قاشگەرلەرگە تەكلىپ(5)
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت يازمىسى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار !
خوتەن قاشتېشى خاس دىيارىمىزدىنلا چىقىدىغان ،ئاللاھ بىزگە بەركەتلىك يارىتىپ بەرگەن بايلىق بولۇپ ، ھازىر جوڭگۇنىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى بولۇپ دۇنياغا يۈزلەندى . بۇنىڭغا ئەگىشىپ خەلقارادا ھەم ئېلىمىزدە بۇ ھەقتىكى تەتقىقات ۋە بازار ئۇچۇرلىرى كۈنسايىن چۇڭقۇرلىشىۋاتىدۇ ھەم يېڭىلىنىۋاتىدۇ .
ئۇيغۇر قاشتېشى تورىمىز 2013-يىلى 7-ئايدا قۇرۇلۇپ ھازىرغىچە بولغان جەرياندا ئەڭ زور
دەرجىدە تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈپ خوتەن قاشتېشى ۋە قاشتېشى مەدەنىيىتىگە دائىر نۇرغۇنماقالىلارنى توپلىدۇق ، يازدۇق ، تەرجىمە قىلدۇق . ھازىر بۇ ھەقتە كىتاپ چىقىرىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمىز . مۇندىن كېيىن ھەم داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز . بىراق < يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس ، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس > دىگەندەك بۇ ساھەدە تېخىمۇ كۆپ ئىلمىي ، ئەمەلىي ئەمگەك قىلىش بۇ ئارقىلىق دىيارىمىزدا تاشلىنىپ قالغان بۇ بوشلۇقنى توشقۇزۇشتا بىز تولىمۇ يالغۇز - ئاز بولۇپ قالدۇق . كۈنىمىزدە قاشتېشى ۋە قاشتېشى مەدەنىيىتىنىڭ ئانا ماكانى بولغان يۇرتىمىزدا بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتلارنىڭ كەملىكى سەۋەبىدىن قاشتېشى ۋە قاشتېشى مەدەنىيىتىگە ئائىت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خارەكتىرىدىكى بىر قىسىم مەخسۇس فىلىم ۋە ماقالىلەرنى تەرجىمە قىلىش يولى بىلەن بۇ بوشلۇقنى ئازراق بولسىمۇ توشقۇزۇش تولىمۇ زۆرۆر بۇلۇپ قالدى . شۇ سەۋەپتىن بىز قېرىنداشلىرىمىزغا <ئويغۇر قاشتېشى تەرجىمەگوروپپىسى > قۇرۇش تەكلىپىنى بىرىمىز.
خوتەن قاشتېشى مەدەنىيىتىمىزنى بېيىتىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ، خەنزۇ تىلى سەۋىيەسى يىتەرلىك ، ۋىجدانلىق ، تەرجىمىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان قېرىنداشلارنىڭ ئۆزلىرىنى مەلۇم قىلىشىنى ، دىيارىمىز خوتەن قاشتېشى مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمىز . پەقەت توختاۋسىز ئىزدىنىپ ئەجىر قىلغاندىلا نەتىجە ياراتقىلى ، ھەقىقىي تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ . بىز ئەنە شۇنداق روھقا ئىگە ھارماس تۆھپىكارلىرىمىزغا مۇھتاج .
خوتەن قاشتېشىنىڭ نېنىنى يىگەن،يىمەكچى بولغان بارلىق تاشچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئويغۇر قاشتېشى تورىمىزنى سەمىمىي قوللىشىنى ،چامىنىڭ يىتىشىچە ياردەم قىلىشىنى ھەم ئۈمۈد قىلىمىز.
2014-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى