A-A+

گېئولوگىيە ئىنژىنىرى -ئەخەت ئىمىن

2016-يىل 13-ئۆكتەبىر تۆھپىكارلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 322 قېتىم

ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت يازمىسى

4

گېئولوگ ئەخەت ئىمىن 1960-يىلى 5-ئايدا ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن . 1984-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ( سابىق شىنجاڭ سانائەت ئىنىستىتۇتى )نىڭ گېئولوگىيە فاكولتىتىنى پۈتتۈرۈپ ، شىنجاڭ رەڭلىك مېتال قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئالتايدىكى 706-گېئولىك ئەترىتىگە تەقسىم قىلىنىپ ، گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىدە بولغان . 1992-يىلى كان مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈش كەسپىدە ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئىنژېنىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن .1995-يىلى 5-ئايدا خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن شىنجاڭ قۇرۇلۇش ماتىرياللىرى فارفۇر ئىدارىسىگە خىزمەتكە چۈشكەن .2001-يىلى 1-ئايدىن 2002-يىلى 4-ئايغىچە خوڭتەي كانچىلىق شىركىتىدە تېخنىك بولۇپ ئىشلىگەن.2003-يىلى 1-ئايدا يېڭى ئېنىرگىيە كانچىلىق شىركىتىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى كالانگۇر قوغۇشۇن -سىنك كېنىدا كان باشقۇرغۇچى ۋە تېخنىك بولۇپ ئىشلىگەن .2004-يىلى 2-ئايدا شىنجاڭ رەڭلىك مېتال ئىدارىسىنىڭ كۇچادىكى 705-گىئولىك ئەترىتىدە تەكشۈرۈش خىزمىتىدە بولغان . 2006-يىلى 2-ئايدىن باشلاپ پىنسىيەگە چىققانغا  قەدەر شىنجاڭ رەڭلىك مېتال ئىدارىسىنىڭ سانجىدىكى 701-گىئولىك ئەترىتىدە ئىزچىل گىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىدە تېخنىك بولۇپ ئىشلەپ كەلگەن. 2009-يىلى گىئولوگىيەلىك كان مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈش كەسپىدە ئالىي ئىنژىنىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن .

3

webwxgetmsgimg

بارلىقىنى دىيارىمىزنىڭ كان بايلىقلىرىنى قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئىشلىرىغا بېغىشلىغان ئىجتىھاتلىق گېئولوگ ئەخەت ئىمىن پىنسىيەگە چىققاندىن كېيىن پىنسىيە ئىش ھەققىنى خەجلەپ باشقا پىنسىيورلارغا ئوخشاش ئارام ئېلىپ ئۆتكۈزسىمۇ بولىۋېرەتتى . بىراق ئۆزى بىلگەننى ئۆز خەلقىدىن ئايىماي تېرىشچانلىق بىلەن ياشاپ كۆنگەن بۇ ئىنژىنىر  ئانا تىلىمىزدا قاشتېشى ۋە گۆھەر تاشلارغا دائىر سېستىمىلىق ئۇقۇتۇش ماتىريالىنىڭ كەملىكىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن كۆپ تەرەپلىمە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ << قاشتېشى ۋە گۆھەر تاشلار >> ناملىق كىتابنى يېزىپ نەشىر قىلدۇرۇپ خەلقىمىزگە سۇندى . ئۇ بۇنىڭلىق بىلەنلا توختاپ قالماي يەنە ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ قاشتېشى ۋە گۆھەر تاشلارغا دائىر نۇرغۇن ئاممىباب ماقالىلەرنى ئانا تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىپ << ئەقىدە جاۋاھىرات تورى >> غا يوللاپ كەسىپداشلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى كېڭەيتتى ۋە داۋاملىق كېڭەيتمەكتە .  تۈرلۈك كەسپى سالۇنلاردا ، توپلاردا قاشتېشى ۋە گۆھەر تاشلارغا دائىر سورالغان تۈرلۈك سۇئاللار ئەتراپلىق چۈشەنچە بېرىپ كەسپىداشلارىمىزنىڭ ئۇچرىغان تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىگە ياردەملىشىپ كەلمەكتە . ئۇندىن باشقا تۈرلۈك كانلاردا مەبلەغ سالغۇچىلارغا تېخنىكا جەھەتتىن ياردەملىشىپ قېزىلمىلارنىڭ زاپاس مىقدارىنى مۆلچەرلەش ،كاننىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە ئۆزىنىڭ تېگىشلىك تۆھپىلىرىنى قۇشۇپ كەلمەكتە .

بىز بۇ تالانتلىق مويسىپىتنىڭ  تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىغا،بۇندىن كېيىنكى ھاياتىدا تېخىمۇ ياخشى كەسپى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىگە تىلەكتاشىمىز . 

2016-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى

جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ