A-A+

بايلارنىڭ ئىدىيەسى ئىلغار بولىدۇ

2016-يىل 25-ماي مىليادىرلار باھا يوقكەن زىيارەت: 226 قېتىم

ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى

سۈرەتتە : دۇنيا مىليادىرلىرىنىڭ بىرى ، كوزلوۋ سانائەت گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى چارلىز كوخ

20160228014545586 نىمە ئۈچۈن بايلىق قارشى بايلار بىلەن نامراتلارنى

ئۆلچەشتىكى مۇھىم ئاساس دەيمىز؟

20-ئەسىرنىڭ 80- يىللىرى ئاددى پۇقرالارنىڭ تەلپۈنىدىغىنى تۇرمۇشىدا «ھەممە يەردە توك، تېلفۇن بۇلۇش» بولغان بولسا ، 80-يىلىنىڭ ئاخىردىن 90-يىللىرىنىڭ باشلىرىغىچە ماشىنا، گۇللۇك ھويلىلىق غەرىپچە ئۆي، ھەتتا داچا پۇقرالارنىڭ قوغلىشىدىغان ياشاش نىشانىغا ئايلاندى. تۇرمۇش سەۋيىسىنىڭ زۆر كۆلەمدە يۇقىرى كۆتۈرلىشى بىلەن ياشاش قارشىدىمۇ ئۆزگىرىش پەيدا بولدى. ئىلگىرى پۇقرالار بانكىدا پۇلى بولسىلا رازى بولاتتى. لىكىن ھازىر كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى مەبلەغ سېلىشنى ،مال-مۈلۈك باشقۇرۇشنى چۈشىنىشكە باشلىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا نەچچە ياشلىق بالىدىن قېرىلارغىچە ئىقتىسادى ئىدىيە شەكىللىنىشكە باشلىدى. پاكىت ئىسپاتلايدۇكى، ئىقتىسادى ئىديىسى باشقىلارنىڭكىدىن ئىلغار ئادەم ھامان كۆپ پۇل تاپالايدۇ. تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائى مەنبەلەردىن بەھىرلىنەلەيدۇ.

جۇڭگۇدىكى ئەڭ چوڭ باي لى جىياچىڭ گۇۋاڭدۇڭدىكى ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە تۇغۇلغان بۇلۇپ، ياپۇنغا قارىشى ئۇرۇش پارتىلغاندىن كىيىن، ئاتا-ئانىسىغا ئەگىشىپ تاغىسدىن پاناھلىق تىلەپ شاڭگاڭغا بارغان. بەخىتكە قارشى ئۇ 14 ياش ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسى كېسەل سەۋەبىدىن ئۈلۈپ كىتىپ، مەكتەپتىن چېكىنگەن ھەمدە ئائىلىسىنى قامداشقا باشلىغان.

لى جىياچىڭ چايخانىدا مۇلازىمەتچى بۇلۇپ، ئاز-تولا پۇل تېپىپ ئۆيىگە ئىشلەتكەن. چايخانىدا يېشى كىچىك ھەم ياقا يۇرتلۇق بولغاچقا، ئەڭ ئالدىراش مۇلازىم بۇلۇپ قالغان. باشقا مۇلازىمەتچىلەرنىڭ ھەممىسى ئارام ئېلىۋاتقاندا، ئۇ يەنىلا خېرىدار كۈتەتتى... ئاسىيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى بايغا ئايلانغاندىن كىيىن، ئۇ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئەينى ۋاقىتتا مەن ھەقىقەتەن كىشلىك ھاياتنى بىر خىل ئازاب ھىس قىلاتتىم. ئۇ چاغلارنى ‹ كەچ يېتىپ سەھەر تۇرۇپ ئىشقا بېرىپ ھەممەيلەن چىراق ياققاندا ئىشتىن چۈشەتتىم› دىيىشكە بولىدۇ.»

نۇرغۇن ئادەملەرگە نىسبەتەن ،ئەمدىلا 14 ياشقا كىرگەن بالا بۇنداق جاپالىق مۇھىتتا چۇقۇم چۈشكۈنلىشىپ،ئىلگىرلەش روھىنى يوقىتىدۇ.لىكىن ئۇنىڭ تارىختىكى ھەربىر ئۇلۇغ شەخىسلەرگە ئوخشاش جاپالىق مۇھىتتا ئىرادىسى سۇنمىدى.چۈنكى لى جىياچىڭ بىر ئىتقادى ،نىشانى بار ئادەم ئىدى .ئۇ ھەركۈنى ناھايىتى چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە ئامال بار كۆپ كىتاپ ئۇقۇپ ئۆگىنىپ ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇراتتى.بىر كۈندە پەقەت تۆت سائەت ئۇخلاپ قالغان ۋاقىتىنىڭ ھەممىسىدە ئۆگىنىش قىلاتتى.ئۇنىڭ بىلىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىىشىغا  تۇرمۇش قارىشى ئۆزگىرىشكە باشلىدى-باشقىلارغا بىر ئۆمۈر مۇلازىم بۇلۇش پېشانەمگە پۈتۈلگەنمۇ،بەخىتلىك ياشاش ئۈچۈن چۇقۇم ئۆزەم خوجايىن بۇلۇشۇم كېرەك!

ئىدىيسى ئۆزگەرگەن لى جىياچىڭ چايخانىدا ئىككى يىل ئىشلىگەندىن كىيىن بۇ جايدىن ئايرىلدى،چۈنكى يەنە چايخانىدا تۇرۇۋەرسە ئىستىقبالى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدى.ئەينى چاغدا ئۇنىڭ تاغىسى شاڭگاڭدىكى داڭلىق سائەت سودىگەرلىرىنىڭ بىرى بۇلۇپ،ئۇنىڭ شىركىتىدىكى بىر نەچچە سائەت رىمنۇتچىسى ئىستىپا بىرىپ كەتكەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تاغىسىنىڭ شىركىتىگە بېرىپ بىر ياشانغان ئۇستامدىن سائەت رىمنۇت قىلىشنى ئۆگەندى.تاغىسىنىڭ شىركىتىدە ئىككى يىل ئىشلىگەندىن كىيىن تېخنىكىسى ئۈستۈن ئۇستامغا ئايلاندى، تۇرمۇشمۇ ئىلگىركىدىن ياخشىلاندى.ھەممەيلەن ئۇنى بىر ئۆمۈر سائەت رىمنۇتچىسى بۇلىدۇ دەپ تۇرغاندا، ئۇ تاغىسىنىڭ شىركىتىدىن ئىستىپا بىرىپ باشقا بىر شىركەتكە بېرىپ ساتقۇچى بولدى. 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى ئۇ سۇلياۋ زاۋۇتى قۇرۇشنى باشلىدى،كىيىن جۇڭگۇدىكى داڭلىق بايغا ئايلاندى .چۈنكى ئۇ كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز ئىدىيسىنى يېڭىلاپ تۇرغان .

لى جىياچىڭنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىدىن بىز شۇنى بىلەلەيمىزكى،بىر ئادەمنىڭ ئىدىيسىنىڭ ئىلغار ياكى ئەمەسلىكى ئۇنىڭغا نىسپەتەن بىر ئۆمۈر مۇھىم رول ئوينايدۇ-ئۇنىڭ تۇرمۇش سەۋىيسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپلا قالماي،كەسپىدە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشىغا تېخىمۇ ياردەم بېرىدۇ.

ئىجتىمائى بايلىقنىڭ ئېشىشى تەدىرجى يۇقىرى كۆتۈرلۈۋاتقاندا،ئاددى پۇقرالارنىڭ  بايلىق قارىشىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆسمىسە،ئۇنداقتا بىز ئىجتىمائى بايلىقنىڭ تىز ئېشىىشى ئېلىپ كەلگەن ئەۋزەللىكلەردىن بەھرىمان بولالمايمىز .

ئىقتىسادى قاراشنى تېخىمۇ يۇقۇرى ئۆستۈرۈش بىر قۇرۇق شۇئار ئەمەس،بەلكى ھازىردىن باشلاپ قىلىش كېرەك بولغان زۆرۈر ئىش.مەسىلەن ھەركۈنى ئىقتىساد خەۋەرلىرىنى كۆپرەك كۈرۈش،دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى يۈزلۈنىشىگە كۆڭۈل بۆلۈش،ماكرو ئىقتىسادنىڭ تۇرمۇشقا بولغان تەسىرىگە ھۆكۈم قىلىش قاتارلىقلار.ئەلۋەتتە ،ئادەتتىكى پۇقرالارغا نىسبەتەن سىرلىق ،زىرىكىشلىك ئىقتىساد پىرىنسىپى ئۇلارنىڭ ئۇقۇش قىزغىنلىقىنى قوزغىمايدۇ.ئاددى ئاۋام ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۆزىنىڭ ئاددىي ئىقتىسادى ئىدىيسىگە تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئىقتساد ئىدىيسىنى سىڭدۈرۈش ئاسان ئىش ئەمەس.ئۇنداقتا ئادەتتىكى پۇقرالار ئۆزىنىڭ قارىشىغا قانداق قىلىپ تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادى قاراشلارنى قوشالايدۇ؟

ئەمەلىيەتتە جاۋابى ئىنتايىن ئاددىي –بايلىق ۋە پۇلغا كۆڭۈل بۈلۈش ئارقىلىق!

ئادەتتىكى پۇقرالارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتساق كۈندۈلۈك تۇرمۇشتىكى ئەڭ بىۋاستە تەسىرات پۇل قىممىتىنىڭ ئېشىشى ۋە تۆۋەنلىشى.كىشلەر دائىم نەرسە-كېرەك سېتىۋالغىلى چىققاندا مۇنداق گەپنى ئاڭلايدۇـــــــــ«بۇ پۇلغا نىمانداق بارغانسىرى ھىچنىمە كەلمەيدىغان بۇلۇپ قالدى، چۈشتە ئازراق كۆكتات سېتىۋالسام 10 نەچچە كوي بۇپتۇ، لىكىن تېخى گۆش ئالمىغان تۇرسام.»مانا بۇ  مال باھاسىنىڭ  ئۆزگىرىشى -پۇلنىڭ قىممىتىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ ئەل روشەن ئىپادىسى.

ئەگەر بىر ئادەم مال باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلىگەندە ئاشۇ مال باھاسى ئۆرلەپ كەتكەن مەھسۇلاتنى سېتىۋېلىشنى تاللىسا،پەقەتلا ئۆزىگە تېخىمۇ زور زىيان ئەكېلىدۇ؛ مال باھاسى تۆۋەنلىگەندە پۇلنى قۇلۇپلاپ ساقلاپ قۇيۇشنى تاللسا،ئۇنىڭ بايلىقىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئىجتىمائى بايلىقنىڭ ئوتتۇرچە ئېشىش سۈرئىتىنىڭ كەينىدە قالىدۇ .مەسىلەن 2008-يىلى پۈتۈن مەمىلكەتتىكى ئۆي باھاسى تۆۋەن ۋاقىتتا ،ئۆي مۈلۈككە مەبلەغ سالدىغانلار كۆپ ئەمەس بۇلۇپ، نۇرغۇن كىشلەر باھانىڭ يەنە تۆۋەنلىشىنى ساقلاپ تۇرغان. لىكىن 2008 –يىلنىڭ كىيىنكى يېرىمىغا كەلگەندە باھا شىددەت بىلەن ئۆرلىگەن.2009-يىلدىن كىيىن ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن.ناھايىتى روشەنكى بىر قىسىم كىشىلەر « پۇلغا بىر نەرسە كەلمەيدىغان» ۋاقىتتا مەبلەغ سالىدۇ، نەتىجىدە قاتتىق زىيان تارتىدۇ.ئەگەر ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى قارشى يەنىلا كۈچلۈك بولسا،«ئۆسۈش»نى قوغلاشمايتى.سالغان مەبلىغىدىنمۇ مەسىلە چىقمايتى.

شۇڭا ھازىرقى بايلىق تىز سۈرئەتتە ئېشۋاتقان دەۋىردە،ئادەتتىكى پۇقرالار ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى قارىشىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈشى كېرەك،چۈنكى ئىلغار ئىقتىسادى قاراش بىر ئادەمنى تېخىمۇ كۆپ  بايلىققا ئىگە قىلىدۇ.

بايلىقنىڭ بايانى:

تۇرمۇش بىر مەيدان سودىغا ئوخشايدۇ،كىم ئۆزىنىڭ تەنەرخىنى ئەڭ تۆۋەن چەكتە كونتىرول

قىلالىسا،شۇ ئەڭ چوڭ بەخىتكە ئىرىشدۇ.لىكىن ھازىرقى دەۋر سودىسىدا كىم تېخىمۇ كۆپ

بايلىق بىلىمىنى ئىگىلىسە،شۇ بەلكىم تېخىمۇ تۆۋەن تەننەرخىنى كونتىرول قىلالىشى

مۇمكىن.مۇنداق بولغاندا تەبىيلا مەنبەسى ئۆزۈلۈپ قالمايدىغان بايلىققا ئىرىشىدۇ.شۇڭا

بايلىق قارىشىنى تىزدىن يېڭىلاش، <بايلار بۆرە تەبىئەتلىك،نامراتلار قوي تەبىئەتلىك بولىدۇ> دىگەن ھۆكۈمنىڭ ماھىيىتىنىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش كېرەك.

<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك ، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك >> ناملىق كىتابنىڭ 2-قىسمىدىن ئېلىندى

ۋەسسالام

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ