ئاكسىيە سودىسى قانداق پەيدا بولغان؟
ئاكسىيە سودىسى
zheng quan jiao yi
证券交易
نىيويۇرك ئاكسىيە بېرژىسىنىڭ ئېنگىلىسچە قىسقارتىلىپ يېزىلىشى <
ئەينى ۋاقىتتا ئامرىكىدا ئاكسىيە ئەمدىلا تارقىلىشقا باشلىغاندا مەركەزلىشىپ سودا قىلىدىغان ئورنى بولمىغاچقا،ئاكسىيە سودىسى ئادەتتە قەھۋەخانا ۋە كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش ئورنىدا بولاتتى.
1792-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى 24 نەپەر ۋاستىچى ۋال كوچىسىدىكى بىر قەھۋەخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى چىنار دەرىخى ئاستىدا << چىنار دەرىخى كىلىشىمنامىسى >> ئىمزالىدى.كىلىشىمدە ۋاستىچىلارنىڭ << ئىتىپاقلىشىش ۋە ھەمكارلىشىش >> قائىدىسى يەنى يەنى ۋال كوچىسىدىكى زامانىۋى خوجايىن كۇلۇبىنىڭ ئەزالىق تۈزۈمى ئارقىلىق پاي چېكى ۋە يۇقۇرى دەرجىلىك تاۋار سودىسى قىلىش بەلگۈلەندى.شۇنىڭدىن باشلاپ نىيويۇرك بېرژىسى بارلىققا كەلدى.
1817-يىلغا كەلگەندە ،ۋال كوچىسىدىكى پاي چېكى سودىسى ئىنتايىن جانلىنىپ كەتكەچكە بازارچىلار << نىيويۇرك ئاكسىيە ۋە سودا باشقارمىسى >> نى قۇردى،مەركەزلەشكەن بىر ئاكسىيە سودىسى ئورنى ئاساسەن شەكىللەندى.1863-يىلى باشقارمىنىڭ نامى رەسمى نىيويۇرك ئاكسىيە بېرژىسى دەپ ئاتالدى.شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ ئىسىم بۈگۈنگە قەدەر ئىشلىتىلمەكتە.
نىيويۇرك ئاكسىيە بېرژىسىنىڭ بىرىنچى باش ئىشتابى ۋال كوچىسىدىكى 40-نومۇرلۇق بىر ئۆينىڭ ئىچىدە بولۇپ،بۇ ھەيئەت 1817-يىلى 200 ئامرىكا دوللىرى بىلەن ئىجارىگە ئالغان ئۆي ئىدى.ئاخىرى 1865-يىلى ۋال كوچىسىدىكى 11-نومۇرلۇق چوڭ بىنا بۇ بىرژىنىڭ ئۆزىگە تەۋە بىناسى بولدى.بېرژىنىڭ ئىچىگە ئاساسىي زال،كۆك زال ،<< ماشىنا ئۈيى>> قاتارلىق ئۈچ پاي چەك سودىسى زالى ۋە بىر زايۇم سودىسى زالى لاھىيەلەنگەن ، بۇ ۋاستىچىلار يىغىلىپ ئۆزئارا سودىلىشىدىغان ئۇرۇن ئىچىدە جەمى 16-20 گىچە سودا پۇكىيى بار.بۇ پۇكەيلەرنىڭ ھەممىسىگە زامانىۋى ئىشخانا ئەسلىھەلىرى ۋە ئالاقىلىشىش سېستىمىسى سەپلەنگەن.
1934-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى بېرژا ئامرىكا ئاكسىيە سودىسى ھەيئىتىگە بىر پۈتۈن مەملىكەتلىك ئاكسىيە بېرژىسىنى تىزىمغا ئالدۇردى.ئۇلارنىڭ مۇدىرىيىتىدە بىر نەپەر رەئىس،33 نەپەر ئەزا بولۇپ،ئۇلار ئۆزىدىن باشقا بارلىق شىركەتلەرنىڭ نىيويۇرك سودا بازىرىغا كەرەپ سودا قىلىشىنى ئۈنۈملۈك توستى.
نىيويۇرك ئاكسىيە بېرژىسى بەلگىلىگەن ئامرىكا دۆلەت ئىچى شىركەتلىرىنىڭ بازارغا كىرىش شەرتى تۆۋەندىكىدەك:
يېقىنقى بىر يىلدا باج تاپشۇرۇشتىن بۇرۇنقى پايدىسى ئىككى مىليون 500 مىڭ ئامرىكا دوللىرىدىن ئاز بولماسلىقى كېرەك؛جامائەت ئىگە بولغان مەزكۇر شىركەتنىڭ پاي چېكى بىر مىليون 100 مىڭ پايدىن ئاز بولماسلىقى كېرەك؛شىركەتتە ئەڭ ئاز بولغاندا 2000 نەپەر مەبلەغ سالغۇچى بولىشىھەر بىر مەبلەغ سالغۇچى 100 پايدىن ئارتۇق پاي چېكىگە ئىگە بولىشى كېرەك؛ئادەتتىكى پاينىڭ تارقىتىش سوممىسى بازار باھاسى بويىچە ھىساپلىغاندا 40 مىليۇن ئامرىكا دوللىرىدىن ئاز بولماسلىقى كېرەك؛شىركەتنىڭ شەكىللىك مۈلكىنىڭ ساپ قىممىتى 40 مىليۇن ئامرىكا دوللىرىدىن ئاز بولماسلىقى كېرەك.
نىيويۇرك ئاكسىيە بېرژىسى بەلگىلىگەن چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ بازارغا كىرىش شەرتى:
جامائەت ئىلكىدىكى مەزكۇر شىركەتنىڭ پاي چېكى سانى ئىككى مىليۇن 500 مىڭ پايدىن ئاز بولماسلىقى كېرەك؛100 دىن ئارتۇق پېيى بار پاي ئىگىلىرىنىڭ سانى 5000 دىن ئاز بولماسلىقى كېرەك؛شىركەتنىڭ پاي چېكى بازىرىدىكى قىممىتى 100 مىليۇن ئامرىكا دوللىرىدىن ئاز بولماسلىقى كېرەك؛شىركەت چۇقۇم يېقىنقى ئۈچ مالىيە يىلىدا ئۇدا پايدا تاپقان بولۇشى ھەم ئەڭ ئاخىرقى يىلدىكى پايدىسى ئىككى مىليۇن 500 مىڭ ئامرىكا دوللىرىدىن ئاز بولماسلىقى ،ئالدىنقى ئىككى يىلدىكى پايدىسى ئىككى مىليۇن ئامرىكا دوللىرى ياكى ئەڭ ئاخىرقى بىر يىللىق پايدىسى تۆت مىليۇن 500 مىڭ ئامرىكا دوللىرىدىن ئاز بولماسلىقى كېرەك؛شىركەتنىڭ شەكىللىك مۈلكىنىڭ ساپ قىممىتى 100 مىليۇن ئامرىكا دوللىرىدىن ئاز بولماسلىقى كېرەك قاتارلىقلار.
جوڭگۇدىكى ئەڭ بۇرۇنقى ئاكسىيە بېرژىسى 1905-يىلى قۇرۇلغان << شاڭخەي جامائەت ئىگىلىكى ئىش بېجىرىش ئورنى >> دۇر.دۆلەت قۇرۇلغاندىن كېيىن بىر مەزگىل ئاكسىيە سودىسى بىكار قىلىندى.1990-،1991-يىللىرىغا كەلگەندە يەنە ئارقا-ئارقىدىن شاڭخەي ئاكسىيە بېرژىسى ۋە شېنجىن ئاكسىيە بېرژىسى قۇرۇلدى.
ھازىر پۈتۈن يەر شارىدا جەمى ئون داڭلىق ئاكسىيە بېرژىسى بار.ئۇلار ئايرىم ھالدا :نىيويۇرك ئاكسىيە بېرژىسى،توكيۇ ئاكسىيە بېرژىسى،ناسىداك ئاكسىيە بېرژىسى،لوندون ئاكسىيە بېرژىسى،پان ياۋروپا پاي چېكى بېرژىسى،شىياڭگاڭ بېرژىسى،تورۇنتۇ ئاكسىيە بېرژىسى،پىرانكىپورد ئاكسىيە بېرژىسى،مادرىدئاكسىيە بېرژىسى،ۋە شېۋىتسارىيە ئاكسىيە بېرژىسى قاتارلىقلار.
مەنبە: << ئىقتىساد ئىلمى >> ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى.