A-A+

(4)ھەمكارلىق:ئوتۇنچى بىلەن پادىچىنىڭ ئۆزگىچە ھىكايىسى

2016-يىل 9-نويابىر ھەمكارلىق ( تىجارەت ئەندىزىلىرى ) باھا يوقكەن زىيارەت: 582 قېتىم

ئوتۇنچى بىلەن پادىچىنىڭ ئۆزگىچە ھىكايىسى

ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم تەرجىمىسى

يېقىندىن بۇيان تور دۇنياسىدا پادىچى بىلەن ئوتۇنچى ھىكايىسى قىزىق نۇقتا بولۇپ قالدى . پادىچى بىلەن ئوتۇنچىنىڭ بىز ئاڭلاپ باقمىغان يەنە قانداق ھىكايىلىرى باردۇ؟

timg

1.سىز ئۇتۇنچى ، دوستىڭىز پادىچى

بىر كۈن مۇڭداشتىڭلار  ، دوستىڭىز قويلىرى ئوتلاپ تويدى ، بىراق سىزگە كىم ئوتۇن كېسىپ بەردى ؟

خۇلاسە ________ ھەر ۋاقىت سەگەك بولۇپ ، پايدىسىز ئالاقە تورى ۋە خېرىدارلىرىڭىزنى تاشلاڭ !


2.ئوتۇنچى بىلەن پادىچى بىر كۈن مۇڭداشتى . قارىماققا ھېچقانداق پايدىسى بولمىغاندەك كۆرۈنسىمۇ ئوتۇنچى پادىچىدىن قايسى تاغدا ئوتۇن-چاۋا كۆپ ، قايسى تاغنىڭ يولى راۋان .... قاتارلىق نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى ئىگەللىۋالغان ئىدى.

خۇلاسە ________ ئادەم قۇلاقتىن سەمرىيدۇ ، ھايۋان تۇياقتىن.

پىكىر ئاملاشتۇرۇش بەك مۇھىم . پات-پات ئاقىل كىشىلەر بىلەن پىكىر ئاملاشتۇرۇپ تۇرىشىمىز كېرەك . 


3.ئوتۇنچى بىلەن پادىچى بىر كۈن مۇڭداشتى .پاراڭ جەريانىدا ئوتۇنچى پادا بېقىشنىڭ ، پادىچى ئوتۇن يىغىپ-كەسلەشنىڭ ئىپى-جېپىنى بىلىۋالدى .

خۇلاسە ________ ئۈچ ئادەمنىڭ ئارىسىدىن بىر دانىشمەن چىقىدۇ .

ھەر ۋاقىت يېڭىلىققا ئىنتىلىش روھىڭىز بولسۇن .


4.ئوتۇنچى بىلەن پادىچى بىر كۈن مۇڭداشتى . ئىككەيلەن كېلىشىپ قولىدا بارىنى ئۆز ئارا ئاملاشتۇرۇپ پايدىلىنىدىغان بولدى . شۇنداق قىلىپ پادىچىنىڭ قالايدىغان ئوتۇنى ، ئوتۇنچىنىڭ يەيدىغان گۆشى بار بولدى .

خۇلاسە ________ئۆزەڭنى ئەر چاغلىساڭ ، ئۆزگىنى شىر چاغلا


5.ئوتۇنچى بىلەن پادىچى بىر كۈن مۇڭداشتى . ھەر ئىككەيلەن ئۆز ئارا بىر-بىرىگە خېرىدار تۇنۇشتۇرۇشقا كېلىشتى . بارا-بارا خېرىدارلىرى كۆپىيىپ سودىسى راۋاج تاپتى.

خۇلاسە  ________ بايلىقتىن ئورتاق پايدىلىنىش بەك مۇھىم


6.ئوتۇنچى بىلەن پادىچى بىر كۈن مۇڭداشتى ھەم ھەمكارلىشىپ كاۋاپخانا ئېچىشقا كېلىشتى . تەبىئەتنىڭ قوينىدا بېقىلغان قوي گۆشلىرىنى تاغدىن تېرىپ كەلگەن ئوتۇن-چاۋىدا پىشۇرۇپ كاۋاب قىلغاچقا سودىسى روناق تېپىپ نەچچە يىلدىلا پاي چېكىنى بازارغا سالدى.

خۇلاسە  ________ ئىنسان مۇكەممەل بولمايدۇ ، پەقەت مۇكەممەل كوللىكتىپ بولىدۇ.

( مۇكەممەللىككە يۈزلەنمەكچى بولسىڭىز ھەمكارلىققا ، كوللىكتىپقا تايىنىڭ )

مەنبە : 总裁财经俱乐部 سالونى

2016-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ