فوند دېگەن نېمە؟
فوند jī jīn 基金
فوند جەمىيىتى ئورگان تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ،2014-يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ،دۆلىتىمىز چىگراسى ئىچىدە فوند باشقۇرۇش شىركىتىدىن جەمى 91 ى،ئاشكارە فوند توپلاش،باشقۇرۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئاكسىيە شىركىتىدىن ئۈچى قۇرۇلغان؛باشقۇرۇش مەبلەغ يىغىندىسى بەش تىرلىيۇن 136 مىليارد 902 مىليۇن يۈئەنگە،ئاشكارە توپلانغان فوند كۆلىمى ئۈچ تىرلىيۇن 734 مىليارد 922 مىليۇن يۈئەنگە يەتكەن.
يۇقۇرىدىكى خەۋەردە فوند تىلغا ئېلىندى.ئۇنداقتا سىز فوندنىڭ زادى قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟
فوند مەلۇم خىل مەخسەت ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان بەلگۈلۈك مىقتارغا ئىگە مەبلەغنى كۆرسىتىدۇ.مەسىلەن: ھاۋالە مەبلەغ فوندى،جامائەت فوندى،سوغۇرتافوندى،پىنسىيە فوندى قاتارلىقلار.ھازىرقى ئاكسىيە بازىرىدا فوند ئىككىگە بۆلۈنىدىغان بولۇپ،ئۇلار ئايرىم ھالدا يېپىق فوند ۋە ئېچىۋېتىلگەن فوندتىن ئىبارەت.
بەلكىم سىز بۇ ئېنىقلىمىلارنى چۈشۈنۈش تەستەك ھىس قىلغان بولىشىڭىز مۈمكىن.بىز تۆۋەندىكى مىسال ئارقىلىق نېمىنىڭ فوند ئىكەنلىكىنى ئوبرازلىق ھالدا چۈشەندۈرسەك بولىدۇ.
شىياۋدوڭ مەلۇم شىركەتنىڭ خىزمەتچىسى ،يېقىندىن بىرى ئۆزى يىغقان پۇل ئارقىلىق زايۇم ۋە پاي چېكىگە مەبلەغ سېلىشنى ئويلىدى.بىراق ئۇ بۇلار توغرىلىق ھىچنىمىنى بىلمەيتى ھەمدە كۈندە ئالدىراش خىزمەت قىلىپ،بۇلارنى چۈشەنگىلى ھىچقانچىلىك زېھنىنىمۇ سەرپ قىلمايتى،ئۇنىڭدىن باشقا پۇلىمۇ ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىللە مەبلەغ چىقىرىدىغان ئون ئادەم چاقىرىپ ،ئاندىن كېيىن مەبلەغ باشقۇرۇشنى پىششىق بىلىدىغان بىرەيلەن ئارقىلىق بۇ مەبلەغلەرنى كونكىرىت بىر تەرەپ قىلماقچى بولدى.
شياۋدوڭ ئون نەپەر دوستىنى تاپتى،نەچچە ئادەم ئورتاق تۇنۇش ھاسىل قىلغاندىن كېيىن ،مەبلەغ سېلىشنى چۈشۈنىدىغان بىرىنى تېپىپ ھەركەتلىنىشكە باشلىدى.بىراق ناھايتى تېزلا چاتاق چىقتى.
بۇ ئون نەپەر مەبلەغ سالغۇچى ھەر كۈنى ئۇ باشقۇرغۇچى بىلەن سۆزلەشتى،تەكلىپلىرىمۇ ھەرخىل بولدى.بىر نەچچە قېتىم شۇنداق بولغاندىن كېيىن ،ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە مۇشۇ ئىش تۈپەيلى ئىختىلاپ پەيدا بولدى.
شياۋدوڭ بۇنداق كىتىۋەرسە ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ،ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر يەرگە يىغىپ ،بىر ئادەم تېپىپ ئۇنىڭغا ھۇقۇق بېرىپ بۇ ئىشنى كونكىرت بىر تەرەپ قىلىشنى مەسلىھەتلەشتى.ئاندىن كېيىن قەرەللىك ھالدا ئۇلار تاپقان مەبلەغنى ۋاكالىتەن چىقىم قىلىدىغان ئاشۇ مەبلەغ سېلىش مۇتەخەسىسنىڭ ئەمگەك ھەققىگە جۇغلانغان مەبلەغتىن بەلگىلىك نىسپەت بويىچە پىرسەنت ئايرىپ بىرىشكە كېلىشتى.
بۇ كىشىنىڭ ۋەزىپىسى مەبلەغكە مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل چوڭ-كىچىك ئىشلارنى بېجىرىش،مۇناسىۋەتلىك خىيىم-خەتەرنى ھەر ۋاقىت مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئەسكەرتىپ تۇرۇش،ئاندىن كېيىن قەرەللىك ھالدا ھەمراھلىرىغا پايدا-زىياننى ئېلان قىلىش قاتارلىقلار ئىدى.بۇ كىشىنىڭ بەدىلى ئۈچۈن شېرىكلەر پىرسەنتتىن بىر قىسىمىنى ئۇنىڭ ئەمگەك ھەققىگە ئېلىپ قۇيۇشى كېرەك.شياۋدوڭ بىلەن دوسلىرىنىڭ بۇ خىل مەبلەغ سېلىش شەكلى شىرىكلىشىپ مەبلەغ سېلىش دەپ ئاتىلىدۇ.ئەگەر بۇ خىل شىرىكلىشىپ مەبلەغ سېلىش ئەندىزىسىنى 100 ھەسسە ياكى 1000 ھەسسە چوڭايتساق فوند دەپ ئاتىلىدۇ.
بۇنداق خۇسۇسىيلار بىرلىشىپ مەبلەغ سېلىش پائالىيىتىدە ئەگەر مەبلەغ چىقارغۇچىلار ئارىسىدا مۇكەممەل توختام مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىنسا بۇ خۇسۇسىي فوند بولىدۇ.ئەگەر بۇ خىل شىرىكلىشىپ مەبلەغ سېلىش پائالىيىتى دۆلەت ئاكسىيە كەسپىنى باشقۇرۇش كومىتىتى ( جوڭگۇ ئاكسىيە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھەيئىتى ) نىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق بۇ تۈرلەك پائالىيەتنىڭ مەسئۇل مەشغۇلاتچىلىرىنىڭ جەمىئەتكە جۇغلانما مەبلىغىنى ئاشكارلاپ ، مەبلەغ سالغۇچىلارنى قۇبۇل قىلىشقا رۇخسەت قىلىنسا ، بۇ ئاشكارا فوند تارقىتىش بولىدۇ ، يەنە بىز دائىم تىلغا ئالىدىغان << فوند >> بولىدۇ .
بۇ خىل شېرىكلىشىپ مەبلەغ سېلىشنىڭ مەسئۇل مەشغۇلاتچىسى بولسا فوند باشقۇرۇش شىركىتى ، ئۇ بىر شىركەت قانۇنىي ئىگىسى ، پەقەت ئاكسىيە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كوممىتىتىنىڭ تەستىقىغا ئېرىشكەندىن كېيىنلا ئاندىن قۇرۇلىدۇ . فوند شىركىتىنىڭ قانۇنىي ئىگىسى باشقا مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئوخشاش شېرىكلىشىپ مەبلەغ چىقارغۇچىلارنىڭ بىرى ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ مەسئۇل بولۇپ مەشغۇلات قىلغاچقا ، كۆپچىلىك شىرىكلىشىپ چىقارغان مەبلىغىدىن بەلگىلىك نىسپەت بويىچە ھەر يىلى ئەمگەك ھەققىنى ، يەنى فوند باشقۇرۇش ھەققىنى ئالىدۇ . فوند شىركىتى بولسا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئورنىدا ۋاكالىتەن ياللايدىغان ۋە باشقۇرىدىغان مەبلەغ سېلىش ماھىرى ، يەنى فوند دېرىكتورى .
بىراق بۇ يەردە بىر مەسىلە بار ، ئەگەر مەبلەغ سېلىش شىركىتى ئۆز ئالدىغا كۆپچىلىك شىرىكلىشىپ چىقارغان مەبلەغنى يۆتكەپ ئىشلىتىپ ، شىرىكلەرگە زور زىيان پەيدا قىلسا قانداق قىلىش كېرەك ؟ بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاكسىيە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كوممىتىتى فوند باشقۇرۇش شىركىتىنىڭ شېرىكلەرنىڭ مەبلىغىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى يوق ، فوند شىركىتى ۋە فوند دېرىكتورى پەقەت سودىنى باشقۇرىدۇ ، پۇلغا چېقىلسا بولمايدۇ دەپ بەلگىلەنگەن . كونكرت ھېسابات قىلىش پۇل باشقۇرۇش ئىشلىرىغا بولسا باشقا يەنە بىر ئادەمنى مەسئۇل قىلىش ، بۇ ئادەم چۇقۇم بۇ ئىشقا ماھىر ھەمدە ناھايىتى يۇقىرى ئىناۋىتى بولۇشى كېرەك .پەتق بانكىلا بۇ ئىككى شەرتنى تولۇق قانائەتلەندۈرەلەيدۇ .
شۇنىڭ بىلەن بۇ فوند كاپىتالى بانكىغا قۇيۇلىدۇ ، بانكا ئۇلار ئۈچۈن مەخسۇس بىر ھېسابات تۇرغۇزىدۇ . بۇ خىل بانكا تەرىپىدىن ھېسابات باشقۇرۇش -ھېسابات قىلىش ئۇسۇلى بولسا فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرۇش ئۇسۇلىدۇر . ئەلۋەتتە بانكا شېرىكلەر چىقارغان مەبلەغتىن مەلۇم نىسپەت بويىچە ئەمگەك ھەققى تۇتۇپ قالىدۇ .
قانۇن نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، فوند شىركىتى تاقىلىپ قالغان تەقدىردىمۇ ، ھەتتا ھاۋالىلىك باشقۇرىدىغان بانكىدىن چاتاق چىقسىمۇ ، ئۇلارغا قەرز قايتۇرىدىغان كىشىنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ فوند مەخسۇس ھېساباتىدىكى كاپىتالغا چېقىلىش ھۇقۇقى بولمايدۇ ، شۇڭلاشقا فوند كاپىتالىنىڭ بىخەتەرلىكى قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە .
يۇقىرىدا بىز فوندنى يېپىق فوند ۋە ئېچىۋېتىلگەن فوند دەپ ئىككىگە بۆلىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئىدۇق ، ئۇنداقتا بۇ ئىككى خىل فوند ئەندىزىسى كونكرت قانداق مەشخۇلات ئېلىپ بارىدۇ ؟
ئاشكارا توپلانغان فوندتا ، قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن بەلگىلەنگەن مەزگىل ئىچىدە ئاشكارا مەبلەغ توپلىغۇچىلار يەنە باشقا مەبلەغ سالغۇچى قۇبۇل قىلسا ، كېلىشىۋالغان بارلىق شېرىكلەر يېرىم يولدا مەبلىغىنى قايتۇرۋالسا بولمايدۇ . ئەگەر يېرىم يولدا چېكىنىدىغانلار بولسا ، پەقەت ئۆزى باشقىلارنى ئىزدەپ سېتىۋېتىدۇ ، مانا بۇ يېپىق فوند .
ئەگەر بۇ خىل ئاشكارا فوند توپلىغۇچىلار قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېىن ، بۇرۇنقىدەكلا باشقا مەبلەغ سالغۇچىلار چىقارغان مەبلەغنى قۇبۇل قىلسا ياكى شېرىكلەر خالىغان چاغدا قىسمەنلىرىنى ياكى ھەممىسى مەبلىغىنى ۋە ئېلىشقا تېگىشلىك پايدىسىنى قايتۇرۋالسا بولىدۇ ، بۇ بولسا ئېچىۋېتىلگەن فوند .
يېپىق ۋە ئېچىۋېتىلگەن فوند بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ، ئەگەر شېرىكلەر ئېلىپ-سېتىش ۋە ئۆتۈنۈپ-بېرىشنى تېخىمۇ قۇلايلىقلاشتۇرماقچى بولسا ، بازار تېپىپ فوند ۋىۋىسكىسىنى ئېسىپ ، ئاندىن كېيىن بازار باھاسى بويىچە مەبلەغ سالغۇچىلار ئوتتۇرسىدا ئەركىن سودىلاشسا بولىدۇ ، بۇ بازارغا سېلىنغان فوند بولىدۇ .
مەنبە:شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى،سەھىيە نەشىرياتى نەشىر قىلغان <<ئىقتىساد ئىلمى >> ناملىق كىتاپ