قاشگەرلەرگە تەكلىپ(7)
قاشگەرلەر ( تاشچىلار ) بىلىشكە تىگىشلىك كەسپىي
قائىدىلەر
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت يازمىسى
كىرىش سۆزى:
‹‹ئۇيغۇر قاشگەرلىكى نەچچە يۈز يىللىق ئۈزۈكچىلىكتىن كېيىن ،90-يىللاردىن باشلاپ يەنەيېڭى تەرەقىياتقا ئېرىشتى.بىراقتېخې كەسپىي قائىدىلەر ۋۇجۇدقا چىقمىدى.قاشگەرلىكىمىزنىڭ ساغلام تەرەقىياتى ئۈچۈنھەممىگە باب كېلىدىغان كەسپىي قائىدىلەرنى تۈزۈپ چىقىش ئىنتايىن مۇھىم.بىز ئۆزىمىزنىڭ ئويلىغانلىرىمىز ھەم باشقا مىللەت قاشگەرلىرى قائىدىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ بۇ قائىدىنى تۈزۈپ چىقتۇق . كەڭ كەسىپداشلارنىڭ كۆرسەتمە بېرىشىنى ،كامقالغان جايلىرى بولسا تولۇقلىشىنى ، ئەجداد مىراسى بولغان قاشگەرلىكىمىز تەرەقىياتى ئۈچۈن تېگىشلىك مەسھۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى سەمىمىي ئۈمۈد قىلىمىز.››
خوتەن قاشگەرلىك بىر تۈرلۈك ئالاھىدە مەدەنىيەت كەسىپى بولغاچقا ،بۇ كەسىپنىڭ مۇلازىمەت ئوبىكتىلىرى - جەمىيەتتە ئورنى ، ئىقتىسادى كۈچى ۋە ئالاھىدە سالاھىيىتى بار كىشىلەردۇر.شۇڭا بۇ كەسىپنىڭ كەسپىي قائىدىسىمۇ ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولۇپ،بۇ ساھەدىكى ھەربىر كىشى بۇ قائىدىلەرنى ئېنىق بىلىشى ھەم تۇلۇق رىئايە قىلىشى تولىمۇ زۆرۈر . بۇ كەسپىي قائىدىلەر تۆۋەندىكىچە:
1 .كەسپىي بىلىملەرنى توختىماستىن ئۆگىنىش كېرەك .
خوتەن قاشلىرىنىڭ تۈرلىرى،ئالاھىدىلىكى،چىقىدىغان ئورنى ،ئۇنى پەرىقلەندۈرۈش ئۇسۇلى ، خوتەن قاشلىرىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان باشقا قاشلارنىڭ بازار ئەھۋالى.......قاتارلىقلارنى بىلىش ئۈچۈن توختىماستىن ئۆگىنىش كېرەك . ئۆزىمىز ساتىدىغان مالنىڭ يۇقارقى ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزىمىز بىلمىسەك ،بۇ سودىنى ياخشى قىلغىلى بولمايدۇ . خوتەن قاشلىرى سودىسى مەدەنىيەت سودىسىغا تەۋە بولۇپ بىزنىڭ سېتىۋاتقىنىمىز نۇقۇل ھالدىكى خوتەن قاشلىرى
بولماستىن مۇھىمى خوتەن قاشلىرىغا مۇجەسسەملەنگەن مەدەنىيەتتۇر . بىز مۇئەييەن مەنىدىن ئېيتقاندا مەدەنىيەت تارقارتقۇچى بۇلۇپ خوتەن قاش مەدەنىيىتىنى باشقىلارغا بىلدۈرۈشئۈچۈن ئۆزىمىز چۇقۇم ياخشى بىلىشىمىز كېرەك.ئەقىدە جاۋاھىرات تورىمىزنىڭ تەۋسىيەسى : ئۆگىنىش مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مەڭگۈلۈك پەرھىزدۇر . بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس ، ئۆگەنمەسلىك چوڭ ئەيىپتۇر.
2 . ھەقىقىي خوتەن قاشلىرىنى سېتىش ، ساختا ، سۈپەتسىز ماللارنى ساتماسلىق كېرەك .
يۇرتىمىزنىڭ خوتەن قاشلىرىبىزنى دۇنياغا تۇنۇتىدىغان ، دىيارىمىزنىڭ ئوبرازىنى تىكلەيدىغان كۇزۇر مەھسۇلات بۇلۇپ ،ئۇنىڭ شۆھرىتى دۇنياغا تۇنۇلماقتا.بىزنىڭ بۇ سودىنى قىلىۋاتقىنىمىزغا نەچچە مىڭ يىللار بولدى.بىز ئەجداد ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ خوتەن قاشلىرىنىڭ ئىناۋىتىنى ، ئۇيغۇرنىڭ ئىناۋىتىنى ،دىيارىمىزنىڭ ئىناۋىتىنى كۆز قارچۇغىمىزنى ئاسرىغاندەك قوغدىشىمىز،ساختا ناچار قاشلارنى خوتەن قاشلىرى دەپ ساتماسلىقىمىز كېرەك . پۇل ، مال ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايدىغان،پەزىلەتسىز،قەسەمخور...قاشگەرلەردىن بۇلۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك.
3 .يۈرۈش-تۇرۇش ۋە شەخسى تازلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش كېرەك .
بىزدە <پاكىزلىق ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر > دەيدىغان ھىكمەتلىك سۆز بار.بىز مەدەنىيەت سودىسى بىلەن شۇغۇللانغۇچى ، مەدەنىيەت تارقاتقۇچى بولغان ئىكەنمىز ئالدى بىلەن بۇ مەدەنىيەت ئۆزىمىزدە نامايەن بولىشى لازىم . گەرچە بىزنىڭ كۆپ ۋاقتىمىز سەپەر ئۈستىدە ئۆتسىمۇ ، لىكىن سەپەرنى باھانە قىلىپ يۈرۈش-تۇرۇش ۋە شەخسى تازلىققا سەل قاراشقا مۇتلەق بولمايدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە قاش سودىسى جەمىيەتنىڭ يۇقۇرى قاتلىمىدىكى كىشىلەر بىلەن بولىدىغان سودا بولغىنى ئۈچۈن بىز بۇ ئەقەلىي تەلەپنى شەرتسىز ئۈرۈنلىشىمىز كېرەك . مۇنداق دىگەنلىك< ئىسىل كىيىنىش ئۈچۈن پۇلنى بۇزۇپ-چېچىڭ > دىگەنلىك ئەمەس . چۈنكى پاكىزلىق ئىسراپخورلۇقنى شەرت قىلمايدۇ.
4 .ياخشى بولغان پىسخىك ساپاغا ئىگە بولۇش كېرەك.
قاش سودىسى خارەكتىر جەھەتتىن باشقا سودىلارغا ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدۇ.گاھىدا بىر كېچىدىلا مىليونىرغا ئايلىنىپ قالساق،گاھىدا يىللاپ سودا قىلالماي ياكى قويمىچىلارغا قۇيۇلۇپ كېتىپ قاقسەنەم بولۇپ كېتىدىغان ئەھۋالغا دۇچ كىلىمىز.مۇنداق چاغلاردا ياكى سودا بۇلىۋاتقان
نەق مەيداننىڭ ئۈزىدە بىزدە تەمكىنلىكتىن ئىبارەت ياخشى روھىي ھالەت بولمىسا بىز
بۇ كەسىپنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايمىز.شۇڭا بىزدە تەمكىن ، يىراقنى كۈرەلەيدىغان روھ
ۋە يىقىلساق يەنە دەس تۇرالايدىغان ئىدىيۋى تەييارلىق بولىشى لازىم.
5 .ياخشى بولغان كەسپىي ساپا ھازىرلىشى كېرەك.
ياخشى بولغان كەسپىي ساپا ئالدى بىلەن ئۆزىمىز قىلىۋاتقان شۇ كەسىپنى ياخشى بىلىش ۋە سۈيۈشتە ئىپادىلىنىدۇ . بۇ خىل بىلىش قۇلىمىزدىكى بىزگە نان بېرىۋاتقان قاشلارنىڭ ئىسمىنى ئانا تىلىمىزدا توغرا ئاتاش ، خوتەن قاشلىرىنىڭ تۈرى ، ئالاھىدىلىكى ، بازار باھاسى ... قاتارلىق ئەقەللىي بىلىملەرنى بىلىشتە ئىپادىلىنىدۇ.ماللارغا مۇۋاپىق باھا قۇيۇش ھەم ياخشى باھادا سېتىشنى بىلىش ، باھانى يۇقۇرى قۇيۇپ ، تۆۋەن سېتىشتىن ساقلىنىش لازىم . يەنى قولىدىكى مالغا ئون مىڭ سوم باھا قۇيۇپ خېرىدار يۈز سوم سورىسا يالۋۇرۇپ ساتىدىغان ئاتالمىش <سودا >دىن قاشگەرلەر ساقلىنىشى،نۇمۇس قىلىشى لازىم.
يۇقارقىلار قاشگەرلەرگە قۇيۇلىدىغان تەلەپلەر بولۇپ ، قاش سودىسىنىڭ ئۆزىدە يەنە تۆۋەندىكى كەسپىي قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىشىمىز لازىم :
1 .سېتىلغان مال قايتۇرۇلمايدۇ.
قاشگەرلىك مۇئەييەن كەسپى بىلىمى ، كۈزىتىش ئىقتىدارى ،مالنى ۋە بازارنى دىتلىيالايدىغان قابىلىيىتى ھەم ئىقتىسادى كۈچى بار كىشىلەر ئارا ئالىپ بېرىلىدىغان ئالاھىدە سودا بولۇپ ، ھەر ئىككى تەرەپتىن ئالدىراقسانلىق قىلماي ئەستايىدىل بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.شۇ سەۋەپتىن سېتىلغان مال قايتۇرۇلمايدۇ.
2 . سودا سۇرۇنىغا مۇناسىۋەتسىز ھەر قانداق ئادەمنىڭ قاتنىشىشى ، توپلىشىۋېلىشى چەكلىنىدۇ.
قاش سودىسى ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا ئېلىپ بارىدىغان ئىنتايىن نازۇك سودا پائالىيىتى بولۇپ ، ئۇ ئادەتتىكى قاق-ياڭاق سودىسى ئەمەس . بۇ سودىدا يالغۇز بىر دانە قاشلا ئەمەس ، ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ يەنە كىشىلىك مۇناسىۋەت ، ئىشەنچ ، ھېسسىياتمۇ بىرگە <سېتىلىدۇ> .شۇڭا مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرنىڭ مەيلى ئۇ كەسىپ ئەھلى بولسۇنياكى ئادەتتىكى ئادەم بولسۇن ئۆزىنى بىلمەي قىسىلىپ تۇرۇۋېلىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.شۇڭا مۇناسىۋەتسىز ھەرقانداق ئادەم سودا سۇرۇنىدىن ئاڭلىق ھالدا ئۆزىنى چەتكە ئېلىشى كېرەك.
3 .تالىشىپ سېتىش ۋە تالىشىپ سېتىۋېلىش چەكلىنىدۇ.
ئىككى تەرەپ سودا قىلىۋاتقان ۋاقىتتا سىزنىڭ سودىسى بولىۋاتقان قاشنى ھەر قانچە ئالغۇڭىز بولسىمۇ ، ياكى قۇلىڭىزدا مال بولۇپ ئۇنى ساتقۇڭىز كەلسىمۇ ، مۇشۇ كەسىپنىڭ ئەھلى بولسىڭىز نادانلارچە ئالدىراڭغۇلۇق قىلىپ ، بۇ سودىغا ئارلاشماڭ . بۇ كەسىپ ئەھلىلىرى ئەڭ يامان كۆرىدىغان ئادەت بولۇپ ، ئەگەر بۇ قائىدىگە ئەمەل قىلماي بۇلىۋاتقان سودىنى بۇزۇپ
قويسىڭىز سىز بۇ ساھەدە ئەڭ قارشى ئېلىنمايدىغان ئادەم بولۇپ قالىسىز . كۈتۈلمىگەن
ئاۋارىچىلىققا ، ناچار ئاقىۋەتكە قېلىشىڭىزمۇ مۈمكىن.
4 .تۆلەم شەكىللەنسە ئەمەلىيەتكە ئويغۇن بولۇش كېرەك.
ئىنسانپەرۋەرلىكنى ئاساس قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ.خېرىدار مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ھالدا مېلىڭىزنى بۇزۇپ قويغان بولسا ، مېلىڭىزنىڭ ئەمەلىي باھاسى ، شۇ چاغدىكى بازار ئەھۋالى ھەمئىنسانپەرۋەرلىكنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ تۆلەم ئېلىشىڭىز ، ھەرگىزمۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ قارشى تەرەپنى قاقتى-سوختى قىلماسلىقىڭىز كېرەك . دوستانە كىلىشىش ، ئىنساپ بىلەن ئىش قىلىشتىن ئىبارەت كەسپىي قائىدىلەرىگە چۇقۇم ئەمەل قىلىش لازىم.
5 .كەسىپداشلار ئۆز ئارا بىر-بىرىنى قالايمىقان باھالىماسلىقى كېرەك.
يەنى مەلۇم بىر دۇكان ياكى سودىگەر بىر پارچە مالنى ساتقان بولسا يەنە بىر تەرەپ مال سېتىۋالغۇچىنى يېنىغا تارتىپ سېتىۋالغان مالنىڭ ئەيىپى ، باھاسىنىڭ قىممەت بولۇپ قالغانلىقى ياكى مالنىڭ ساختىلىقى ... دىگەندەك تەرەپتىن مال ساتقۇچىغا پايدىسىز سۆزلەرنى قىلىپ بۇ سودىنى بۇزماسلىقى كېرەك . بۇ ئەقەللىي سودا ئەخلاقى بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى قاشگەرلەر قەتئىي بىلىشكە ۋە ئەمەل قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم پىرىنسىپتۇر .
6 .سودا مەخپىيەتلىكىنى قاتتىق ساقلاش كېرەك.
تارىختىن بۇيان قاش سودىسىداسودا مەخپىيەتلىكى قاتتىق ساقلانغان بولۇپ،ھازىر ۋە مۇندىن كېيىنمۇ بۇ قائىدىگەقەتئىي ئەمەل قىلىنىشى لازىم.كەسپىي قائىدىلەرنى بىلمەي سودا مەخپىيەتلىكىنىئاشكارلاپ قاشگەرلەرنىڭ مەنپەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىشقا بولمايدۇ.قاشگەرلىك باشقاسودا ساھەسىگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە كەسىپ بولغانلىقى ئۈچۈن،بۇكەسىپتىكى سودا مەخپىيەتلىكىنى كەسىپ ئەھلى ئەمەس كىشىلەرگە سۆزلەپ يۈرۈشكە تېخىمۇبولمايدۇ.بۇلۇپمۇ قاشلارنىڭ ئەسلى باھاسى،قاشگەرلەرنىڭ پىسخىك ئاجىزلىقى قاتارلىقتەرەپلەردە قاش سېتىۋالغۇچىلارنى ئىچكى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ قاشچىلىرىمىزنىڭجانىجان مەنپەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىشقا مۇتلەق بولمايدۇ.
7 . ھاۋالىلىك سېتىش ( دەيشۇغا بىرىش ) تا ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ ئىش قىلىش كېرەك .
خېرىدارى بارلار ۋاكالىتەن مالنى ئاپىرىپ ساتماقچى بولسا ،خېرىدارنى كۆرسەتكۈسى بولمىسا مالنى ئەڭ تۆۋەن باھادا بىرىش كېرەك.مال ئىگىسى بۇنىڭغا قوشۇلماي مېلى بىلەن بىللە بېرىپ سودا قىلغان بولسا خېرىدار تاپقۇچىغا پۈتۈشكەن سودا سوممىسىنىڭ ئون پىرسەنتىنى بىرىش كېرەك . مال باھاسىنى نەچچە ھەسىلەپ يۇقۇرلىتىپ بىرىپ مال سېتىلماي ھىچكىم نەپ ئالالمايدىغان ئىشتىن ساقلىنىشى لازىم .
8 . شىرىك سودىدا ھەر ئىككى تەرەپ پايدا - زىياننى تەڭ ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
سودا ياخشى بولسۇن ياكى بولمىسۇن ئىككى تەرەپ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى بىرلىكتە ھەل قىلىشى ، ھەرگىزمۇ بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان ئىش-ھەركەت بىلەن شۇغۇللانماسلىقى لازىم.
9 . قاش سودىسىدا ئىناۋەتتىكلەشكە ، ئىناۋەت - ئابرويىنى ساقلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش لازىم.
قاش سودىسىنىڭ ياخشى - يامان بولىشى مالنىڭ سۈپىتىگە ، بازارغا باغلىق بولۇپلا قالماستىن ئەڭ مۇھۇمى قاشگەرنىڭ ئىناۋەت-ئابرۇيىغا باغلىق بولىدۇ . كۆز ئالدىدىكى كىچىككىنە مەنپەتنى دەپ ساختا مال سېتىپ خېرىدارنىڭ ئىشەنچىسىدىن قېلىشقا ، خوتەن قاشلىرىنىڭ ھەتتا مىللەتنىڭ ئىناۋىتىنى سېتىشقا قەتئىي بولمايدۇ . بۇنداق ئاتالمىش قاشگەرلەرنى زۆرۈر تېپىلغاندا بۇ ساھەدىن قوغلاندى قىلىش كېرەك . چۈنكى ساختىپەزلىك ئاخىرقى ھىساپتا ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز ئورىغا ئىتتىرىشتىن باشقا نەتىجە بەرمەيدۇ . شۇڭا ھەقىقىي قاشگەرلەر ئۆزى سېتىۋاتقان قاشلاردەك ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئىسىل پەزىلەتلىك بولىشى لازىم.
2014-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى