تەۋەرۈك ئۇستازىمىز-نايىپ ئىسمايىل
ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم تەرجىمىسى
خوتەن دىيارى - قاش مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئانا ماكانى . خوتەندە قاش ئويمىچىلىقى ئىنتايىن ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولسىمۇ ,بىراق بۈگۈنكى كۈندە ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا قاش ئۇيىدىغان ئۇستىلارنى ئاساسەن قالمىدى دىيىشكە بولىدۇ. بولغان تەقدىردىمۇ ئەننەنىنى زامانىۋىلىققا ئۇلاش ئۈچۈن ھاياتىنىڭ ئاخىرقى دەملىرىدىمۇ ئۆز كەسپىگە ئىخلاس قىلىپ تىنىمسىز ئىزدىنىۋاتقانلار بارماق بىلەن سانىۋالغۇچىلىك دەرىجىدە ئاز.تەۋەرۈك ئۇستازىمىز نايىپ ئىسمايىل خوتەندە ئەنە شۇ ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا قاش ئويىدىغان ئويمىچىلارنىڭ بىرى ۋە ئەڭ داڭلىقى .
نايىپ ئىسمايىلنىڭ دادىسى مىنگو دەۋرىدە خوتەندىكى داڭلىق قاش ئويمىچى بولۇپ ، نايىپ ئۇستاز كىچىكىدىن ئاكىسى بىلەن بىرلىكتە دادىسىدىن ھۈنەر ئۆگەنگەن. 60-يىللاردا ئاكىسى بىلەن بىللە ناھىيەلىك ئىككىنچى يىنىك سانائەت ( قول - ھۈنەرۋەنچىلىك ) ئىدارىسى قارمىقىدىكى قاش ئويمىچىلىق زاۋۇتىدا ئىشلىگەن . مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئۆزى يالغۇز ئائىلىسىگە قايتىپ كىچىك بىر قاش ئويمىچىلىق دۇكىنى ئاچقان . گەرچە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ئويمىچىلىق كەسپىنى تەس كۆرۈپ ئۆگەنگىلى ئۇنمىغان بولسىمۇ بىراق نايىپ ئۇستاز بىر ئۆمۈر ئۆز كەسپىگە ئىخلاس قىلىپ ، ئويمىچىلىقنى پەقەت تاشلىمىغان .
ئويمىچىلىق ئۈسكۈنىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ، ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ئويما ئۇيۇش بارا-بارا مودىدىن قالغىلى تۇردى ھەم شۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن ئويمىچىلار ئۆز كەسپىنى تاشلاپ باشقا كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىدى . پەقەت نايىپ ئۇستازلا ئاتا مىراس كەسپىنى قەدىرلەپ ، ھۈنەرنى تاشلىماي بۈگۈنگە ئۇلاشتى .
ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ئويما ئۇيۇش ئىنتايىن مۇرەككەپ ، كېتىدىغان ئۈسكۈنە-جابدۇقلار ناھايىتى كۆپ . ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر ئايدا ئاران بىر ئويمىنى پۈتتۈرگىلى بولىدۇ . نايىپ ئۇستازدا كېرەكلىك ئۈسكىنىلەرنىڭ ھەممىسى تۇلۇق بار ، ئۇ ئويمىچىلىق كەسپىنىڭ ھەقىقىي ۋارىسى .
ئويمىچىلار قاراقۇرۇم باغرىدىن چىقىدىغان بۇ خىل تاشنى ئېزىپ ئاندىن قاش ئويمىلارنى سىلىقلاشقا ئىشلىتىدۇ ، بىراق بۇ ھۈنەرنى بىلىدىغانلار ھازىر ئىنتايىن ئاز .
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا خوتەن قاشلىرىنىڭ ئانا ماكانى بولغان خوتەن شەھىرىدە قاش ئويمىچىلىقنى ئۆگىنىدىغانلار ناھايىتى ئازكەن . شۇڭا بۇ كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارمۇ كۈندىن-كۈنگە ئازلاۋېتىپتۇ .
قاش تاللاش ئويمىچىلىقنىڭ مۇھىم بىر ھالقسى بولۇپ ، نايىپ ئۇستاز ئۆزى ئويىدىغان ھەر بىر پارچە قاشنى ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆڭۈل قۇيۇپ تاللايدۇ .
نايىپ ئۇستازنىڭ ئوغلى بۇ كەسىپكە ۋارىسلىق قىلمىغان بولسىمۇ ۋاقتى بولسىلا دادىسىغا ياردەملىشىدۇ.
نايىپ ئۇستاز ھەر بىر پارچە قاشنىڭ پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئەستايىدىللىق بىلەن لاھىيلەيدۇ ( چىرتىيوژ سىزىدۇ ).
ئويمىچىلىقنىڭ بەزى بىر ئىنچىكە ھالقىلىرىدا نايىپ ئۇستازنىڭ كۆزى تورلىشىدىغان بولۇپ قالغاچقا ئوغلى ياردەملىشىدۇ .
قاش ئويمىچىلىقى ئىنتايىن ئىنچىكە ئىش بولغاچقا ھەر بىر ئىش ھالقىسىدا سەۋىرچانلىق بىلەن ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ.
نايىپ ئۇستاز ئۆز كەسپىنى جېنىدىن ئەزىز بىلگەچكە ئويما ئويغاندا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشقا كىرىشىپ كېتىدۇ . ئادەتتىكى بىر قاش ئۇنىڭ قولىغا چىقسىلا گۈزەل سەنئەت ئەسىرىگە ئايلىنىدۇ .
يۇقارقىلار نايىپ ئۇستاز ئويغان ئويمىلارنىڭ بىر قىسمى
خوتەن قاش ئويمىچىلىق ئۈسكىنىلىرى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندە ئەنئەنىۋى ئۇسۇل بويىچە ئويمىچىلىق قىلىدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس . ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى دەۋرىمىز ھۈنەر - تېخنىكا ئۈسكىنىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈش ؛نايىپ ئۇستازدەك تەۋەرۈكلىرىمىز ھايات ۋاقتىدا ئۇلار بىلىدىغان بىر قىسىم نازۇك ھۈنەر-تېخنىكىلارنى ئىگىلەپ ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىقنى بىرلەشتۈرۈش نۆۋەتتىكى كەسىپكارلار جىددى ئويلىنىشقا تىگىشلىك بىر ئەمەلىي مەسىلە .
مەنبە : 藏玉 سالۇنى
*******
دىيارىمىز قاش ئويمىچىلىقى ھەققىدە تەپسىلاتلارغا قىزىقسىڭىز مەرھەمەت
2016 - يىلى 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى