A-A+

خوتەندە قاش ئويمىچىلىق بازىسى رەسمى قۇرۇلدى

2016-يىل 5-ئاۋغۇست ئەقىدە قاش ئىنىستىتۇتى باھا يوقكەن زىيارەت: 501 قېتىم

ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن  ئادالەت ئابلىكىم تەرجىمىسى 

zc-5805-3276

2015-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ جاۋاھىرات جەمىئىتى خوتەن ناھىيەسىدە قاشتېشى ئويمىچىلىق ھۈنەر-تېخنىكىسى تەربىيلەش سىنىپى قۇرۇپ ياشلارنى ئويمىچىلىق جەھەتتە تەربىيلەشنى رەسمى باشلىغان بولۇپ ،ئەينى چاغدا بۇ تۈرگە 700 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىنىپ  ئويمىچىلىق ئۈسكىنىسىدىن 60 نەچچە يۈرۈش سەپلەنگەن ئىدى.

ھازىرغىچە بۇ سىنىپنىڭ ئىككى قارارلىق ئۇقۇشى پۈتكەن بولۇپ ، دۆلەت دەرىجىلىك خوتەن قاش ئويمىچىلىق ئۇستازلىرىدىن جاۋمېن ، پەن جۈنمىن ، گو خەيجۈن ، جو يەنمىڭ ، ياڭزى ھەم ئۆلكە دەرىجىلىك خوتەن قاش ئۇستازلىرىدىن ۋۇ دوڭپېي  ، شى گۈيشىن ، يۈياۋ ، ۋاڭ چۈنخۇا قاتارلىق 30 نەچچەيلەن ھەقسىز دەرس ئۆتۈپ ، 100 دىن كۆپرەك شاگىرتىنى تەربىيلەپ يىتىشتۈرگەن . ئوقۇغۇچىلار  ئۆگىنىش جەريانىدا ئويغان ئويمىلار 170 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇلغا سېتىلغان بولۇپ ،بۇ پۇللارنىڭ ھەممىسى سىنىپنىڭ ئۇقۇش شارائىتىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىلگەن. 

58616827_2

خوتەندىكى قاش ئويمىچىلىقىغا قىزىقىدىغان ياشلارغا تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىش شارائىتى ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن شىنجاڭ جاۋاھىرات جەمىئىتى  بۇ سىنىپنى قاشتېشى ئويمىچىلىق ھۈنەر-تېخنىكىسى تەربىيلەش بازىسى قىلىپ ئۆزگەرتىپ بۇ يىل 4-ئاينىڭ 18-كۈنى خوتەن ناھىيەسى كەسپى تېخنىكا مەكتىپىدە لىنتا كېسىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى .

شىنجاڭ جاۋاھىرات جەمىئىتىنىڭ باشلىقى گو لەنشىياڭ خانىم  تەبرىك سۆزى قىلدى.

00241daf4544188931d90c

گو لەنشىياڭ خانىم ۋە  مەكتەپ مۇدىرى قەيسەر ئەمەت تەربىيلەش بازىسىنىڭ يۇپۇقىنى ئاچتى. 

00241daf45441889330f0e

لىنتا كېسىش مۇراسىمىدا بۇ تەربىيلەش سىنىپىغا يەنە يېڭىدىن 90 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى . كۆپچىلىك  بىرلىكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

00241daf4544188933db10

00241daf45441889341711

00241daf45441889337d0f

00241daf4544188932b20d

مەنبە : جۇڭگۇ خوتەن قاش ژۇرنىلى 25-سان ، ئاسىيا كىندىكى تورى

ئالاقىلاشقۇچى : ئابلىكىم ئويمىچى 

ئالاقە : 13369688806

2016-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى

بۇ مەكتەپكە ئالاقىدار مەزمۇنلارغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككى ماقالىنىمۇ كۆرۈڭ:

خوتەن قاش ئويمىچىلىق تەربىيلەش سىنىپىدا دەرس باشلاندى

خوتەن قاش ئويمىچىلىق تەربىيلەش سىنىپىدا دەرس باشلاندى (خوتەن قاش مەدەنىيىتى جەمگاھى 98 )

خوتەندىكى ئويمىچى بالىلىرىمىزغا نەزەر

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ