A-A+

دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن 10 چوڭ پۇل مۇئامىلە جەمەتى

2017-يىل 16-ماي نامەلۇم باھا يوقكەن زىيارەت: 96 قېتىم

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى ، نۇر تورى تەرجىمىسى :

1

روسچېلد جەمەتى

قەدىمىي ھەم سىرلىق روسچېلد جەمەتىگە 19- ئەسىردە بەخت قۇشى قونغان بولۇپ، ياۋروپادىكى ئەڭ مەشھۇر پۇل مۇئامىلە جەمەتى ھېسابلىنىدۇ، روسچېلد جەمەتى پۇل ۋە بايلىقنىڭ سىمۋولى. روسچېلد جەمەتىنىڭ بانكىلىرى مالىيە ئۇچۇرىنى ئاشكارىلىماسلىق ئۈچۈن پېيىنى بازارغا سېلىشنى باشتىن- ئاخىر رەت قىلىپ كەلمەكتە. «پۇل ئۇرۇشى» ناملىق كىتابتا بۇ جەمەتنىڭ ئاز دېگەندىمۇ 50 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق پۇلى بارلىقى قەيت قىلىنغان، 50 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرى دېگەن قانداق ئۇقۇم؟ 50 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرى 800 بىل گەيتېس، 2066 ۋاڭ جيەنلىن، 2200 دىن ئارتۇق ما يۈنگە تەڭ.

2

روكفېللېر جەمەتى

روكفېللېر دېگەن سۆز ئامېرىكىدا بايلىق ۋە ھوقۇق دېگەن سۆزگە مەنىداش، ئامېرىكىدا روكفېللېرنى بىلمەيدىغان ئادەم يوق دېيىشكە بولىدۇ. كىشىلەر ھەمىشە «بايلىق ئۈچ ئەۋلادتىن ئاشماس» دېيىشىدۇ، ئەمما روكفېللېر جەمەتى بۇ قانۇنىيەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، بەخت قۇشى قونغاندىن ھازىرغا قەدەر ئالتە ئەۋلاد گۈللىنىپ كەلدى. روكفېللېر جەمەتى نېفىت مونوپوللۇقىنى ئاساس قىلىپ، پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنى ئۈزلۈكسىز كونترول قىلىش ئارقىلىق، ئامېرىكىدىكى تەسىر دائىرىسى خەلق ئىگىلىكىنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرىغىچە كېڭەيگەن ئەڭ چوڭ مونوپول گۇرۇھىغا ئايلاندى.

3

دۇپونت جەمەتى

دۇپونت جەمەتىنىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى تارىختا ئاز ئۇچرايدۇ، بۇ جەمەتنىڭ كارخانىسى جاھاندىكى 500 كۈچلۈك كارخانا ئىچىدىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن شىركەت ھېسابلىنىدۇ. دۇپونت جەمەتى ئىلگىرى 150 مىليارد دوللىرىلىق بايلىقنى كونترول قىلغان بولۇپ، جەمئىي 250 نەپەر كاتتا باي، 50 نەپەر دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ باي بۇ جەمەتتىن چىققان. دۇپونت جەمەتىنىڭ قۇرغۇچىسى مىلتىق دورىسى ياساش ئارقىلىق بېيىغان، ئەمما بىر قېتىم نۇرغۇن ئوق- دورا پاتلاپ كەتكەچكە، ئۇنىڭ بارلىق مۈلكى كۆككە سورۇلۇپ كەتكەن. دۇپونت «ئۈچ ماگناتى» يېتىشىپ چىققاندىن كېيىن، ئاندىن بۇ جەمەت تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن گۈللىنىش دەۋرىگە كىرگەن.

4

فورد جەمەتى

فورد ئاپتوموبىل شىركىتى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ بىرسى، دۇنياغا داڭلىق دەرىجىدىن تاشقىرى كارخانا بولۇپ، ئىزچىل تۈردە ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلىپ كەلمەكتە. بۇ كارخانا كەسىپ دائىرىسى ئېلېكترون، ئاۋىئاتسىيە، پولات- تۆمۈر، ھەربىي سانائەت قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان دۆلەت ھالقىغان ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك مونوپول سانائەت گۇرۇھى ھېسابلىنىدۇ.

5

مېللون جەمەتى

مېللون جەمەتى باي، ئەمما بايلىقنى تالان- تاراج قىلمايدىغان، ئەمەلىي كۈچىنىڭ زورلىقىدىن ئادەمنىڭ قورققۇسى كېلىدىغان جەمەت بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ئىشلىرىدا سەل قارىغۇسىز رول ئوينايدۇ. پۇل مۇئامىلە، ئاليۇمىن، نېفىت، كۆمۈر كان، كېمىسازلىق، پولات تاۋلاش قاتارلىق كەسىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 100 دىن ئارتۇق چوڭ كارخانىنى باشقۇرىدۇ، تازا گۈللەنگەن چېغىدا ئامېرىكىدىكى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان جەمەت دەپ ئاتالغانىدى.

6

ۋاتسون جەمەتى

ۋاتسون جەمەتى دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان كومپيۇتېر قاتتىق دېتال كارخانىسى IBM شىركىتىنى قۇرغان. بۇ شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان توماس جون ۋاتسون كەڭ كۆلەمدە سېتىشقا تايىنىپ، ئانچە نامى چىقمىغان بىر كىچىك شىركەتنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قاتتىق دېتال شىركىتىگە ئايلاندۇردى. بالىسى ئاتىسىغا ۋارىسلىق قىلىپ IBM شىركىتىنىڭ كومپيۇتېر ئىشلىرىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.

7

گالۋىن جەمەتى

بۇ باي جەمەت ئامېرىكىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن. گالۋىن جەمەتىنىڭ قۇرغۇچىسى پائۇل گالۋىن قوناق ئېتىلدۇرمىسى سېتىپ ئىگىلىك تىكلىگەن بولۇپ، كېيىن موتورولا شىركىتىنىڭ باش مۇدىرىغا ئايلىنىپ، بۇ جەمەتنىڭ داڭقىنى ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

8

ماركس جەمەتى

ماركس جەمەتى ئەنگلىيەگە داڭلىق باي جەمەت. بۇ جەمەتنىڭ قۇرغۇچىسى ماركس دەسلەپتە بەش فوندستېرلىڭ بىلەن ئىش باشلىغانىدى. ئەمما ماركس ئالەمدىن ئۆتكەن چاغدا، ئۇنىڭ ئوغلى سىمون ئاران 19 ياشتا بولۇپ، شىركەتنىڭ چوڭ ھوقۇقى شىركەت مۇدىرى كىۋىننىڭ قولىغا ئۆتكەنىدى. سىمون جەمەت كارخانىسىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن يەھۇدى سودىگەر ئېسلېي بىلەن تونۇشتى، ئىككىسى بىر- بىرىنىڭ سىڭلىسىنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ، ئۆزئارا قۇدىلىشىپ باي جەمەت بەرپا قىلدى. بۇ ئىككىسى كىۋىن بىلەن مۇدىرىيەت رەئىسلىكىنى تالىشىش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاخىرىدا غەلىبە قازاندى، كېيىن داۋاملىق بىرلىشىپ شان- شەرەپ قۇچۇپ، جەمەتىنى تېخىمۇ گۈللەندۈردى ھەمدە 3- ئەۋلاد ئىز باسار تەربىيەلەپ چىقتى.

9

مورگان جەمەتى

مورگان جەمەتى تىرىكچىلىكتە تايىنىدىغان سودا ئەنئەنىسىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. مورگان جەمەتىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ۋال كوچىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسى. مورگان جەمەتى ياراتقان «مورگانلاشقان تىجارەت باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى» ھېلىھەم ۋال كوچىسىدىكى ھەممىگە ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا ۋە تەسىر كۆرسەتمەكتە. بۇ تىجارەت ئىدىيەسى ۋە ئىستراتېگىيەسى كاپىتالىزمنىڭ بالىلىق دەۋرىدىن قىرانلىق دەۋرىگىچە بولغان پۈتكۈل جەريانىغا سىڭىپ كەتكەن.

10

ئوناسىس جەمەتى

ئوناسىس جەمەتى ئۆزگىچە باي جەمەت. ئوناسىس بۇ جەمەتنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇپ، دۇنيا پاراخوتىنىڭ كاپىتانى دەپ ئاتالغان. ئۇ تاماكا تىجارىتى بىلەن ئىش باشلىغان بولۇپ، كېيىن سۇ ترانسپورت كەسپىگە ئاتلانغان. ئۇنىڭ قىزى ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ، تېخىمۇ سەلتەنەت يارىتىپ، 3- ئەۋلادقا ئۆتكۈزۈپ بەردى.

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ