بىرازىلىيەدە غايەت زور زۇمرەت بايقالدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى 23-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
بىرازىلىيە تاراتقۇسىنىڭ 22-ماي خەۋەر قىلىشىچە، بىرازىلىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى باخىيا ئىشتاتىدىن يېقىندا يەنە غايەت زور زۇمرەت بايقالغان.
بۇ زۇمرەتنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 360 كىلوگىرام بولۇپ، 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا پىندوباسۇ بازىرىدىكى بىر كان رايونىدىكى تەخمىنەن 200 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىن تېپىلغان. زۇمرەت قېزىلغاندىن كېيىن نامەلۇم كىشىگە سېتىۋېتىلگەن. بىخەتەرلىكنى چىقىش قىلىپ سودا سوممىسى ئاشكارىلانمىدى.
خېرىدارنىڭ ۋاكالەتچى ئادۋوكاتىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ زۇمرەتكە ئالاقىدار قانۇنىي ئىسپاتلار بىجىرىپ بولۇنغان. خېرىدارنىڭ بىرازىلىيەدە توشۇش ھوقۇقى بار بولۇپ، كەلگۈسىدە ئاشكارە كۆرگەزمە قىلىنىشى مۇمكىن.
2011-يىلى باخىيا ئىشتاتىدىن ئېغىرلىقى 380 كىلوگىرامدىن ئاشىدىغان بىر زۇمرەت تېپىلغان ۋە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ زۇمرەت دەپ قارىلىپ «باخىيا زۇمرىتى» دەپ ئىسىم قويۇلغان. بۇ تاشتا تەخمىنەن 180 مىڭ كاراتلىق زۇمرەت بار بولۇپ، قىممىتى تەخمىنەن 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى. بۇ زۇمرەت نەچچە ئادەمنىڭ قولىدىن ئۆتۈپ ئەڭ ئاخىرىدا ئامېرىكىغا بارغان. 2014-يىلى بىرازىلىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئۇچۇرنى بىلگەندىن كېيىن دېپلوماتىيە يولى ئارقىلىق قايتۇرۇۋالماقچى بولغان، لېكىن ھازىرچە تېخى نەتىجىسى بولمىدى.