A-A+

بايلار كەلگۈسى ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالىدۇ

2016-يىل 25-ماي مىليادىرلار باھا يوقكەن زىيارەت: 222 قېتىم

ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى

سۈرەتتە : دۇنيا مىليادىرلىرىنىڭ بىرى ، بلومبورگ ئاخبارات شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مايكول بلومبورگ

20160228014527876

ئىدىيەنى ئۆزگەرتكەندە، جاپالىق ئشلىگەنگە قارىغاندا

تېخىمۇ ئاسان بايلىققا ئېرىشكىلى بولىدۇ

نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ بايلىققا ئېرىشىشى, مەبلەغنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ. سەۋەبى تۈپ يىلتىزىدىن ئېيىتقاندا، ئۇلارنىڭ بايلىق ئۇقۇمىدا پەرىق مەۋجۇت. ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۈسۈپ يىتىلىش جەريانىدىكى تەربىيلىنىش دەرىجىسى، ئىجتىمائى سەرگۈزەشتىسى ئۇنىڭ بايلىق قارىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇنداقلا چوڭ تاللاشتىن كىچىك تۇرمۇش ئادەتلىرىگىچە ھەممىسىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.

دېھقان ئىشلەمچىلەر جۇڭگۇ شەھەر قۇرلۇشىدىكى غايەت زۆر توپ. ئۇلار يېزىدىن كەلگەن. ئۇزۇن مەزگىل ئەنئەنۋىى دېھقانچىلىق ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرغان زامانىۋى ئىقتىساد ئىديىسى بىلەن ناھايىتى ئاز ئۇچىراشقان. شۇنداق بولغاچقا ئۇلار جاپالىق ئىشلەپ تاپقان پۇل ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ، لىكىن بايلىق ئىدىيىسىنى ئازاد قىلالمىغان. قول تېلفۇن سېتىۋېلىش، كومپىيوتىر ئىشلىتىشنى بىلسىمۇ، مەۋھۇم بەھىرلىنىش پاتقىقىغا پېتىپ قالغان. لىكىن ئۇلارنىڭ كىيىنكى ئەۋلاتلىرىچۇ؟ بالىلار بەلكىم بالدۇرلا يېزىدا تېخى ئۇمۇملاشمىغان ئېلىكتىر مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتكەن بۇلۇشى مۇمكىن. ئەمما ئۇلار ئاتا-ئانىسىنىڭ كوڭۈل قۇيۇپ تەربىيلىشىگە ئېرىشەلمىگەن. ئۇلارنىڭ ئۈلگىسى كىم؟ سىرتتا ئىشلەۋاتقان ئاتا-ئانىسى! پەقەت كۈچىنى سېتىپ جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق پۇل تېپىش ئىديىسى بەلكىم بالىلار ئۈچۈن ئەنئەنىگە ئايلىنىشى مۇمكىن.ۋە بەلكىم بۇ ئەنئەنىنى بۈسۈپ چىقىپ كىتىدىغانلارمۇ بارلىققا كېلىشى مۈمكىن.

نامراتلار پەقەت كۆز ئالدىدىكىنى كۆرىدۇ. كۆز ئالدىدىكى نەتىنجىدىن قانائەتلىنىدۇ. ئۇلار ئۆزگىرىشتىن قورقىدۇ. شۇڭا مۇتىئەسسىپلىك بىلەن جاپالىق ئىشلەشنى تاللايدۇ. بايلار كۆز ئالدىدىكىنى كۈرۈپلا قالماستىن، كەلگۈسى ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالىدۇ، مەزمۇت دەسسەيدۇ. ھەمدە كەلگۈسى پىلانىنى تۈزەيدۇ.

داڭلىق باي شېن ۋەنسەن يۈەن سۇلاسىنىڭ ئاخىرى، مىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدىكى جاڭسۇدا تۇغۇلغان. فىئوداللىق دەۋىردىكى جۇڭگۇدا كۆپ قىسىم باي سودىگەرلەر پومچىكلار  قاتلىمىدىن ياكى ئەمەلدار ئائىلىسىدىن چىققان بۇلۇپ، تۆۋەن تەبىقىدىكى دېھقانلار ئىچىدىن سودا قىلىشقا پېتىنالايدىغانلار، سودا قىلىپ باي بولغانلار ناھايىتى ئاز ئىدى.چوڭ تىپتىكى تاۋار ئالماشتۇرۇش ئوردا ۋە ئەمەلدارلارنىڭ قولىغا مەركەزلەشكەچكە، خەلق ئارىسىدىكى سودا پەقەت كىچىك تىپتىكى ئالماشتۇرۇش بىلەنلا چەكلەنگەن. ھەقىقى مۇۋاپىقيەت قازانغان باي سودىگەر شىن ۋەنسەن مۇشۇنداق شارائىتتا گەرچە ئاددى بىر دېھقان ئائىلىسىدىن كىلىپ چىققان بولسىمۇ ،لېكىن ئۇنىڭ بايلىقىنى يەر ئېگىللىرى ۋە ئەمەلدارلارغا سېلىشتۇرغىلى بولمايتى. پادىشاھ جۇ يۈەنجاڭمۇ ئۇنىڭ بايلىقىغا ھەسەت قىلاتتى.

جۇ يۈەنجاڭ نەنجىڭنى پايتەخىت قىلغاندىن كىيىن، ئۇزۇن يىللىق ئۇرۇش چىقىمى كۆپ بولغانلىقتىن، دۆلەت سېپىل تاملارىنى رېمنۇتلاشقا ئامالسىز قالغاندا، شېن ۋەنسەن مەبلەغ چىقىرىپ ئۈچتىن بىر قىسىمىنى رىمنۇتلاپ بەرگەن . ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئەينى چاغدا شىن ۋەنسەن دۇنيادىكى ئەڭ ماھىر ئۇستىلارنى تەكلىپ قىلغان بۇلۇپ، تەمىناتىنى ئالاھىدە يۇقىرى بەرگەن. پۈتۈپ چىققان سېپىل ئىنتايىن مەزمۇت ياسالغان بۇلۇپ، ئىشنى پادىشاھ ياللالىغان ئۇستىلاردىنمۇ تىز پۈتتۈرگەن. كىيىن شىن ۋەنسەن جۇ يۈەنجاڭغا تەكلىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ بىر مىليۇن تەڭگە چىقىردىغانلىقىنى ،پادىشاھنىڭ ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن ئۇرۇش قىلغان جەڭچىلەرگە تارقىتىپ بېرىشىنى ئېيىتقان. بۇ تەكلىپ ئۇنىڭ بايلىقىنى نامايەن قىلىش بىلەن بىرگە، جۇ يۈەنجاڭنىڭ كۈچلۈك نارزىلىقىنى قوزغىغان. ئاخىرى جۇ يۈەنجاڭ ئۇنى جازاغا ھۈكۈم قىلىپ، چىگراغا سۇرگۇن قىلغان. گەرچە ئىقتىدارسىز پادىشاھ ،ئەمەلدارلار ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ئاپەت ئېلىپ كەلسىمۇ، لىكىن سودىگەر بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ يەنىلا غەلبە قازانغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە جېجاڭ سودىگەرلىرىنىڭ ئۈلگىسى بۇلۇپ قالغان.

كۆپىنچە كىشلەرگە ئوخشاش شىن ۋەنسەنمۇ ئەنئەنۋى دېھقان ئائىلىسىدىن كىلىپ چىققان. ئەمما ئۇ ئەنئەنىنىڭ توساقلىرىدىن ھالقىپ ،كۆز قارىشىدا ئۆزگۈرۈش ھاسىل قىلغاچقا ئاددىي بىر دېھقاندىن مۇۋاپىقەيەت قازانغان كاتتا سودىگەرگە ئايلانغان .ئۇ ئاۋال يەر تېرىشتىن ئىش باشلاپ، ئاتا-بوۋلىرىنىڭ مۈلۈكىگە ۋارسلىق قىلغاندىن كىيىن، ھۇزۇر ھالاۋەتكە بېرىلمەي، يەر سېتىۋېلىپ بوز يەر ئاچقان. شۇنىڭ بىلەن « ھەممىلا يەردە ئېتىزلىرى بار» ئىسمى-جىسمىغا لايىق يەر ئېگىسىگە ئايلانغان. ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالماي يەنە كېمە سېتىۋېلىپ سۇ يۇلىدىكى قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، جېجىياڭنىڭ يىپەك، فار-پۇر ، ئاشلىق، قول-ھۇنەرۋەن بۇيۇملىرىنى چەتئەلگە ئەپچىقىپ ساتقان. ئۇنىڭ قاپيۈرەكلىك بىلەن سىرتقا قىلغان سودىسى ئۇنى ئاخىرى ئەڭ چوڭ بايغا ئايلاندۈرغان.

توغرا بولغان بايلىق ئىديىسى نەدىن كىلىدۇ؟ ئوخشاش يەردە ئىشلەيدىغان ئىككى يىگىتنىڭ نىمە ئۈچۈن بىرى ئاخىرى باش لېدىر بولىدۇ؟ يەنە بېرى داۋاملىق ئورنىدا ئىشلەۋېرىدۇ. پۇرسەتنى تۇتۇش يۈرەكلىك بۇلۇشقا مۇھتاج. پۇرسەتنى بايقاش ئىدىيەگە مۇھتاج. ئىدىيە مەڭگۇ توختىمايدىغان ئىنتىلىشچانلىق ۋە ئەستايىدىل تۇرمۇش پوزىتسىيەدىن كىلىدۇ. ئىنتىلىشچانلىقنى ساقلىغاندىلا، ھازىرقى ھالىتىدىن قانائەتلەنمەي، پۇختا، ئىنچىكە بولغىلى، يېتەرسىزلىكنى بايقاپ، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرگىلى بولىدۇ.

بايلىقنىڭ بايانى:

نەزەر دائىرىسى تار، ئېتىقادى كەمچىل ياكى قورقۇنچاقلىقنىڭ ھەممىسى بىر ئادەمنىڭ غەلبە قىلىش يولىنى توسىدۇ. توغرا بولغان بايلىق قارىشى ھاياتلىق <ماشىنىسى >نىڭ رولى. پەقەت بۇ رولنى ياخشى باشقۇرۇشنى ئىگلىسەك ئاندىن ماشىنا ئۈستىدىكى بايلىقلاردىن ئەپچىل پايدىلىنىپ، كۆزلىگەن نىشانىمىزغا يىتىپ بارالايمىز. چىڭ تۇتمىساق مەيلى ماينى قانچىلىك

بېرەيلى جايىمىزدىلا پىقىرايمىز.

<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك ، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك >> ناملىق كىتابنىڭ 2-قىسمىدىن ئېلىندى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ