A-A+

«قۇرۇمتاش»ۋە«قۇرۇم»توغرىسىدا

2016-يىل 12-يانۋار ئەقىدە قاش ئىنىستىتۇتى باھا يوقكەن زىيارەت: 251 قېتىم
جىمسارى
1218633099844_497995
بايان ئاۋۋال
«قۇرۇمتاش»، «قۇرۇم» دىگەن ئىسىم سۆزلەرنى، مەن تۇنجى بولۇپ يازىق ئەسەرلەرىمدە قوللانغان ئىدىم. بۇنىڭغا ئائىت ئەسەرلەرىم، «ئاكادېمىيە» ناملىق بلوگىمدا بۇنىڭدىن بىر يارىم يىل بۇرۇن نەشىر قىلىنغان. بۇ سۆزلەرنىڭ مەناسى بىلەن تېخىمۇ كۆپ بۇرادەرلەنى خەۋەردار قىلىش مەقسەتىدە، مەزگۇر ئەسەردە، قۇرۇمتاش دىگەن نىمە؟ قۇرۇم دىگەن نىمە؟ دىگەن مەزمۇنلارنى بايان قىلدىم.
1- قۇرۇمتاش دىگەن نىمە؟
«قۇرۇمتاش»دىگەن سۆزنى مەن كىچىك چاغلارىمدا، دادامدىن كۆپ ئاڭلاغان. ھەم ئۇنىڭ بىر ئاسىلتاش ئىكەنلىكىنىلا بىلگەن ئىدىم. ئەمما، تا ھازىرغىچە بۇ سۆزنى ئۇيغۇر تىلىدىكى لۇغەتكە ئوخشاش يازىق ئەسەرلەردىن پەقەتلا ئۇچراتىپ باقمادىم. ئەمەلىيەتتىكى تىل ئىستىمالىمىزدىمۇ ئاڭلاپ باقمادىم.
مەنىڭچە بولغاندا، «قۇرۇمتاش» دىگەن سۆز، ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، قۇرۇمتاغ ۋە قاراقۇرۇم تاغدىن چىقىدىغان ئاسىلتاش ياكى ھەرەڭتاشلارنىڭ ئومۇمى نامىنى كۆرسەتىدۇ. قۇرۇمتاش دىگەن سۆزگە مەن مۇنداق تەبىر بەردىم:  مەنەرنامە (مېنىرال ئىلىمى) نوقتىسىدىن ، تەبىئىي ھاسىل بولغان، خېمىيە تەركىۋى ئاساسلىقى كالىتسى ماگنى سىلىكات  ۋە  ناترى ئاليۇمىن سىلىكاتدىن تۈزۈلگەن مەنەرتاش (مېنىرال تاش) ياكى ھەرەڭتاشلار، «قۇرۇمتاش» دەپ ئاتىلىدۇ. قۇرۇمتاش دىگەن سۆزنىڭ خەنزۇچە تەرجىمەسى «玉石» بولۇدۇ.
قۇرۇمتاش دىگەن ئۇقۇمنى ئىپادىلەشتە، بىز ھازىر، شىنجاڭ قاشتېشى (قاش تېشى)، خوتەن قاشتېشى، قاشتېشى، قاش دىگەندەك سۆزلەرنى قوللاندۇق. مەنىڭچە بۇ سۆزلەر، نامۇۋاپىق قوللانىلغان. بۇنى قايتادىن ئويلاشىپ كۆرسەك بولامدىكىن؟
2-«قۇرۇمتاش» قانداق تاشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالادۇ؟
مەنىڭچە بولغاندا، قۇرۇمتاشنىڭ كۆرسەتىدىغان ئوبىكتى، تار ۋە كەڭ دەپ ئىككى خىل مەنادىكى ئاسىلتاش، ھەرەڭتاشلارنى كۆرسەتىدۇ.
تار مەنادىكى قۇرۇمتاش، نەق قۇرۇمتاشنى كۆرسەتەدى. نەق قۇرۇمتاش ئىككى خىل بولادى. بۇنىڭ بىرى، يۇمشاق قۇرۇمتاش  (نىفقۇرۇمتاش)بولۇپ، بۇنىڭغا پەقەتلا ھازىر «شىنجاڭ قاشتېشى، خوتەن قاشتېشى، قاشتېشى، قاش»، دەپ ئاتالغان ئاسىلتاش ياكى ھەرەڭتاشلار كىرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا،  جۇڭگو، روسىيە، كانادا، ئاۋىسترالىيە، يىڭى زىللاندىيە قاتارلىق دۆلەت رايونلاردىن چىقىدىغان  يۇمشاق ئاسىلتاش ياكى ھەرەڭتاشلارمۇ كىرىدۇ. ئىككىنچىسى، قاتتىق قۇرۇمتاش (جىدقۇرۇمتاش) بولۇپ، بۇنىڭغا ماياننار (بىرما)، رۇسىيە، گۇئاتامالا قاتارلىق دۆلەت-رايونلاردىن چىقىدىغان قاتتىق ئاسىلتاش ۋە ھەرەڭتاشلار كىرىدۇ.
دۆلىتىمىز جۇڭگودىكى ئەھۋاللارغا قارىغاندا، كۆپۈنچە ھاللاردا، قۇرۇمتاش دىگەن سۆز، كەڭ مەنادىكى ئاسىلتاش ۋە ھەرەڭتاشلارنى كۆرسەتىدۇ. شۇڭا، جۇڭگودىكى قۇرۇمتاش قاتارىغا، قۇرۇمتاشدىن باشقا، يەنە ئىلانچارتاش ، لازۇرتاش، مەرمەرتاش، ئەقىقتاش، ياقۇتتاش، كورالتاش قاتارلىق ئاسىلتاش ياكى ھەرەڭتاشلار كىرىدۇ.
3-«قۇرۇم»دىگەن نىمە؟
مەنىڭچە، قۇرۇمتاشنى يۇنۇپ، سىلىقلاپ نەپىس ئىشلەنگەن مەھسۇلات، ئۇيغۇرچە «قۇرۇم» دەپ ئاتىلىدۇ. قۇرۇم دىگەن سۆزنىڭ خەنزۇچەسى، «玉» بولۇدۇ. قۇرۇم بىلەيزۈك، قۇرۇم ئۈزۈك، قۇرۇم ھالقا، قۇرۇم چاشتەڭگە، قۇرۇم بەلباغ، قۇرۇم غاڭزا دىگەنلەر، قۇرۇمتاشتىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار بولۇدۇ.
قۇرۇمتاش، ئادەتتە، سۈت ئاقرەڭ، قۇيرۇقماي ئاقرەڭ، ياشىلرەڭ، ماشرەڭ، ساررەڭ، كۆكرەڭ، كۈلرەڭ، زەڭگەررەڭ، قارارەڭ دىگەندەك، كۆپ خىل رەڭلەردە بولۇدۇ. شۇڭا، قۇرۇممۇ شۇ رەڭلەردە بولۇدۇ. مەسىلەن، ئاققۇرۇم بىلەيزۇك، ياشقۇرۇم بىلەيزۇك، ماشقۇرۇم بىلەيزۇك، سارقۇرۇم بىلەيزۇك، قاراقۇرۇم بىلەيزۇك، كۆكقۇرۇم بىلەيزۇك دىگەندەك.
قۇرۇم دىگەن ئۇقۇمنى ئىپادىلەشتە، بىز يەنىلا، قاش تېشى، قاشتاش، قاش دىگەندەك سۆزلەرنى قوللاندۇق. بۇ سۆزلەرمۇ مەنىڭچە مۇۋاپىق ئەمەس. قۇرۇم دەپ ئاتاش توغرا دەپ قارايمەن.
بايان ئاخىر
يوقۇرىدا، قۇرۇمتاش ۋە قۇرۇم دىگەن ئىسىملارنىڭ تەبىرىنى بايان قىلدىم. دىمەك، «قۇرۇمتاش» ۋە«قۇرۇم» دىگەن سۆزلەرنى مەن 2014-يىلى يىل ئوتتۇرىدا ۋېبتور ئەسەرىمدە تۇنجى قاتىم قوللاندىم. شۇنداق قىلىپ، «قۇرۇمتاش» دىگەن سۆزنى، يازىقتا ئىجات قىلغۇچى بولۇپ قالغاندەك قىلىمەن.  
مەزگۇر ئەسەرىمدىكى قىسقا بايانىمغا ئاساسەن، قۇرۇمتاش ۋە قۇرۇم دىگەن سۆزلەرنى ئۇيغۇرچە لۇغەت تەركىۋىگە كىرگۈزۈشنى ئۈمۈد قىلىمەن. ھەمدە، ئادەتتىكى تىلىمىزدا، قۇرۇمتاش، قۇرۇم دەپ قوللانىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. شىنجاڭ قاشتېشى (قاش تېشى)، خوتەن قاشتېشى، قاشتېشى، قاش دىگەندەك سۆزلەرنى تەدرىجى ئىستىمالدىن قالدۇرساق دەپ قارايمەن. بۇنىڭغا، تىلشۇناسلىرىمىز، قۇرۇمتاش تەتقىقاتچىلىرىمىز، قۇرۇمتاش ۋە قۇرۇم ھۆنەرۋەنلەرىمىز، قۇرۇمتاش ۋە قۇرۇم سودىگەرلەرىمىز قانداق قارايدىكىن؟ مۇھاكىمەقىلىپ باقىشنى ئۈمۈد قىلىمەن.

كىچىك چاغلارىمدا، دادامدىن مۇنداق گەپلەرنى ئاڭلايدىغان: تېرەنىڭ ياخشىسى خۇرۇم، تاشنىڭ ياخشىسى قۇرۇم. ئادەمىدىڭ، ئادەمىدىڭ پەرقى بار، ھەر قۇرۇمنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق نەرقى بار.

(بۇنىڭغا قىزىقىدىغان بۇرادەرلەر بولسا، «ئاكادېمىيە تور بېكىتى»دىن كۆرىۋالسا بولۇدۇ).
مەنبە : باغداش تورى
خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ