A-A+

بايلارنىڭ بايلىق ئۇقۇمى ئۆزگىچە

2016-يىل 25-ماي مىليادىرلار باھا يوقكەن زىيارەت: 183 قېتىم

71E86A826C5E58405325A6EECE97655D

سۈرەتتە : دۇنيا مىليادىرلرىنىڭ بىرى ، ئاسىيا پايچىڭ ئىلاھى ،  شىياڭگاڭ ئۆي-مۈلۈك ماگىناتى ،  خېڭجى جاۋيې ئۆي-مۈلۈكچىلىك گوروھىنىڭ قۇرغۇچىسى لى جاۋجى


ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى

بايلىق ئۇقۇمىدىكى ئوخشىماسلىق «نامراتلىق» بىلەن

«خوجايىن» نىڭ پەرقىنى بەلگىلەيدۇ

كىچىكىدىن ئائىلىسى نامرات بولغاچقا جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدا تىركىشىدىغان ھالەت نامراتلاردا نامراتلىققا نىسبەتەن قورقۇش پىسخىكىسىنىى شەكىللەندۈرگەن. ماددى تۇرمۇش ياخشىلانغاندىن كىيىنمۇ، نامراتلارنىڭ روھىيىتىدە يىلتىز تارتىپ كەتكەن بۇ پىسخىكا ئۇلارنىڭ دائىملىق ئادىتىكە ئايلاندى ھەم بۇ ئادەت ئۇلارنى پۇلغا تېخىمۇ بېقىنىدىغان ،پۇل بولسىمۇ ئىشلىتىشكە پېتىنالمايدىغان قىلىپ قويدى. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۇلار قورقۇشنىڭ قولىغا ئايلاندى ۋە  بايلىق ساقلاش بىلەن بىرگە پۇلغا قۇل بولدى.

نامراتلار پۇلنى كۈرەش نىشانى قىلىش بىلەن بىرگە، پۇلنىڭ ئەكەلگەن ئەۋزەللىكىدىن بەھىرلەنمىدى. پۇل تاپقان تەقدىردىمۇ پۇلنىڭ ئىشلىتىلىشىگە دىققەت قىلمىدى. پۇلنى ئۆزى ئۈچۈن  ئىشلىتىپ باقمىدى.  مەسىلەن: خىزمەت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ،كىشلىك ئالاقىنى ياخشىلاش قاتارلىق تەرەپلەرگە پۇل سەرىپ قىلمىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار پۇل تېپىشنىڭ قورالى،ھىساباتنىڭ قارانچۇقى ، تۇرمۇش ۋە خىزمەتنىڭ قولى بولدى.

فىرانسىيەلىك داڭلىق يازغۇچى بالزاك ئۆزىنىڭ «يېۋگىنى گىراندى » ناملىق ئەسىرىدە گىراندى ئىسىملىك دۇنياغا داڭلىق بېخىل ئوبرازنى ياراتقان. گىراندى ھايانكەشلىك بىلەن ئىش باشلاپ، شەھەر باشلىقى، مەمۇرىي ھەيئەت بولغان مەزگىلدە كۈچىنىڭ بارىچە بايلىق توپلىغان ۋە قىسقىغىنە 10 نەچچە يىل ئىچىدە شەھەردىكى ئەڭ چوڭ بايغا ئايلانغان.

گەرچە شۇنداق جىق پۇلى بولسىمۇ، لىكىن ئۇنىڭ ئائىلىسى ئىنتايىن پۇل قىس ھالەتتە ياشىغان. ئۇلار كونا ئۆيدە ناچار شارائىتتا كۈن كەچۈرۈپ، ھەر بىر سىنىت ئۈستىدە ئىنچىكە ھىسابات قىلغان. قىزى  يىغقان پۇلىنى نەۋرە ئاكىسىغا قەرىز بىرىپ تۇرغاندا، دادىسى تەرپىدىن قاماپ قۇيۇلغان ۋە پەقەت بولكا بىلەن سۇدا غىزالاندۇرۇلغان. ئايالى ئاغرىپ قالغاندا پۇل چىقىم بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ ئاۋال دوختۇر تەكلىپ قىلماسلىقنى ئويلىغان. لىكىن ئايالى ئۈلۈپ كەتكەندىن كىيىن، قىزىنىڭ قانۇن بويىچە ئاپىسىنىڭ مىراسىغا ۋارسلىق قىلالايدىغانلىقىنى ؛ئۇنداق بولغاندا تەۋەلىكىدىكى بىرقىسىم مۈلۈكنىڭ ئۆز ئىلكىدىن قىزىنىڭ قۇلىغا ئۈتۈپ كېتىدىغانلىقىنى بىلىپ ئاندىن ئادەم تەكلىپ قىلىپ، كېسىلىنى كۆرسەتكەن. باشقىلارغا <قىز مېلى > بىرىشتىن قېچىپ يالغۇز قىزىنى بىر ئۆمۈر ياتلىق قىلمىغان.ئۆزى ئۈلۈش ئالدىدىمۇ پۇللىرىنى كۈرۈپ يېتىپ ئۈلۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بارلىق پۇل ۋە قىممەت باھالىق بىساتلىرىنى ھوجرا ئۈيىگە  ئەكىردۈرۈپ شۇنىڭغا قاراپ ياتقان ھەمدە قىزىغا < مال-دۇنيالىرىمغا ياخشى قارا،ئۇ دۇنياغا بارغاندا ماڭا ھىساپ بىرىسەن >،دىگەن ئاخىرقى ۋەسىيىتىنى قالدۇرغان...

گىراندى بىر ئۆمۈر بايلىق قوغلاشقان، لىكىن ئۇ پۇلنىڭ قۇلى بولغاچقا، قىممەتلىك قېرىنداشلىق مېھرىدىن مەھرۇم قالغان. پۇلغا بولغان ئاچكۆزلىكى ۋە بېخىللىقى ئۇنى نۇرغۇن بايلىق توپلاتقۇزغان بولسىمۇ، لىكىن پۇلغا بولغان پوزىتسىيەسى ئۇنىڭ تۇرمۇشىنى قورقۇنۇش ۋە گۇماللىنىش ئىچىگە ئەكىرىپ قويغان.

ئۈلۈش چۇقۇم كىشىنىڭ كوڭلىنى يېرىم قىلىشى ناتايىن. ئېچىنىشلىقى پۇلنىڭ قاماللىشىغا ئۇچرىغاچقا ئۇ كىشلەر ھەقىقى ئادەمدەك ياشىمايدۇ. ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىغا ئىگە بولالمايدۇ. شۇڭا ئادەم پۇلنى يانچۇقىغا قۇيۇش بىلەن بىرگە ھەقىقى بايلىقنى كاللىسىغا قۇيۇش كېرەك.

نامراتلارنىڭ خىزمەت ئىزدىشى ھەمىشە كۆپرەك پۇل تېپىش ئۈچۈن. سىز ئۇلاردىن پۇل تېپىشتىكى مەقسىدىنى سورىسىڭىز ،ئۇلار دائىم قانداق پۇل تېپىش ئۈستىدە پاراڭغا چۈشۈپ كتېىدۇ. بايلارنىڭ خىزمەتتە ئويلىشىدىغان نەرسىسى كۆپ. ئۇلار ئۆزىنىڭ خىزمەتتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، نۇرغۇن پۇل چىقىرىشنى خالايدۇ.

پۇلنىڭ ئاز-كۆپلىكى نامراتلىقنى ئۆلچەيدىغان بىردىنبىر ئۆلچەم ئەمەس، باي-نامراتلىققا قارىتا توغرا ئۇقۇمنى كىشلىك ھاياتقا باشلاپ كىرىش- بايلار كوڭۈل بولىدىغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى.پۇل تېپىش سۇرئىتىڭىز پۇل پاخاللىقى ۋە مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىشىگە يېتىشەلمىگەندە، تېخىمۇ تىرىشىپ خىزمەت قىلغاندىن كۈرە، بار پۇلىڭىزدىن پايلىنىپ، خىزمەت ئۇسۇلى بىلەن پۇل تېپىش ئىدىيىڭىزنى ئالماشتۇرغىنىڭىز ياخشى.

ئادەم پۇلنىڭ قۇلى بولماي ،پۇلنىڭ خوجايىنى بۇلۇش كېرەك. كىشلەر پۇلنى تۇرمۇشتىكى خىزمەتچىسى دەپ بىلىشى، ئۆزى تۇرمۇشنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى بۇلۇشى، ھەر بىر پۇڭ پۇلنى مۇۋاپىق ئۇرۇنغا ئىشلىتىپ، تۇرمۇشتىكى ھەر خىل مەسلىنى ھەل قىلىشى كېرەك. پۇلنى بىكار قويماسلىق، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىمىزنى قالايمىقان قىلىشىغا تېخىمۇ پۇرسەت بەرمەسلىكىمىز زۆرۈر.

بايلىقنىڭ بايانى:

گىراندىچە پۇلنى ساقلاپ پۇلنىڭ قۇلى بۇلۇش- بايلارنىڭ تىراگىدىيىسى. مەبلەغ سېلىشنى خالىمايدىغان نامراتلارنىڭمۇ باش كۆتۈرەلەيدىغان كۈنى يوق. پۇل تەرىپىدىن قۇل قىلىنغان ئادەمنىڭ بۇ دۇنيادا ئادەمدەك ياشاشتىنمۇ مەھرۇم بولىشى پېشانىسىگە پۈتۈلگەن. شۇڭا ھەر بىر ئادەم پۇلدىن ئىبارەت بۇ قورالنى ياخشى ئىشلىتىشى، ئۇنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشى كېرەك.

<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك ، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك >> ناملىق كىتابنىڭ 2-قىسمىدىن ئېلىندى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ