دۇنيادىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن يەتتە كارخانا
1 . غەربىي تاغ ئارشاڭ مېھمانخانىسى: 1310 يىل
ياپونىيە شەنلى كەنتىدىكى غەربى تاغ ئارشاڭ مېھمانخانىسى مېھمانسارايچىلىق ساھەسىدىكى ئۆمۈر يۇلتۇزى. بۇ ئارشاڭ ئۈستىگە سېلىنغان مېھمانساراي 1300 يىلدىن ئارتۇق تارىخى بىلەن دۇنيا جىنس رېكورتىغا كىرگۈزۈلگەن. بۇ مېھمانساراينىڭ بۇنچىلىك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى، بەلكىم خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان سادىقلىقىنىڭ يۇقىرىلىقىدىن بولسا كېرەك. ھازىر بۇ مېھمانساراي 52-ئەۋلاد ئىزباسارنىڭ قولىدا. مېھمانساراي ئىچىدىكى ئارشاڭنىڭ مىقدارى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ.
2 . سانت پېتىربۇرگ ھاراق ئىسكىلاتى رېستۇرانى: 1212 يىل
ئاۋستىرىيە سالتزبۇرگدىكى بۇ رېستۇران ئىلگىرى جەمئىيەتتىك مەشھۇر شەخسىلەرنىڭ دائىم قەدەم تەشرىپ قىلىدىغان رېستۇرانىغا ئايلانغان. ئېمپىراتور چارلېماننىڭ مەسلىھەتچىسى ئارغۇ ئۆزىنىڭ ئەسىرىدە بۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ياۋروپا رېستۇرانىنى تىلغا ئالغان. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى تىزىملىكىدە داڭلىق شەخسلەر يەنىلا ئاز ئەمەس.
3 . گېرمانىيە Staffelter Hof ھاراق ياساش مەيدانى: 1153 يىل
Staffelter Hofنىڭ تارىخىنى مىلادىيە 862-يىلىغىچە سۈرۈشتە قىلغىلى بولىدۇ. بۇ ھاراق ياساش مەيدانى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن شىركەتلەرنىڭ بىرى.
4 . ئىرېلاندىيە سېن قاۋاقخانىسى: 1115 يىل
سېن قاۋاقخانىسى مىلادىيە 900-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئىرېلاندىيەنىڭ ئاسلونغا جايلاشقان. بۇ ئىرېلاندىيەدىكى ئەڭ قەدىمىي قاۋاقخانا بولۇپلا قالماي، 2004-يىلى دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى قاۋاقخانا دەپ دۇنيا جىنس رېكورتىغا كىرگۈزۈلگەن.
5 . ئىتالىيە مارىنېللى قوڭغۇراق قۇيۇش زاۋۇتى: 1015 يىل
قوڭغۇراق قۇيۇش زاۋۇتى ئىتالىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسىمدىكى Agnone بازىرىغا جايلاشقان بولۇپ، ئاپېننىن تاغ چوققىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. ھازىرغىچە قۇرغۇچى ئەڭ بۇرۇن ئىشلەتكەن موم سۈرۈش تېخنىكىسى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ يەر باشقا دۆلەت ۋە رايونلار ئۈچۈن قوڭغۇراق مۇنارى ياسايدۇ. مەسىلەن نيۇيورك، بېيجىڭ، ئېرۇسالىم، جەنۇبىي ئامېرىكا ۋە چاۋشيەن قاتارلىقلار.
6 . ۋاينى سىتېفان پىۋا زاۋۇتى: 975 يىل
يەنە 25 يىلدىن كېيىن ۋاينى سىتېفان پىۋا زاۋۇتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى بولىدۇ. ئۇ 1040-يىلى قۇرۇلغان. لېكىن كىشىلەر ۋاينى سىتېفان موناستېرىغا بېرىلگەن ئېچىتىش گۇۋاھنامىسىدىن گۇمان قىلىشىدۇ. روھانىيلارنىڭ بۇ ھۆججەتنى ياسىۋالغان ياكى ياسىۋالمىغانلىقى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس.
7 . ئەنگىلىيەدىكى Otterton Mill ئاشخانىسى 947 يىلدىن بۇيان تىجارەت قىلماقتا.
ئەنگىلىيە دېۋونشىردىكى دەريا ياقىسىغا جايلاشقان. تارىختىكى ئەنئەنىۋىي بولكا پىشۇرۇش ھۈنىرى بىلەن يۈزمۇيۈز ئۇچراشقان. بۈگۈنكى كۈندە، ھەر يىلى نۇرغۇن ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە كېلىپ كۆرگەزمە قىلىدۇ، ئۇنىڭ يېنىغا ئاشخانىلار، ماگىزىنلار، قاقلىتىش ئۆيلىرى سېلىندى.
مەنبە : نۇر تورى