ئابدۇغېنى سەيدىننىڭ بايانى(خوتەن قاش مەدەنىيىتى جەمگاھى 14)
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت يازمىسى
خوتەن قاشلىرىنى ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن نەچچە مىڭ يىللاردىن بىرى ئارزۇلاپ ،ئەتىۋالاپ ئىشلىتىپ كەلدى؟ئۇنىڭدىكى قانداق سېھرى كۈچ ئۇنى تارىم ۋادىسىدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقاتتى؟نېمە ئۈچۈن خوتەن قاشلىرىنىڭ باھاسى يىلدىن يىلغا ئۆرلەپ ،ئىستىمالچىلار توپى توختاۋسىز كۆپۈيۈپ مېڭىۋاتىدۇ؟كىشىلەر خوتەن قاشلىرىنى نېمە مەخسەت-مۇدىئالار بىلەن سېتىۋالىدۇ؟ئۇنىڭ ئىنسان ماددىيىتى ۋە مەنىۋىيىتىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى نېمە؟؟؟...
يۇقارقىدەك نۇرغۇن سۇئاللارغا خوتەن قاشتېشىنىڭ ئۆزىدىن قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ تېپىش مۈمكىنچىلىكى يوق.چۈنكى ئۇ گۈھەر تاشلارغا خاس ئاددىي بىر قېزىلما بايلىق،خالاس...
يۇقارقى سۇئاللارغا توغرا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن چۇقۇم ئۇزاق تارىخ جەريانىدا شەكىللەنگەن كۆپ قاتلاملىق ،كۆپ مەنبەلىك خوتەن قاش مەدەنىيىتىنى ئەتراپلىق چۈشۈنۈشكە توغرا كېلىدۇ.
ئەقىدە قاشگەرلىكىمىز <<خوتەن قاش مەدەنىيىتى جەمگاھى >>سەھىپىمىز ئارقىلىق خوتەن قاش مەدەنىيىتىنى رەتلەپ ،توپلاپ ،تەرجىمە قىلىپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.
ئابدۇغېنى سەيدىن _________ قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى
مەزكۇرنىڭ سۈرىتى تېپىىلمىغاچقا كىرگۈزىلمىدى
مەيلى يازما مەنبەلەردىكى مەلۇماتلاردا بولسۇن، مەيلى ئارخېئولوگىيەلىك مەنبەلەردە بولسۇن قاشتېشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا زور رول ئوينىغانلىقى مەلۇم. ماتىرياللارغا ئاساسلانغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ قاشتېشىدىن پايدىلىنىشى يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىن بۇرۇن باشلانغان. شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدى (تەخمىنەم مىلادىدىن بۇرۇن 16-ئەسىردىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 11-ئەسىرگىچە)گە كەلگەندە قاشتېشى ھۈنەر سەنئىتى نىسبەتەن يۇقۇرى سەۋيىگە يېتىپ، مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن قاشتېشىدىن ئىشلەنگەن زىننەت بۇيۇملىرىنى ئىشلەتكەن.ئۇيغۇرلارنىڭ سودا-سېتىقنى ئاساس قىلغان دەسلەپكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىدە يەنىلا قاشتېشى مۇھىم رول ئوينىغان.
مەنبە:ئاپتۇرنىڭ ‹‹ئۇيغۇرلاردىكى ئاق قاشتېشى ئىتىقادچىلىقى توغرىسىدا دەسلەپكى مۇلاھىزە››ناملىق ماقالىسىدىن
شىنجاڭ پەلسەپە-ئىجتىمائىي پەنلەر تورى
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى