A-A+

(9)ھەمكارلىق:چۇقۇم باشقىلارنىڭ كۈچىدىنمۇ پايدىلىنىڭ

2017-يىل 22-مارت كاپىتال ئىگىلىكى, ھەمكارلىق ( تىجارەت ئەندىزىلىرى ) توغرۇلۇق (9)ھەمكارلىق:چۇقۇم باشقىلارنىڭ كۈچىدىنمۇ پايدىلىنىڭ باھالار ئېتىۋېتىلگەن. زىيارەت: 370 قېتىم

ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم تەرجىمىسى

timg

بىر كۈنى دادىسى ئوغلىغا ھويلىدىكى يوغان تاشنى يۆتكىۋېتىشنى بۇيرۇپتۇ . بالا خېلە كۈچىگەن بولسىمۇ  تاشنى  يۆتكىمەلمەپتۇ .دادىسى ئوغلىنى رىغبەتلەندۈرۈپ   :  << غەيرەت قىل بالام ! سەن پەقەت كۈچىسەڭلا تاشنى يۆتكەپ كېتەلەيسەن >> دەپتۇ. بىراق تاش بەك ئېغىر بولغاچقا بالا ھەر قانچە قىلىپمۇ تاشنى زادىلى يۆتكىيەلمەي : << يۆتكەيەلمىدىم دادا >> دەپتۇ. بۇ چاغدا دادىسى : << ئوغلۇم ،سەن بارلىق كۈچىڭنى ئىشقا سالمىدىڭ ! >> دەپتۇ ۋە ئۆزىگە ھەيرانلىق ئىلىكىدە قاراپ قالغان ئوغلىغا قاراپ كۈلۈمسىرىگىنىچە مۇنداق دەپتۇ : <<ئوغلۇم، مەن يېنىڭدا تۇرسام مەندىن ياردەم سورىمىدىڭ  >>  .

خۇلاسە كالام : بىر ئادەمنىڭ غەلبىسى يالغۇز ئۆز كۈچىگە تايىنىشلا بولۇپ قالماستىن ، بەلكى ئەتراپىدىكى كىشىلەردىن قانداق پايدىلىنىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .

مەيلى قايسى كەسپ بىلەن شۇغۇللانمايلى ، غەلبە قىلىمىز دەيدىكەنمىز ئۆزىمىز بار كۈچىمىزنى ئىشقا سېلىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىز پايدىلىنالايدىغان ئىجتىمائىي بايلىقلار ( كاپىتال ) دىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشمىز كېرەك . بۇ خۇددى ئۆزىمىز كۆتۈرەلمىگەن ، يۆتكىيەلمىگەن نەرسىلەرنى پىشاڭ ، كىران .... قاتارلىق ئۈسكىنىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن كۆتۈرگىنىمىزگە ئوخشاش ئىش . 

مەنبە :  كارخانىچىلار سالونى

خەتكۈش :

باھا توختىتىلغان

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ