A-A+

ئاكسىيە دىگەن نېمە؟

2017-يىل 25-ماي كاپىتال ئىگىلىكى باھا يوقكەن زىيارەت: 433 قېتىم

ئاكسىيە  zheng quan 证券

سۈرەتتە : جۇڭگۇدىكى تۇنجى پاي چېكى ئىسپاتى ( بېلىتى )

timg

يېقندىن بېرى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاكسىيە بازىرى نۇرغۇنلىغان يىڭى تېما ۋە

بايلىقلارنى يارىتىپ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ پاراڭ تىمىسىغا ئايلاندى ھەمدە بەزى بىر قارىغۇلارچە بۇ بازارغا كىرگۇچىلەرگە مەلۇم بايلىق ۋە خەيىم خەتەر ئېلىپ كەلدى....ئەلۋەتتە بەزى بىر بىركىچىدىلا باي بولۇشنى ئويلاپ يۇرگەنلەرنىڭ تاۋاپكاھىغا

ئايلاندى.....

ئۇنداقتا ئاكسىيە دىگەن نىمە؟

ئاكسيە  ________مەبلەغ سالغۇچىنىڭ ھوقوق مەنپەئەتى يېزىلغان قانۇنىي كۇچكە ئىگە

بولغان يازما دوكۇمىنت ( ھۆججەت ، ئىسپات ) بولۇپ قانۇنلۇق بولۇشى،يازمىچە بولۇش ئۇنىڭ مۇھىم

ئالاھىدىلىكى ھىساپلىنىدۇ.

ئۇ بىر خىل قىممەتكە ئىگە بولۇپ تۇتۇپ تۇرغۇچى ( مەبلەغ سالغۇچى ) نىڭ تۇتۇپ تۇرۇش مەزگىلىدە مەلۇم تاۋارغا،پۇلغا ۋە ئوسۇمگە ئىرىشىش ھوقوقىغا ئىگە بولىدۇ،

شۇڭا بۇ بىر خىل ئوبورۇت قىلىنىش(سودا قىلىش) باھاسىغا ئىگە بولىدۇ.

قىممەتكە ئىگە ئاكسىيە (有价证券 )كەڭ مەنادىكى ئاكسىيە 广义证券 ۋە تار مەنادىكى ئاكسىيە 狭义证券 دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ.
كەڭ مەنادىكىسى ئاكسىيە  ____

پۇل ئاكسىيەسى 货币证券

مەھسۇلات ئاكسىيەسى 商品证券

كاپىتال ئاكسىيەسى 资本证券

دەپ ئۈچ تۈرگە ئايرىلىدۇ .

كاپىتال ئاكسىيە       资本证券

بولسا پۇل مۇئامىلە مەبلەغ سېلىش پائالىيىتى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى بولغان مەبلەغ سېلىش (جۇغلاش) جەريانىدا

شەكىللەنگەندوكۇمنىتلارنى كورسىتىدۇ، ئۇ ئاملاشتۇرۇشقا بولىدىغان تۆۋەندىكى ئاكسىيەلەرنى كۆرسىتىدۇ :

1. پۇل-مۇئامىلە قەرەللىك مېلى     金融期货

2.فوند           基金

3.قەرز چېكى   债券

4.پاي چېكى   股票

 ئۇلار يەنە بازارغا سېلىنغان ۋە بازارغا سېلىنمىغان دەپ 2 گە بۆلىنىدۇ.

ھازىر كۆپ ساندىكى كىشىلەر تەھلىل قىلىۋاتقىنى بازارغا سېلىنغان ئاكسىيەلەرنى كورسىتىدۇ.

ئۇلار تەڭ قىممەتتىكى مۈلۈككە ئىگە بولۇش، مەلۇم پايدىغا ئىگە بولۇش، ئوبورۇتچانلىققائىگە بولۇش ۋە خىيىم خەتەرلىك بولۇشتىن ئىبارەت ئالاھىدىلىككە ئىگە .
ھازىر  دۇنيادا 88دۋلەتتە ئاكسىيە بازىرى بۇلۇپ ، كۇلەم جەھەتتىن دۋلىتىمىز ئاكسىيە بازىرى

3-ئورۇندا  تۇرىدۇ ،دۋلەت ئىچىدە ئىككى( شاڭحەي،شىنجىن) ئاكسىيە بازىرى ،135 ئاكسىيە شىركىتى بۇلۇپ،بۇ بازاردا پىيىنى بازارعا سالعان شىركەتلەر 2500دىن ئاشتى (رايۇنىمىزدىن پىيىنى بازارعا سالعان شىركەت 39)  

ھازىر مەبلەع سالعۇچىلار

180مىليوندىن ئىشىپ ،3ئائىلىدىن بىر ئادەم ، 9ئادەمدىن بىر ئادەم پاي سودىسى

قىلىدىعان عايەت زور  زامانىۋى بازارعا ئايلاندى .

رايۇنىمىزدا  7ئائىلىدىن بىر ئادەم 20ئادەمدىن بىر ئادەم پاي ئوينايدۇ ، ئەمما ئۇيعۇرلاردىن پاي ئوينايدىعانلار 200دىن بىرگىمۇ يەتمەيدۇ . ھازىر كوچىدا ئىشتان-پايپاق،گازىر -پۇرچاق ساتقانلار

تىجارەتچى  ھىساپلانمايدۇ ، ئاكسىيە بازارنىڭ تەمىنى تىتىماي تۇرۇپ سودىگەر ئاتالعىلى ھەم ،ئىقتىسادنىڭ ھوزورىنى

سۈرگىلى بولمايدۇ .

نوۋەتتە دۋلەت ئىچىدە :

1 . پۇل مۇئامىلە بازىرى 金融市场

2 . ئاكسىيە بازىرى 证券市场

3.ئالتۇن بازىرى 黄金市场

4.تاشقى پىرۋوت بازىرى 外汇市场

5.قەرەللىك مال سودا بازىرى 期货市场

دىن ئىبارەت 5چوڭ بازار بار.

ھازىر  بۇ بەش بازار ئىچىدە ھاياتى  كۇچى ئەڭ كۇچلۇك بولعىنى ئاكسىيە بازىرى بىلەن ئالتۇن بازىرىدۇر.

يۇقارقى بازارلار بىزدەك سودىگەر مىللەت ئۇچۇن ئىقتىدارىمىزنى سىنايدىعان ئەڭ ياحشى بىحەتەر سورۇن ھىساپلىنىدۇ .

ھازىر بىزدىن پاي چىكى سودىسى قىلىدىعانلارنىڭ سانى ئاز بولسىمۇ

ئەمما مىلىيارت مەبلىعى بار مەبلەع سىلىش شىركەتلىرىنى چورىۋاتقان قىرىنداشلىرمىز

بار . قىزىققۇچىلارتەڭرىتاغئاكسىيە تورىعا كىرىپ كورۇپ باقسا بۇلىدۇ.
دۋلىتىمىزدە 1986-يىلى شاڭحەيدە 6پاينى بازارعا چىقىپ ،پاي بازىرى ئىچىلعان ،

1992-يىلىمۇ 8 كارخانىنىڭ پېيى بار ئىدى .

1992-يىلى 4-ئاينىڭ 22 -كۇنى پۈتۈن مەملىكەت  بويىچە ئاكسىيە  بازىرىدا  بىر تىيىنلىقمۇ

سودا بولمىعان .

ھازىر دۆلىتىمىزدە پېيىنى بازارغا سالغان شىركەتلەرنىڭ بازار قىممىتى 4 تىرلىيوندىن ئىشىپ كۇنلۇك سودا مىقدارى

100 مىلىيارت يۇەندىن ئاشىدۇ . دىمەك بازارنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن تىز بولدى . بۇ بىز ئۇچۇن يۇزلەنمىسەك بولمايدىعان ساھە بۇلۇپ ،كىيىنكى  بازاردىكى  مەۋجۇتلىقىمىزنىبەلگىلەيدىعان مۇھىم كۇچ بۇلۇپ قىلىشى مۇمكىن .

مەنبە:ئىزدىنىش تورى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ