ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى

2015-يىل 28-مارت باھا يوقكەن زىيارەت: 27,755 قېتىم

营业执照

组织机构代码证

suiwudebgjizheng

ئەقىدە قاشگەرلىك شىركىتى ____________ 2010-يىلى قۇرۇلغان ، دەۋرىمىز خوتەن قاشگەرلىك مەدەنىيىتى ئەڭ گۈللەنگەن چاڭجاڭ دەريا دىلتىسى ئىقتىساد بەلبىغىدىكى مەركىزى رايۇن  جىياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇشى شەھىرىگە جايلاشقان  ئەقىدە قاشگەرلىك دۇكىنى ئاساسىدا تەرەققىي قىلىپ زورايغان ، مۇنتىزىملاشقان كەسپى ئۈنچە-مەرۋايىت شىركىتى.

 شىركىتىمىز - ئەمەلىي سودا بىلەن تور سودىسىنى بىرلەشتۈرگەن (  o2o ) سودا ئەندىزىسى بويىچە  دىيارىمىز تەبىئى بايلىقلىرىنىڭ خان تاجى بولغان خوتەن قاشلىرى تىجارىتىنى ئاساس قىلىپ ،خوتەن قاش ئويمىلىرى ، تەبىئى مەرۋايىت  ۋە مەرۋايىت زىننەتلىرى  ... نى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ، كۈچلۈك كەسپ ئەھلىلىرى توپلانغان ، تەتقىقات بىلەن تىجارەت بىرلەشتۈرۈلگەن بىلىم تارقىتىش تىپىدىكى دىيارىمىزدىن يېتىشىپ چىققان ئۈنچە-مەرۋايىت كەسپىدىكى تۇنجى ئۇيغۇر شىركىتى .

IMG_20151127_143711

IMG_20151221_082851

IMG_20151221_083354

ئەقىدە قاشگەرلىكىمىز مۇشۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغان بەش يىلدىن بۇيان ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر قاشگەرلىك مەدەنىيىتى مىراسلىرىنى قېزىش،رەتلەش ۋە زامانىمىزغا لايىقلاشتۇرۇش جەھەتتە كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتۇق.ئۇيغۇر قاشتېشى تورىنى قۇرۇپ خوتەن قاشگەرلىك مەدەنىيىتىنى ئاۋامغا تۇنۇتۇش ۋە قاشگەرلەرنى ھەم  ئويمىچىلارنى كەسپىي جەھەتتىن يىتەكلەش جەھەتتە نۇرغۇن ئىجابىي خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق.يوقۇلۇپ كەتكىنىگە نەچچە يۈز يىل بولغان ئۇيغۇر قاش ئويمىچىلىق كەسپىنى ئەتراپلىق تەتقىق قىلىپ ئورۇپ -ئادىتىمىز ۋە ئېتىقادىمىزغا ئويغۇن بولغان ئەقىدە ماركىلىق خوتەن قاش ئويمىلارنى بازارغا سالدۇق .

دىيارىمىز خانىم قىزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەللىك ئۇقۇمىغا ماسلاشتۇرۇپ دۆلەت ئىچىدىكى مەرۋايىت بازىلىرىنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق سۈيى بۇلغانمىغان رايۇنلاردىن تەبىئى مەرۋايىتلارنى كىرگۈزۈپ ئەقىدە ماركىلىق مەرۋايىت زىننەتلىرىنى بازارغا سالدۇق ھەم بۇندىن كىيىن نۇرغۇن يىڭى تۈرلەرنى بازارغا سېلىشقا تىرىشىپ شارائىت ھازىرلاۋاتىمىز.....

IMG_20151125_140426

df130515p89863-main1

TB2RFkrgVXXXXbpXpXXXXXXXXXX_2503423189

猎豹截图20151130084551

خوتەن قاشگەرلىك مەدەنىيىتىمىزنى زامانغا لايىقلاشتۇرۇش مەقسىتىدە كەسپىي خادىملارنى ئۇيۇشتۇرۇپ شىنجاڭ ئويمىچىلىق زاۋۇتى سۈرەتكە ئالغان 12 قىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىم ‹‹ ئاسايىشلىق يىللاردىكى گۈزەل قاشتېشى ›› نى ئانا تىلىمىزغا ئاۋازلىق تەرجىمە قىلىپ ئاۋامغا سۇندۇق.قاشتېشى كەسپىي ئاتالغۇلىرىنى ئانا تىلىمىزدا قېلىپلاشتۇردۇق.ئۈندىدار سالۇنى قۇرۇپ خوتەن قاش مەدەنىيىتى ۋە جاۋاھىرات بىلىملىرىنى ئاۋامغا دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ كىلىۋاتىمىز.ئەقىدە قاشگەرلەر ئۈندىدار مۇنبىرى قۇرۇپ ھەركۈنى كەچتە بازار ئۇچۇرى ۋە ئېلىم-سېتىم ئۇچۇرلىرىنى كەسىپكارلارغا يەتكۈزۈپ كىلىۋاتىمىز.

IMG_20151125_155402

تور مۇھىتىدا << ئەقىدە قاشتېشى بازىرى 阿克达和田玉市场  >> ( خەنزۇچە ئۈندىدار سۇپىسى ) قۇرۇپ كەسىپداشلىرىمىز ئارىسىدىكى خەنزۇچە بىلمەسلىك سەۋەبى بىلەن ماللىرىنى ساتالمايۋاتقانلارنىڭ ئېسىل ، سۈپەتلىك  ماللىرىنى خەنزۇ خېرىدارلار بىلەن بىۋاستى ئۇچراشتۇرۇپ ناھايىتى ياخشى ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتتۇق . 

猎豹截图20151225105351

ئەقىدە قاشتېشى بازىرى ______ قاشگەرلىرىمىز ۋە گۆھەر تاش سودىگەرلىرىنىڭ تىل

قىيىنچىلىقىنى ، ماكان ، زامان قىيىنچىلىقىنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىپ ئۆز ئورنىدا

تۇرۇپلا ماللىرىنى جۇڭگۇنىڭ ھەر قايسى جايلرىغا ساتالايدىغان ، خەنزۇ خېرىدارلارمۇ ئۆز

ئورنىدا تۇرۇپلا ئۆزىگە كېرەكلىك ماللارنى سېتىۋېلىشىدا ھەقىقىي كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقتىن خېرىدارلىرىمىزنىڭ سانى ناھايىتى تېز سۈرئەتتە كۆپەيمەكتە ھەم بىزگە

ئەمەلىي سودا بىلەن ئىنتىرنىت مۇھىتىدىكى سودىنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرماقتا .

TB1atH0HpXXXXceaXXXXXXXXXXX_0-item_pic

YUDUOYING-484150014-2

CHOW-AQ32381-1

667d43fb-1e3c-4597-9320-a5e43c436428

ئەقىدە قاشگەرلىكىمىزنىڭ نىشانى -تەۋەرۈك كەسپىمىز خوتەن قاشگەرلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە ،تەبىئى مەرۋايىت ،پىروزە،خىرىستال...قاتارلىقلاردىن تۈرلۈك زىننەت بۇيۇملارنى ئىشلەپ خەلقىمىزنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن تىگىشلىك تۆھپە قۇشۇش ۋە خوتەن قاشگەرلىكى كەسپىدە داڭلىق ماركا يارىتىشتىن ئىبارەت.

IMG_20151125_135013

ئەقىدە قاشگەرلىكىمىز ھەر ساھەدىكى خوتەن قاشگەرلىكى مەدەنىيىتىمىز ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان مۇتەخەسىسلەرنىڭ ۋە خوتەن قاشگەرلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپكارلارنىڭ ھەمكارلىشىشىنى ،داڭلىق ماركا يارىتىش ئۈچۈن قولنى قولغا تۇتۇپ بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى سەمىمىي ئۈمۈد قىلىمىز.

IMG_20151125_144016 IMG_20151125_151723 QQ图片20150820114750

شىركىتىمىز قۇرغان ئەقىدە قاشگەرلەر مۇنبىرى ئانا تىلىمىزدىكى خوتەن قاشگەرلىكى ۋە گۆھەر تاشلار ھەققىدە كەسپى مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلىدىغان ، ئۇچۇر ئاملاشتۇرۇلىدىغان كەسپى بىلىملەرنى ئۆز -ئارا ئۆگىنىدىغان كەسپى ھەمكارلىق مۇنبىرى . تىزىملىتىش ئۈندىدار نۇمۇرى :

UYHTCN

ئەنئەنىۋى تەۋەرۈك كەسپىمىزنى زامانىۋى كارخانىچىلىق ئەندىزىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈش يولىدا توختاۋسىز ئىزدىنىۋاتقان شىركىتىمىز _________  ھەمكارلىشىپ يول ئېچىپ قاشگەرلىك ساھاسىدە داڭلىق ماركا يارىتىش ؛ ئەنئەنىۋى تەۋەرۈرۈك كەسپىمىزنى زامانىمىزغا لايىقلاشتۇرۇپ سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش ؛ ھەر تەرەپتىن يىتىشكەن كۈچلۈك سېتىش قوشۇنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر جاۋاھىرات كەسپىمىزنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش مەخسىتىدە تور سودىسىغا مەبلەغ سېلىپ تاۋباۋ تورىدا دۇكان ئاچتى .

ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تاۋباۋ دۇكىنى

taobao.uyhqt.com

猎豹截图20150506204421

猎豹截图20151225103107

猎豹截图20151225102841

猎豹截图20151225103011

قۇمۇلدا ئەقىدە جاۋاھىرات زەنجىرسىمان دۇكىنى ئېچىلىپ سودا ئىلگىرى سۈرۈلدى.

قۇمۇل ئەقىدە جاۋاھىراتلىرى دۇكىنى تىجارەت باشلىدى

بىزنىڭ ھەمكارلىق ئىشىكىمىز پەزىلەتلىك ھەمكارلاشقۇچىلار ئۈچۈن مەڭگۈ ئوچۇق!

خوتەن قاش ، مەرۋايىت قاتارلىق جاۋاھىراتلاردىن ئىھتىياجىڭىزغا ئاساسەن مال بىلەن تەمىنلەيمىز.

شىركىتىمىز ئەقىدە قاش ئويمىلىرى ۋە مەرۋايىت زىننەتلىرىنىڭ سۈپىتىگە مەڭگۈ كاپالەتلىك قىلىپ ئىستىمالچىلارنىڭ قانۇنىي ھۇقۇق مەنپەتىنى ئاڭلىق قوغداش ئۈچۈن ھەر قانداق مەھسۇلاتىمىزنى دۆلەتنىڭ سۈپەت تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىغا تەكشۈرتۈپ لاياقەت گۇۋاھنامىسىنى مال بىلەن بىرگە خېرىدارلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ .شىركىتىمىزنىڭ ھەر قانداق جاۋاھىراتلىرىدا دۆلەتنىڭ سۈپەت تەكشۈرۈش گۇۋاھنامىسى بولىدۇ.

سۈپەت تەكشۈرۈش گۇۋاھنامىسىنىڭ شەكلى كىملىك شەكلىدە سۇلياۋ بىلەن ھىم ئورالغان

بولۇپ ، تۆۋەندىكى سۈرەتتىكىدەك بولىدۇ 

未命名_meitu_1

مال سېتىۋالغاندا   شىركىتىمىزنىڭ تامغىسى بېسىلغان ئۆلچەملىك تالۇن ،  سوۋغات قېپى ، مەرۋايىت ئاسراش لاتىسى بىلەن بىرلىكتە قولىڭىزغا يېتىپ بارىدۇ . سۈپەت گۇۋاھنامىسى بولمىسا چۇقۇم ئەقىدە شىركىتىمىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، ساختا مالدىن ھەزەر

ئەيلەڭ !

شىركىتىمىز سىزنىڭ ئامراق تېلىپۇنىڭىز ئارقىلىق جاۋاھىرات سېتىۋېلىشىڭىزغا ماس كېلىدىغان تۆۋەندىكى بازارنى قۇرۇپ چىقتى

未命名_meitu_1

ئەقىدە شىركىتىنىڭ سېتىۋاتقىنى _____ جاۋاھىراتلا بولۇپ قالماستىن ئەڭ مۇھىمى

ئىشەنچ ۋە سەمىمىيەتتۇر !

سىز دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولۇڭ  ئەقىدە شىركىتىمىز تېز يەتكۈزۈش شىركەتلىرى ئارقىلىق مالنى قولىڭىزغا ئەڭ تېز سۈرئەتتە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ . كىراسىنى ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىمىز ئۈستىگە ئالىدۇ.

ئەقىدە شىركىتى مۇلازىمەت لېنىيەسى :

684 0991 400

ئەقىدە مەرۋايىتلىرى مۇلازىمەت ئۈندىدارى :

UYHTCN

مەنزىل: جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى قاشتېشى بازىرى 6-بىنا 207-101-نومۇر

 ئالاقىلاشقۇچى :ئابلىكىم

توربەت ئادىرىسىمىز:www.

ئىلخەت :

 1779747588@qq.com

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ