A-A+

تاشچى ساڭا نىمە قىلدى؟(شېئىر)

2015-يىل 26-ئاپرېل ئەقىدە قاش ئىنىستىتۇتى باھا يوقكەن زىيارەت: 6,799 قېتىم

 ئالغىن دېسە بەك ئالدىڭ خوتەنلىكنىڭ يېرىنى،

بەكمۇ ئۇز دەپ ماختاپ ھەم خوتەنلىكنىڭ قىزىنى.

بەكمۇ تاتلىق دەيتىڭغۇ خوتەنلىكنىڭ گېپىنى،

ئويلاپ باقسام بەك يەپسەن بۇ تاشچىنىڭ غېمىنى.

2010712191657769

ساتقان بولسا تاش ساتتى،ئۇلار ئاقنى ساتمىدى

ئوغرى،قاتىل،بۇلاڭچى دەپ تۈرمىلەردە ياتمىدى.

يەنە ياخشى ئىشلاردا ئارقىلىرىغا قاچمىدى،

ھالال ئىشلەپ توغرىدا خېلى بەلەن پۇل تاپتى.

15473_ddab0870063d64e

تاپقان بولسا تاش سېتىپ توغرا يولدا ئىشلەتتى،

بىنا،ساراي يەر ئېلىپ ،ئىشسىزلارنى ئازلاتتى.

پىقىر-يوقسۇل يىتىمنىڭ باشلىرىنى سىلاشتى،

ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت،قانۇنىغا ماسلاشتى.

55504e19063af8ea96001

ئون بارماقنىڭ ھەممىسى ئوخشىماس بىر-بىرىگە،

شۇڭلاشقىمۇ ئىنسانلار ئايرىلغان خىل،تىپىگە.

چىقىپ قالدى نەچچىسى پاتماي قالدى كىيمىگە،

شۇلار بولغاچ داغ چۈشتى تاشچىلارنىڭ يۈزىگە.

94371f13hbddf31b19e6a&690

قۇملۇقتا ۋە كەپىدە ياشايدۇ دەپ ئويلايتى،

مىنىپ تۆگە،ئاتلارنى يۈرۈيدۇ دەپ بىلەتتى.

بولغاچ تاشنىڭ قىممىتى بۇ گەپلەرنى يوقاتتى.

ئاۋدى،باۋما جىق بولغاچ كۆزلىرىنى قىزارتتى.

001966720b710a14ef2035

تىجارەتچى جىق ئىدى،بىزنىڭ گۈزەل يۇرتلاردا،

قەشقەر،ئاتۇش،غۇلجا ھەم ئاقسۇ ،كورلا تۇرپاندا.

قوللىغانغۇ ھەممىمىز شۇلار يول-پۇل تاپقاندا،

تاش ساتتى دەپ تىللىساق خىلاپتۇر بۇ ۋىجدانغا.

61254825_38

كىم سورىدى تاشچىنىڭ،تاش كولىغان ھالىنى،

ئاڭلىغانلار،كۆرگەنلەر بىلدى پۇلنىڭ سانىنى،

ياتلار كېلىپ ئاچسۇنمۇ ئۆزىمىزنىڭ كانىنى؟

ئۇ چاغدا خەق باقامدۇ ئاتا-ئانا،بالىنى؟

1-133

1-133

بۇرۇندىنلا ئىدۇق بىز بىر ئۇلۇغ مىللەت،

سۆزلەي دېسەك بىزدە جىق ئەنئەنە-خىسلەت.

يۇقتۇرۋالدۇق نەلەردىن بۇنداق سەت ئىللەت،

بۇنداق قىلساق بىزلەرنى كۈتەر نە قىسمەت.

2578873736640259182

تاش كولاشنىڭ يولىدا زىيان تارتقان ئاز ئەمەس،

بىلمەي كۆرمەي جاپانى سۆزلەش بىزگە شەرت ئەمەس.

تاش كۆتۈرۈپ.تاش سېتىش ئانچە ئوڭاي ئىش ئەمەس،

چىشلەشمەيلى،تالاشمايلى ئۆز ئارا،ئەمدى يىتەربەس.

W020150901451434871971

 مەنبە:ئاقيول ئۈندىدار سالونى

  سۈرەتلەرنىڭ مەنبەسى : تور دۇنياسى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ