A-A+

دۇنيادا 2-ئورۇندا تۇرىدىغان مىليادىرلار يۇرتى

2017-يىل 10-سېنتەبىر مىليادىرلار باھا يوقكەن زىيارەت: 83 قېتىم

ىنا تورى 29-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

جۇڭگونىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى بايلىرى تېز سۈرئەتتە كۆپەيمەكتە. بۇنىڭ ئىچىدە، كۆزنى ئەڭ قاماشتۇرىدىغان رايون بولسا جېجياڭ ئۆلكىسى.

CNNنىڭ خەۋەر قىلىشچە، خۇرۇينىڭ دوكلاتىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگونىڭ جېجىياڭ ئۆلكىسىدىن ئاللىبۇرۇن 72 نەپەر مىليادېر چىققان بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا تەۋەسىدە 92 نەپەر مىليادېر چىققان ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدىن قالسىلا دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن.

شەھەرلەرنى سېلىشتۇرغاندا، خاڭجۇدىن ئاللىبۇرۇن 32 نەپەر مىليادىر چىققان بولۇپ، 30 نەپەر مىليادىر چىققان پارىژ ۋە 28 نەپەر مىليادىر چىققان سان فرانسېسكودىن ئېشىپ كەتكەن.

ئۇنداقتا، جېجياڭ بىلەن خاڭجۇ نېمىگە تايىنىپ بۇنداق قىلالىدى؟

مايۈن خاڭجۇلۇق، 1999-يىلى ئۇ خاڭجۇدا ئەلى بابا شىركىتىنى قۇردى. ھازىرغا قەدەر زىيارەت قوبۇل قىلغان ۋاقىتتا ئۇ چۈشەندۈرۈپ، بۇنىڭ سەۋەبى «خاڭجۇنىڭ مۇھىتى»، «خاڭجۇنىڭ مەدەنىيىتى»، «خاڭجۇنىڭ تارىخى» دەيدۇ.

خاڭجۇ تارىختىن بۇيان مۇھىم سودا-سانائەت مەركىزى ۋە رايون مەركىزى ئىدى. جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە  جۇڭگونىڭ پايتەختى بولغان، ئىقتىساد، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە تەرەققىي قىلغان. شىخۇ كۆلىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ناھايىتى كۆپ شائىرلار ۋە پەيلاسوپلارنى جەلپ قىلغان. ئۇ يەنە بېيجىڭ-خاڭجۇ چوڭ قانىلىنىڭ جەنۇبىي باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ، مۇھىم دۆلەت ئىچى ۋە تاشقى سودا ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان.

جۇڭگونىڭ يېقىنقى نەچچە 10 يىللىق چوڭ تەرەققىيات مەزگىلىدە، خاڭجۇ يەنە ناھايىتى مۇھىم رول ئۆتىگەن، 1972-يىلى نېكسون زۇڭتۇڭ جۇڭگونى زىيارەت قىلغان ۋاقىتتا خاڭجۇ ئۇنىڭ تۇنجى بېكىتى بولۇپ قالغان.

مايۈن مۇنداق دەيدۇ: «بۇ شەھەر ناھايىتى بۇرۇنلا جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋېتىش جەريانىغا قاتناشقان. دەل مۇشۇ خاڭجۇنىڭ ئېچىۋېتىلىشى ناھايىتى كۆپ چەتئەللىك زىيارەتچىلەرنىڭ، ئامېرىكىلىقلارنىڭ خاڭجۇغا كېلىشىنى ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلغان، شۇنىڭ بىلەن مەن خاڭجۇنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىلىشىدىن ناھايىتى زور پايدىلارغا ئېرىشتىم.»

مايۈن 1964-يىلى تۇغۇلغان، 10 نەچچە ياش ۋاقتىدىلا ۋېلسىپىتنى مىنىپ شىخو كۆلى بويىغا بېرىپ، ئېغىز تىلى مەشىقى قىلاتتى، بۇ مەزگىلدە ئۇ بىر تۈركۈم تا ھازىرغىچە بېرىش كېلىش قىلىدىغان چەتئەللىك دوستلارنى تۇتقانىدى، ھەمدە ناھايىتى بۇرۇنلا غەربنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشقان ئىدى.

خەيكاڭ ۋېيشى (海康威视)نىڭ لىدىرى چېن زوڭنىيەن ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «1980-يىللىرى، خاڭجۇمۇ نىڭبو، ۋېنجۇ قاتارلىق جېجياڭنىڭ باشقا شەھەرلىرىگە ئوخشاش، ناھايىتى بۇرۇنلا ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋېتىشنىڭ سېپىگە قۇشۇلۇپ خۇسۇسىي كارخانىلار قۇرۇلغان ئىدى.»

بىرىنچى ئەۋلاد كارخانىچىلار ياساش سانائىتى ۋە ئەمگەك كۈچىگە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلىگەن، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، مەسىلەن ئاياغ، كىيىم-كېچەك قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقارغان، چېن زوڭنىيەننىڭ دېيىشىچە ئۇلار باتۇر بىر ئەۋلاد ئىكەن. بۇ خىل كۈرەش قىلسىلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغان روھ كېيىنكىلەرگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن.

1990-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىن 2000-يىللىرىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا باش كۆتۈرگەن ئىككىنچى ئەۋلاد كارخانىچىلار بولسا، كۆپ قىسىمى يۇقىرى پەن-تېخنىكىغا تايىنىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. بۈگۈنكى كۈندىكى ئۈچىنچى ئەۋلاد كارخانىچىلار بولسا ئىنتېرنېت تورىنى ئاساس قىلغان مۇلازىمەت كەسپىگە كۆپرەك ئەھمىيەت بەرگەن، مەسىلەن، ئەقلى ئىقتىدارلىق ئائىلە سۇپىسى ۋە سۈنئىي ئىدراك قاتارلىقلار.

«ئۇلار بۇ يەردە قېلىپ ئىگىلىك تىكلەيدۇ، چۈنكى ئۇلار بۇرۇنقىلارنىڭ سودا ئەندىزىسىدىن ئۈلگە ئالسا بولىدۇ. تېخىمۇ كۆپ يەرلىك كاپىتالنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلەيدۇ» چېن زوڭنىيەن شۇنداق خۇلاسىلىدى.

جېجىياڭدىن چىققان 72 نەپەر مىليادېرنىڭ ئىچىدە يەنە خۇڭشەن جۇڭگو (红杉中国)نىڭ قۇرغۇچىسى شېن نەنپېڭ، ۋاڭيىنىڭ قۇرغۇچىسى دىڭ لېي (بۇ ئىككىسى ھازىر بېيجىڭدا)، داجىياڭنىڭ قۇرغۇچىسى ۋاڭ تاۋ (ھازىر شېنجېندا)، جىلىنىڭ قۇرغۇچىسى لى شۇفۇ (ھازىر خاڭجۇدا).

20160930012906296

خۇرۇي مۇنداق دېدى: «جېجياڭدىكى كارخانىچىلارنىڭ سانى، جۇڭگونىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىكىدىن خېلى كۆپ ئېشىپ كەتكەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى كۆپ ئىقتىدارلىقلار، شۇنداقلا ئۇلار ھەمكارلىشىش روھىغا باي.»

جېجياڭنىڭ نوپۇسى پۈتۈن جۇڭگو نوپۇسىنىڭ %5نى ئىگىلەيدۇ، لېكىن بۇ يەردىكى ئەڭ باي تەبىقە بولسا، پۈتۈن جۇڭگونىڭ %15نى ئىگىلەيدۇ، خۇرۇي شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، جېجىياڭ ئۆلكىسى يەنە داۋاملىق تېخىمۇ كۆپ مىليونېر ۋە مىليادېرلارنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، بۇنىڭ مايۈن بىلەن مۇناسىۋىتى ناھايىتى چوڭ.

«مايۈننىڭ جۇڭگودا ناھايىتى كۆپ ھەمكارلاشقۇچىلىرى بار» خۇرۇي چۈشەندۈرۈپ شۇنداق دېدى. بۇ مىليادىرنىڭ مەبلەغ سالغان ساھەسى ناھايىتى كەڭ. ئۆتكەن ئالتە يىل ئىچىدە ئەلى بابا يۈزدىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىش ۋە سىتىۋېلىش سودىسىدا جەمئىي 30 مىلياردتىن 40 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغىچە پۇل خەجلىگەن.

چۈمۈلە پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ پاي چېكى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن يەنە بىر مىليادېرنى بارلىققا كەلتۈرۈش مۇمكىن، خۇرۇينىڭ مۆلچەرىچە، بۇ شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى گۇەن پېڭلىينىڭ بازار قىممىتى تەخمىنەن 940 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا ئىكەن.

«ئەلى بابا بىلەن چۈمۈلە پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بارلىققا كەلتۈرگەن مىليادىرلارنىڭ سانى بىزنىڭ بۇ تىزىملىكىمىزدىكى جۇڭگونىڭ باشقا ھەرقانداق شىركەتلىرىدىن ئېشىپ كەتتى.» خۇرۈي شۇنداق دېدى. بۇ بولسا ناھايىتى مۇكەممەل بىر مىسال بولۇپ، ھەمكارلىشىشنىڭ ئۈنۈمىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى.

مايۈن ئۆزى بولسا ناھايىتى كەمتەر: «مېنىڭچە بۇ ئەلى بابانىڭ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقى ئەمەس، خاڭجۇ ماڭا ناھايىتى چوڭ ياردەم قىلدى، مەن بۇ شەھەرگە نىسبەتەن باشتىن ئاخىر مىننەتدارمەن.»

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ