىنى شىركەت زايومىغا مەبلەغ توپلاش چارىسى بويىچە ئادا قىلمىغان بولسا؛

(5) شىركەت يېقىنقى ئىككى يىلدا ئۇدا زىيان تارتقان بولسا.

61 – ماددا شىركەتتە ئالدىنقى ماددىنىڭ (1)، (4) تارماقچىسىدا كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلۈپ، ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىققانلىقى ئېنىقلانغان بولسا ياكى ئالدىنقى ماددىنىڭ (2)، (3)، (5) تارماقچىسىدا كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلۈپ، شۇ ئەھۋاللار سۈرۈك ئىچىدە تۈگىتىلمىگەن بولسا، ئاكسىيە بىرژىسى شۇ شىركەت زايومىنى بازارغا سېلىشنى توختىتىۋېتىشنى قارار قىلىدۇ.

شىركەت تارقىتىۋېتىلگەن ياكى ۋەيران بولغانلىقى ئېلان قىلىنغان بولسا، ئاكسىيە بىرژىسى شۇ شىركەت زايومىنى بازارغا سېلىشنى توختىتىۋېتىدۇ.

62 – ماددا ئاكسىيە بىرژىسىنىڭ ئاكسىيەنى بازارغا سالماسلىق، بازارغا سېلىشنى توختىتىپ تۇرۇش، توختىتىۋېتىش قارارىغا قايىل بولمىغانلار ئاكسىيە بىرژىسى قۇرغان قايتا قاراپ چىققۇچى ئاپپاراتقا قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

3 – پاراگراف ئۇچۇرنى سىجىل ئاشكارىلاش

63 – ماددا تارقاتقۇچى، بازارغا سالغۇچى شىركەت قانۇن بويىچە ئاشكارىلىغان ئۇچۇر راست، توغرا، مۇكەممەل بولۇشى شەرت، ساختىلىق قىلىشقا، ئازدۇرما بايان قىلىشقا ياكى مۇھىم مەزمۇننى چۈشۈرۈپ قويۇشقا يول قويۇلمايدۇ.

64 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق پاي چېكىنى قانۇن بويىچە ئاشكارا تارقىتىشتا ياكى گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن تارماقنىڭ تەستىقى ئارقىلىق شىركەت زايومىنى قانۇن بويىچە ئاشكارا تارقىتىشتا، پاي چېكىگە خېرىدار چاقىرىش چۈشەندۈرمىسى ۋە شىركەت زايوم مەبلىغى توپلاش چارىسىنى ئېلان قىلىش كېرەك. يېڭى پاي چېكىنى ياكى شىركەت زايومىنى قانۇن بويىچە ئاشكارا تارقىتىدىغانلار مالىيە – بوغالتىرلىق مەلۇماتىنىمۇ ئېلان قىلىشى كېرەك.

65 – ماددا پاي چېكىنى بازارغا سالغۇچى شىركەت ۋە زايومىنى بازارغا سالغۇچى شىركەت ھەر بىر بوغالتىرلىق يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلى ئاياغلاشقان كۈندىن باشلاپ ئىككى ئاي ئىچىدە، گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا ۋە ئاكسىيە بىرژىسىغا تۆۋەندىكى مەزمۇنلار يېزىلغان ئوتتۇرا مۇددەتلىك مەلۇماتنى يوللىشى ھەمدە ئېلان قىلىشى كېرەك:

(1) شىركەتنىڭ مالىيە – بوغالتىرلىق مەلۇماتى ۋە تىجارەت ئەھۋالى؛

(2) شىركەتكە چېتىشلىق چوڭ – چوڭ دەۋا ئىشلىرى؛

(3) تارقىتىلغان پاي چېكى ۋە شىركەت زايومىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى؛

(4) پايچىكلار يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلغان مۇھىم ئىشلار؛

(5) گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى بەلگىلىگەن باشقا ئىشلار.

66 – ماددا پاي چېكىنى بازارغا سالغۇچى شىركەت ۋە شىركەت زايومىنى بازارغا سالغۇچى شىركەت ھەر بىر بوغالتىرلىق يىلى ئاياغلاشقان كۈندىن باشلاپ تۆت ئاي ئىچىدە، گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا ۋە ئاكسىيە بىرژىسىغا تۆۋەندىكى مەزمۇنلار يېزىلغان يىللىق مەلۇماتىنى يوللىشى ھەمدە ئېلان قىلىشى كېرەك:

(1) شىركەتنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى؛

(2) شىركەتنىڭ مالىيە – بوغالتىرلىق مەلۇماتى ۋە تىجارەت ئەھۋالى؛

(3) مۇدىر، نازارەتچى ۋە ئالىي باشقۇرغۇچىلارنىڭ تەرجىمىھالى ۋە پاي چېكىنى ئىلكىدە تۇتۇش ئەھۋالى؛

(4) پاي چېكى ۋە شىركەت زايومىنىڭ تارقىتىلىش ئەھۋالى، جۈملىدىن شىركەت پېيىنى ئەڭ كۆپ ئىلكىدە تۇتقان ئالدىنقى ئون پايچىكنىڭ ئىسىملىكى ۋە ئىلكىدىكى پاي سانى؛

(5) شىركەتنى ئەمەلىي كونترول قىلغۇچى؛

(6) گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى بەلگىلىگەن باشقا ئىشلار.

67 – ماددا بازارغا سالغۇچى شىركەتنىڭ پاي چېكىنى ئېلىپ – سېتىش باھاسىغا چوڭراق تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالى بولغان چوڭ – چوڭ ۋەقەلەر يۈز بېرىپ، مەبلەغ سالغۇچىلار خەۋەر تاپقىچە، بازارغا سالغۇچى شىركەت شۇ چوڭ – چوڭ ۋەقەگە ئالاقىدار ئەھۋال توغرىسىدا گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا ۋە ئاكسىيە بىرژىسىغا ئۇدۇللۇق دوكلات قىلىپ ھەمدە ئۇنى ئېلان قىلىپ، ۋەقەنىڭ سەۋەبى، ھازىرقى ئەھۋالى ۋە پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان قانۇن ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

تۆۋەندىكى ئەھۋاللار ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان چوڭ – چوڭ ۋەقە ھېسابلىنىدۇ:

(1) شىركەتنىڭ تىجارەت فاڭجېنى ۋە تىجارەت دائىرىسىدىكى زور ئۆزگىرىش؛

(2) شىركەتنىڭ چوڭ – چوڭ مەبلەغ سېلىش ھەرىكىتى ۋە مال – مۈلۈك سېتىۋېلىش مۇھىم قارارى؛

(3) شىركەت مۇھىم توختام تۈزۈشكەندە شىركەتنىڭ مۈلكى، قەرزى، ھوقۇق – مەنپەئىتى ۋە تىجارەت مۇۋەپپەقىيىتىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇش؛

(4) شىركەتنىڭ قەرزدارلىق ئەھۋالى ۋە قەرەلى توشقان كۆپ قەرزنى قايتۇرالماي، توختامغا خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالى؛

(5) شىركەت زور زىيان تارتىش ياكى زور زىيانغا ئۇچراش؛

(6) شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت تاشقى شارائىتىدا يۈز بەرگەن زور ئۆزگىرىش؛

(7) شىركەتنىڭ مۇدىرى، ئۈچتىن بىر قىسىمدىن ئارتۇق نازارەتچىسى ياكى دىرېكتورى ئۆزگىرىش؛

(8) شىركەتنىڭ %5 تىن يۇقىرى پېيىنى ئىلكىدە تۇتقان پايچىكنىڭ ياكى ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىنىڭ پېيىنى ئىلكىدە تۇتۇش ياكى شىركەتنى كونترول قىلىش ئەھۋالىدا چوڭراق ئۆزگىرىش بولۇش؛

(9) شىركەت مەبلەغ كېمەيتىش، قوشۇلۇپ كېتىش، بۆلۈنۈپ كېتىش، تارقىلىپ كېتىش ۋە ۋەيران بولۇشنى ئىلتىماس قىلىشنى قارار قىلىش؛

(10) شىركەتكە چېتىلىدىغان چوڭ دەۋا ۋە پايچىكلار يىغىنى، مۇدىرىيەت قارارى قانۇن بويىچە كۈچتىن قالدۇرۇلۇش ياكى كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ جاكارلىنىش؛

(11) جىنايەتكە چېتىلغان شىركەتنى قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگان دېلو ئېچىپ تەكشۈرۈش، جىنايەتكە چېتىلغان شىركەتنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، ئالىي باشقۇرغۇچىسىغا قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگان مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىش؛

(12) گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى بەلگىلىگەن باشقا ئىشلار.

68 – ماددا بازارغا سالغۇچى شىركەتنىڭ مۇدىرى ۋە ئالىي باشقۇرغۇچىسى شىركەتنىڭ قەرەللىك دوكلاتىغا مۇئەييەنلەشتۈرۈش پىكرىنى يېزىشى كېرەك.

بازارغا سالغۇچى شىركەتنىڭ نازارەتچىلىك ھەيئىتى شىركەتنىڭ مۇدىرىيەت تەييارلىغان قەرەللىك دوكلاتىنى تەكشۈرۈشى ھەمدە يازما تەكشۈرۈش پىكرى بېرىشى كېرەك.

بازارغا سالغۇچى شىركەتنىڭ مۇدىرى ، نازارەتچىسى ۋە ئالىي باشقۇرغۇچىسى ئۆز شىركىتى ئاشكارىلىغان ئۇچۇرنىڭ راست، توغرا ۋە مۇكەممەل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

69 – ماددا تارقاتقۇچىلار، بازارغا سالغۇچى شىركەتلەردىن ئېلان قىلغان پاي چېكىگە خېرىدار چاقىرىش چۈشەندۈرمىسى، شىركەت زايوم مەبلىغى توپلاش چارىسى، مالىيە – بوغالتىرلىق مەلۇماتى، بازارغا سېلىش دوكلاتىغا دائىر ھۆججەتلەر، يىللىق دوكلات، ئوتتۇرا مەزگىللىك دوكلات ۋە ۋاقىتلىق دوكلاتلاردا شۇنىڭدەك باشقا ئۇچۇر ئاشكارىلاش ماتېرىيالىدا ساختىلىق قىلىپ، ئازدۇرما بايان قىلىپ ياكى مۇھىم مەزمۇننى چۈشۈرۈپ قويۇپ، ئاكسىيە سودىسىدا مەبلەغ سالغۇچىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىرى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ تارقاتقۇچى، بازارغا سالغۇچى شىركەتنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، ئالىي باشقۇرغۇچىسى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرى شۇنىڭدەك تونۇشتۇرغۇچىلىرى ۋە سېتىپ بەرگۈچى ئاكسىيە شىركەتلىرى تارقاتقۇچى، بازارغا سالغۇچى شىركەت بىلەن بىرلىكتە چاتما تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، لېكىن خاتالىقى يوقلۇقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛ تارقاتقۇچى، بازارغا سالغۇچى شىركەتنىڭ پېيىنى كونترول قىلغۇچى ۋە ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىلىرىدىن خاتالىقى بارلىرى تارقاتقۇچى ۋە بازارغا سالغۇچى شىركەت بىلەن بىرلىكتە چاتما تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

70 – ماددا قانۇن بويىچە ئاشكارىلايدىغان ئۇچۇرنى گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى بېكىتكەن ئاخبارات ۋاسىتىسىدە ئېلان قىلىش كېرەك، ئۇنى يەنە جامائەتچىلىكنىڭ كۆرۈشى ئۈچۈن شىركەت تۇرۇشلۇق جايغا ۋە ئاكسىيە بىرژىسىغا قويۇپ قويۇش كېرەك.

71 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى بازارغا سالغۇچى شىركەتنىڭ يىللىق دوكلاتى، ئوتتۇرا مەزگىللىك دوكلاتى، ۋاقىتلىق دوكلاتى شۇنىڭدەك ئېلان قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىدۇ، بازارغا سالغۇچى شىركەتنىڭ يېڭى پاينى تەقسىملەش ياكى نورمىلىق سېتىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىدۇ، بازارغا سالغۇچى شىركەتنىڭ پېيىنى كونترول قىلغۇچى پايچىك ۋە ئۇچۇر ئاشكارىلىغۇچىنىڭ ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىدۇ.

ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى، ئاكسىيە بىرژىسى، تونۇشتۇرغۇچى، سېتىپ بەرگۈچى ئاكسىيە شىركىتى ۋە ئالاقىدار خادىملارنىڭ شىركەت قانۇنىدىكى ۋە مەمۇرىي نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېلان قىلىدىغان ئېلاننىڭ مەزمۇنىنى شۇ ئېلان چىقىرىلىشتىن بۇرۇن ئاشكارىلاپ قويۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

72 – ماددا ئاكسىيە بىرژىسىدىن ئاكسىيەنى بازارغا سېلىشنى توختىتىپ تۇرۇش ياكى توختىتىۋېتىشنى قارار قىلغانلىرى ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى لازىم.

4 – پاراگراف مەنئى قىلىنىدىغان سودا ھەرىكىتى

73 – ماددا ئاكسىيە سودىسىغا دائىر ئىچكى ئۇچۇرنى بىلىدىغان ۋە قانۇنسىز بىلىۋالغانلارنىڭ شۇ ئىچكى ئۇچۇردىن پايدىلىنىپ ئاكسىيە سودىسى قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

74 – ماددا ئاكسىيە سودىسىغا دائىر ئىچكى ئۇچۇرنى بىلىدىغانلار:

(1) تارقاتقۇچىنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى ۋە ئالىي باشقۇرغۇچىلىرى؛

(2) شىركەتنىڭ 5 تىن ئارتۇق پېيىنى ئىلكىدە تۇتقان پايچىكلار شۇنىڭدەك مۇدىر، نازارەتچى، ئالىي باشقۇرغۇچى، شىركەتنى ئەمەلىي كونترول قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، ئالىي باشقۇرغۇچىسى؛

(3) تارقاتقۇچىلار پاينى كونترول قىلغان شىركەت ۋە ئۇنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، ئالىي باشقۇرغۇچىسى؛

(4) شىركەتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلىقتىن شىركەتنىڭ ئالاقىدار ئىچكى ئۇچۇرلىرىنى بىلىۋالالايدىغانلار؛

(5) ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى خادىملىرى ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتى بويىچە ئاكسىيە تارقىتىشنى ۋە ئاكسىيە سودىسىنى باشقۇرىدىغان باشقا كىشىلەر؛

(6) تونۇشتۇرغۇچى، سېتىپ بەرگۈچى ئاكسىيە شىركىتى، ئاكسىيە بىرژىسى، ئاكسىيە تىزىملاش – راسچوت قىلىش ئاپپاراتى ۋە ئاكسىيە مۇلازىمەت ئاپپاراتىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى؛

(7) گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى بەلگىلىگەن باشقا كىشىلەر.

75 – ماددا ئاكسىيە سودىسىدا شىركەتنىڭ تىجارىتى، مالىيەسىگە چېتىلىدىغان ياكى شۇ شىركەت ئاكسىيەسىنىڭ بازار باھاسىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان، تېخى ئاشكارىلانمىغان ئۇچۇر ئىچكى ئۇچۇر ھېسابلىنىدۇ.

تۆۋەندىكى ئۇچۇرلار ئىچكى ئۇچۇر ھېسابلىنىدۇ:

(1) مۇشۇ قانۇننىڭ 67 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىدا كۆرسىتىلگەن چوڭ – چوڭ ۋەقەلەر؛

(2) شىركەتنىڭ پاي پايدىسىنى تەقسىم قىلىش ياكى مەبلەغ كۆپەيتىش پىلانى؛

(3) شىركەتنىڭ پاي ھوقۇقى قۇرۇلمىسىدىكى چوڭ – چوڭ ئۆزگىرىش؛

(4) شىركەتنىڭ قەرز كېپىللىكىگە دائىر چوڭ – چوڭ ئۆزگىرىشلەر؛

(5) شىركەتنىڭ تىجارەتكە ئىشلىتىدىغان ئاساسلىق مۈلكىنىڭ رەنە قويۇلۇشى، سېتىلىشى ياكى بىراك قىلىنىشى بىر قېتىمدا شۇ مۈلۈكنىڭ 30 ىدىن ئېشىپ كېتىش؛

(6) شىركەت مۇدىرى، نازارەتچىسى ۋە ئالىي باشقۇرغۇچىسىنىڭ ھەرىكىتى تۈپەيلىدىن چوڭ زىيان تۆلەم جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئېلىش ئېھتىمالى؛

(7) بازارغا سالغۇچى شىركەتنىڭ سېتىۋېلىشىغا دائىر لايىھە؛

(8) گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى بېكىتكەن، ئاكسىيە سودا باھاسىغا روشەن تەسىر كۆرسىتىدىغان باشقا مۇھىم ئۇچۇرلار.

76 – ماددا ئاكسىيە سودىسىغا دائىر ئىچكى ئۇچۇرنى بىلىدىغانلار ۋە قانۇنسىز بىلىۋالغانلارنىڭ ئىچكى ئۇچۇر ئاشكارىلىنىشتىن ئىلگىرى شۇ شىركەتنىڭ ئاكسىيەسىنى ئېلىپ – سېتىشىغا ياكى شۇ ئۇچۇرنى ئاشكارىلىشىغا ۋە ياكى باشقىلارغا شۇ ئاكسىيەنى ئېلىپ – سېتىش ھەققىدە تەكلىپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

شىركەتنىڭ 5 تىن ئارتۇق پېيىنى ئىلكىدە تۇتقان ياكى كېلىشىم ۋە باشقا يول بىلەن باشقىلار بىلەن بىرلىكتە ئىلكىدە تۇتىدىغان تەبىئىي ئىگە، قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتنىڭ بازارغا سالغۇچى شىركەتنىڭ پېيىنى سېتىۋېلىشى توغرىسىدا مۇشۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

يەڭ سودىسىدا مەبلەغ سالغۇچى زىيان تارتقان بولسا، قىلمىشچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

77 – ماددا ھەرقانداق ئادەمنىڭ تۆۋەندىكى ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئاكسىيە بازىرىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىشى مەنئى قىلىنىدۇ:

(1) يالغۇز ياكى تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ، مەبلەغ ئۈستۈنلۈكى، پاينى ئىلكىدە تۇتۇش ئۈستۈنلۈكى ياكى ئۇچۇر ئۈستۈنلۈكىدىن پايدىلىنىپ، بىرلىشىپ ياكى ئۇدا ئېلىپ – سېتىپ ئاكسىيە سودىسىنىڭ باھاسى ياكى مىقدارىنى تىزگىنلىۋېلىش؛

(2) باشقىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، كېلىشىۋالغان ۋاقىت، باھا ۋە ئۇسۇلدا ئۆزئارا ئاكسىيە سودىسى قىلىپ، ئاكسىيە سودىسى باھاسى ياكى مىقدارىغا تەسىر كۆرسىتىش؛

(3) ئۆزى ئەمەلىي كونترول قىلىۋالغان ئىسچوتلار ئارا ئاكسىيە سودىسى قىلىپ، ئاكسىيە سودا باھاسى ياكى مىقدارىغا تەسىر كۆرسىتىش؛

(4) ئاكسىيە بازىرىنى باشقا ۋاسىتىلەر بىلەن چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىش.

ئاكسىيە بازىرىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىشتىن مەبلەغ سالغۇچى زىيان تارتسا، قىلمىشچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

78 – ماددا دۆلەت خادىملىرىنىڭ، تارقىتىش ۋاسىتىسى كەسىپكارلىرىنىڭ ۋە باشقا خادىملارنىڭ يالغان ئۇچۇر توقۇپ ۋە تارقىتىپ، ئاكسىيە بازىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشى مەنئى قىلىنىدۇ.

ئاكسىيە بىرژىسى، ئاكسىيە شىركىتى، ئاكسىيە تىزىملاش – راسچوت قىلىش ئاپپاراتى، ئاكسىيە مۇلازىمەت ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ كەسىپكارلىرى، ئاكسىيەچىلىك جەمئىيىتى، ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ ئاكسىيە سودىسىدا يالغان سۆزلىشى ياكى ئۇچۇردا ئازدۇرۇشى مەنئى قىلىنىدۇ.

تارقىتىش ۋاسىتىلىرى تارقاتقان ئاكسىيە بازىرى ئۇچۇرى راست، ئوبيېكتىپ بولۇشى شەرت، ئازدۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ.

79 – ماددا ئاكسىيە شىركەتلىرىنىڭ ۋە ئۇنىڭ كەسىپكارلىرىنىڭ مۇئامىلىدارلارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان تۆۋەندىكىدەك ئالدامچىلىق قىلمىشى مەنئى قىلىنىدۇ:

(1) مۇئامىلىدارلارنىڭ ھاۋالىسىگە قارىماي، ئۇلارغا ئاكسىيە ئېلىپ سېتىپ بېرىش؛

(2) مۇئامىلىدارلارغا سودىنىڭ يازما مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ھۆججەتلىرىنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا بەرمەسلىك؛

(3) مۇئامىلىدارلار سېتىۋېلىش – سېتىشقا ھاۋالە قىلغان ئاكسىيەنى ياكى مۇئامىلىدارلارنىڭ ئىسچوتىدىكى مەبلەغنى ئىشلىتىۋېلىش؛

(4) مۇئامىلىدارلارنىڭ ھاۋالىسىگە قارىماي، مۇئامىلىدارلارغا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئاكسىيە ئېلىپ – سېتىپ بېرىش ياكى مۇئامىلىدارلارنىڭ نامىدىن پايدىلىنىپ ئاكسىيە ئېلىپ – سېتىش؛

(5) شېرىنكانە كىرىمىنى كۆزلەپ، مۇئامىلىدارلارنى زۆرۈرىيىتى بولمىغان ئاكسىيەنى ئېلىپ – سېتىشقا قىزىقتۇرۇش؛

(6) تارقىتىش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن ساختا ئۇچۇرلارنى ياكى مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئازدۇرىدىغان ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈش ۋە تارقىتىش؛

(7) مۇئامىلىدارلارنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش.

مۇئامىلىدارلارنى ئالداپ زىيان سالغانلار تۆلەم جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

80 – ماددا قانۇنىي ئىگىنىڭ باشقىلارنىڭ ئىسچوتىدىن قانۇنسىز پايدىلىنىپ ئاكسىيە سودىسى قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ؛ قانۇنىي ئىگىنىڭ ئۆزىنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ ئاكسىيە ئىسچوتىنى باشقىلارغا ئارىيەت بېرىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

81 – ماددا مەبلەغنىڭ بازارغا كىرىش يولى قانۇن بويىچە كېڭەيتىلىدۇ، مەبلەغنىڭ پاي بازىرىغا قائىدىگە خىلاپ ھالدا كىرىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

82 – ماددا ھەرقانداق كىشىنىڭ ھۆكۈمەت پۇلىنى ئاكسىيە ئېلىپ – سېتىشقا ئىشلىتىۋېلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

83 – ماددا دۆلەت كارخانىلىرى ۋە دۆلەت مۈلكى پاي كونترول قىلغان كارخانىلىرى بازارغا سېلىنغان پاي چېكىنى ئېلىپ – سېتىشتا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىشى شەرت.

84 – ماددا ئاكسىيە بىرژىسى، ئاكسىيە شىركىتى، ئاكسىيە تىزىملاش – راسچوت قىلىش ئاپپاراتى، ئاكسىيە مۇلازىمەت ئاپپاراتى ۋە ئۇلارنىڭ كەسىپكارلىرى ئاكسىيە سودىسىدا مەنئى قىلىنىدىغان سودا ھەرىكەتلىرىنى سەزسە، ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

4 – باب بازارغا سالغۇچى شىركەتنى سېتىۋېلىش

85 – ماددا مەبلەغ سالغۇچى بازارغا سالغۇچى شىركەتنى سېتىۋېلىشتا تەكلىپلىك سېتىۋېلىش، كېلىشىم بويىچە سېتىۋېلىش ئۇسۇلىنى ۋە باشقا قانۇنلۇق ئۇسۇللارنى قوللانسا بولىدۇ.

86 – ماددا ئاكسىيە بىرژىسىدا ئاكسىيە سودىسى قىلىش ئارقىلىق، بازارغا سالغۇچى بىر شىركەت تارقاتقان پايدىن مەبلەغ سالغۇچىنىڭ ئىلكىدە تۇتقىنى ياكى كېلىشىم ۋە باشقا يول ئارقىلىق باشقىلار بىلەن بىرلىكتە ئىلكىدە تۇتقىنى 5 كە يەتكەن كۈندىن باشلاپ 3 كۈن ئىچىدە گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ۋە ئاكسىيە بىرژىسىغا يازما مەلۇم قىلىش، بازارغا سالغۇچى شۇ شىركەتكە ئۇقتۇرۇپ قويۇش ھەمدە ئۇنى ئېلان قىلىش كېرەك؛ يۇقىرىقى مۇددەت ئىچىدە بازارغا سالغۇچى شۇ شىركەتنىڭ پاي چېكىنى يەنە ئېلىپ سېتىشقا يول قويۇلمايدۇ.

مەبلەغ سالغۇچى بازارغا سالغۇچى بىر شىركەت تارقاتقان پايدىن ئىلكىدە تۇتقىنى ياكى كېلىشىم ۋە باشقا يول ئارقىلىق باشقىلار بىلەن بىرلىكتە ئىلكىدە تۇتقىنى 5 كە يەتكەندىن كېيىن، بازارغا سالغۇچى شۇ شىركەت تارقاتقان پايدىن ئىلكىدە تۇتقان پاي نىسبىتى ھەر 5 ئاشقان ياكى كېمەيگەندە، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە مەلۇم قىلىشى ۋە ئېلان قىلىشى كېرەك. مەلۇم قىلىش مۆھلىتىدە ۋە مەلۇم قىلغان، ئېلان قىلغاندىن كېيىنكى 2 كۈن ئىچىدە بازارغا سالغۇچى شۇ شىركەتنىڭ پاي چېكىنى يەنە ئېلىپ سېتىشقا يول قويۇلمايدۇ.

87 – ماددا ئالدىنقى ماددىدىكى بەلگىلەنگەن يازما مەلۇمات ۋە ئېلان تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك:

(1) پاينى ئىلكىدە تۇتقۇچىنىڭ نامى، تۇرۇشلۇق جايى؛

(2) ئىلكىدىكى پاي چېكىنىڭ نامى، سانى؛

(3) ئىلكىدىكى پاي قانۇندا بەلگىلەنگەن نىسبەتكە يەتكەن ياكى ئىلكىدىكى پاينىڭ كۆپىيىشى ۋە كېمىيىشى قانۇندا بەلگىلەنگەن نىسبەتكە يەتكەن ۋاقىت.

88 – ماددا مەبلەغ سالغۇچىلاردىن ئاكسىيە بىرژىسىدا ئاكسىيە سودىسى قىلىش ئارقىلىق، بازارغا سالغۇچى بىر شىركەت تارقاتقان پايدىن ئىلكىدە تۇتقىنى ياكى كېلىشىم ۋە باشقا يول ئارقىلىق باشقىلار بىلەن بىرلىكتە ئىلكىدە تۇتقىنى 30 كە يەتكەندە داۋاملىق سېتىۋالىدىغانلىرى بازارغا سالغۇچى شۇ شىركەتنىڭ بارلىق پايچىكلىرىغا بازارغا سالغۇچى شىركەتنىڭ بارلىق ياكى قىسمەن پېيىنى قانۇن بويىچە سېتىۋېلىش چاقىرىقى چىقىرىشى كېرەك.

بازارغا سالغۇچى شىركەتنىڭ قىسمەن پېيىنى سېتىۋېلىش چاقىرىقىنى پۈتۈشۈش كېرەك، سېتىۋېلىنغان شىركەتنىڭ پايچىكلىرى سېتىش ھەققىدە ۋەدە بەرگەن پاينىڭ سانى سېتىۋالماقچى بولغان پاي سانىدىن ئېشىپ كەتكەندە، سېتىۋالغۇچى نىسبەت بويىچە سېتىۋېلىشى كېرەك.

89 – ماددا سېتىۋالغۇچى ئالدىنقى ماددىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سېتىۋېلىش چاقىرىقى قىلىشتا ئالدى بىلەن گوۋۇيۈەن ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا بازارغا سالغۇچى شىركەتنى سېتىۋېلىش توغرىسىدا دوكلات يوللىشى ھەمدە بۇ دوكلاتقا تۆۋەندىكى ئىشلارنى يېزىشى كېرەك:

(1) سېتىۋالغۇچىنىڭ نامى، تۇرۇشلۇق جايى؛

(2) سېتىۋالغۇچىنىڭ سېتىۋېلىش توغرىسىدىكى قارارى؛

(3) سېتىۋېلىنىدىغان بازارغا سالغۇچى شىركەتنىڭ نامى؛

(4) سېتىۋېلىش مەقسىتى؛

(5) سېتىۋېلىنىدىغان پاينىڭ تەپسىلىي نامى ۋە سېتىۋالماقچى بولغان پاينىڭ سانى؛

(6) سېتىۋېلىش مۆھلىتى ۋە سېتىۋېلىش باھاسى؛

(7) سېتىۋېلىشقا كېتىدىغان مەبلەغنىڭ سوممىسى ۋە مەبلەغ كاپالىتى؛

(8) بازارغا سالغۇچى شىركەتنى سېتىۋېلىش دوكلاتىنى يوللىغان چاغدا، ئىلكىدە تۇتقان سېتىۋېلىنىدىغان شىركەتنىڭ پاي سانىنىڭ شۇ شىركەت تارقاتقان پاي ئومۇمىي سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى.

سېتىۋالغۇچى يەنە بازارغا سالغۇچى شىركەتنى سېتىۋېلىش دوكلاتىنى ئاكسىيە بىرژىسىغا تاپشۇرۇشى كېرەك.

90 – ماددا سېتىۋالغۇچى ئالدىنقى ماددىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بازارغا سالغۇچى شىركەتنى سېتىۋېلىش دوكلاتىنى يوللىغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈندىن كېيىن سېتىۋېلىش چاقىرىقىنى ئېلان قىلىشى كېرەك. يۇقىرىقى مۆھلەت ئىچىدە گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى بازارغا سالغۇچى شىركەتنىڭ سېتىۋېلىش دوكلاتىنىڭ قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى سەزسە، سېتىۋالغۇچىغا ۋاقتىدا ئېيتىپ قويۇشى كېرەك، سېتىۋالغۇچى ئۇنىڭ سېتىۋېلىش چاقىرىقىنى ئېلان قىلسا بولمايدۇ.

سېتىۋېلىش چاقىرىقىدا پۈتۈشكەن سېتىۋېلىش مۆھلىتى 30 كۈندىن كەم بولسا، 60 كۈندىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

91 – ماددا سېتىۋالغۇچى سېتىۋېلىش چاقىرىقىدا بېكىتىلگەن ۋەدە مۆھلىتىدە سېتىۋېلىش چاقىرىقىدىن يېنىۋالسا بولمايدۇ. سېتىۋالغۇچى سېتىۋېلىش چاقىرىقىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسا، ئاۋۋال گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا ۋە ئاكسىيە بىرژىسىغا دوكلات يوللاپ، تەستىقلاتقاندىن كېيىن ئېلان قىلىشى شەرت.

92 – ماددا سېتىۋېلىش چاقىرىقىدىكى سېتىۋېلىش شەرتلىرى سېتىۋېلىنىدىغان شىركەت پايچىكلىرىنىڭ ھەممىسىگە تەتبىقلىنىدۇ.

93 – ماددا سېتىۋالغۇچى چاقىرىق بويىچە سېتىۋېلىش ئۇسۇلىنى قوللانغان سېتىۋېلىش مۆھلىتى ئىچىدە، سېتىۋېلىنىدىغان شىركەتنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ، چاقىرىقتا بەلگىلەنگەندىن باشقا شەكىللەرنى قوللىنىپ ۋە چاقىرىقتىكى شەرتتىن ھالقىپ، سېتىۋېلىنىدىغان شىركەتنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋېلىشىغىمۇ يول قويۇلمايدۇ.

94 – ماددا كېلىشىم بويىچە سېتىۋېلىش ئۇسۇلىنى قوللانغان سېتىۋالغۇچى بىلەن سېتىۋېلىنىدىغان شىركەتنىڭ پايچىكلىرى پاينى قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە كېلىشىم ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۆتۈنۈشسە بولىدۇ.

بازارغا سالغۇچى شىركەتنى كېلىشىم ئۇسۇلى بىلەن سېتىۋېلىشتا، كېلىشىم ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن، سېتىۋالغۇچى شۇ سېتىۋېلىش كېلىشىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ۋە ئاكسىيە بىرژىسىغا 3 كۈن ئىچىدە يازما دوكلات قىلىشى ھەمدە ئېلان قىلىشى شەرت.

ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى سېتىۋېلىش كېلىشىمىنى ئادا قىلىشقا بولمايدۇ.

95 – ماددا كېلىشىم بويىچە سېتىۋېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشتا، كېلىشىم تۈزگۈچى ئىككى تەرەپ كېلىشىم بويىچە ئۆتۈنىدىغان پاي چېكىنى ئاكسىيە تىزىملاش – راسچوت قىلىش ئاپپاراتىغا ساقلاپ بېرىشكە ھاۋالە قىلسا ھەمدە مەبلەغنى بېكىتىلگەن بانكىغا قويۇپ تۇرسا بولىدۇ.

96 – ماددا سېتىۋالغۇچىلاردىن بازارغا سالغۇچى بىر شىركەت تارقاتقان پايدىن سېتىۋالغىنى ياكى كېلىشىم ۋە باشقا يول ئارقىلىق باشقىلار بىلەن بىرلىكتە سېتىۋالغىنى 30غا يەتكەندە داۋاملىق سېتىۋالىدىغانلىرى بازارغا سالغۇچى شىركەتنىڭ بارلىق پايچىكلىرىغا بازارغا سالغۇچى شىركەتنىڭ پېيىنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى سېتىۋېلىش چاقىرىقى ئەۋەتىشى كېرەك. لېكىن، گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى چاقىرىق ئەۋەتىشنى كەچۈرۈم قىلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

سېتىۋالغۇچى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە، بازارغا سالغۇچى شىركەتنىڭ پېيىنى چاقىرىق ئۇسۇلى بىلەن سېتىۋېلىشتا، مۇشۇ قانۇننىڭ 89 –، 93 – ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىشى كېرەك.

97 – ماددا سېتىۋېلىش مۆھلىتى توشقاندا، سېتىۋېلىنغان شىركەت پاي ھوقۇقىنىڭ تارقىلىشى بازارغا سېلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، بازارغا سالغۇچى شۇ شىركەتنىڭ پاي چېكىنى بازارغا سېلىشنى ئاكسىيە بىرژىسى قانۇن بويىچە ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەك؛ سېتىۋېلىنغان شىركەتنىڭ پاي چېكىنى ئىلكىدە تۇتۇۋاتقان پايچىكلار ئۆزىنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋېلىش چاقىرىقىدىكىگە ئوخشاش شەرت بىلەن سېتىۋالغۇچىغا سېتىپ بېرىشكە ھوقۇقلۇق، سېتىۋالغۇچى ئۇنى سېتىۋېلىشى كېرەك.

سېتىۋېلىش ئاخىرلاشقاندا، سېتىۋېلىنغان شىركەتلەردىن پاي چەكلىك شىركىتى شەرتىنى ھازىرلىيالمىغانلىرى كارخانا شەكلىنى قانۇن بويىچە ئۆزگەرتىشى كېرەك.

98 – ماددا بازارغا سالغۇچى شىركەتنى سېتىۋېلىشتا، سېتىۋالغۇچىنىڭ ئىلكىدىكى سېتىۋېلىنىدىغان بازارغا سالغۇچى شىركەتنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋېلىش تاماملىنىپ 12 ئاي ئىچىدە ئۆتۈنۈپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

99 – ماددا سېتىۋېلىش تاماملانغاندىن كېيىن، سېتىۋالغۇچى بىلەن سېتىۋېلىنغان شىركەت قوشۇلۇپ كەتكەن ھەمدە بۇ شىركەت تارقىتىۋېتىلگەن بولسا، تارقىتىۋېتىلگەن شىركەتنىڭ ئىلگىرىكى پاي چېكىنى سېتىۋالغۇچى قانۇن بويىچە ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ.

100 – ماددا سېتىۋېلىش تاماملانغاندىن كېيىن، سېتىۋالغۇچى سېتىۋېلىش ئەھۋالىنى 15 كۈن ئىچىدە گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا ۋە ئاكسىيە بىرژىسىغا مەلۇم قىلىشى ھەمدە ئېلان قىلىشى كېرەك.

101 – ماددا بازارغا سالغۇچى شىركەتتىكى دۆلەت مەبلەغ سېلىشقا ھوقۇق بەرگەن ئاپپاراتنىڭ ئىلكىدىكى پاينى سېتىۋېلىشتا، گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئالاقىدار مەسئۇل تارماققا تەستىقلىتىش كېرەك.

گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى، بازارغا سالغۇچى شىركەتنى سېتىۋېلىشنىڭ كونكرېت چارىسىنى مۇشۇ قانۇندىكى پىرىنسىپ بويىچە چىقىرىشى كېرەك.

5 – باب ئاكسىيە بىرژىسى

102 – ماددا ئاكسىيە بىرژىسى ئاكسىيە كۆجۈم سودىسى ئۈچۈن سورۇن ۋە ئەسلىھە ھازىرلاپ بېرىدىغان، ئاكسىيە سودىسىنى تەشكىللەيدىغان ۋە نازارەت قىلىدىغان، ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرىدىغان قانۇنىي ئىگىدۇر.

ئاكسىيە بىرژىسىنى قۇرۇش ۋە تارقىتىۋېتىشنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

103 – ماددا ئاكسىيە بىرژىسى قۇرۇشتا نىزامنامە چىقىرىش شەرت.

ئاكسىيە بىرژىسى نىزامنامىسىنى چىقىرىش ۋە تۈزىتىشنى گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىش شەرت.

104 – ماددا ئاكسىيە بىرژىسىنىڭ نامىدا ئاكسىيە بىرژىسى دېگەن سۆز بولۇشى شەرت. باشقا ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ئاكسىيە بىرژىسى دېگەن نامنى ياكى ئۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان نامنى قوللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

105 – ماددا ئاكسىيە بىرژىسى ئۆز ئالدىغا نېرى – بېرى قىلالايدىغان كىرىملىرىنى ئالدى بىلەن ئاكسىيە سودىسى سورۇنى ۋە ئەسلىھەلىرىنىڭ نورمال ھەرىكىتىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ھەمدە ئۇلارنى تەدرىجىي ياخشىلاشقا ئىشلىتىشى كېرەك.

ئەزالىق تۈزۈمىنى يولغا قويغان ئاكسىيە بىرژىسىنىڭ مال – مۈلۈك جۇغلانمىسى ئەزالىرىنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، ھوقۇق – مەنپەئىتىدىن ئەزالىرى تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە مال – مۈلۈك جۇغلانمىسىنى ئەزالىرىغا تەقسىم قىلىپ بېرىشكە بولمايدۇ.

106 – ماددا ئاكسىيە بىرژىسىدا كېڭەش تەسىس قىلىنىدۇ.

107 – ماددا ئاكسىيە بىرژىسىغا بىر باش دىرېكتور قويۇلىدۇ، ئۇنى گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى تەيىنلەيدۇ ۋە قالدۇرىدۇ.

108 – ماددا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى››نىڭ 147 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللارنىڭ ياكى تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلار ئاكسىيە بىرژىسىنىڭ مەسئۇلى بولسا بولمايدۇ:

(1) ئاكسىيە بىرژىسى، ئاكسىيە تىزىملاش – راسچوت قىلىش ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇللىرى ياكى ئاكسىيە شىركىتىنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، ئالىي باشقۇرغۇچىلىرىدىن قانۇنغا ياكى ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشى بولغانلىقى ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغىنىغا 5 يىل بولمىغانلىرى.

(2) ئادۋوكات، رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلار ياكى مەبلەغ سېلىش مەسلىھەتچىلىك ئاپپاراتى، مالىيە مەسلىھەتچىلىك ئاپپاراتى، مەبلەغ ئىناۋىتىنى باھالاش ئاپپاراتى، مۈلۈك باھالاش ئاپپاراتى، ئىسپاتلىغۇچى ئاپپاراتنىڭ كەسپىي خادىملىرىدىن قانۇنغا ياكى ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشى بولغانلىقى ئۈچۈن سالاھىيىتى بىكار قىلىنغىنىغا 5 يىل بولمىغانلىرى.

109 – ماددا ئاكسىيە بىرژىسى، ئاكسىيە تىزىملاش – راسچوت قىلىش ئاپپاراتى، ئاكسىيە مۇلازىمەت ئاپپاراتى، ئاكسىيە شىركىتى كەسىپكارلىرى ۋە دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن قانۇنغا ياكى ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشى بولغانلىقى ئۈچۈن خىزمەتتىن قوغلانغانلىرىنى ئاكسىيە بىرژىسىنىڭ كەسىپكارلىقىغا تەكلىپ قىلىشقا بولمايدۇ.

110 – ماددا ئاكسىيە بىرژىسىدا كۆجۈم سودىغا قاتناشقۇچىلار ئاكسىيە بىرژىسىنىڭ ئەزاسى بولۇشى شەرت.

111 – ماددا مەبلەغ سالغۇچى ئاكسىيە شىركىتى بىلەن ئاكسىيە سودىسىغا دائىر ھاۋالە كېلىشىمى تۈزۈپ ھەمدە ئاكسىيە شىركىتىدە ئاكسىيە سودىسى ئىسچوتى ئېچىپ، ئاكسىيە ئېلىپ سېتىشنى شۇ ئاكسىيە شىركىتىگە قەغەز يۈزىدە، تېلېفوندا ۋە باشقا ئۇسۇلدا ھاۋالە قىلىشى كېرەك.

112 – ماددا ئاكسىيە شىركىتى مەبلەغ سالغۇچىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، ئاكسىيە سودىسى قائىدىسى بويىچە، سودا مەلۇماتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاكسىيە بىرژىسى سورۇنىدىكى كۆجۈم سودىغا قاتنىشىدۇ ھەمدە پۇتۈشۈش نەتىجىسىگە قاراپ، مۇناسىپ ھېساب ئۈزۈش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ئاكسىيە تىزىملاش – راسچوت قىلىش ئاپپاراتى پۈتۈشۈش نەتىجىسىگە قاراپ، ھېساب ئۈزۈش قائىدىسى بويىچە ئاكسىيە شىركىتى بىلەن بولغان ئاكسىيە ۋە مەبلەغ ھېسابىنى ئۈزىدۇ ھەمدە ئاكسىيە شىركىتىنىڭ مۇئامىلىدارلىرى ئۈچۈن ئاكسىيە تىزىملاپ، ئىسىم يۆتكەش رەسمىيىتى ئۆتەيدۇ.

113 – ماددا ئاكسىيە بىرژىسى ئادىل كۆجۈم سودىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئاكسىيە سودىسى ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى ھەمدە سودا كۈنى بويىچە ئاكسىيە بازىرى ئەھۋالىغا دائىر جەدۋەل تۈزۈپ، ئېلان قىلىشى كېرەك.

ئاكسىيە بىرژىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسىنىڭ ئاكسىيە سودىسى ئەھۋالىنى ئېلان قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

114 – ماددا تاسادىپىي ۋەقەلەر تۈپەيلىدىن نورمال ئاكسىيە سودىسىغا تەسىر يەتكەندە، ئاكسىيە بىرژىسى سودىنى تېخنىكىلىق توختىتىش تەدبىرى قوللانسا بولىدۇ؛ تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان تاسادىپىي ۋەقە تۈپەيلىدىن ياكى ئاكسىيە سودىسىنىڭ نورمال تەرتىپىنى ساقلاش ئۈچۈن، ئاكسىيە بىرژىسى سودىنى ۋاقىتلىق توختىتىشنى قارار قىلسا بولىدۇ.

ئاكسىيە بىرژىسى سودىنى تېخنىكىلىق توختىتىش ياكى سودىنى ۋاقىتلىق توختىتىشنى قارار قىلىشتا، گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش شەرت.

115 – ماددا ئاكسىيە بىرژىسى ئاكسىيە سودىسىنى ۋاقتىدا نازارەت قىلىدۇ ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ تەلىپى بويىچە نورمالسىز سودا ئەھۋالىنى دوكلات قىلىدۇ.

ئاكسىيە بىرژىسى بازارغا سالغۇچى شىركەتنىڭ شۇنىڭدەك ئۇچۇر ئاشكارىلىغۇچىنىڭ ئۇچۇر ئاشكارىلىشىنى نازارەت قىلىپ، ئۇچۇرنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا، توغرا ئاشكارىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

ئاكسىيە بىرژىسى ئېھتىياجغا قاراپ، چوڭ – چوڭ نورمالسىز سودا ئەھۋالى كۆرۈلگەن ئاكسىيە ئىسچوتى ئاچقۇچىلارنىڭ سودىسىنى چەكلىسە بولىدۇ ھەمدە ئۇنى گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

116 – ماددا ئاكسىيە بىرژىسى ئۆزى ئالغان سودا ھەققى، ئەزالىق بەدىلى ۋە ئورۇن ھەققىدىن مەلۇم نىسبەتنى ئاجرىتىپ، خەۋپ – خەتەر فوندى تەسىس قىلىشى كېرەك. خەۋپ – خەتەر فوندىنى ئاكسىيە بىرژىسى كېڭىشى باشقۇرىدۇ.

خەۋپ – خەتەر فوندى ئاجرىتىش كونكرېت نىسبىتىنى ۋە ئۇنى ئىشلىتىش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بەلگىلەيدۇ.

117 – ماددائاكسىيە بىرژىسى خەۋپ – خەتەر فوندىنى ئۆزى ئىسچوت ئاچقان بانكىنىڭ مەخسۇس ئىسچوتىغا كىرگۈزۈپ ساقلىشى كېرەك، ئۇنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلىتىۋېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

118 – ماددائاكسىيە بىرژىسى ئاكسىيەگە دائىر قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار بويىچە بازارغا سېلىش قائىدىسى، سودا قائىدىسى، ئەزالىرىنى باشقۇرۇش قائىدىسى ۋە باشقا ئالاقىدار قائىدىلەرنى چىقىرىشى ھەمدە ئۇنى گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىشى كېرەك.

119 – ماددائاكسىيە بىرژىسىنىڭ مەسئۇلى ۋە باشقا كەسىپكارلىرىدىن ئاكسىيە سودىسىغا ئالاقىدار ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا، ئۆزى ياكى تۇغقانلىرى بىلەن پايدا – زىيان مۇناسىۋىتى بولغانلىرى چەتلەپ تۇرۇشى كېرەك.

120 – مادداقانۇن بويىچە چىقىرىلغان سودا قائىدىسى بويىچە قىلىنغان سودىنىڭ نەتىجىسىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. سودىدا قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار ئۈستىگە ئالىدىغان ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى كەچۈرۈم قىلىشقا بولمايدۇ؛ قائىدىگە خىلاپ سودىدا ئالغان پايدا ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

121 – ماددائاكسىيە بىرژىسىدا ئاكسىيە سودىسى قىلغۇچىلاردىن ئاكسىيە بىرژىسىنىڭ ئالاقىدار سودا قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىغا ئاكسىيە بىرژىسى ئىنتىزام جازاسى بېرىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى بىكار قىلىدۇ ھەم ئاكسىيە بىرژىسىدا سودا قىلىشىنى مەنئى قىلىدۇ.

6 – باب ئاكسىيە شىركىتى

122 – ماددائاكسىيە شىركىتى قۇرۇشنى گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى شەرت. ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئاكسىيە كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

123 – ماددابۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئاكسىيە شىركىتى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى›› ۋە مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە قۇرۇلۇپ، ئاكسىيە كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ياكى پاي چەكلىك شىركىتىنى كۆرسىتىدۇ.

124 – ماددائاكسىيە شىركىتى قۇرۇشتا تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك:

(1) قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان شىركەت نىزامنامىسى بولۇش؛

(2) ئاساسلىق پايچىكلىرىنىڭ سىجىل پايدا ئېلىش ئىقتىدارى بولۇش، ئىناۋىتى ياخشى بولۇش، يېقىنقى ئۈچ يىلدا قانۇن – نىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلمىغان بولۇش، ساپ مۈلكى خەلق پۇلى ھېسابىدا 200 مىليون يۈەندىن كەم بولماسلىق؛

(3) مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان رويخەتتىكى كاپىتالى بولۇش؛

(4) مۇدىر، نازارەتچى، ئالىي باشقۇرغۇچىلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتى بولۇش، كەسىپكارلىرى ئاكسىيە كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇش؛

(5) مۇكەممەل بولغان خەۋپ – خەتەر باشقۇرۇش ۋە ئىچكى تىزگىنلەش تۈزۈمى بولۇش؛

(6) ئۆلچەمگە توشىدىغان تىجارەت سورۇنى ۋە كەسىپ ئەسلىھەسى بولۇش؛

(7) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن بەلگىلىگەن باشقا شەرتلەر.

125 – ماددائاكسىيە شىركىتى گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ تەستىقى بىلەن تۆۋەندىكى كەسىپلەرنىڭ بىر قىسمىنى ياكى ھەممىسىنى يولغا قويسا بولىدۇ:

(1) ئاكسىيە ۋاسىتىچىلىكى؛

(2) ئاكسىيە مەبلەغ سېلىش مەسلىھەتچىلىكى؛

(3) ئاكسىيە سودىسى ۋە ئاكسىيە مەبلەغ سېلىش پائالىيىتىگە ئالاقىدار مالىيە مەسلىھەتچىلىكى؛

(4) ئاكسىيە سېتىپ بېرىش ۋە تونۇشتۇرۇش؛

(5) ئاكسىيەنى ئۆزى ئېلىپ – سېتىش؛

(6) ئاكسىيە مۈلكىنى باشقۇرۇش؛

(7) باشقا ئاكسىيە كەسىپلىرى.

126 – ماددائاكسىيە شىركىتىنىڭ نامىدا ئاكسىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ياكى ئاكسىيە پاي چەكلىك شىركىتى دېگەن سۆز بولۇشى شەرت.

127 – ماددائاكسىيە شىركەتلىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 125 – ماددىسىنىڭ 1 ~ 3 – تارماقچىلىرىدىكى كەسىپنى يولغا قويغانلىرىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى خەلق پۇلى ھېسابىدا 50 مىليون يۈەن بولىدۇ؛ 4 ~ 7 – تارماقچىلىرىدىكى كەسىپلەرنىڭ بىرىنى يولغا قويغانلىرىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى خەلق پۇل ھېسابىدا 100 مىليون يۈەن بولىدۇ؛ 4 ~ 7 – تارماقچىلىرىدىكى كەسىپلەرنىڭ ئىككىدىن يۇقىرىنى يولغا قويغانلىرىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى خەلق پۇلى ھېسابىدا 500 مىليون يۈەن بولىدۇ. ئاكسىيە شىركىتىنىڭ رويخەتتىكى كاپىتالى نەق تاپشۇرغان كاپىتال بولۇشى كېرەك.

گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن نازارەت قىلىش پىرىنسىپى ۋە كەسىپلەرنىڭ خەۋپ – خەتەر دەرىجىسىگە قاراپ، رويخەتكە ئالدۇرىدىغان كاپىتالنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىنى تەڭشىسە بولىدۇ، لېكىن ئۇ ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن چەكتىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ.

128 – مادداگوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ئاكسىيە شىركىتى قۇرۇش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي ئىچىدە قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرت ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ ھەمدە ئېھتىياتچانلىق بىلەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە تەكشۈرۈپ، تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىق ھەققىدە قارار چىقىرىشى ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇشى؛ تەستىقلىمىغانلىرىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشى كېرەك.

ئاكسىيە شىركىتى قۇرۇش ئىلتىماسى تەستىقلانغاندا، ئىلتىماس قىلغۇچى شىركەتنى تىزىملىغۇچى ئورگانغا تىزىملاشنى بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە ئىلتىماس قىلىپ، تىجارەت كىنىشكىسى ئېلىشى لازىم.

ئاكسىيە شىركىتى تىجارەت كىنىشكىسى ئالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا ئاكسىيە كەسپى ئىجازەتنامىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. ئاكسىيە شىركىتىنىڭ ئاكسىيە كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىجازەتنامىسى ئالماي تۇرۇپ ئاكسىيە كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

129 – ماددائاكسىيە شىركىتىنى قۇرۇش، سېتىۋېلىش ياكى شۆبە – تارماق ئاپپاراتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، كەسىپ دائىرىسىنى ئۆزگەرتىش رويخەتتىكى كاپىتالىنى كۆپەيتىش شۇنىڭدەك پاي ھوقۇقى قۇرۇلمىسىنى چوڭ ئۆزگەرتىش، رويخەتتىكى كاپىتالىنى ئازايتىش، ئىلكىدە بەشتىن ئارتۇق پاي ھوقۇقى بولغان پايچىكنى ۋە ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىنى ئۆزگەرتىش، شىركەت نىزامنامىسىنىڭ مۇھىم ماددىلىرىنى ئۆزگەرتىش، شىركەتنى قوشۇۋېتىش، ئايرىۋېتىش، ئىشتىن توختىتىش، تارقىتىۋېتىش ۋە ۋەيران قىلىشتا گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىش شەرت.

ئاكسىيە شىركىتى ئاكسىيە تىجارەت ئاپپاراتىنى چېگرا سىرتىدا قۇرۇش، سېتىۋېلىشتا ياكى ئۇنىڭغا پاي قوشۇشتا گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىش شەرت.

130 – مادداگوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ئاكسىيە شىركىتىنىڭ ساپ كاپىتالى، ساپ كاپىتالى بىلەن قەرزنىڭ نىسبىتى، ساپ كاپىتالى بىلەن ساپ مۈلكىنىڭ نىسبىتى، ساپ كاپىتالى بىلەن ئۆزى تىجارەت قىلىش، سېتىپ بېرىش، مۈلۈك باشقۇرۇش قاتارلىق كەسىپ كۆلەملىرىنىڭ نىسبىتى، قەرزى بىلەن ساپ مۈلكىنىڭ نىسبىتى، شۇنىڭدەك كۆچمە مۈلكى بىلەن كۆچمە قەرزىنىڭ نىسبىتى قاتارلىق خەۋپ – خەتەرنى كونترول قىلىش كۆرسەتكۈچلىرى ھەققىدە بەلگىلىمە چىقىرىشى كېرەك.

ئاكسىيە شىركىتى پايچىكلىرى ياكى پايچىكلىرىغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ بەرسە ياكى كېپىل بولسا بولمايدۇ.

131 – ماددائاكسىيە شىركىتىنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى ۋە ئالىي باشقۇرغۇچىسى دۇرۇس، سەمىمىي ۋە پەزىلەتلىك بولۇشى، ئاكسىيەگە دائىر قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملارنى پىششىق بىلىشى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالىغۇدەك ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى ھەمدە ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشتىن ئىلگىرى گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى تەستىقلىغان ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇشى كېرەك.

‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى›› نىڭ 147 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللارنىڭ ياكى تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلار ئاكسىيە شىركىتىدە مۇدىر، نازارەتچى ياكى ئالىي باشقۇرغۇچى بولسا بولمايدۇ:

(1) ئاكسىيە بىرژىسى، ئاكسىيە تىزىملاش – راسچوت قىلىش ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇللىرى ياكى ئاكسىيە شىركىتىنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، ئالىي باشقۇرغۇچىلىرىدىن قانۇنغا ياكى ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشى بولغانلىقى ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغىنىغا بەش يىل بولمىغانلىرى؛

(2) ئادۋوكاتلار، رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلار ياكى مەبلەغ مەسلىھەتچىلىك ئاپپاراتى، مالىيە مەسلىھەتچىلىك ئاپپاراتى، مەبلەغ ئىناۋىتىنى باھالاش ئاپپاراتى، مۈلۈك باھالاش ئاپپاراتى، ئىسپاتلىغۇچى ئاپپاراتنىڭ كەسپىي خادىملىرىدىن قانۇنغا ياكى ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشى بولغانلىقى ئۈچۈن سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلانغىنىغا بەش يىل بولمىغانلىرى.

132 – ماددائاكسىيە بىرژىسى، ئاكسىيە تىزىملاش – راسچوت قىلىش ئاپپاراتى، ئاكسىيە مۇلازىمەت ئاپپاراتى، ئاكسىيە شىركىتىنىڭ كەسىپكارلىرى ۋە دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن قانۇنغا ياكى ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشى بولغانلىقى ئۈچۈن خىزمەتتىن قوغلانغانلىرىنى ئاكسىيە شىركىتىنىڭ كەسىپكارلىقىغا تەكلىپ قىلىشقا بولمايدۇ.

133 – ماددادۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنىڭ ۋە قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا شىركەتتە قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىشى مەنئى قىلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن باشقا خادىملارنىڭ ئاكسىيە شىركىتىدە قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

134 – ماددادۆلەت ئاكسىيەگە مەبلەغ سالغۇچىلارنى قوغداش فوندى تەسىس قىلىدۇ. ئاكسىيەگە مەبلەغ سالغۇچىلارنى قوغداش فوندى ئاكسىيە شىركىتى تاپشۇرغان مەبلەغ ۋە قانۇن بويىچە توپلانغان باشقا مەبلەغلەردىن تەركىب تاپىدۇ، ئۇنى توپلاش، باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

135 – ماددائاكسىيە شىركىتى ھەر يىلى باج تاپشۇرغاندىن كېيىنكى پايدىدىن سودا خەۋپ – خەتەر تەييارلىق فوندى ئاجرىتىپ، ئاكسىيە سودىسىدا كۆرۈلگەن زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشقا ئىشلىتىدۇ، ئۇنىڭ كونكرېت نىسبىتىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى بەلگىلەيدۇ.

136 – ماددائاكسىيە شىركىتى ئىچكى كونترول تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك ئايرىۋېتىش تەدبىرى قوللىنىپ، شىركەت بىلەن مۇئامىلدارلار ئارا، ئوخشاش بولمىغان مۇئامىلىدارلار ئارا مەنپەئەت توقۇنۇشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

ئاكسىيە شىركىتى ئۆزىنىڭ ئاكسىيە ۋاسىتىچىلىك كەسپى، ئاكسىيە سېتىپ بېرىش كەسپى، ئاكسىيەنى ئۆزى ئېلىپ – سېتىش كەسپى ۋە ئاكسىيە مۈلۈك باشقۇرۇش كەسپىنى ئارىلاشتۇرۇۋەتمەي ئايرىۋېتىشى كېرەك.

137 – ماددائاكسىيە شىركىتى ئۆزى ئېلىپ – سېتىش كەسپىنى ئۆز نامىدا قىلىشى شەرت، باشقىلارنىڭ نامىدا ياكى شەخس نامىدا قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

ئاكسىيە شىركىتى ئۆزى ئېلىپ – سېتىش كەسپىدە ئۆزىدىكى مەبلەغنى ۋە قانۇن بويىچە توپلانغان مەبلەغنى ئىشلىتىشى شەرت.

ئاكسىيە شىركىتى ئۆزىنىڭ ئىسچوتىنى باشقىلارغا بېرىپ تۇرسا بولمايدۇ.

138 – ماددائاكسىيە شىركىتى قانۇن بويىچە ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ، ئۇنىڭ قانۇنلۇق تىجارىتى دەخلىسىزدۇر.

139 – ماددائاكسىيە شىركىتى مۇئامىلىدارلارنىڭ سودا راسچوت مەبلىغىنى سودا بانكىسىغا ئامانەت قويۇپ، ھەر بىر مۇئامىلىدارنىڭ نامىدا ئايرىم ئىسچوت ئېچىپ باشقۇرۇشى كېرەك. كونكرېت چارىسى ۋە يولغا قويۇش قەدەم – باسقۇچىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

ئاكسىيە شىركىتى مۇئامىلىدارلارنىڭ سودا راسچوت مەبلىغى ۋە ئاكسىيەسىنى ئۆزىنىڭ مال – مۈلكىگە قوشۇۋالسا بولمايدۇ، ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ مۇئامىلىدارلارنىڭ سودا راسچوت مەبلىغى ۋە ئاكسىيەسىنى ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلىتىۋېلىشى مەنئى قىلىنىدۇ. ئاكسىيە شىركىتىنى ۋەيران قىلغان ۋە ھېساباتىنى ئېنىقلىغاندا، مۇئامىلىدارلارنىڭ سودا راسچوت مەبلىغى ۋە ئاكسىيەسى ئۇلارنىڭ ۋەيران قىلىنىدىغان مال – مۈلۈك ياكى ھېسابات ئېنىقلىنىدىغان مال – مۈلۈككە كىرمەيدۇ. مۇئامىلىدارنىڭ قەرزى بولمىغان ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋال بولمىغاندا، ئۇلارنىڭ سودا راسچوت مەبلىغى ۋە ئاكسىيەسىنى پېچەتلەشكە، توڭلىتىۋېتىشكە، تۇتۇپ قېلىپ ئاغدۇرۇپ بېرىشكە ياكى مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشقا بولمايدۇ.

140 – ماددائاكسىيە شىركىتى ۋاسىتىچىلىك قىلىشتا، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن، بىر تۇتاش ئىشلەنگەن ئاكسىيە ئېلىپ سېتىش ھاۋالىنامىسىنى تەييارلاپ قويۇشى كېرەك. باشقا ھاۋالە ئۇسۇلىنى قوللانغۇچىلار ھاۋالە خاتىرىسى يېزىشى شەرت.

مۇئامىلىدارلار ئاكسىيە ئېلىپ سېتىشنى ھاۋالە قىلىشتا، سودىنىڭ پۈتۈش – پۈتمەسلىكىدىن قەتئىينەزەر، ھاۋالە خاتىرىسىنى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە ئاكسىيە شىركىتىنىڭ ساقلىشىغا بېرىشى كېرەك.

141 – ماددائاكسىيە شىركىتى ئاكسىيە ئېلىپ – سېتىش ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ھاۋالىنامىگە يېزىلغان ئاكسىيە نامى، ئېلىپ – سېتىش مىقدارى، باھا قويۇش ئۇسۇلى، باھا دائىرىسى قاتارلىقلارغا قاراپ، سودا قائىدىسى بويىچە ئاكسىيەنى ۋاكالىتەن ئېلىپ – سېتىپ، ئەينەن خاتىرە قالدۇرۇشى؛ سودا پۈتكەندىن كېيىن، بەلگىلىمە بويىچە سودا پۈتكەنلىك مەلۇمات تالونى تەييارلاپ، مۇئامىلىدارغا بېرىشى كېرەك.

ئاكسىيە سودىسىدا سودا ھەرىكىتى ۋە سودا نەتىجىسى مۇئەييەنلەشتۈرۈلىدىغان ھېساب سېلىشتۇرۇش تالونى راست بولۇشى ھەمدە ئۇنى سودا قىلغۇچىلاردىن باشقا تەكشۈرگۈچىلەر بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ چىقىپ، ھېسابتىكى قالدۇق ئاكسىيە بىلەن ئەمەلىيەتتە ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغان ئاكسىيەنىڭ بىردەك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى شەرت.

142 – ماددائاكسىيە شىركىتى مۇئامىلىدارنىڭ ئاكسىيە سودىسى ئۈچۈن مەبلەغ ۋە ئاكسىيە يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتى قىلىشتا، گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىشى ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىشى كېرەك.

143 – ماددائاكسىيە شىركىتى ۋاسىتىچىلىك قىلىشتا، مۇئامىلىدارلارنىڭ ئاكسىيە سودىسى قىلىش، ئاكسىيە تۈرىنى تاللاشنى قارار قىلىش، ئېلىپ – سېتىش سانىنى ياكى باھاسىنى بەلگىلەش ھەققىدە قىلغان تولۇق ھوقۇقلۇق ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلسا بولمايدۇ.

144 – ماددائاكسىيە شىركىتى ئاكسىيەنى ئېلىپ – سېتىشتىن پايدىغا ئېرىشتۈرىمەن دەپ ياكى زىيان تارتساڭلار تۆلەپ بېرىمەن دەپ مۇئامىلىدارلارغا ھەرقانداق شەكىلدە ۋەدە بەرسە بولمايدۇ.

145 – ماددائاكسىيە شىركىتىنىڭ ۋە ئۇنىڭ كەسىپكارلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ قانۇن بويىچە تەسىس قىلىنغان تىجارەت سورۇنىدىن باشقا يەردە مۇئامىلىدارنىڭ ئاكسىيە ئېلىپ – ېتىش توغرىسىدىكى ھاۋالىسىنى ئاستىرىتتىن قوبۇل قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

146 – ماددائاكسىيە شىركىتىنىڭ كەسىپكارلىرىدىن ئاكسىيە سودىسىدا ئۆزى قاراشلىق ئاكسىيە شىركىتىنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىپ ياكى ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ سودا قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىنىڭ بارلىق جاۋابكارلىقىنى ئۇ قاراشلىق ئاكسىيە شىركىتى ئۈستىگە ئالىدۇ.

147 – ماددائاكسىيە شىركىتى مۇئامىلىدارلارنىڭ ئىسچوت ئېچىش ماتېرىيالى، ھاۋالە خاتىرىسى، سودا خاتىرىسى ۋە ئىچكى باشقۇرۇش، كەسپىي تىجارەتكە دائىر ماتېرىياللىرىنى ئوبدان ساقلىشى كېرەك، ھەر قانداق كىشىنىڭ ئۇنى يوشۇرۇشىغا، ياسىۋېلىشىغا، ئۆزگەرتىۋېتىشىگە ياكى يوقىتىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ، يۇقىرىقى ماتېرىياللارنىڭ ساقلىنىش مۇددىتى 20 يىلدىن كەم بولمايدۇ.

148 – ماددائاكسىيە شىركىتى بەلگىلىمە بويىچە گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا كەسىپ، مالىيە باشقۇرۇش قاتارلىق ئىگىلىك باشقۇرۇش ئۇچۇرلىرى ۋە ماتېرىياللىرىنى يوللىشى كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ئاكسىيە شىركىتى ۋە ئۇنىڭ پايچىكلىرى، ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىلىرىدىن ئالاقىدار ئۇچۇر ۋە ماتېرىياللارنى بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

ئاكسىيە شىركىتى ۋە ئۇنىڭ پايچىكلىرى، ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىلارنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا يوللىغان ياكى بەرگەن ئۇچۇر ۋە ماتېرىياللىرى راست، توغرا، مۇكەممەل بولۇشى شەرت.

149 – مادداگوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى زۆرۈر تاپقاندا ئاكسىيە شىركىتىنىڭ مالىيە ئەھۋالى، ئىچكى كونترول قىلىنىش ئەھۋالى ۋە مۈلۈك قىممىتىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش ياكى باھالاشنى بوغالتىرلىق ئىش ئورنى ۋە مۈلۈك باھالاش ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ، كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ.

150 – ماددائاكسىيە شىركەتلىرىدىن ساپ كاپىتالى ياكى باشقا خەۋپ – خەتەر كونترول كۆرسەتكۈچى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولمىغانلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەن ياكى قىلمىشى شۇ شىركەتنىڭ ساغلام ھەرىكىتىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزگەن، مۇئامىلىدارلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىرىگە گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ئەھۋالىنى پەرقلەندۈرۈپ تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ:

(1) كەسپىي پائالىيىتىنى چەكلەش، قىسمەن كەسىپنى ۋاقتىنچە توختىتىشقا بۇيرۇش، يېڭى كەسىپنى تەستىقلاشنى توختىتىش؛

(2) تىجارەت خاراكتېرلىك شۆبە – تارماق ئاپپاراتلارنى كۆپەيتىپ قۇرۇش ۋە سېتىۋېلىشنى تەستىقلاشنى توختىتىش؛

(3) پايدا تەقسىم قىلىشنى چەكلەش، مۇدىر، نازارەتچى، ئالىي باشقۇرغۇچىغا ئىش ھەققى ۋە پاراۋانلىق تەمىناتى بېرىشنى چەكلەش؛

(4) مال – مۈلۈكنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ياكى مال – مۈلۈك ھەققىدە باشقا ھوقۇق بەلگىلەشنى چەكلەش؛

(5) مۇدىر، نازارەتچى، ئالىي باشقۇرغۇچىلارنى ئالماشتۇرۇشقا بۇيرۇش ياكى ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى چەكلەش؛

(6) پاي كونترول قىلغۇچى پايچىكلارنى پاي ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بۇيرۇش ياكى ئالاقىدار پايچىكلارنىڭ پايچىكلىق ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىنى چەكلەش؛

(7) ئالاقىدار كەسىپ ئىجازىتىنى بىكار قىلىش.

ئاكسىيە شىركىتى تۈزەتكەندىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا دوكلات سۇنۇشى كېرەك، گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك خەۋپ – خەتەر كونترول كۆرسەتكۈچىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلارغا قوللانغان ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئالاقىدار تەدبىرلەرنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئاخىرلاشقان كۈندىن باشلاپ ئۈچ كۈن ئىچىدە بىكار قىلىشى كېرەك.

151 – ماددائاكسىيە شىركىتىنىڭ پايچىكلىرىدىن ساختا مەبلەغ چىقارغان، چىقارغان مەبلىغىنى قايتۇرۇۋالغانلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە ئىلكىدىكى ئاكسىيە شىركىتى پاي ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بۇيرۇسا بولىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن پايچىكلار قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى تەلەپ بويىچە تۈزىتىشتىن ۋە ئىلكىدىكى ئاكسىيە شىركىتى پاي ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتىن ئىلگىرى، گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ئۇلارنىڭ پايچىكلىق ھوقۇقىغا چەك قويسا بولىدۇ.

152 – ماددائاكسىيە شىركىتىنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى ۋە ئالىي باشقۇرغۇچىلىرىدىن مەسئۇلىيىتىنى تىرىشىپ ئادا قىلماي، شىركەتتە قانۇن – نىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپ قىلمىش ياكى چوڭ خەۋپ – خەتەر تۇغۇلۇشقا سەۋەبچى بولغانلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى بىكار قىلسا ھەمدە شىركەتنى شۇلارنى ئالماشتۇرۇۋېتىشكە بۇيرۇسا بولىدۇ.

153 – ماددائاكسىيە شىركەتلىرىدىن قانۇنغا خىلاپ تىجارەت قىلىپ ياكى چوڭ خەۋپ – خەتەر پەيدا قىلىپ، ئاكسىيە بازىرى تەرتىپىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزگەن، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سالغانلىرىغا گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇش، باشقا ئاپپاراتنىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرۇشىنى بەلگىلەش، ئۆتكۈزۈۋېلىش ياكى بىكار قىلىش قاتارلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللانسا بولىدۇ.

154 – ماددائاكسىيە شىركىتى ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلغان، ۋاكالىتەن باشقۇرۇلۇشى، ئۆتكۈزۈۋېلىنىشى قانۇن بويىچە بەلگىلەنگەن ياكى ھېساباتى ئېنىقلىنىۋاتقان مەزگىلدە ياكى چوڭ خەۋپ – خەتەر كۆرۈلگەندە، گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ تەستىقى بىلەن شۇ شىركەتكە بىۋاسىتە مەسئۇل مۇدىر، نازارەتچى، ئالىي باشقۇرغۇچى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا بولىدۇ:

(1) چېگرادىن چىقىشنى باشقۇرغۇچى ئورگانغا چېگرادىن چىقىشنى قانۇن بويىچە توسۇشنى ئۇقتۇرۇش؛

(2) قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگانغا مال – مۈلۈكنى يۆتكىۋېتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ياكى باشقا يوللار بىلەن بىر تەرەپ قىلىۋېتىشنى ۋە ياكى مال – مۈلۈك جەھەتتە باشقا ھوقۇقلارنى بەلگىلەشنى مەنئى قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش.

7 – باب ئاكسىيە تىزىملاش – راسچوت قىلىش ئاپپاراتى

155 – ماددائاكسىيە تىزىملاش – راسچوت قىلىش ئاپپاراتى ئاكسىيە سودىسىدا يىغىپ تىزىملاش، ساقلاپ بېرىش ۋە راسچوت قىلىش مۇلازىمىتى قىلىدىغان، پايدا ئېلىشنى كۆزلىمەيدىغان قانۇنىي ئىگىدۇر.

ئاكسىيە تىزىملاش – راسچوت قىلىش ئاپپاراتىنى تەسىس قىلىشتا، گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىش شەرت.

156 – ماددائاكسىيە تىزىملاش – راسچوت قىلىش ئاپپاراتىنى تەسىس قىلىشتا تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك:

(1) ئۆز مەبلىغى خەلق پۇلى ھېسابىدا 200 مىليون يۈەندىن كەم بولماسلىق؛

(2) ئاكسىيە تىزىملاش، ساقلاپ بېرىش ۋە راسچوت قىلىش مۇلازىمىتى ئۈچۈن زۆرۈر سورۇنى ۋە ئەسلىھەسى بولۇش؛

(3) ئاساسلىق باشقۇرغۇچىلىرى ۋە كەسىپكارلىرى ئاكسىيە كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇش؛

(4) گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى بەلگىلىگەن باشقا شەرتلەر.

ئاكسىيە تىزىملاش – راسچوت قىلىش ئاپپاراتىنىڭ نامىدا ئاكسىيە تىزىملاش – راسچوت قىلىش دېگەن سۆز بولۇشى كېرەك.

157 – ماددائاكسىيە تىزىملاش – راسچوت قىلىش ئاپپاراتى تۆۋەندىكى فۇنكسىيەلەرنى يۈرگۈزىدۇ:

(1) ئاكسىيە ئىسچوتى، راسچوت ئىسچوتى تەسىس قىلىش؛

(2) ئاكسىيەنى ساقلاپ بېرىش ۋە ئىسىم يۆتكەش؛

(3) ئاكسىيە ئىگىسىنىڭ ئىسىملىكىنى تىزىملاش؛

(4) ئاكسىيە بىرژىسى بازارغا سالغان ئاكسىيەنىڭ سودا ھېسابىنى ئۈزۈش ۋە ئۇنى ئۆتكۈزۈش – ئۆتكۈزۈۋېلىش؛

(5) تارقاتقۇچىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئاكسىيە ھوقۇق – مەنپەئىتى بېرىش؛

(6) يۇقىرىدا ئېيتىلغان كەسىپلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى سۈرۈشتۈرۈپ بېرىش؛

(7) گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى تەستىقلىغان باشقا كەسىپلەر.

158 – ماددائاكسىيە تىزىملاش – راسچوت قىلىشتا، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن تىجارەت ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.

ئاكسىيە تىزىملاش – راسچوت قىلىش ئاپپاراتىنىڭ نىزامنامىسى، كەسىپ قائىدىسىنى قانۇن بويىچە چىقىرىش ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىش كېرەك.

159 – ماددائاكسىيە ئىگىسى ئىلكىدىكى ئاكسىيەنى بازارغا سېلىشتا، ئاكسىيە تىزىملاش – راسچوت قىلىش ئاپپاراتىنىڭ ساقلىشىغا بېرىشى كېرەك.

ئاكسىيە تىزىملاش – راسچوت قىلىش ئاپپاراتى مۇئامىلىدارنىڭ ئاكسىيەسىنى ئىشلىتىۋالسا بولمايدۇ.

160 – ماددائاكسىيە تىزىملاش – راسچوت قىلىش ئاپپاراتى ئاكسىيە تارقاتقۇچىغا ئاكسىيە ئىگىسىنىڭ ئىسىملىكىنى ۋە ئالاقىدار ماتېرىيالىنى بېرىشى لازىم.

ئاكسىيە تىزىملاش – راسچوت قىلىش ئاپپاراتى ئاكسىيەنى تىزىملاش – راسچوت قىلىش نەتىجىسىگە قاراپ، ئاكسىيە ئىگىسىنىڭ ئاكسىيەنى ئىلكىدە تۇتقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئاكسىيە ئىگىسىگە تىزىملاش ماتېرىيالى بېرىشى كېرەك.

ئاكسىيە تىزىملاش – راسچوت قىلىش ئاپپاراتى ئاكسىيە ئىگىسى ئىسىملىكىنىڭ ۋە تىزىملاش، ئىسىم يۆتكەش خاتىرىسىنىڭ راست، توغرا، مۇكەممەل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، ئۇنى يوشۇرۇشقا، ياسىۋېلىشقا، ئۆزگەرتىۋېتىشكە ياكى بۇزۇۋېتىشكە بولمايدۇ.

161 – ماددائاكسىيە تىزىملاش – راسچوت قىلىش ئاپپاراتى تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كەسىپنىڭ نورمال يۈرۈشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك:

(1) زۆرۈر مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى ۋە سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا دائىر مۇكەممەل تەدبىرى بولۇش؛

(2) كەسىپ، مالىيە ۋە بىخەتەرلىك – ئېھتىيات قاتارلىقلارغا دائىر مۇكەممەل باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى ئورنىتىش؛

(3) خەۋپ – خەتەر ئىشلىرىنى باشقۇرۇش بويىچە مۇكەممەل سىستېما بەرپا قىلىش.

162 – ماددائاكسىيە تىزىملاش – راسچوت قىلىش ئاپپاراتى تىزىملاش، ساقلاپ بېرىش ۋە راسچوت قىلىشقا دائىر ئەسلىي ئىسپاتلار، ئالاقىدار ھۆججەتلەر ۋە ماتېرىياللارنى ئوبدان ساقلىشى كېرەك. ئۇلارنى ساقلاش مۇددىتى 20 يىلدىن كەم بولمايدۇ.

163 – ماددائاكسىيە تىزىملاش – راسچوت قىلىش ئاپپاراتى ئاكسىيە راسچوت خەۋپ – خەتەر فوندى تەسىس قىلىپ، ئۇنى پۈتۈمگە خىلاپ ئېلىش – بېرىش، تېخنىكىلىق چاتاق، مەشغۇلات سەۋەنلىكى ۋە تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان كۈچ سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئاكسىيە تىزىملاش – راسچوت قىلىش ئاپپاراتىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن بېرىپ تۇرۇش ياكى بۇ زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشقا ئىشلىتىشى كېرەك.

ئاكسىيە راسچوت خەۋپ – خەتەر فوندى ئاكسىيە تىزىملاش – راسچوت قىلىش ئاپپاراتىنىڭ كەسپىي كىرىمى ۋە پايدىسىدىن ئېلىنىدۇ ھەمدە ئۇنى راسچوتقا قاتناشقۇچىلار ئاكسىيە سودىسى تىجارەت مىقدارىنىڭ مەلۇم نىسبىتى بويىچە تاپشۇرسا بولىدۇ.

ئاكسىيە راسچوت خەۋپ – خەتەر فوندىنى توپلاش، باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بەلگىلەيدۇ.

164 – ماددائاكسىيە راسچوت خەۋپ – خەتەر فوندىنى بېكىتىلگەن بانكىنىڭ مەخسۇس ئىسچوتىغا ئامانەت قويۇپ، مەخسۇس باشقۇرۇش كېرەك.

ئاكسىيە تىزىملاش – راسچوت قىلىش ئاپپاراتى زىياننى ئاكسىيە راسچوت خەۋپ – خەتەر فوندى بىلەن تۆلىگەندىن كېيىن، ئالاقىدار جاۋابكارلاردىن تۆلىتىۋېلىشى كېرەك.

165 – ماددائاكسىيە تىزىملاش – راسچوت قىلىش ئاپپاراتى تارقىلىپ كېتىشنى ئىلتىماس قىلسا، گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىش كېرەك.

166 – ماددامەبلەغ سالغۇچى ئاكسىيە شىركىتىگە ئاكسىيە سودىسى قىلىشنى ھاۋالە قىلىشتا، ئاكسىيە ئىسچوتى ئېچىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. ئاكسىيە تىزىملاش، راسچوت قىلىش ئاپپاراتى مەبلەغ سالغۇچىنىڭ نامىدا ئۇنىڭغا بەلگىلىمە بويىچە ئاكسىيە ئىسچوتى ئېچىپ بېرىشى كېرەك.

مەبلەغ سالغۇچىلاردىن ئىسچوت ئېچىشنى ئىلتىماس قىلغانلىرىنىڭ قولىدا جۇڭگو پۇقراسىلىق سالاھىيىتى ياكى جۇڭگونىڭ قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتىنى ئىسپاتلايدىغان قانۇنلۇق گۇۋاھنامىسى بولۇشى شەرت. دۆلەتنىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

167 – ماددائاكسىيە تىزىملاش – راسچوت قىلىش ئاپپاراتى ئاكسىيە سودىسى ئۈچۈن ساپ سوممىلىق راسچوت مۇلازىمىتى قىلىشتا، راسچوتقا قاتناشقۇچىدىن مالغا قاراپ پۇل بېرىش پىرىنسىپى بويىچە، ئاكسىيە ۋە مەبلەغنى تولۇق تاپشۇرۇشى ھەمدە ئېلىش – بېرىش كېپىللىكى بېرىشى كېرەك.

ئېلىش – بېرىش تاماملىنىشتىن ئىلگىرى ھەر قانداق كىشىنىڭ ئېلىش – بېرىشكە ئىشلىتىلىدىغان ئاكسىيە، مەبلەغ ۋە كېپىللىك بۇيۇمىنى ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

راسچوتقا قاتناشقۇچى ئېلىش – بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ۋاقتىدا ئادا قىلمىسا، ئاكسىيە تىزىملاش – راسچوت قىلىش ئاپپاراتى ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان مال – مۈلۈكنى كەسىپ قائىدىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

168 – ماددائاكسىيە تىزىملاش – راسچوت قىلىش ئاپپاراتى كەسىپ قائىدىسى بويىچە ئالغان راسچوت مەبلەغ ۋە ئاكسىيەلەرنى مەخسۇس راسچوت ئىسچوتىغا ئامانەت قويۇشى شەرت، ئۇنى كەسىپ قائىدىسى بويىچە پۈتۈشۈپ بولغان ئاكسىيە سودىسىدا راسچوت قىلىپ ھېساب ئۈزۈشكە ئىشلىتىشكە بولىدۇ، مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشقا بولمايدۇ.

8 – باب ئاكسىيە مۇلازىمەت ئاپپاراتى

169 – ماددامەبلەغ مەسلىھەتچىلىك ئاپپاراتى، مالىيە مەسلىھەتچىلىك ئاپپاراتى، مەبلەغ ئىناۋىتىنى باھالاش ئاپپاراتى، مۈلۈك باھالاش ئاپپاراتى ۋە بوغالتىرلىق ئورنى ئاكسىيە مۇلازىمەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشتا، گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا ۋە مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماققا تەستىقلىتىش شەرت.

مەبلەغ مەسلىھەتچىلىك ئاپپاراتى، مالىيە مەسلىھەتچىلىك ئاپپاراتى، مەبلەغ ئىناۋىتىنى باھالاش ئاپپاراتى، مۈلۈك باھالاش ئاپپاراتى ۋە بوغالتىرلىق ئورنىنىڭ ئاكسىيە مۇلازىمەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى تەستىقلاش ۋە باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى بىلەن ئالاقىدار مەسئۇل تارماق تۈزىدۇ.

170 – ماددامەبلەغ مەسلىھەتچىلىك ئاپپاراتى، مالىيە مەسلىھەتچىلىك ئاپپاراتى، مەبلەغ ئىناۋىتىنى باھالاش ئاپپاراتىدىكى ئاكسىيە مۇلازىمەت كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئاكسىيە كەسپىي بىلىمىنى ھازىرلىشى ۋە ئاكسىيە كەسپى بىلەن ياكى ئاكسىيە مۇلازىمەت كەسپى بىلەن شۇغۇللانغىنىغا ئىككى يىلدىن ئاشقان بولۇشى شەرت. ئۇلارنىڭ ئاكسىيە كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتىنى بېكىتىش ئۆلچىمى ۋە باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى تۈزىدۇ.

171 – ماددامەبلەغ مەسلىھەتچىلىك ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ كەسىپكارلىرىنىڭ ئاكسىيە مۇلازىمەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشتا تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەرنى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ:

(1) ھاۋالە قىلغۇچىغا ۋاكالىتەن ئاكسىيەگە مەبلەغ سېلىش؛

(2) ھاۋالە قىلغۇچى بىلەن ئاكسىيەگە مەبلەغ سېلىشتىن ئېرىشكەن پايدىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ياكى ئاكسىيەگە مەبلەغ سېلىشتىن بولغان زىياننى تەڭ ئۈستىگە ئېلىشىنى پۈتۈشۈش؛

(3) ئۆز مەسلىھەتچىلىك ئاپپاراتى مۇلازىمەت قىلىدىغان، بازارغا سالغۇچى شىركەتنىڭ پاي چېكىنى ئېلىپ سېتىش؛

(4) تارقىتىش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن ساختا ئۇچۇرلارنى ياكى مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئازدۇرىدىغان ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈش ۋە تارقىتىش؛

(5) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا مەنئى قىلىنغان باشقا ھەرىكەتلەر.

ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ھەرىكەتلەرنىڭ بىرىنى قىلىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارغا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

172 – ماددائاكسىيە مۇلازىمەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مەبلەغ مەسلىھەتچىلىك ئاپپاراتى ۋە مەبلەغ ئىناۋىتىنى باھالاش ئاپپاراتى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن ئۆلچەم ياكى ھەق ئېلىش چارىسى بويىچە مۇلازىمەت ھەققى ئېلىشى لازىم.

173 – ماددائاكسىيە مۇلازىمەت ئاپپاراتى ئاكسىيە تارقىتىش، بازارغا سېلىش، ئاكسىيە سودىسى قىلىش قاتارلىق كەسپىي پائالىيەت ئۈچۈن ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتى، مۈلۈك باھالاش دوكلاتى، مالىيە مەسلىھەتچىلىك دوكلاتى، مەبلەغ ئىناۋىتىنى باھالاش دوكلاتى ياكى قانۇن پىكىرنامىسى قاتارلىق ھۆججەتلەرنى تەييارلاش ۋە چىقىرىشتا مەسئۇلىيىتىنى تىرىشىپ ئادا قىلىپ، ئاساسلانغان ھۆججەت، ماتېرىياللارنىڭ مەزمۇنىنىڭ راستلىقى، توغرىلىقى ۋە مۇكەممەللىكىنى تەكشۈرۈشى ۋە ئىسپاتلىشى كېرەك. تەييارلىغان ۋە چىقارغان ھۆججەتتە ساختىلىق قىلىپ، ئازدۇرما بايان قىلىپ ياكى مۇھىم مەزمۇننى چۈشۈرۈپ قويۇپ، باشقىلارغا زىيان سالغانلار تارقاتقۇچى ۋە بازارغا سالغۇچى شىركەت بىلەن بىرلىكتە چاتما تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، لېكىن ئۆزىدە خاتالىق يوقلۇقىنى ئىسپاتلىيالايدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

9 – باب ئاكسىيەچىلىك جەمئىيىتى

174 – ماددائاكسىيەچىلىك جەمئىيىتى ئاكسىيەچىلىكتىكى ئۆز – ئۆزىنى باشقۇرىدىغان تەشكىلات شۇنداقلا ئىجتىمائىي تەشكىلات تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىدۇر.

ئاكسىيە شىركىتى ئاكسىيەچىلىك جەمئىيىتىگە قاتنىشىشى كېرەك.

ئاكسىيەچىلىك جەمئىيىتىنىڭ بارلىق ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان ئەزالار يىغىنى ئاكسىيەچىلىك جەمئىيىتىنىڭ ھوقۇقلۇق ئاپپاراتىدۇر.

175 – ماددائاكسىيەچىلىك جەمئىيىتىنىڭ نىزامنامىسىنى ئەزالار يىغىنى چىقىرىدۇ ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

176 – ماددائاكسىيەچىلىك جەمئىيىتى تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىدۇ:

(1) ئەزالارنى ئاكسىيەگە دائىر قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا رىئايە قىلىشقا تەشكىللەش ۋە تەربىيەلەش؛

(2) ئەزالارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداش، ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا ئەزالارنىڭ تەكلىپ ۋە تەلەپلىرىنى ئىنكاس قىلىش؛

(3) ئاكسىيەگە دائىر ئۇچۇرلارنى يىغىپ، رەتلەپ، ئەزالار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش؛

(4) ئەزالار ئەمەل قىلىدىغان قائىدىلەرنى تۈزۈش، ئەزا ئورۇنلاردىكى كەسىپكارلارنى كەسىپ جەھەتتىن تەربىيەلەشكە تەشكىللەش، ئەزالار ئارا كەسپىي ئالاقىنى قانات يايدۇرۇش؛

(5) ئەزالار ئوتتۇرىسىدا ۋە ئەزالار بىلەن مۇئامىلىدارلار ئوتتۇرىسىدا كېلىپ چىققان ئاكسىيە كەسپىگە دائىر ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىش؛

(6) ئەزالارنى ئاكسىيەچىلىكنىڭ تەرەققىياتى، ھەرىكىتى ۋە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى تەتقىق قىلىشقا تەشكىللەش؛

(7) ئەزالارنىڭ ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىپ ۋە تەكشۈرۈپ، قانۇن، مەمۇرىي نىزام ياكى جەمئىيەت نىزامنامىسىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا بەلگىلىمە بويىچە ئىنتىزام جازاسى بېرىش؛

(8) ئاكسىيەچىلىك جەمئىيىتىنىڭ نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن باشقا مەسئۇلىيەتلەر.

177 – ماددائاكسىيەچىلىك جەمئىيىتى كېڭەش تەسىس قىلىدۇ. كېڭەش ئەزالىرى نىزامنامىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.

10 – باب ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى

178 – مادداگوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ئاكسىيە بازىرىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ، ئاكسىيە بازىرىنىڭ تەرتىپىنى ساقلايدۇ، ئۇنىڭ قانۇنلۇق ھەرىكىتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

179 – مادداگوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ئاكسىيە بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش جەريانىدا تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىدۇ:

(1) ئاكسىيە بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا دائىر قائىدىلەرنى قانۇن بويىچە چىقىرىش ھەمدە تەستىقلاش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش؛

(2) ئاكسىيەنى تارقىتىش، بازارغا سېلىش، ئاكسىيە سودىسى قىلىش، تىزىملاش، ساقلاپ بېرىش، راسچوت قىلىش ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش؛

(3) ئاكسىيە تارقاتقۇچى، بازارغا سالغۇچى شىركەت، ئاكسىيە شىركىتى، ئاكسىيە مەبلەغ فوندىنى باشقۇرۇش شىركىتى، ئاكسىيە مۇلازىمەت ئاپپاراتى، ئاكسىيە بىرژىسى، ئاكسىيە تىزىملاش – راسچوت قىلىش ئاپپاراتىنىڭ ئاكسىيە كەسپى پائالىيەتلىرىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش؛

(4) ئاكسىيە كەسپىي خادىملىرىنىڭ سالاھىيەت ئۆلچىمى ۋە ھەرىكەت مىزانىنى قانۇن بويىچە تۈزۈش ھەمدە ئۇنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى نازارەت قىلىش؛

(5) ئاكسىيەنى تارقىتىش، بازارغا سېلىش ۋە ئاكسىيە سودىسىغا دائىر ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈش؛

(6) ئاكسىيەچىلىك جەمئىيىتىنىڭ پائالىيىتىگە قانۇن بويىچە يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىك قىلىش؛

(7) ئاكسىيە بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش؛

(8) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا مەسئۇلىيەتلەر.

گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى باشقا دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى بىلەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھەمكارلىق مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، چېگرا ھالقىپ نازارەت قىلىپ باشقۇرسا بولىدۇ.

180 – مادداگوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشتا، تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا ھوقۇقلۇق:

(1) ئاكسىيە تارقاتقۇچى، بازارغا سالغۇچى شىركەت، ئاكسىيە شىركىتى، ئاكسىيە مەبلەغ فوندىنى باشقۇرۇش شىركىتى، ئاكسىيە مۇلازىمەت ئاپپاراتى، ئاكسىيە بىرژىسى ۋە ئاكسىيە تىزىملاش – راسچوت قىلىش ئاپپاراتىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈش؛

(2) قانۇنغا خىلاپ قىلمىش يۈز بەرگەن ئورۇنغا كىرىپ تەكشۈرۈپ ئىسپات ئېلىش؛

(3) ئالاقىدارلاردىن ۋە تەكشۈرۈلىدىغان ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە شەخستىن سۈرۈشتۈرۈپ، ئۇلاردىن تەكشۈرۈلىدىغان ۋەقەگە دائىر ئىشلار ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلىش؛

(4) تەكشۈرۈلىدىغان ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك مال – مۈلۈك ھوقۇقىنى تىزىملاش، خەۋەرلىشىش خاتىرىسى قاتارلىق ماتېرىياللارنى كۆرۈش ۋە كۆپەيتىش؛

(5) ئالاقىدارلارغا ۋە تەكشۈرۈلىدىغان ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئاكسىيە سودا خاتىرىسى، ئىسم يۆتكەش خاتىرىسى، مالىيە – بوغالتىرلىق ماتېرىيالى ۋە باشقا ئالاقىدار ھۆججەت، ماتېرىياللارنى كۆرۈش، كۆپەيتىش؛ يۆتكىۋېتىش، يوشۇرۇش ياكى بۇزۇۋېتىش ئېھتىمالى بولغان ھۆججەت، ماتېرىياللارنى پېچەتلىۋەتسە بولىدۇ؛

(6) ئالاقىدارلارغا ۋە تەكشۈرۈلىدىغان ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە شەخسنىڭ مەبلەغ ئىسچوتى، ئاكسىيە ئىسچوتى ۋە بانكا ئىسچوتىنى تەكشۈرۈش؛ قانۇنغا خىلاپ مەبلەغ ۋە ئاكسىيە قاتارلىق دېلوغا چېتىشلىق مال – مۈلۈكنى يۆتكىۋەتكەن ياكى يۆتكىۋېتىش ياكى يوشۇرۇش ئېھتىمالى بولغان ۋە ياكى مۇھىم دەلىل – ئىسپاتنى يوشۇرغان، ياسىۋالغان، بۇزۇۋەتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل – ئىسپات بارلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن توڭلىتىۋەتسە ياكى پېچەتلىۋەتسە بولىدۇ.

(7) ئاكسىيە بازىرىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىش، يەڭ سودىسى قىلىش قاتارلىق ئاكسىيەگە دائىر قانۇنغا خىلاپ چوڭ – چوڭ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈشتە، گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن تەكشۈرۈلىدىغان ۋەقەدىكى ئالاقىدارلارنىڭ ئاكسىيە ئېلىپ – سېتىشىنى چەكلەشكە بولىدۇ، لېكىن، چەكلەش مۇددىتىنى 15 سودا كۈنىدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ؛ دېلو ئەھۋالى مۇرەككەپ بولسا، يەنە 15 سودا كۈنى ئۇزارتىشقا بولىدۇ.

181 – مادداگوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، نازارەت قىلىپ تەكشۈرگەندە، نازارەت قىلىپ تەكشۈرگۈچىلىرى ئىككىدىن كەم بولسا بولمايدۇ ھەمدە ئۇلار قانۇنلۇق گۇۋاھنامىسىنى ۋە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئۇقتۇرۇشىنى كۆرسىتىشى كېرەك. نازارەت قىلىپ تەكشۈرگۈچىلەر ئىككىدىن كەم بولسا ياكى قانۇنلۇق گۇۋاھنامىسى ۋە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئۇقتۇرۇشىنى كۆرسەتمىسە، تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

182 – مادداگوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ خادىملىرى خىزمىتىگە سادىق بولۇشى، قانۇن بويىچە ئىش قىلىشى، ئادىل – پاك بولۇشى، خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ نامۇۋاپىق پايدا ئالماسلىقى، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ ئۆزى بىلىدىغان سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويماسلىقى شەرت.

183 – مادداگوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلغاندا، تەكشۈرۈلىدىغان ئورۇن ۋە شەخس ئۇنىڭغا ماسلىشىپ، ئالاقىدار ھۆججەت، ماتېرىياللارنى ئەينەن بېرىشى لازىم. ئۇنى رەت قىلىشقا، يوشۇرۇشقا ۋە ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىشقا بولمايدۇ.

184 – مادداگوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى قانۇن بويىچە تۈزگەن قائىدىلەر ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمەت تۈزۈمى ئاشكارا بولۇشى كېرەك.

گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، ئاكسىيەگە دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار ئۈستىدە چىقارغان جازا قارارى ئاشكارا بولۇشى كېرەك.

185 – مادداگوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى گوۋۇيۈەننىڭ باشقا پۇل مۇئامىلە نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى بىلەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇچۇرلىرىدىن ئورتاق پايدىلىنىش مېخانىزمى ئورنىتىشى كېرەك.

گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، نازارەت قىلىپ تەكشۈرگەندە ئالاقىدار تارماقلار ماسلىشىشى كېرەك.

186 – مادداگوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلغاندا، ئاكسىيەگە دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنىڭ جىنايەتكە چېتىلىدىغانلىقىنى سەزسە، دېلونى قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگاننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

187 – مادداگوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى خادىملىرىنىڭ نازارەت قىلىنىدىغان ۋە باشقۇرۇلىدىغان ئاپپاراتتا ۋەزىپە ئۆتۈشىگە يول قويۇلمايدۇ.

11 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

188 – مادداقانۇندا بەلگىلەنگەن ئورگاننىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، ئاكسىيەنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئاشكارا تارقاتقان ياكى باشقىچە يول بىلەن ئاشكارا تارقاتقانلار تارقىتىشنى توختىتىشقا، توپلىغان مەبلىغىنى ھەمدە ئۇنىڭغا قوشۇپ بانكىنىڭ شۇ مەزگىلىدىكى ئامانەت پۇل ئۆسۈمىنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇلىدۇ، قانۇنسىز توپلىغان مەبلەغ سوممىسىنىڭ يۈزدىن بىر پىرسەنتىدىن يۇقىرى، يۈزدىن بەش پىرسەنتىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ئاكسىيەنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئاشكارا تارقىتىپ ياكى باشقىچە يول بىلەن ئاشكارا تارقىتىپ قۇرۇلغان شىركەتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلغۇچى ئاپپارات ياكى تارماق ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە بىكار قىلىدۇ. بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

189 – مادداتارقاتقۇچىلاردىن تارقىتىش شەرتىنى ھازىرلىماي تۇرۇپ، تارقىتىش تەستىقىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ ئاكسىيە تارقاتمىغانلىرىغا 300 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 600 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ئاكسىيەنى تارقاتقانلىرىغا قانۇنسىز توپلىغان مەبلەغ سوممىسىنىڭ يۈزدىن بىر پىرسەنتىدىن يۇقىرى، يۈزدىن بەش پىرسەنتىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. تارقاتقۇچىنىڭ پېيىنى كونترول قىلغان پايچىك ۋە ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىلاردىن ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى سادىر قىلىشقا كۈشكۈرتكەنلىرىگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

190 – ماددائاكسىيە شىركەتلىرىدىن سېتىپ بېرىش ياكى ۋاكالىتەن ئېلىپ – سېتىشنى تەستىقلاتماي تۇرۇپ، ئاكسىيەنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئاشكارا تارقاتقانلىرى سېتىپ بېرىش ياكى ۋاكالىتەن ئېلىپ – سېتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلىرىغا ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 300 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە 300 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 600 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. مەبلەغ سالغۇچىلارغا زىيان سالغانلىرى تارقاتقۇچى بىلەن بىللە چاتما تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتى ياكى ئاكسىيە كەسىپكارلىق سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

191 – ماددائاكسىيە شىركەتلىرىدىن ئاكسىيە سېتىپ بېرىشتە تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە 300 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 600 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ ئالاقىدار كەسپىي ئىجازىتى ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ ياكى بىكار قىلىنىدۇ. باشقا ئاكسىيە سېتىپ بەرگۈچى ئاپپاراتقا ياكى مەبلەغ سالغۇچىلارغا زىيان سالغانلار تۆلەم جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ، قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتى ياكى ئاكسىيە كەسىپكارلىق سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ:

(1) ساختا ئېلان ياكى مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئازدۇرىدىغان ئېلان بېرىش ياكى باشقا تەشۋىقات، تونۇشتۇرۇش ئىشلىرىنى قىلىش؛

(2) سېتىپ بېرىش كەسپىنى ناتوغرا رىقابەت ۋاسىتىسى بىلەن ئېلىۋېلىش؛

(3) ئاكسىيە سېتىپ بېرىش كەسپىگە دائىر بەلگىلىمىگە خىلاپ باشقا قىلمىشلار.

192 – مادداتونۇشتۇرغۇچىلاردىن ساختىلىق قىلىنغان، ئازدۇرما بايان قىلىنغان ياكى مۇھىم مەزمۇنى چۈشۈپ قالغان تونۇشتۇرۇش بەرگەنلىرى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، كەسپىي كىرىمى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە كەسپىي كىرىمىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ ئالاقىدار كەسپىي ئىجازىتى ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ ياكى بىكار قىلىنىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتى ياكى ئاكسىيە كەسىپكارلىق سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ.

193 – مادداتارقاتقۇچىلار، بازارغا سالغۇچى شىركەتلەر ياكى ئۇچۇر ئاشكارىلىغۇچى باشقا كىشىلەردىن ئۇچۇر ئاشكارىلاشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغان ياكى ئاشكارىلىغان ئۇچۇردا ساختىلىق قىلغان، ئازدۇرما بايان قىلغان ياكى مۇھىم مەزمۇننى چۈشۈرۈپ قويغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ. قوشۇمچە 300 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 600 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

تارقاتقۇچىلار، بازارغا سالغۇچى شىركەت ياكى ئۇچۇر ئاشكارىلىغۇچى باشقا كىشىلەردىن مۇناسىۋەتلىك دوكلاتنى بەلگىلىمە بويىچە يوللىمىغان ياكى يوللىغان دوكلاتىدا ساختىلىق قىلغان، ئازدۇرما بايان قىلغان ياكى مۇھىم مەزمۇننى چۈشۈرۈپ قويغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 300 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 600 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

تارقاتقۇچىلار، بازارغا سالغۇچى شىركەتلەر ياكى ئۇچۇر ئاشكارىلىغۇچى باشقا كىشىنىڭ پېيىنى پاي كونترول قىلغۇچى پايچىك ۋە ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىلاردىن ئالدىنقى ئىككى تارماقتا ئېيتىلغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى سادىر قىلىشقا كۈشكۈرتكەنلىرىگە ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

194 – مادداتارقاتقۇچىلار، بازارغا سالغۇچى شىركەتلەردىن ئاكسىيەنى ئاشكارا تارقىتىپ توپلىغان مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىۋەتكەنلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

تارقاتقۇچىلار، بازارغا سالغۇچى شىركەتلەرنىڭ پېيىنى كونترول قىلغۇچى پايچىك ۋە ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىلاردىن ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى سادىر قىلىشقا كۈشكۈرتكەنلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 300 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 600 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

195 – ماددابازارغا سالغۇچى شىركەتنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، ئالىي باشقۇرغۇچىسى ۋە بازارغا سالغۇچى شىركەتنىڭ يۈزدىن بەش پىرسەنتىدىن ئارتۇق پېيىنى ئىلىكىدە تۇتۇپ تۇرغان پايچىكلاردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 47 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، شۇ شىركەتنىڭ پاي چېكىنى ئېلىپ – ساتقانلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ.

196 – ماددائاكسىيە بىرژىسىنى قانۇنسىز قۇرۇۋالغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى بىكار قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىغان ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 100 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

197 – مادداتەستىقلاتماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئاكسىيە شىركىتى قۇرغان ياكى ئاكسىيە كەسپى بىلەن قانۇنسىز شۇغۇللانغانلارنى ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى بىكار قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىغانلارغا ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 300 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە 300 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 600 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

198 – ماددامۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتى بولمىغان، ئاكسىيە كەسىپكارلىق سالاھىيىتى بولمىغان كىشىلەرنى تەكلىپ قىلغانلارنى ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

199 – مادداقانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا پاي چېكى سودىسىغا قاتنىشىشى مەنئى قىلىنغانلىقى بەلگىلەنگەن خادىملاردىن ئۆز نامى ياكى ئۆزگەرتىۋالغان نامى، باشقىلارنىڭ نامى بىلەن پاي چېكىنى ئىلكىدە تۇتقان، ئېلىپ ساتقانلىرى قانۇنسىز ئىلكىدە تۇتقان پاي چېكىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، ئېلىپ ساتقان پاي چېكى قىممىتىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ دۆلەت خادىمى بولغانلىرىغا يەنە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

200 – ماددائاكسىيە بىرژىسى، ئاكسىيە شىركىتى، ئاكسىيە تىزىملاش – راسچوت قىلىش ئاپپاراتى، ئاكسىيە مۇلازىمەت ئاپپاراتىنىڭ كەسىپكارلىرى ياكى ئاكسىيەچىلىك جەمئىيىتى خادىملىرىدىن قەستەن يالغان ماتېرىيال بەرگەن، سودا خاتىرىسىنى يوشۇرغان، ئويدۇرۇپ چىقارغان، ئۆزگەرتكەن ياكى بۇزۇۋەتكەن، مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئاكسىيە ئېلىپ سېتىشقا ئازدۇرغانلىرىنىڭ ئاكسىيە كەسىپكارلىق سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ دۆلەت خادىمى بولغانلىرىغا يەنە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

201 – مادداپاي چېكىنى تارقىتىش، بازارغا سېلىش ۋە پاي چېكى سودىسى قىلىش ئۈچۈن ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتى، مۈلۈك باھالاش دوكلاتى ياكى قانۇن پىكىرنامىسى قاتارلىق ھۆججەتلەرنى بېرىدىغان ئاكسىيە مۇلازىمەت ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 45 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، پاي چېكى ئېلىپ ساتقانلىرى قانۇنسىز ئىلكىدە تۇتقان پاي چېكىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، ئېلىپ ساتقان پاي چېكىنىڭ قىممىتىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

202 – ماددائاكسىيە سودىسىغا دائىر ئىچكى ئۇچۇرنى بىلىدىغانلار ياكى قانۇنسىز بىلىۋالغانلاردىن ئاكسىيە تارقىتىش، ئاكسىيە سودىسى قىلىشقا چېتىلىدىغان ئۇچۇرلار ياكى ئاكسىيە باھاسىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان باشقا ئۇچۇرلار ئاشكارىلىنىشتىن ئىلگىرى، شۇ ئاكسىيەنى ئېلىپ ساتقان ياكى شۇ ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپ قويغان ۋە ياكى باشقىلارغا شۇ ئاكسىيەنى ئېلىپ سېتىش ھەققىدە تەكلىپ بەرگەنلىرى قانۇنسىز ئىلكىدە تۇتقان ئاكسىيەنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىغانلىرىغا ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 30 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 600 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. يەڭ سودىسى قىلغان ئورۇنلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا يەنە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى خادىملىرىدىن يەڭ سودىسى قىلغانلىرىغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.

203 – ماددامۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاكسىيە بازىرىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغانلار قانۇنسىز ئىلكىدە تۇتقان ئاكسىيەنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىغانلارغا ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 300 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە 300 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 3 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئاكسىيە بازىرىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان ئورۇنلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 600 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

204 – ماددامۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆتۈنۈپ بېرىش چەكلەنگەن مۆھلەتتە ئاكسىيە ئېلىپ ساتقانلار تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، ئېلىپ ساتقان ئاكسىيە قىممىتىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

205 – ماددائاكسىيە شىركەتلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مۇئامىلىدارلارنىڭ ئاكسىيە ئېلىپ سېتىشى ئۈچۈن مەبلەغ ۋە ئاكسىيە يۈرۈشتۈرۈپ بەرگەنلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىجازىتى ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ ياكى بىكار قىلىنىدۇ، قانۇنسىز يۈرۈشتۈرگەن مەبلەغ ۋە ئاكسىيە قىممىتىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتى ياكى ئاكسىيە كەسىپكارلىق سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

206 – ماددامۇشۇ قانۇننىڭ 78 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقى ۋە 3 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاكسىيە بازىرىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلارنى ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىغانلارغا ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 30 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

207 – ماددامۇشۇ قانۇننىڭ 78 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاكسىيە سودىسىدا يالغان گەپ قىلغان ياكى ئۇچۇر بىلەن ئازدۇرغانلار تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ دۆلەت خادىمى بولغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

208 – مادداقانۇنىي ئىگىلەردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلارنىڭ نامىدا ئىسچوت ئاچقان ياكى باشقىلارنىڭ ئىسچوتىدىن پايدىلىنىپ ئاكسىيە ئېلىپ ساتقانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىغانلىرىغا ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 30 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

ئاكسىيە شىركەتلىرىدىن ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى سادىر قىلغۇچىغا ئۆزىنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ ئاكسىيە سودا ئىسچوتىنى بەرگەنلەرگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلگەندىن سىرت، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتى ياكى ئاكسىيە كەسىپكارلىق سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ.

209 – ماددائاكسىيە شىركەتلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلارنىڭ نامىدا ياكى شەخسىي نامدا ئاكسىيە تىجارىتى قىلغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىغانلىرىغا ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 300 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە 300 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 600 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ ئاكسىيە تىجارىتى ئىجازىتى ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ ياكى بىكار قىلىنىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتى ياكى ئاكسىيە كەسىپكارلىق سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

210 – ماددائاكسىيە شىركەتلىرىدىن مۇئامىلىدارلارنىڭ ھاۋالىسىگە خىلاپلىق قىلىپ ئاكسىيە ئېلىپ ساتقان، سودا رەسمىيىتىنى بېجىرگەن ياكى مۇئامىلىدارلارنىڭ مەقسىتىگە خىلاپلىق قىلىپ سودىغا مۇناسىۋەتسىز ئىشلارنى قىلغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. مۇئامىلىدارلارغا زىيان سالغانلىرى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ.

211 – ماددائاكسىيە شىركىتى ۋە ئاكسىيە تىزىملاش – راسچوت قىلىش ئاپپاراتلىرىدىن مۇئامىلىدارلارنىڭ مەبلىغى ياكى ئاكسىيەسىنى ئىشلىتىۋالغان ياكى مۇئامىلىدارنىڭ ھاۋالىسىسىز، مۇئامىلىدارنىڭ نامىدا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئاكسىيە ئېلىپ ساتقانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىغانلىرىغا ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 100 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 600 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرى تاقاشقا بۇيرۇلىدۇ ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىجازىتى بىكار قىلىنىدۇ. بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتى ياكى ئاكسىيە كەسىپكارلىق سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

212 – ماددائاكسىيە شىركەتلىرىدىن ۋاسىتىچىلىك قىلىشتا، مۇئامىلىدارنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئاكسىيە ئېلىپ ساتقان ياكى ئاكسىيە شىركەتلىرىدىن مۇئامىلىدارلارغا ئاكسىيەنى ئېلىپ سېتىشتىن پايدىغا ئېرىشتۈرىمەن دەپ ياكى زىيان تارتساڭلار تۆلەپ بېرىمەن، دەپ ۋەدە بەرگەنلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىجازىتى ۋاقتىنچە توختىتىلسا ياكى بىكار قىلىنسا بولىدۇ. بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتى ياكى ئاكسىيە كەسىپكارلىق سالاھىيىتى بىكار قىلىنسا بولىدۇ.

213 – مادداسېتىۋالغۇچىلاردىن بازارغا سالغۇچى شىركەتنى سېتىۋېلىش ئېلانى چىقىرىش، سېتىۋېلىش چاقىرىقى ئەۋەتىش، سېتىۋېلىش دوكلاتى يوللاش قاتارلىق مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشتا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرى ياكى سېتىۋېلىش چاقىرىقىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتكەنلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ تۈزىتىشتىن ئىلگىرى، سېتىۋالغۇچىنىڭ ئۆزى سېتىۋالغان ياكى كېلىشىم ۋە باشقا يوللار ئارقىلىق باشقىلار بىلەن بىرلىكتە سېتىۋالغان پايغا ئاساسلىنىپ ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ. بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

214 – مادداسېتىۋالغۇچى ياكى سېتىۋالغۇچىنىڭ پېيىنى كونترول قىلغان پايچىكلاردىن بازارغا سالغۇچى شىركەتنى سېتىۋېلىشتىن پايدىلىنىپ، سېتىۋېلىنغان شىركەتنىڭ ۋە ئۇنىڭ پايچىكلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان سالغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 600 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، سېتىۋېلىنغان شىركەتكە ۋە ئۇنىڭ پايچىكلىرىغا زىيان سالغانلىرى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ. بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

215 – ماددائاكسىيە شىركىتى ۋە ئۇنىڭ كەسىپكارلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مۇئامىلىدارنىڭ ھاۋالىسىنى ئاستىرتىن قوبۇل قىلىپ ئاكسىيە ئېلىپ ساتقانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىغانلىرىغا ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 100 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

216 – ماددائاكسىيە شىركەتلىرىدىن بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، بازارغا سېلىنمىغان ئاكسىيەنى تەستىقلاتماي تۇرۇپ تىجارەتكە سالغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

217 – ماددائاكسىيە شىركىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئورۇنلۇق سەۋەبى بولماي تۇرۇپ، ئۈچ ئايدىن ئېشىپ كەتكۈچە تىجارەت باشلىمىغان بولسا ياكى تىجارەت باشلىغاندىن كېيىن كەسپىنى ئۇدا ئۈچ ئايدىن ئارتۇق ئۆز ئالدىغا توختىتىپ قويغان بولسا، شىركەت تىزىملاش ئورگىنى شۇ شىركەتنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىدۇ.

218 – ماددائاكسىيە شىركەتلىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 129 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، شۆبە – تارماق ئاپپاراتنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قۇرغان، سېتىۋالغان، بىكار قىلغان ياكى قوشۇۋەتكەن، ئايرىۋەتكەن، ئىش توختاتقان، تارقىتىۋەتكەن، ۋەيران قىلغان ۋە ياكى چېگرا سىرتىدا ئاكسىيە تىجارەت ئاپپاراتى قۇرغان، سېتىۋالغان، پاي قوشقانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىغانلىرىغا ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 100 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 600 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

ئاكسىيە شىركەتلىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 129 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىۋەتكەنلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

219 – ماددائاكسىيە شىركەتلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كەسىپ ئىجازىتى دائىرىسىدىن ھالقىپ ئاكسىيە تىجارىتى قىلغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىغانلىرىغا ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 300 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە 300 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 600 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرى تاقىۋېتىشكە بۇيرۇلىدۇ. بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتى ياكى ئاكسىيە كەسىپكارلىق سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

220 – ماددائاكسىيە شىركەتلىرىدىن ئاكسىيە ۋاسىتىچىلىك كەسپى، ئاكسىيە سېتىپ بېرىش كەسپى، ئاكسىيە ئېلىپ سېتىش كەسپى ۋە ئاكسىيە مۈلكىنى باشقۇرۇش كەسپىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىپ، قانۇن بويىچە ئايرىۋەتمىگەنلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە 300 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 600 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىجازىتى بىكار قىلىنىدۇ. بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ. قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتى ياكى ئاكسىيە كەسىپكارلىق سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ.

221 – ماددايالغان ئىسپات ھۆججەت بېرىپ ياكى باشقا ئالدامچىلىق ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ مۇھىم پاكىتلارنى يوشۇرۇپ، ئاكسىيە كەسپى ئىجازىتىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلارنىڭ ياكى ئاكسىيە شىركىتى ئاكسىيە سودىسىدا قانۇنغا خىلاپ ئېغىر قىلمىش سادىر قىلىپ، تىجارەت قىلىش سالاھىيىتى قالمىغان ئاكسىيە شىركەتلىرىنىڭ ئاكسىيە كەسپى ئىجازەتنامىسىنى ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى بىكار قىلىدۇ.

222 – ماددائاكسىيە شىركەتلىرى ياكى ئۇنىڭ پايچىكلىرى، ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىلىرىدىن بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا ئىگىلىك باشقۇرۇش ئۇچۇرى ۋە ماتېرىيالىنى يوللىمىغان ياكى بەرمىگەن ۋەياكى يوللىغان، بەرگەن ئىگىلىك باشقۇرۇش ئۇچۇرى ۋە ماتېرىيالىدا ساختىلىق قىلغان، ئازدۇرما بايان قىلغان ياكى مۇھىم مەزمۇننى چۈشۈرۈپ قويغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، ئاكسىيە شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىجازىتى ۋاقتىنچە توختىتىلسا ياكى بىكار قىلىنسا بولىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتى ياكى ئاكسىيە كەسىپكارلىق سالاھىيىتى بىكار قىلىنسا بولىدۇ.

ئاكسىيە شىركەتلىرىدىن پايچىكلىرىغا ياكى پايچىكلىرىنىڭ مۇناسىۋەتچىلىرىگە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ بەرگەن ياكى كېپىل بولغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. پايچىكلاردىن خاتالىقى بولغانلىرى تەلەپ بويىچە تۈزىتىشتىن ئىلگىرى، گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ئۇلارنىڭ پايچىكلىك ھوقۇقىنى چەكلىسە بولىدۇ؛ تۈزەتمىگەنلىرى ئاكسىيە شىركىتىنىڭ پاي ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بۇيرۇلسا بولىدۇ.

223 – ماددائاكسىيە مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىدىن مەسئۇلىيىتىنى تىرىشىپ ئادا قىلماي، تەييارلىغان ۋە بەرگەن ھۆججىتىدە ساختىلىق قىلغان، ئازدۇرما بايان قىلغان ياكى مۇھىم مەزمۇننى چۈشۈرۈپ قويغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، كەسپىي كىرىمى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، ئاكسىيە مۇلازىمەت كەسپىي ئىجازىتى ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ ياكى بىكار قىلىنىدۇ، كەسپىي كىرىمىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 5 ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، ئاكسىيە كەسىپكارلىق سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

224 – ماددامۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، شىركەت زايومىنى تارقاتقان ۋە سېتىپ بەرگەنلەرگە گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن تارماق مۇشۇ قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىدۇ.

225 – ماددابازارغا سالغۇچى شىركەتلەر، ئاكسىيە شىركەتلىرى، ئاكسىيە بىرژىلىرى، ئاكسىيە تىزىملاش – راسچوت قىلىش ئاپپاراتلىرى، ئاكسىيە مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىدىن مۇناسىۋەتلىك ھۆججەت ۋە ماتېرىياللارنى ساقلاشتا ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مۇناسىۋەتلىك ھۆججەت ۋە ماتېرىياللارنى يوشۇرغان، ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋەتكەنلىرى ياكى كاردىن چىقىرىۋەتكەنلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 300 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 600 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

226 – مادداگوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا تەستىقلاتماي تۇرۇپ، ئاكسىيە تىزىملاش – راسچوت قىلىش ئاپپاراتىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قۇرۇۋالغانلارنىڭ شۇ ئاپپاراتىنى ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى بىكار قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

مەبلەغ مەسلىھەتچىلىك ئاپپاراتلىرى، مالىيە مەسلىھەتچىلىك ئاپپاراتلىرى، مەبلەغ ئىناۋىتىنى باھالاش ئاپپاراتلىرى، مۈلۈك باھالاش ئاپپاراتلىرى، بوغالتىرلىق ئورۇنلىرىدىن تەستىقلاتماي تۇرۇپ، ئاكسىيە مۇلازىمەت كەسپىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قىلغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

ئاكسىيە تىزىملاش – راسچوت قىلىش ئاپپاراتلىرى ۋە ئاكسىيە مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ياكى قانۇن بويىچە چىقىرىلغان كەسىپ قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىنى ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىغانلىرىغا ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 100 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قىلمىشى ئېغىرلىرى تاقىۋېتىشكە بۇيرۇلىدۇ ياكى ئاكسىيە مۇلازىمەت كەسپىي ئىجازىتى بىكار قىلىنىدۇ.

227 – مادداگوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ياكى گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن تارماقتا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ:

(1) مۇشۇ قانۇنغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئاكسىيە تارقىتىش، ئاكسىيە شىركىتى قۇرۇش قاتارلىق ئىلتىماسلارنى تەستىقلاش؛

(2) مۇشۇ قانۇننىڭ 180 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن نەق مەيداننى تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ ئىسپات ئېلىش، سۈرۈشتۈرۈش، توڭلىتىپ قويۇش ياكى پېچەتلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قوللىنىش؛

(3) مۇناسىۋەتلىك ئاپپاراتلار ۋە خادىملارغا بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مەمۇرىي جازا بېرىش؛

(4) مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلماسلىقتەك باشقا قىلمىشلار.

228 – ماددائاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى خادىملىرى ۋە تارقىتىشنى تەستىقلاش كومىتېتى تەركىبىدىكىلەردىن مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلماي، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشىۋالغان ياكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ ئۆزى بىلىدىغان سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويغانلىرى قانۇن بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ.

229 – ماددائاكسىيە بىرژىلىرىدىن مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئاكسىيەنى بازارغا سېلىش ئىلتىماسىغا قوشۇلغانلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ. كەسپىي كىرىمى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، كەسپىي كىرىمىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

230 – ماددائاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىنى رەت قىلغان، ئۇنى توسقان بولسىمۇ، زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇللىرىنى قوللانمىغانلارغا قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ.

231 – ماددامۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

232 – ماددامۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلاردىن ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىرى ۋە جەرىمانە، شىتراپ تاپشۇرىدىغانلىرىنىڭ مال – مۈلكى يېتىشمىگەندە، ئالدى بىلەن ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

233 – مادداقانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ياكى گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك جاۋابكارلىرىغا گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ئاكسىيە بازىرىغا كىرىشىنى مەنئى قىلىش تەدبىرى قوللانسا بولىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان ئاكسىيە بازىرىغا كىرىشنى مەنئى قىلىش مەلۇم مۇددەت، ھەتتا ئۆمۈر بويى ئاكسىيە كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشقا يول قويمايدىغان ياكى بازارغا سالغۇچى شىركەتنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى ۋە ئالىي باشقۇرغۇچىسى بولۇشقا يول قويمايدىغان تۈزۈمنى كۆرسىتىدۇ.

234 – ماددامۇشۇ قانۇن بويىچە ئېلىنغان جەرىمانە ۋە مۇسادىرە قىلىنغان قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەتنىڭ ھەممىسى دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ.

235 – ماددائالاقىدارلاردىن ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ياكى گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن تارماقنىڭ جازا قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلسا ياكى قانۇن بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

12 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

236 – ماددابۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن مەمۇرىي نىزام بويىچە تەستىقلىنىپ، ئاكسىيە بىرژىسىدا بازارغا سېلىنىۋاتقان ئاكسىيە قانۇن بويىچە بازارغا سېلىنىۋېرىدۇ.

بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن مەمۇرىي نىزام ۋە گوۋۇيۈەننىڭ پۇل مۇئامىلە مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تەستىقلىنىپ قۇرۇلغان ئاكسىيە تىجارەت ئاپپاراتلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئانچە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىرى مۇشۇ قانۇندىكى تەلەپكە بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە يېتىشى كېرەك. كونكرېت يولغا قويۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن ئايرىم بەلگىلەيدۇ.

237 – مادداتارقاتقۇچى پاي چېكى ۋە شىركەت زايومىنى ئاشكارا تارقىتىشنى تەستىقلاپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈش ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك.

238 – مادداچېگرا ئىچىدىكى كارخانىلار ئاكسىيەسىنى چېگرا سىرتىدا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك تارقىتىش ياكى بازارغا سېلىشتا، گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تەستىقلىتىشى شەرت.

239 – مادداچېگرا ئىچىدىكى شىركەت پاي چېكىنى چەت ئەل پۇلى بىلەن سېتىۋېلىش ۋە سودىلىشىشنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن ئايرىم بەلگىلەيدۇ.

240 – ماددابۇ قانۇن 2006 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

مەنبە : باغداش تورى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ