پەخىرلىك قېزىلما بايلىق ئىنژىنىرى تۇرسۇن ياسىن
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت يازمىسى
تۇرسۇن ياسىن 1970-يىلى خوتەن شەھىرىدە تۇغۇلغان . 1989-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ خەنزۇتىلى تەييارلىق كەسپى ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن ، شىئەن گىئولوگىيە ئۇنىۋېرسىتىتىغا ئوقۇشقا كىرىپ 1993-يىلى بۇ مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن ھەم ئەينى يىللاردا شىنجاڭ كان بايلىقى ئىدارىسى 10-چوڭ ئەترىتىدە خىزمەت قىلغان.2006-يىلى گىئولوگىيە كەسپىدە ئالى ئىنژېنېر سلاھىيىتىگە ئېرىشكەن .قاراقۇرۇم باغرىدا ئۇزۇن مۇددەت كان تەكشۈرۈپ-قېدىرىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان بۇ تىرىشچان،ھارماس ئىنژىنىر 2010-يىلى جۇڭگۇ گىئولوگىيە ئۇنىۋېرسىتىتى قېزىلما بايلىقلار كەسپىدە ئۇقۇپ ماگىستىرلىق ئۇنىۋانى ئالغان.2010-يىلدىن 2014-يىلىغىچە گۇما ناھىيىسىنىڭ پەن-تېخنىكىغا مەسئۇل ھاكىمى بولغان.2014-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە ئۇنسۇ ناھىيەسىدە خىزمەت قىلغان . يىل بېشىدىن باشلاپ شىنجاڭ كان بايلىقى ئىدارىسى 10-چوڭ ئەترىتىنىڭ تېخنىكا مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ .
تۇرسۇن ياسىن خوتەن قاشلىرىنىڭ يەرلىك ئۆلچەملىرىنى بېكىتىش خىزمىتىگە قاتنىشىپ كۆپلىگەن ئەمەلىي خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن بولۇپ،خوتەن قاشلىرى ۋە ھەرخىل گۆھەر تاشلارنى پريوم قىلىشتا تەجرىبىسى ئىنتايىن مول . ئۆزى باش بولۇپ 20 نەچچە كاننى قېدىرىپ تەكشۈرگەن ھەم مۇستەقىل نۇرغۇن قېدرىپ تەكشۈرۈش مۇمكىنچىلىك دوكلاتىنى يازغان . نۇرغۇن كانلارنىڭ قېدىرىپ تەكشۈرۈشتىن تارتىپ قېزىلما بايلىقلارنى مۆلچەرلەش ، ئېچىپ پايدىلىنىش جەھەتتە باش تېخنىك بولغان . قۇرۇم تاغلىرىنىڭ كان بايلىق جايلىشىش ئەھۋالىغا نىسپەتەن ئىنتايىن پىششىق بولۇپ ئۆز خىزمىتىنى نەتىجىلىك ئىشلىگەندىن باشقا << جۇڭگۇ قېزىلما بايلىقلىرى >> ژۇرنىلى قاتارلىق نۇپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرناللاردا نۇرغۇن ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان .
بىز قارا قۇرۇم باغرىدا ئۈن-تۈنسىز ئىشلەپ ،تالاي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بۇ پەخىرلىك ئىنژىنىرىمىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى كەسپى ھاياتىدا تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ،خوتەن قاش ۋە گۆھەر تاشقا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەردىن كەسىپداشلارنى خەۋەردار قىلىپ تۇرۇشىنى سەمىمىي ئۈمۈد قىلىمىز.
2016-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى