ئالماستىن بىباھا گۆھەر تاشلار
ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم تەرجىمىسى
ئالماس قېزىشنىڭ تەسلىكى ۋە مىقدارىنىڭ ئازلىقى بىلەن جاۋاھىرات شاھى بولۇپ كەلگەن . بىراق كىشىلەر ناھايىتى ئاز بىلىدىغان باھاسى ئالماستىن قىممەت ، بىباھا بولغان گۆھەر تاشلارمۇ يوق ئەمەس ،بۇ گۈھەر تاشلار تۆۋەندىكىچە:
1. قىزىل بېرىل
قىزىل بېرىل ئادەتتە قىزغۇچ يېشىل قاش دەپمۇ ئاتىلىدۇ . رەڭگى شوخ ، ئۇچۇق بولۇپ ئىنتايىن قىممەتلىك گۆھەر تاش ھىساپلىنىدۇ. ئاساسلىقى ئامرىكا يۇتا شىتاتىدىكى توماس تاغلىرىدىن چىقىدۇ .
2.يېرېمېيېۋىت
دۇنيادىكى كەم ئۇچرايدىغان كۆك رەڭلىك گۆھەر تاش . ئاساسلىقى ئافرىقىنىڭ نامىبىيەدىن چىقىدۇ . دىيارىمىزنىڭ پامىر ئىگىزلىكى ۋە گېرمانىيە ئېيفېل تاغلىرىدىنمۇ ناھايىتى ئاز ساندا بۇ خىل گۆھەر چىققان .
3.قىزىل ئالماس
قىزىل ئالماس -قىزغۇچ شپات دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ ، رەڭلىك گۆھەر تاشلار ئارىسىدىكى ئەڭ قىممەتلىك گۆھەر ھېسابلىنىدۇ . 1960-يىلى برازىلىيەدە بىر دىھقان 5.11 كرات ئېغىرلىقتىكى بىر قىزىل ئالماسنى تېپىۋالغان بولۇپ ،بۇ تاشقا < the Moussaieff Red >دەپ نام بېرىلگەن .بوگۆھەر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قىزىل ئالماس ھېسابلىنىدۇ .
4.Grandidierite
بۇ گۆھەر تاش ئەڭ دەسلەپ سىرلانكىدا بايقالغان . كېيىن ماداغاسقار ئارىلىدىنمۇ تېپىلغان . نۇرلۇق ، پارقىراق بولۇپ، ناھايىتى قىممەتلىك گۆھەر تاش ھېساپلىنىدۇ.
5. Poudretteite
1960-يىللىرى ئەتراپىدا كانادا نىڭ كۋېبېكتا بايقالغان . 1987-يىلى كىشىلەر بۇ خىل گۆھەرنىڭ ئىنتايىن ئۆزگىچە ، قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقاپ ئۇنىڭغا < Poudretteite >دەپ نام بەرگەن . شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ گۆھەر ئەتىۋارلىنىشقا باشلىغان .
6. Benitoite
1960-يىللىرى بايقالغان . دەسلەپتە كىشىلەر كۆك ياقۇت دەپ قاراشقان . پەقەت ئامرىكا كالىفورنىيە شىتاتىدىكى بىر كاندىنلا چىقىدۇ . ئاركانزاس شتاتى ۋە ياپۇنىيەدىنمۇ بۇ خىل گۆھەرنىڭ ئەۋرىشكىسى بايقالغان . بىراق بۇ خىل گۆھەرگە ھۈنەر قىلىپ زىننەت بۇيۇمىغا ئايلاندۇرۇش كاسىپلارغا ئىنتايىن تەسكە توختاۋاتىدۇ .
7.تانزانىت
تانزانىت ئادەتتە زوئىزىت دەپمۇ ئاتىلىدۇ.تانزانىت 1967 - يىلى بايقالغان . بۇ گۆھەر دەسلەپ بايقالغاندا بەزىلەر زەيتۇن تاش ھەم دۇمورتيېرىت دەپمۇ ئاتىغان . تانزانىيەلىك گىئولوگ Lan McCloud بۇ گۆھەر توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ بۇ گۆھەرنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى ئىسپاتلىغان ھەم بۇ گۆھەر تانزانىيە يېڭى مۇستەققىل بولغاندا تېپىلغانلىقى ئۈچۈن دۆلەت نامى بىلەن تانزانىت دەپ ئاتالغان . تانزانىيە خەلقى تانزانىتنىڭ گۈزەللىكىنى گۇگۇمنىڭ گۈزەللىكە ئوخشىتىپ < بۇ گۆھەر پەرۋەردىگار بىزگە ئاتا قىلغان بىباھا بايلىق >دەپ قارايدۇ .
8.ئىسكەندەرىيە ئۆزگىرىشچان تېشى
دۇنيادىكى بەش بىباھا گۆھەرنىڭ بىرى بولغان ئىسكەندەرىيە ئۆزگىرىشچان تېشى كۈن نۇرىدا يېشىل ؛ چىراق ياكى شام يۇرۇقىدا قىزىل كۆرىنىدىغان بولغاچقا كىشىلەر بۇ گۆھەرنى كۈندۈزدىكى زۇمرەت ، تۈندىكى قىزىل ياقۇت دەپ ئاتىشىدۇ .
9.Painite
1951-يىلى بېرمىدا بايقالغان . 1957-يىلى خەلقئارادىن قىممەتلىك گۆھەر تاش دەپ باھالانغان . 2005-يىلىغا قەدەر پۈتۈن دۇنيادا پەقەت 25 پارچىلا بايقالغان.
مەنبە : 艺术民生俱乐部 سالۇنى
2016-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى