A-A+

چىڭ جەنجوڭنىڭ بايانى(خوتەن قاش مەدەنىيىتى جەمگاھى 16)

2015-يىل 4-سېنتەبىر ئەقىدە قاش ئىنىستىتۇتى باھا يوقكەن زىيارەت: 234 قېتىم

ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت يازمىسى

خوتەن قاشلىرىنى ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن نەچچە مىڭ يىللاردىن بىرى ئارزۇلاپ ،ئەتىۋالاپ ئىشلىتىپ كەلدى؟ئۇنىڭدىكى قانداق سېھرى كۈچ ئۇنى تارىم ۋادىسىدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقاتتى؟نېمە ئۈچۈن خوتەن قاشلىرىنىڭ باھاسى يىلدىن يىلغا ئۆرلەپ ،ئىستىمالچىلار توپى توختاۋسىز كۆپۈيۈپ مېڭىۋاتىدۇ؟كىشىلەر خوتەن قاشلىرىنى نېمە مەخسەت-مۇدىئالار بىلەن سېتىۋالىدۇ؟ئۇنىڭ ئىنسان ماددىيىتى ۋە مەنىۋىيىتىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى نېمە؟؟؟...

يۇقارقىدەك نۇرغۇن سۇئاللارغا خوتەن قاشتېشىنىڭ ئۆزىدىن قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ تېپىش مۈمكىنچىلىكى يوق.چۈنكى ئۇ گۈھەر تاشلارغا خاس ئاددىي بىر قېزىلما بايلىق،خالاس...

يۇقارقى سۇئاللارغا توغرا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن چۇقۇم ئۇزاق تارىخ جەريانىدا شەكىللەنگەن كۆپ قاتلاملىق ،كۆپ مەنبەلىك خوتەن قاش مەدەنىيىتىنى ئەتراپلىق چۈشۈنۈشكە توغرا كېلىدۇ.

ئەقىدە قاشگەرلىكىمىز <<خوتەن قاش مەدەنىيىتى جەمگاھى >>سەھىپىمىز ئارقىلىق خوتەن قاش مەدەنىيىتىنى رەتلەپ ،توپلاپ ،تەرجىمە قىلىپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

چىڭ جەنجوڭ ______________  خوتەن ۋىلايەتلىك مىللىي ھۈنەر-سەنئەت،تېخنىكا شىركىتىنىڭ دىرىكتورى،قاشتېشى سۈپىتىنى باھالاپ بېكىتكۈچى 

مەزكۇرنىڭ سۈرىتى تېپىلمىغاچقا كىرگۈزىلمىدى

猎豹截图201509041438141

1990-يىلدىن 1992-يىلغىچە بولغان ئارلىقتا قاشتېشىنىڭ باھاسى ئاستا-ئاستا ئۆرلىدى.ھەر كىلوگىرامنىڭ باھاسى ئەينى ۋاقىتتىكى 200سومدىن 2000سومغا،2000سومدىن 10000سومغا ئۆرلىدى.1993-يىلدىن باشلاپ20000 سومدىن 30000سومغىچە ئۆستى.شۇنىڭدىن باشلاپ خوتەن قاشتېشىنىڭ باھاسى تۈز سىزىق بويىچە ئۆستى ھەم ئۆسىۋاتىدۇ.مېنىڭچە،خوتەن قاشتېشى نەچچە مىڭ يىللىق يېپىق ھالىتىدىن  ھەتتا ئازاتلىقتىن كېيىنكى قىرىق-ئەللىك يىللىق بېكىنمە ھالىتىدىن بىراقلا قۇتۇلۇپ كەتتى.خوتەن قاشتېشىنىڭ تارىختىن بۇيان باھاسى بېكىتىلمەي كەلگەن ئەھۋال بىراقلا ئاخىرلىشىپ باھاسى،بازىرى،چەكسىز ئىستىقبالى بار ساھەگە ئايلاندى.1994-يىلغا كەلگەندە بىر كىلوگىرام قاشتېشىنىڭ باھاسى 30000 سوم ھەتتا 40000 سوم بولدى.شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە يىلدا بىر قاتلىنىش سۈرئىتى بىلەن داۋاملىق ئۆسىۋاتىدۇ.

مەنبە:12 قىسىملىق فىلىم-盛世美玉

ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت تەرجىمىسى

2015-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ