A-A+

شەربەتلىك قاشلارنى ئاتاش قائىدىسى

2016-يىل 25-ماي ئەقىدە قاش ئىنىستىتۇتى باھا يوقكەن زىيارەت: 482 قېتىم

ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت يازمىسى

شەربەتلىك قاش - ( TANG YU 糖玉 )خوتەن قاشلىرى ئىچىدە ئالاھىدە بىر تۈر بولۇپ ، مىقدارىمۇ خېلە كۆپ . بۇ خىل قاشتىكى شەربەتلەر شۇ قاشقا تۆمۈر ۋە مانگان ماددىسىنىڭ سىڭىشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن.شەربەتلەرنىڭ رەڭگى قىزىل ، جىگەر رەڭ ، سېرىق ، ساغۇچ ، قۇڭۇر ، قارامتۇل قاتارلىق رەڭلەردە بولىدۇ .

شەربەتلىك قاشلار دىيارىمىزدا ئاساسلىقى قاغىلىق ،چەرچەن رايۇنلىرىدىن ؛ ئىچكىرىدە لىياۋنىڭ ئۆلكىسى شىيۇۋيەن ناھىيەسىدىن ۋە چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ گالمۇت شەھىرى ھەم روسىيەنىڭ بايقال كۆل رايۇنلىرىدىن چىقىدۇ .

شەربەتلىك قاشلارنى ئاتاش ئۆلچىمى تۆۋەندىكىچە : ( كەسىپداشلارغا قولاي بۇلۇشى ئۈچۈن ئاق قاش بىلەن شەربەت قاش نىسپىتىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق چۈشەندۈرىمەن ، ئاق قاشنىڭ ئورنىغا باشقا رەڭدىكى قاشلارنى قويساقمۇ بۇلىۋېرىدۇ )

1 . ئاز ( مىكرو ) شەربەت ئاق قاش

WEI TANG BAI YU

微糖白玉

u=2956897985,2755217311&fm=15&gp=0

قاشتىكى شەربەت ئىگەللىگەن نىسپەت 5 % دىن تۆۋەن بولسا ئاز ( مىكرو ) شەربەت ئاق قاش دەپ ئاتىلىدۇ .

2 . شەربەت بار ئاق قاش

DAI TANG BAI YU

带糖白玉

6597_183543512d

قاشتىكى شەربەت ئىگەللىگەن نىسپەت 5 ~ 30  % گىچە بولسا شەربەت بار ئاق قاش دەپ ئاتىلىدۇ .

3 . شەربەتلىك ئاق قاش

TANG BAI YU

糖白玉

rBEQWVFEoJ4IAAAAAAFWRyhQDAIAACP2gKv7m4AAVZf614

قاشتىكى شەربەت ئىگەللىگەن نىسپەت 30  ~ 85 % گىچە بولسا شەربەتلىك ئاق قاش دەپ ئاتىلىدۇ .

4 . شەربەت قاش

TANG YU 糖玉

102_165049870d

قاشتىكى شەربەت ئىگەللىگەن نىسپەت 85  % دىن يۇقىرى بولسا شەربەت  قاش دەپ ئاتىلىدۇ .

5 . شەربەت قاپ ئاق قاش

TANG BAO BAI 糖包白

2_d1f6015699ef6a0279274017a8015910

بۇ خىلدىكى قاشلارنىڭ ھەممە يېرىنى شەربەت ئوراپ تۇرىدۇ . ئوتتۇرىسىدىكى ئازراق يەر باشقا خىل رەڭدە بولىدۇ .

مەخسۇس شەربەتلىك زىرە قاشلارمۇ بار ، بىراق شەربەت زىرە قاشلار ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ . بۇ خىل زىرە قاشنى <<  شەربەتلىك زىرە TANG ZI LIAO 糖子料 >> دەپ ئاتايمىز .

20090330132120821

يۇقارقىلاردىن باشقا شەربەتلىك قاشلارنىڭ دائىم ئۇچرايدىغان تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرىمۇ بار : 

1 . شەربەتلىك سېرىق قاش 

TANG HUANG KOU 糖黄口

u=2729720819,3820309457&fm=21&gp=0

2 . شەربەتلىك كۆك قاش

TANG QING YU 糖青玉

Gucn_2011102124876122357Pic6

3 . قىزىل شەربەت قاش

HONG TANG YU 红糖玉

u=3746917655,973025113&fm=21&gp=0

4 . شەربىتى بار چار قاش

DAI TANG QING HUA YU 带糖青花玉

u=3990070052,2983012552&fm=21&gp=0

5 . شەربىتى بار يېشىل قاش

DAI TANG BI YU 带糖碧玉

se10129353

..... ۋاھاكازارلار

2016-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى

پايدىلانغان مەنبەلەر : << جۇڭگۇ خوتەن قاشلىرى >>   ژۇرنىلى ۋە تور دۇنياسى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ