پۇل ھەققىدىكى ئالتە خاتا قاراش
كىشىلەر پۇل توغرىسىدا ئىزچىل سادىر قىلىۋاتقان 6 چوڭ خاتالىق
تېڭشۈن تورى ئىقتىساد قانىلى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
«سودا ئىچكى سىرلىرى»نىڭ ماقالىسىگە ئاساسلانغاندا، Pew تەتقىقات ئاپپاراتىنىڭ 2014-يىلىدىكى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى تەخمىنەن %50 كىشى ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيەگە تەۋە ئىكەن. بۇ بىر بۆلەك ئادەملەر ئىچىدە تەخمىنەن ئۈچتىن ئىككى قىسىمىنىڭ كىرىمى 42 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن 125 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغىچە ئارىلىقتا ئىكەن.
كەسپ ئايرىمىسى جەھەتتىن قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيەگە تەۋە كىشىلەر توپى ئاساسلىقى ئوقۇتقۇچى، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى خادىمى، سۇ تۇرۇبىسى خىزمەتچىسى، ئىنژېنېر، قۇرۇلۇش باشقۇرغۇچى ۋە ئىقتىسادىي ساھەدىكى باشقا باشقۇرغۇچىلار ئىكەن. ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا بۇرژۇئازلىرى ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن تاۋار ۋە مۇلازىمەتنى ئىشلىتىپ تۈگىتىدىغان بولغاچقا، ئۇلار ئامېرىكا ئىقتىسادى ۋە سېلىنغان مەبلەغنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.
پۇل تىلغا ئېلىنسا ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا بۇرژۇئازلىرى نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدۇ. كۆپ قىسىم ئامېرىكىلىقلارنىڭ كىرىمى 1979-يىلىدىن بۇيان ئاساسەن توختاپ قالغان ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ. پۇل پاخاللىقى نىسبىتى تەڭشەلگەندىن كېيىن، ئۆي باھاسى ۋە داۋالاش-ساقلىق ساقلاش چىقىمى قاتارلىقلارنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشى بىلەن ئامېرىكىدىكى ئوتتۇرا بۇرژۇئازلارنىڭ خام چوتى زور كۆلەمدە قىسقارتىلدى. ئامېرىكىدىكى كۆپ ساندىكى ئوتتۇرا بۇرژۇئاز ئائىلىلىرىنىڭ بالىسىنى مەكتەپتە ئوقۇتۇشقا يەتكۈدەك يېتەرلىك ئامانەت پۇلى يوق ياكى ئۆزىنىڭ 65 ياشتا پېنسىيەگە چىقالىشىغا كاپالەتلىك قىلالمايدىغان بولۇپ قالدى.
يۇقىرىقى ئەھۋاللارنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ بىر قىسىم سەۋەبى ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى مەسىلىسى بولسا ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيەنىڭ مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئادىتى ئۇنىڭ يەنە بىر سەۋەبى بولۇپ قالدى. ئەگەر ئامېرىكىدىكى ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ئائىلىلىرى ساغلام مالىيەگە ئىگە بولۇشنى ئويلىغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇلار ئەھۋالغا قاراپ تېخىمۇ ياخشى مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش قارارى چىقىرىشقا ئېھتىياجى چۈشىدۇ.
تۆۋەندە ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ئىزچىل سادىر قىلىۋاتقان خاتالىقلار سۆزلىنىدۇ، بىز بىللە كۆرۈپ باقايلى:
1. قەرزنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشى
بوستون فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدىكى ئىناۋەت كارتىسى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ %65ىنىڭ پاسسىپ مۈلۈك قەرز جەدۋىلى بار ئىكەن، مۇنداقچە ئېيتقاندا، كۆپ ساندىكى ئامېرىكىلىقلارنىڭ ھەممىسى ئايمۇ-ئاي قەرز ئالىدىغان بولۇپ، ھەر ئايدا ئۆسۈم قايتۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بەزىلەر ھەقىقەتەن پۇل قەرز ئېلىشقا ئېھتىياجلىق بولۇشى مۇمكىن بولسىمۇ، لېكىن بەزىلىرىنىڭ ئەسلا ھاجىتى يوق.
ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە سىنىپى ئۈچۈن ئېيتقاندا، قەرز ئېلىش ئارقىلىق مالىيە ئەھۋالىنى ياخشىلاش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكىدا ئىناۋەت كارتىسىنىڭ ئوتتۇرىچە قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى %15تىن يۇقىرى بولىدۇ.
سان دىيېگودىكى مالىيە پىلانچىسى تايلور شۇلتې مۇنداق دېگەن: «تېخىمۇ كۆپ پۇل تېجەشنى ھەمدە ئۆزىڭىزنىڭ مالىيە ئەھۋالىنى كونترول قىلىشنى ئويلىسىڭىز، ئەڭ ياخشى ئامال دەل ئاپتوماتىك پۇل قايتۇرۇش ئەندىزىسى بېكىتىش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ ھەر بىر ئاينىڭ ھەممىسىدە ئىناۋەت كارتا قەرزىنى ئۆز ۋاقتىدا قايتۇرالىشىڭىزغا كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك».
ئەگەر كىشىلەر ئۆزىنى قەرزدىن خۇددى ۋابادىن قاچقاندەك قاچۇرسا، ئۇنداقتا كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ. ئەگەر سىز ئىناۋەت كارتىسىدىن پۇل قەرز ئېلىش ئارقىلىق مەنپەئەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بۇ مۇتلەق مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئۇ پەقەت سىزنىڭ تۇرمۇش تەننەرخىڭىزنى كۆپەيتىۋېتىدۇ، سىزنىڭ قەرزىڭىز ۋە تۇرمۇش بېسىمىڭىزنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
2. جىددىي ئەھۋاللارغا ئىشلىتىلىدىغان مەبلىغى بولماسلىق
ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 2016-يىلىدىكى ئامېرىكىلىقلارنىڭ مالىيە ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىدا ئامېرىكىدا ئاز كەم %46 كىشىنىڭ تۇيۇقسىز دۇچ كەلگەن 400 ئامېرىكا دوللىرىلىق چىقىمنى تۆلىيەلمەيدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئەمەلىيەتتە كىرىمى 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغانلار ئىچىدىكى %81 كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە 400 ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىش ئىنتايىن ئاسان بولسىمۇ، لېكىن كىرىمى 40 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەنلەر ئىچىدە پەقەت %34 كىشىلا شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە 400 ئامېرىكا دوللىرى چىقىرىشنىڭ بىر قەدەر ئاسانغا توختايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەمما كۆپ قىسىم ئامېرىكىلىقلارنىڭ ھەقىقەتەن جىددىي ئەھۋاللارغا ئىشلىتىلىدىغان مەبلىغى يوق. بىر ئادەمدە جىددىي ئەھۋاللارغا ئىشلىتىلىدىغان مەبلەغ بولمىغان ۋاقىتتا، ئۇ ناھايىتى ئاسانلا قەرز پاتقىقىغا پېتىپ قالىدۇ.
كۆپلىگەن مالىيە مەسلىھەتچىلىرى شۇنى تەشەببۇس قىلىدۇكى، جىددىي ئەھۋاللارغا ئىشلىتىلىدىغان مەبلەغنىڭ سوممىسى چوقۇم سىزنىڭ ھەر ئايلىق سەرپىياتىڭىزنىڭ 3 ھەسسىسىدىن 6 ھەسسىسىگىچە توغرا كېلىشى كېرەك. ئەگەر سىز بىر قىسىم مەبلەغنى ئامانەت قويغان بولسىڭىز، ناۋادا سىز داۋالاش ھېسابات تالونى تۆلەش ۋە ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش قاتارلىق ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش قاتارلىق ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان چىقىملارنى تۆلەشكە دۇچ كەلگەندە قايتىدىن ئۇنداق ئالاقزادە بولۇپ كەتمەيسىز.
3. پېنسىيەگە چىقىش ئۈچۈن مۇددەتتىن بۇرۇن تەييارلىق قىلماسلىق
پېنسىيەگە چىقىشقا ۋاقىت كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئادەم سەۋىرچانلىقى ۋە چىدامچانلىقى بار بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. پېنسىيەگە چىقىش ئالدىدا بىر ئادەم پېنسىيەگە چىقىش ئۈچۈن تەخمىنەن 40 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىشقا ئېھتىياجلىق. لېكىن سىز ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى كۆپەيتمەكچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ ئۆزىڭىزنىڭ مائاشى ئۆسكەن ۋاقىتتا ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى سېلىنمىسىنى كۆپەيتىشىڭىزگە ئېھتىياجلىق. ئەگەر سىز بۇنى كۆپەيتمىسىڭىز، ئۇنداقتا بەلكىم تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاندىن پېنسىيەگە چىقىشقا ئېھتىياجلىق پۇلنى ئاران يىغالىشىڭىز مۇمكىن.
مالىيە مەسلىھەتچىسى جوش بىرېين مۇنداق دېگەن: «مائاشىڭىز كۆپەيگەندە جىددىي ئەھۋاللارغا ئىشلىتىلىدىغان مەبلەغ ياكى ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى سېلىنمىسىنى كۆپەيتىشنى ئويلىشىشىڭىز كېرەك، كۆپەيتىش دەرىجىسى ھېچ بولمىغاندا سىزنىڭ مائاشىڭىزنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى بىلەن تەڭپۇڭلاشتۇرۇلۇشى كېرەك». مەسىلەن، مائاشىڭىز %4 ئۆسكەن بولسا ھەر ئايدا يەنە تېخى 500 ئامېرىكا دوللىرى تېجەپ قالالايدىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىز پېنسىيە پۇلى سېلىنمىسىنى كۆپەيتىشىڭىز لازىم.
ھەر يىلى بەلگىلىك نىسبەتتىكى كىرىمنى ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى ھېساباتىغا سېلىشىڭىز ھەمدە مائاش ئۆسكەندە ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى سېلىنمىسىنى كۆپەيتىشىڭىز لازىم.
4. پېنسىيەگە چىقىش ئۈچۈن پۇل ئامانەت قويۇشنى كېچىكتۈرۈش
مالىيە مەسلىھەتچىسى ئالېكس ۋىتېخوۋس مۇنداق دېگەن: «ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە دائىم سادىر قىلىدىغان بىر خاتالىق دەل پېنسىيەگە چىقىش ئۈچۈن پۇل ئامانەت قويۇشنى كېچىكتۈرۈش ھەمدە نەزىرىنى باشقا چىقىم تۈرلىرىگە قارىتىشتىن ئىبارەت».
ئارىمىزدىكى كۆپلىگەن كىشلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى قايتۇرۇپ، ئۆي سېتىۋېلىپ، يەنە بالىلىرىمىز ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئاندىن پېنسىيەگە چىقىش ئۈچۈن پۇل ئامانەت قويۇشنى ئويلىشىش كېرەك دەپ قاراشنى تېخىمۇ خالايمىز. گەرچە يۇقىرىقى نىشان ئىنتايىن مۇھىم بولسىمۇ، لېكىن ئۇمۇ بىزنىڭ پېنسىيەگە چىقىش ئۈچۈن پۇل ئامانەت قويۇشىمىزنىڭ كېچىكتۈرۈلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئەگەر سىز بىر ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئۆزىڭىزنىڭ پېنسىيەگە چىقىشىڭىز ئۈچۈن ئامانەت قويىدىغان ۋاقىت بولۇشقا ئېھتىياجىڭىز چۈشىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، بىر ئادەم ئۆزىنىڭ پېنسىيەگە چۈشۈشىگە قارىتا پۇل ئامانەت قويماقچى بولسا، ۋاقىت قانچە بالدۇر بولسا شۇنچە ياخشى، ئۇنىڭ ئۆزىگىمۇ شۇنچە پايدىلىق.
ۋىتېخوۋس مۇنداق دېگەن: «دومىلىما ئۆسۈم ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىلغاندا، گەرچە ناھايىتى ئاز پۇل ساقلانغان تەقدىردىمۇ يەنە ناھايىتى چوڭ پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. دەسلەپتە باشلانغاندا ئۆزىڭىزنىڭ %1لىك كىرىمىنى ئامانەت قويۇڭ، ئاندىن ھەر يىلى پەيدىنپەي %1تىن كۆپەيتىڭ، تاكى %10تىن %15كىچە بولغىچىلىك شۇنداق بولىدۇ.»
5. ياشانغاندا كۈتۈنۈش ھېسابات نومۇرى، ھاياتلىق سۇغۇرتىسى سىياسىتى ۋە ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىدىن مەنپەئەتلەنگۈچىنى ۋاقتىدا ئۆزگەرتىشنى ئۇنتۇپ كېتىش
مالىيە مەسلىھەتچىسى داۋىد نىگېل مۇنداق دېگەن: «توي قىلىش، ئاجرىشىش ياكى باشقا باشقا ئائىلە كۈتۈلمىگەن ۋەقەلىرى ياشانغاندا كۈتۈنۈش ھېسابات نومۇرى، ھاياتلىق سۇغۇرتىسى سىياسىتى ۋە ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىدىن مەنپەئەتلەنگۈچىنى ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ ئاساسلىق ئامىل. بۇ خىل ئەھۋالدا ھەتتا مەنپەئەتلەنگۈچى ئۆزگەرتىلمەي تۇرۇپلا بەلكىم ئالەمدىن ئۆتۈشىڭىزدەك ئەھۋال كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. شۇڭا سىز قانۇنىي كۈچكە ئىگە ھۆججەت ۋە ۋەسىيەت ئارقىلىق، مەنپەئەتلەنگۈچىنى ئالدىن بەلگىلىۋالسىڭىز، ئۇنداقتا مەنپەئەتلەنگۈچىنىڭ ۋاقتىدا ئۆزگەرتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغان بولىسىز.»
نىگېل بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كۆپىنچە ئادەملەرنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ كۆپرەك يۈز بېرىدىغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتكەن. ھېچكىم ئۆزىنىڭ ياش تۇرۇپلا ئالەمدىن ئۆتۈشىنى خالىمايدۇ، لېكىن بۇ خىل ئەھۋال ھەر ۋاقىت يۈز بېرىۋاتىدۇ، شۇڭا ئەگەر يۇقىرىدا ئېيتىلغان بانكا ھېسابات نومۇرىڭىزنىڭ مەنپەئەتلەنگۈچىسىنى ئالدىن بەلگىلىۋالمىسىڭىز، ئۇنداقتا نۇرغۇن مەبلىغىڭىز باشقىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىدۇ.
6. قىممىتى كېمىيىدىغان مۈلۈك جەھەتتىكى چىقىم بەك كۆپ بولۇش
مەسىلەن، 2016-يىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر پەسلىدە ھەر بىر ئاپتوموبىلنىڭ ھەر ئايلىق ئاسراش خىراجىتى ئۈچۈن 60 ئامېرىكا دوللىرى كېرەك. ئاپتوموبىلنى 68 ئاي ئىشلەتكىلى بولىدۇ، بۇ كىشىلەرنىڭ بىر ئاپتوموبىلنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن بىر قىسىم مەبلەغنى تېجىشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپتوموبىل باھاسى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تۆۋەنلەيدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئاپتوموبىلنى ئاسراش جەھەتتە يەنە نۇرغۇن چۆكمە تەننەرخ ۋە يوشۇرۇن چىقىملار بار.
مالىيە مەسلىھەتچىسى بېنيامىن بىراند مۇنداق دېگەن: «ئەمەلىيەتتە ئاپتوموبىل قىممىتىنىڭ كېمىيىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز، ئاپتوموبىلنىڭ بارغانسېرى ئۇزاق ئىشلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ھەر ئايدا زۆرۈر بولىدىغان ئاسراش خىراجىتى بارغانسېرى يۇقىرىلاپ كېتىدۇ.»
بېنيامىن بىراند يەنە مۇنداق دېگەن: «بىز كۆپ ھاللاردا ئۆزىمىزگە تەۋە بىر ئاپتوموبىل بولۇش ئارقىلىق باشقىلارغا ئۆزىمىزنى ئىسپاتلاشنى ئۈمىد قىلىمىز، لېكىن بۇ ھەر يىلى نەچچە مىڭ ئامېرىكا دوللىرىنى ئارتۇق سەرپ قىلىدىغانلىقىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ.»
ئەگەر سىز نىمكەش (2-قول) ئاپتوموبىل سېتىۋالسىڭىز، ئۇنداقتا چىقىملىرىڭىزنىڭ سەل ئازىيىدىغانلىقىدىن ھەمدە تۇرمۇش بېسىمىڭىزنىڭمۇ ئۇنچە يۇقىرى بولۇپ كەتمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. يەنە ئېشىنغان پۇللىرىڭىزنى جىددىي ئەھۋاللارغا ئىشلىتىلىدىغان ھېسابات نومۇرىڭىزغا ئامانەت قويۇۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.