(5)ھەمكارلىق : ھەمكارلىشىپ ئىگىلىك تىكلەشتىكى پىرىنسىپلار
ھەمكارلىشىپ ئىگىلىك تىكلەشتىكى پىرىنسىپلار
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت تەرجىمىسى
تەرجىماندىن:
ھەمكارلىشىپ ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا ھەمكارلاشقۇچىلار پۇل-مال،تېخنىكا .... جەھەتتە ھەمكارلىشىپلا قالماستىن ،مۇھىمى شەخىسنىڭ ئىنسانىي پەزىلىتىنى ئەتراپلىق كۆزىتىشى ۋە ھەمكارلىق جەريانىدا ئورتاق رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك پىرىنسىپلارنى ئەتراپلىق تۈزۈپ ھەمكارلىق دائىرىسىگە كىرگۈزىلىشى ھەم قانۇنلۇق ھەمكارلىق كىلىشىمى تۈزۈشى كېرەك.
ئىقتىسادىي پائالىيەتلەردە ھەمكارلىق ئاساسىي مىلودىيە بولىۋاتقان نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ھەمكارلىشىپ ئىگىلىك تىكلىگەن كارخانىچىلار ۋە ھەمكارلىشىپ ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولىۋاتقان كەلگۈسى كارخانىچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بۇ ماقالىنى تەرجىمە قىلىپ دىققىتىڭلارغا سۇندۇق ھەم خەنچە ئەسلى نۇسقىسىنىمۇ تولۇقلىما قىلدۇق .
ھەمكارلىشىپ ئىگىلىك تىكلەشتىكى پىرىنسىپلار
合伙创业天规
بىرىنچى پىرىنسىپ ______ ئاۋازغا قۇيۇش
1 . پۇل چىقىرىش قائىدىسى :
ھەمكارلاشقۇچىلار قانچە پۇلدىن سەرمايە چىقىرىدۇ ؟ چىقارغان سەرمايىدىكى پەرق قايسى ئۇسۇلدا ھەل قىلىنىدۇ ؟ پاي ھۇقۇقى قانداق ئايرىلىدۇ ؟
2 . كۈچ چىقىرىش قائىدىسى :
ئىش تەقسىماتى قانداق ؟ كىم نىمە ئىش قىلىدۇ ؟قايسى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ ؟
3 . پۇل تېپىش قائىدىسى :
كىمنىڭ پۇلىنى تاپىمىز ؟ قايسى ئۇسۇلدا تاپىمىز ؟ نېمە سېتىپ تاپىمىز؟
4 . رەھبەرلىك قائىدىسى :
كىم رەھبەرلىك قىلىدۇ ؟ تىخنىكا ، سېتىش ، كاپىتالغا كىم مەسئۇل بولىدۇ؟ مەبلەغ سالغۇچى بىلەن كەسىپكە مەسئۇل بولغۇچى (پۇل تاپقۇچى )بىر ئادەم بولمىغاندا كىم رەھبەر بولىدۇ ؟ كونكىرىتنى ھۇقۇقى قانچىلىك ؟ كوللىكتىپنىڭ قارار چىقىرىش دائىرىسى قانچىلىك ؟
5 . ئىجرا قىلىش قائىدىسى :
كىم ئىجرا قىلىدۇ ؟ قانداق ئىجرا قىلىدۇ ؟ نېمە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ ؟
6 . ھۇقۇققا قۇيۇش - قالدۇرۇش دائىرىسى :
رەھبەردىن مەسىلە چىقسا قانداق قىلىمىز ؟ پىلاندىن مەسىلە چىقسا قانداق قىلىمىز ؟ قانداق ئەھۋالدا ھۇقۇقتىن قالدۇرىمىز ، تەيىنلەيمىز ؟
7 . چېكىنىش قائىدىسى :
ھەمكارلىقتىن قانداق چىكىنىمىز ؟ ئەسلى پاي سوممىسى بويىچىمۇ ھازىرقى باھا بويىچىمۇ ؟ چىقىم ھېسابلاش ئۆلچىمى نېمە ؟
ئىككىنچى پىرىنسىپ ______ يۈز ئۆرۈش
1 . ئۇسۇلدا ( تاكتىدا ) خاتالىق كۆرۈلسە ئادەمنى ئالماشتۇرىمىزمۇ ياكى ئىش بېجىرىش ئۇسۇلىنىمۇ ؟
2 . پىلاندا ( ئىستىراتىگىيەدە )خاتالىق كۆرۈلسە باشلىقنى ئالماشتۇرىمىزمۇ ياكى پىلاننى قايتا تۈزەيمىزمۇ؟
3 . كۆز قارىشىمىزدا ئىختىلاپ كۆرۈلسە ئاۋازغا قۇيىمىزمۇ ياكى كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت ئالىمىزمۇ ؟
4 . ئادىمىيلىكىمىزدە مەسىلە كۆرۈلسە مۇشتلىشىپ ھەل قىلىمىزمۇ ياكى قانۇن يولى بىلەنمۇ ؟
5 . زىدىيەت كۆرۈلسە ئېغىر-بېسىق بولىمىزمۇ ياكى مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىمىزمۇ ؟
6 . زىدىيەت كەسكىنلەشسە توپ بولۇپ مۇشتلىشىمىزمۇ ياكى ئىككەيلەن يەكمۇ-يەك ئېلىشامدۇ ؟
7 . يۈز ئۈرۈمەكچى بولساق يۈز ئۈرۈگۈچى چېكىنەمدۇ ؟ ياكى كوللىكتىپ تارقىلىمىزمۇ؟
8 . ئۆز ئارا تۇتۇشۇپ قالساق ساقچى چاقىرىمىزمۇ ؟
ئۈچۈنچى پىرىنسىپ ______ ھەمكارلىشىشقا بولمايدىغانلار
1 . ئالدامچىلىق قىلمىشى بارلار ھەمكارلىققا قاتناشتۇرۇلمايدۇ .
2 . لەۋزىدە تۇرمايدىغانلار قاتناشتۇرۇلمايدۇ .
3 . ئاتا - ئانىسىغا ۋاپاسىزلىق قىلغانلار قاتناشتۇرۇلمايدۇ .
4 . شەھۋانى قىلمىشى بارلار قاتناشتۇرۇلمايدۇ .
5 . تۈرلۈك گوروھ ، مەزھەپلەرگە كىرگەنلەر قاتناشتۇرۇلمايدۇ .
6 . باشقىلارغا بەك يۈز قاراپ ئىش قىلالمايدىغانلار قاتناشتۇرۇلمايدۇ .
7 . ئىجتىمائىي قائىدىلەر ۋە جەمىيەت ئومۇمىي ئەخلاقىغا قارشىلار قاتناشتۇرۇلمايدۇ .
8 . بەك زىغىرلايدىغانلار قاتناشتۇرۇلمايدۇ .
9 . كۆرگەنلا ئىشتىن داتلايدىغانلار قاتناشتۇرۇلمايدۇ .
10 . ئورۇنسىز دەتالاش قىلىشقا خۇمارلار قاتناشتۇرۇلمايدۇ .
11 . مەسىلىلەرنى بايقاشقا ماھىر ئەمما مەسىلە ھەل قىلالمايدىغانلار قاتناشتۇرۇلمايدۇ.
12 . مەسئۇلىيەتتىن قاچىدىغانلار ، باشقىلارغا مەسئۇلىيەتنى ئىتتىرىدىغانلار قاتناشتۇرۇلمايدۇ .
13 . سىياسىي جەھەتتە مەسىلىسى بارلار قاتناشتۇرۇلمايدۇ .
تۆتىنچى پىرىنسىپ ______ ھەمكارلىقتىكى زۆرۈر ئادەملەر
1 . پۇلى بولمىسىمۇ يېشى چوڭراق مويسىپىتتىن بىرەيلەن بۇلىشى كېرەك.
2 . تەپەككۇرى جانلىق ، ئىشلاردا بۈسۈش ھاسىل قىلالايدىغان بىرەيلەن بولۇشى كېرەك .
3 . ئېغىر - بېسىق ، ئەمەلىيەتچىل ، ئۆزىنى تۇتالايدىغان ، ھەمكارلاشقۇچىلارنى ئىتىپاقلاشتۇرالايدىغان بىرەيلەن بولۇشى كېرەك .
4 . ئاددى - ساددا ، تېجەشلىك ، تەنەرخ ھىساباتىغا ئۇستا بىرەيلەن بۇلۇشى كېرەك .
5 . گەپتان ، لەۋزىدە تۇرىدىغان ، راستچىل - سەمىمىي بىرەيلەن بولۇشى كېرەك .
6 . ئىجتىمائىي ئالاقىگە ماھىر بىرەيلەن بولۇشى كېرەك .
7 . سېتىش ئىشلىرىغا پىششىق ، بازار ئاچالايدىغان بىرەيلەن بولۇشى كېرەك .
بەشىنچى پىرىنسىپ ______ پايدىنى تەقسىملەش
1 . چىقارغان پۇلىغا قاراپ تەقسىملەش
2 . تىخنىكىغا قاراپ تەقسىملەش
3 . چىقارغان ئەمەلىي كۈچىگە قاراپ تەقسىملەش
4 . تىرىشچانلىقى ( مال سېتىش ) غا قاراپ تەقسىملەش
5 . يىللىق پايدىنىڭ 50 % نى پايدا تەقسىملەش ، 50 % نى تەرەققىيات مەبلىغى قىلىش
6 . خىزمەتچىلەرگە پايدا تەقسىملەش
7 . خىزمەتچىلەر ئارىسىدىكى ھۇقۇق ، پايدا مۇناسىۋىتى
8 . خىزمەتچىلەرنىڭ مۇكاپاتى
9 . تەقسىملەشكە مۇمكىن بولمايدىغان پاراۋانلىق تىپىدىكى مەبلەغلەر
ئالتىنچى پىرىنسىپ ______ ھەمكارلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش
1 . قانداشلار ھەمكارلىقىدا :
ھىساباتنى كۆيدۈرۋېتىپ، قانداشلىق رىشتىسىنى ساقلاپ قېلىش
2 . قېرىنداشتەك يېقىنلار ھەمكارلىقىدا :
كۆز يېشى قىلىشىپ ئۆز يولىغا مېڭىش
3 . دوستلار ھەمكارلىقىدا :
قەدەھ سۇقۇشتۇرۇپ ، بۇيۇملارنى بۆلىشىش
4 . تىجارەتچىلەر ھەمكارلىقىدا :
ئۆز ئارا كىلىشكەن پۈتۈم ( توختام ) بويىچە ئاخىرلاشتۇرۇش
يەتتىنچى پىرىنسىپ ______ باشقۇرۇش
1 . يېڭى ئىش باشلىغاندا ئاخسالىق قىلماي ، جاپاغا چىداش ؛ ئىشخانا شارائىتىغا يۇقۇرى تەلەپ قويىۋالماي چىقىمنى تېجەش .
2 . ئۆزلىرى ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ئىشلاردا ئادەم تەكلىپ قىلماسلىق .
3 . ئادەم تەكلىپ قىلىش توغرا كەلسە سەرخىلىنى تەكلىپ قىلىش كېرەك .
4 . ئىشنىڭ دەسلىپىدە << داڭلىق ماركا >> يارىتىمىز دەپ چوڭ يەرگە ئېسىلماي، مەھسۇلاتنى سېتىپ چىقىرىشقا ھەقىقىي كۈچەش كېرەك .
5 . يېڭى ئىش باشلىغاندا يۈرۈشلۈك مەھسۇلات دەپ كىرىشىۋالماي بىرلا مەھسۇلاتنى ئوبدان قىلىش كېرەك .
6 . بىر تۈرلۈك مەھسۇلاتنى مەركەز قىلىپ شۇنىلا تۇتۇپ ئەسەبىيلىك بىلەن بازار ئىگەللەش كېرەك .
7 . زۆرۈر تېپىلغاندا شىركەتنىڭ بىرىنچى قول رەھپىرىمۇ ئالدىنقى سەپتە ئىشلەش كېرەك .
8 .قولىغا ئازراق ھۇقۇق كىرسە غادىيىۋالماسلىقى كېرەك ( نەزەردىن چۈشۈپ كېتىدۇ ).
9 . ناھايىتى تېزلىك بىلەن شىركەتكە بىر ماركا تىكلەش كېرەك ( باشقىلارنىڭ يادىدا قالغۇدەك ) .
10 . دەسلەپكى پىلاننى تۈزگەندە بەك ئالدىراپ كەتمەسلىك ، دىمكۇراتىك ئاساستا پىكىر لىشىپ تۈزەش كېرەك .
11 . پۇل يېتەرلىك بولسىلا شېرىكلەرنى تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بېرىش ، ئۇقۇتۇش كېرەك .
12 . كىچىككىنە غەلبىدىن مەغرۇرلانماسلىق كېرەك .ھەر ۋاقىت يۈكسەك ھوشيار بولمىسىڭىز بازاردا جەسىدىڭىز قالىدۇ .
13 . شىركەتنىڭ ئەھۋالى بىرئاز ياخشىلانغان ، ھامانلا مەبلەغ جەلىپ قىلىپ تىجارەتنى زورايتىش كېرەك .
14 . مەبلەغ جەلپ قىلغاندا پايدا-زىياننى بەك زىغىرلاپ تۇرىۋېلىپ پۇرسەتنى قولدىن بىرىپ قويماسلىق كېرەك .
15 . << پۇلغا (كاپىتالغا ) تايىنىپ پۇل تېپىش >> ، مەھسۇلات سېتىپ پۇل تېپىشتىن كۆپ ئاسان .
16 . سەھنىدىن پايدىلىنىپ پۇل تېپىش << پۇلغا تايىنىپ پۇل تېپىش >> تىن كۆپ ئاسان .
17 . سەھنە ( سۇپا ) ھاسىل قىلىشقا قۇربىتىڭىز يەتكەن ھامان سەھنە ھاسىل قىلىپ پۇل تېپىڭ ،مەھسۇلاتىڭىزغىلا قاراپ قالماڭ .
18 . ئەڭ ئاخىرىغىچە بەرداشلىق بېرەلىگەن كاپىتالىست ( زەردار ) لاردىن ئۆگىنىڭ .
مەنبە : 中国农民专业合作社委员会 سالۇنى
2016 - يىلى 10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى