بايلار بايلىق يىغىپ،يېڭى بېيىش ئۇسۇلىنى پىلانلايدۇ
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى
سۈرەتتە : دۇنيا مىليادىرلىرىنىڭ بىرى ، ھىندىستان قۇياش دورىگەرلىكىنىڭ قۇرغۇچىسى دىلىپ سانخاۋى
پۇل ئامانەت قۇيۇش بىلەن پۇل قەرز ئېلىش نامراتلار بىلەن بايلارنى قانداق پەرىقلەندۈرىدۇ؟
جاپا-مۇشاقەتتە توپلىغان مال-دۇنياغا نىسبەتەن نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ھەل قىلىش ئۇسۇلى بار؛ نامراتلار ھەمىشە يىغقان پۇلىنى بانكىغا قويىدۇ ئاندىن داۋاملىق باش چۈكۈرۈپ ئىشلەيدۇ. ھەم ھاياتىدا مۇشۇ جەرياننى تەكرارلايدۇ. بايلار بەلگىلىك بايلىق يىغقاندىن كىيىن، يېڭى بىر بېيىش ئۇسۇلىنى پىلانلايدۇ. بۇ پۇلنى ئىشلىتىپ يېڭى بىر ئىشنى باشلايدۇ ياكى سېىتش يولىنى كېڭەيتىدۇ.
نامراتلارنىڭ پۇلى بانكىدا ساقلانغاندىن كىيىن، ھەمىشە مۇقىم تۇرىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، پۇل پاخاللىشىشى سەۋەبلىك قىممىتى تۆۋەنلەيدۇ. بايلارنىڭ بانكىدا پۇل ساقلىشى ئوبروت ئۈچۈن بولۇپ،ئۇلار بۈگۈن ساقلاپ ئەتە ئالىدۇ. پۇل قەرىز ئېلىش ئارقىلىق مەبلەغ توپلاش ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ ئادەتتىكىدەك ئىش. كەڭ كۆلەمدىكى مەبلەغ ئوبروت داۋامىدا تېخىمۇ كۆپ پايدا ئەكىلىدۇ. شۇنداق داۋاملىشىپ، بايلارنىڭ بانىكدىن ئالغان قەرىز پۇلى نامراتلار ئامانەتكە قويغان پۇل بۇلۇپ چىقىدۇ. ئۇلار بۇ قەرز ئالغان پۇل ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەبلىغىنى تۇلۇقلاش بىلەن بىرگە نۇرغۇن پايدا ئالىدۇ. نامراتلار ھەر يىلى پەقەت ئۈسۈم پۇلغىلا ئېرىشىدۇ. بۇ بايلارنىڭ پۇل قەرىز ئېلىپ ئېرىشكەن پايدىسىغا سېلىشتۇرغاندا، ھېچنىمە ئەمەس. نامراتلار ساقلىغان پۇلنىڭ پۇل پاخاللىقى سەۋەبىدىن قىممىتى تۆۋەنلەپ كەتكەندە، بايلار ھەر ۋاقىت ئوبروت ئارقىلىق پۇل پاخاللىقى سەۋەبىدىن بولغان مەبلەغ ئېقىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بايلار بانكىنىڭ پۇلى بىلەن ئۆزىنىڭ كەسپىنى باقىدۇ. نامراتلار ئۆزىنىڭ پۇلى بىلەن باشقىلارنى باقىدۇ.
پۇلنى بانكىدا ساقلاش ئاساسەن دەم ئېلىشقا چىققان ياشانغانلارنىڭ مەبلەغ بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى. ئىدىيىسى مۇتتىئەسسىپ ياشانغانلار پۇل پاخاللىقىدىن بولغان پۇلنىڭ قىممىتى تۆۋەنلەشنى خالايدۇكى ،مەبلەغ سېلىشتىن قورقىدۇ. ئۇچۇر-تېخنىكا تېخى تەرەققى قىلمىغان شەھەرلەردە ئۇلار ئۈچۈن مەبلەغ سېلىش خەتەرلىك جەريان بولۇپ،ئۇلار مەبلەغ سېلىشنى < تۆلەيدىغىنى تاپقىنىدىن كۆپ بولغان دو تىكىشىش> دەپ قارايدۇ. ئۇلار ئادەتتە كۈرىدىغان تېلۋىزىيە فرىگۇراممىلىرىدا مەبلەغ سالغۇچى تۇنۇش ئادەملەر تەرپىدىن ئالدىنىدۇ ياكى مەبلەغ سېلىش مەغلۇپ بۇلۇپ، نۇرغۇن ئادەملەر قاقسەنەم بولۇپ كېتىدۇ.بۇنداق كۈرۈنۈشلەر قولىدا پۇلى بار ،لىكىن ئىش قىلىشقا ئىككىلىنىپ قارار قىلالمايۋاتقان كىشلەرنى يەنە بىر قېتىم پۇلنى بانكىغا قۇيۇشقا قارار قىلغۇزىدۇ.
بېيجىڭ شەھەرىنىڭ فېڭتەي رايۇنىدىكى ۋاڭ خانىمنىڭ ئاتا-ئانىسى دۆلەت كارخانىسىدىن دەم ئېلىشقا چىققانلار. ئاتا-ئانىسى پىنسىيە مۇئاشى ئارقىلىق ئۆزىنى قامداش بىلەن بىرگە يەنە ۋاڭ خانىمغا كۈندۈلۈك خىراجەتلىرىنى بىرىپ تۇرىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار ئۇچ يىل ئىچىدە 60 مىڭ يۈەن يىغقان بۇلۇپ، بانكىغا ئامانەت قويغان. ۋاڭ خانىم تۈرلۈك خەۋەرلەردىن پۇل پاخاللىقى سەۋەبلىك پۇلنىڭ قىممىتىنىڭ تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن، ئاتا- ئانىسىغا ياردەملىشىپ، فونىد سېتىۋالدى. بۇنىڭدا خەتەر ئاز بۇلۇپ مۇقىم پۇل تاپقىلى بولاتتى. ۋاڭ خانىم ئۆزىمۇ مەبلەغ سېلىشقا باشلىدى ھەمدە ئۆزىمۇ ئاز بولمىغان پايدىغا ئېرىشتى.
ئىسلاھات ئىشىكنى سىرتقا ئېچۋەتكەندىن بېرى جۇڭگۇ ئىقتىسادى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلدى. ماشىنا، ئېلىكتېر ئۇسكۈنلىرى تەدىرجى زۆرۈر بۇيۇمغا ئايلاندى. يېڭى گۇللەنگەن تاۋارلارنىڭ باھاسى ئۈلۈكسىز چۈشۈپ، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ باھاسى ئېشىش ھالىتىنى ساقلىدى. ھەمكارلىشىپ داۋالاشنى ئاساس قىلغان مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىمۇ تىز بولدى. 2000-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە گۆشنىڭ باھاسى ئۇچ ھەسسىگە يېقىن ئۆرلىدى. مۇشۇ ۋاقىتتا ئىلگىركى پۇل بىلەن بۈگۈنكى تاماقنى سېتۋالسا، ئېنىقلا تەنەرخى زىيان تارتقان ئېلىپ –سېتىش بولىدۇ.
ئىقتىساد ئىلىمىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نەرىزىيىسىگە ئاساسلانغاندا، تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمىسا، مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ پۇل پاخاللىقىنىڭ سەۋەبى. خەلقنىڭ سېتىۋېلىش كۈچىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى جەمئىيەتنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋيىسىنى بەلگىلەيدۇ. پۇتكۈل جەمئىيەتنىڭ مائاشى ئۆسكەن چاغدا، پۇقرالار تېخىمۇ كۆپ پۇلغا ئېرىشىدۇ. لىكىن تېخىمۇ يۇقىرى مال باھاسىغا يۈزلىنىش كېرەك. ئېنىقكى بۇ ۋاقىتتا بانكىدا ساقلانغان پۇل پارلىنىپ كىتىدۇ.
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان دۆلەت ئوتتۇرا - كىچىك تىپتىكى كارخانلارغا قەرىز پۇل بېرىشنى قوللىدى. قەرىز پۇلنىڭ خەۋىپ-خەتىرىنى تۆۋەنلەتتى. ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىنى قوزغدى.
يېقىندىلا ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ چىققان جوۋجۈن مۇۋاپىق خىزمەت تاپالمىغاچقا، دۇكان ئېچىشنى ئويلىدى. ئەستايىدىل ئويلىنىش ئارقىلىق، ئالى مەكتەپتە ئۇقۇش داۋامىدا، دائىم باردىغان بىر جاي ئۇنىڭ ياخشى تاللىشى بۇلۇپ قالدى. ئۇ بىر ئىگلىك تىكلەش پىلانىنى تۈزدى. ئۇنىڭ پىلانى دۆلەتنىڭ قەرىز پۇل مەغلىغىغە ئېرىشتى.دۆلەتنىڭ ياردىمى ۋە ئۆزىنىڭ پۇلى بىلەن ئىشىنى ئوبدانلا باشلىۋالدى.
بۇ قەرىز پۇل جوۋجۇن ئۇقۇش پۇتتۇرگەندىن كىيىنكى، نوقۇل ھالدىكى ئېگلىك تىكلەش مەبلىغى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ تىرىشىپ خىزمەت قىلغانلىقى ۋە ئاكتىپ ئىلگىرلىگەنلىكىنىڭ كۈچى. بۇ پۇل ئۇنىڭغا ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ بۇلۇش بىلەن بىرگە قەرىز قايتۇرۇشنىڭ بېسىمى ئۇنىڭ بوشاڭلىق قىلىشىغا يول قويمىدى. ئۆزىنىڭ كىشلىك ھاياتىدىكى غايىسىگە ئىگە بۇلۇش بىلەن بىرگە قانداق قىلىپ كەسىپكە سىڭىپ كىرىش، قەرىز قايتۇرۇشنى ئوڭۇشلۇق تاماملاش- ھەر بىر قەرىز پۇلىنى مەبلەغ قىلغان ئادەم ئەڭ ئاۋال قىلىدىغان ئىش.
جوۋجۇن سىرىتقى كۈچنىڭ ياردىمىدە ئۆزىنىڭ بايلىق قارىشىنى ئەمىللەشتۈردى. ئۆزىگە تەۋە بولغان بايلىق ياراتتى. شۇنىڭ بىلەن غەلبە يولىغا ماڭدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
بايلىقنىڭ بايانى:
نامراتلار قارىغۇلارچە بايلىقنى يىغىپ ساقلايدۇ. لىكىن بىلىپ بىلمەي بايلىقنى يوقىتىپ قويىدۇ. بايلار پۇل ئارقىلىق پۇل تاپىدۇ. شۇنداق بۇلۇپلا قالماي، يەنە «قەرىز ئېلىش» ئارقىلىق پۇل تاپىدۇ. بۇ «قەرىز ئېلىش» دەل بايلارنىڭ قانداق قىلىپ باي بۇلالىغانلىقىنى ئەكىس
ئەتتۈرىدىغان بىر جەرياندۇر.
<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك ، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك >> ناملىق كىتابنىڭ 2-قىسمىدىن ئېلىندى