بىر كېچىدىلا مىليادىر بولۇش چۈشىنى كۆرمەڭ
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت تەرجىمىسى
سۈرەتتىكى بېلىق ئۇخلاپ چۈشىدىمۇ ئۆزىنىڭ ئاسماندا ئۇچالايدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى . ئۇ ئۇچتى .... بىراق ئۇزۇنغا قالمايلا بۈركۈتنىڭ مىزىلىك غىزاسىغا ئايلىنىپ كەتتى .
سىزنى ئاسماندا ئۇچۇرماقچى بولغانلار ، < ئاز مەبلەغ سېلىپ تېز ئۈنۈم كۆرۈلىدۇ ، پايدىسى ناھايىتى يۇقىرى ، پايدا قايتۇرۇش نىسپىتى ناھايىتى كۆپ ، نەچچە ئاي ئىچىدىلا بېنىز ، تۇلپار ماركىلىق ماشىنىغا ئېرىشەلەيسەن ....>دەپ سىزنى مەبلەغ سېلىشقا قىزىقتۇرىۋاتقانلار -بۈركۈت ، سىز بەلكىم بېلىق بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن . باي بۇلۇش قەدىمىڭىزنىڭ پۇختا ، ئەمەلىي بولغىنى ھەممىدىن ئەۋزەل . يادىڭىزدا بولسۇنكى ،سىزنىڭ كىرىمىڭىز سىزنىڭ ئىقتىدارىڭىزنىڭ ئۆسۈشى بىلەن ماس ھالدا تەدرىجىي كۆپۈيىدۇ. نەپسى بالانىڭ قۇربانى بولۇپ كەتمەڭ . ھارام نەپسىڭىزنى كونتورۇل قىلىڭ . يەنە مەڭگۈ يادىڭىزدا بولسۇنكى ،بۇ دۇنيادا ئەجىر قىلماي ئېرىشىدىغان ھېچقانداق نېئىمەت يوق . بىر كېچىدىلا سىزنى مىليونىر قىلالايدىغان تىجارەت تېخىمۇ يوق . چۈنكى يۇقارقى مەنتىقىلەر سودا قانۇنىيىتىگە ئەسلا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ . سىزنىڭ باي بولۇش ھەققىدە شېرىن خىيالنى قىلىشىڭىز ياخشى ئىش . بىراق ، قەدىمىڭىز ئەمەلىي ، پۇختا بولسۇن.
مەنبە:دوسلار چەمبىرىكى