A-A+

پۇل پاخاللىقىنىڭ ئالتۇن باھاسىغا قانداق تەسىرى بار؟

بۇ دۇنيادىكى غەيرى كىردىت پۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالتۇن بىلەن قەغەز پۇلنىڭ ئامانەت قويۇش قاتارلىق پۇل شەكىلى ئوخشىمايدۇ، ئۆزى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان قىممەتكە ئىگە، ئەكىسچە باشقا پۇلغا ئوخشىمايدىغىنى پەقەتلا قىممەتنىڭ ۋەكىلى، ئۇنداقتا پۇل پاخاللىقىنىڭ ئالتۇن باھاسىغا قانداق تەسىرى بار؟ تۆۋەندە ئىلكان كاپىتالى سىزگە بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىدۇ. 

timg

چېكىدىن ئاشقان ئەھۋالدا، پۇل قەغەز بىلەن باراۋەر بولىدۇ، ئەمما ئالتۇن ھەرقانداق ۋاقىتتا قىممەتلىك مىتال سۈپىتىدىكى قىممىتىنى يوقاتمايدۇ.
شۇ سەۋەبتىن، ئالتۇننى قىممەتنىڭ مەڭگۈلۈك ۋەكىلى دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ ئەھمىيىتى ئالتۇننىڭ پۇل پاخاللىقى دەۋرىدىكى مەبلەغ سېلىش قىممىتىدە ئىپادىلىنىدۇ، قەغەز پۇلنىڭ پۇل پاخاللىقى سەۋەبىدىن قىممىتى چۈشۈپ كېتىدۇ، ئەكىسچە ئالتۇننىڭ ئۇنداق بولمايدۇ.
ئەنگىلىيەنىڭ داڭلىق تىككۈچىلەر كوچىسىدىكى كاستۇمنى مىسال قىلساق، نەچچە يۈز يىلدىن بۇيانقى باھاسى بەش، ئالتە ئۇنسىيە ئالتۇننىڭ سەۋىيەسىدە، بۇ ئالتۇننىڭ سېتىۋېلىش كۈچىنىڭ ئۇزۇن تارىختىن بۇيان ئۆزگەرمىگەنلىكىنىڭ روشەن دەلىلى. نەچچە يۈز يىل بۇرۇن نەچچە ئون فونىدسىتىرلىڭغا كاستۇم سېتىۋالغىلى بولاتتى، ئەمما ھازىر پەقەت ياقىسىنىلا سېتىۋالغىلى بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، پۇلنىڭ ئېقىشچانلىقى ئەۋج ئالغان، پۇل پاخاللىقى كۈچلۈك بولغان يىللاردا، ئالتۇن پۇل پاخاللىقىغا قارشى تۇرىدىغان ئالاھىدىلىكى سەۋەبىدىن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.  
ئالتۇن باھاسىغا قارىتا مۇھىم تەسىرى بار بولغىنى بولسا پۇل پاخاللىق نىسبىتىنى تۇتۇپ قالغاندىن كېيىنكى ئەمەلىي ئۆسۈم نىسبىتى سەۋىيەسى، پۇل پاخاللىق نىسبىتىنى تۇتۇپ قالغاندىن كېيىنكى ئەمەلىي ئۆسۈم نىسبىتى بولسا ئالتۇننىڭ پۇرسەت تەننەرخىنى ساقلاپ قالىدۇ، ئەمەلىي ئۆسۈم نىسبىتى مىنۇس بولغان مەزگىلدە، كىشلەر ئالتۇن ساقلاشنى بەكرەك ئارزۇ قىلىدۇ.
مىسال ئالساق، ئەمەلىي ئۆسۈم نىسبىتى= نامدىكى ئۆسۈم نىسبىتى- پۇل پاخاللىقى نىسبىتى. ناۋادا پۇل پاخاللىقى نىسبىتى=%4، بانكىنىڭ نامدىكى ئۆسۈم نىسبىتى=%3، ئەمەلىي ئۆسۈم نىسبىتى=%1 بولسا يۈز سوم پۇلنى بىر يىل ئامانەت قويغاندىن كېيىنكى ئۆسۈم جەمئىي 104 يۈەن بولىدۇ. بۇ 104 يۈەن بىر يىل ئىلگىرىكى 100 يۈەندىن كىچىك. 
پۈتۈن 1970-يىللاردا، ئەمەلىي ئۆسۈم نىسبىتى كۆپ قىسىم ۋاقىتتا %1 دىن تۆۋەن بولغان، ئوخشاش مەزگىلدىكى ئالتۇن باھاسىدا بىر قېتىملىق چوڭ پارتىلىغان ئىتتىك بازار پەيدا بولغان. ئەكىسچە 1980-يىللار ۋە 1990-يىللاردا، كۆپ قىسىم ۋاقىتتىكى ئەمەلىي ئۆسۈم نىسبىتى %1 تىن چوڭ بولغان، بۇ مەزگىلدىكى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۇدا 20 يىل داۋاملاشقان كاسات بازاردا ئالغا ئىلگىرلىشى تەس بولغان.
بۇنىڭدىن سىرت، 2001-2003-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە، ئەمەلىي ئۆسۈم نىسبىتى %1 لىك سەۋىيەدىن تۆۋەن بولغان، ئەكىسچە بۇ بىر قانچە يىل ئالتۇن ئىتتىك بازىرىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولغان.

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ