سۇجۇ يىپەك يولى قاشتېشى شاھى مەبلەغچىلىك چەكلىك شىركىتى
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت يازمىسى
سۇجۇ يىپەك يولى قاشتېشى شاھى مەبلەغچىلىك چەكلىك شىركىتى ___________ ئۈمۈدلۈك ياش كارخانىچى ، قاشگەر بەختىيار ئەپەندىمنىڭ بىر مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشى بىلەن 2015 - يىلى 1 - ئايدا جىياڭسۇ ئۆلكىسى سۇجۇ شەھىرىدە قۇرۇلغان .
تەكلىماكان باغرىدىكى چەرچەن ناھىيەسىدە چوڭ بولغان بەختىيار كىچىكىدىن باشلاپلا قاشتېشى مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچراشقان بولۇپ ، ئۇزاق تارىخقا ئىگە قاشتېشى مەدەنىيىتى ئۇنىڭغا چوڭقۇر تەسىر قىلغان . ئۇ ئۇزۇن يىل قاشتېشى تىجارىتى قىلىش جەريانىدا قاشتېشى ساھاسىدە داڭلىق ماركا يارىتىش ، كۆلەملەشكەن ، كەسىپلەشكەن شىركەت قۇرۇشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ھەم دىيارىمىزدىن ناھايىتى سۈپەتلىك قاشتېشى چىقسىمۇ سۈپەتلىك بولغان قاشتېشى سەنئەت بۇيۇملىرىنىڭ يوقلىقىدىن قاتتىق ئۆكۈنگەن ۋە دىيارىمىزنىڭ << قاشتېشى بار ئويمىچىلىقى يوق >> بولۇشتەك ھالىتىنى قەتئىي ئۆزگەرتىش نىيىتىگە كەلگەن . شۇنىڭ بىلەن بۇ شىجائەتلىك ياش جۇڭگۇدىكى قاشتېشى مەدەنىيىتى ئەڭ گۈللەنگەن سۇجۇ شەھەرىنى تاللاپ ئائىلىسى بىلەن بىللە سۇجۇغا كېلىپ يېڭى كەسپى ھاياتىنى دادىل باشلىغان.
ئۇ ئالدى بىلەن دىيارىمىزدىكى سۈپەتلىك قاشتېشى خام ئەشيالىرىنى سۇجۇدىكى ئويمىچىلىق زاۋۇتلىرىغا بىۋاستە يەتكۈزۈپ بۇ ئويمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت ئەندىزىلىرىنى سېستىمىلىق ئۆگەندى. ئاندىن سۇجۇ شەھىرى ۋۇجوڭ رايۇنى گۇئاڭفۇ بازىرىدا قاشتېشى ئويمىچىلىق زاۋۇتى قۇرۇپ قاشتېشى خام ماتىريالىرى بىلەن سۇجۇنىڭ نەپىس ، ئۆزگىچە ئويمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئورگانىك ھالدا بىرلەشتۈرۈپ ھەقىقىي قاشتېشى سەنئەت بۇيۇملىرىنى ئىشلەپ بازارغا سېلىپ مۇۋاپپىقىيەت قازاندى . شۇنىڭ بىلەن بىرگە خاڭجۇ ۋە يىۋۇ شەھەرلىرىگە سېتىش تور نۇقتىلىرىنى قۇردى .
ئۆزىنىڭ بىر يىلدىن ئارتۇق جاپالىق تىرىشچانلىقى ئارقىلىق تۇنجى تۈركۈمدە قاشتېشىنى ئۆزى قېزىش ، ئۆزى قاشتېشى سەنئەت بۇيۇملىرىنى ئىشلەش ۋە ئۆزى بىۋاستە سېتىشنى ئىشقا ئاشۇرغانبىردىنبىر ئۇيغۇر قاشگەر بولۇپ قالدى .
ئۇ يۇقارقى نەتىجىلىرىگە قانائەت قىلىپ قالماي دەۋر بىلەن ماس قەدەمدە ئىلگىرلەپ قاشتېشى سودىسىدا ئۆزى بىۋاستە سېتىش ،توردا سېتىش ۋە ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى ،گورۈن كانچىلىق شىركىتىگە ئوخشاش مەخسۇس سېتىش شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ سېتىش قاتارلىق كۆپ خىل سېتىش ئۇسۇلىنى قوللۇنۇپ ناھايىتى ياخشى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى ھەم كەلتۈرمەكتە .
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىمىز بۇ ئۈمۈدلۈك كارخانىچىمىزنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە قاشتېشى مەدەنىيىتىمىزنى تېخىمۇ جۇلالىتىپ قاشتېشى ئويمىچىلىق كەسپىدە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىگە تىلەكتاشىمىز !
2016 - يىلى 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى