(2)ھەمكارلىق:پادىچى بىلەن ئوتۇنچى
سىز ئوتۇنچى، ئۇ پادىچى، ئىككىڭلار ئۇچرىشىپ قېلىپ بىر كۈن پاراڭلاشتىڭلار. نەتىجىدە، ئۇنىڭ پادىلىرى تويغىدەك ئوتلىدى، سىز بولسىڭىز ئوتۇن كەسلىيەلمىدىڭىز. ئەگەر بۇ پاراڭدىن ھېچقانچە نەپكە ئېرىشەلمىگەن بولسىڭىز، بۇ بىر كۈنىڭىزنى ئىسراپ قىلغان بولىسىز.
----ئەھمىيەتسىز ئۇچرىشىشلاردىن ۋاز كېچىڭ!
سىز ئوتۇنچى، ئۇ پادىچى، ئىككىڭلار ئۇچرىشىپ قېلىپ بىر كۈن پاراڭلاشتىڭلار. نەتىجىدە، ئۇنىڭ پادىلىرى تويغىدەك ئوتلىدى، سىز بولسىڭىز ئوتۇن كەسلىيەلمىدىڭىز. ئەگەر بۇ پاراڭ ئارقىلىق سىز ئۇنىڭدىن پادا بېقىش ماھارىتىنى ئۆگىنىۋالغان بولسىڭىز، ئۇ سىزدىن ئوتۇن كەسلەشنىڭ ماھىرىتىنى ئۆگىنىۋالغان بولسا، ھەر ئىككىڭلار بىردىن كەسىپ ئىگىلىگەن بولىسىلەر.
----ھەرقانداق ئادەمدە ئۆگىنىشكە تېگىشلىك تەرەپلەر بولىدۇ، شۇڭا مەڭگۈ كەمتەر بولۇپ،باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆگىنىشكە ئىنتىلىڭ!
سىز ئوتۇنچى، ئۇ پادىچى،ئىككىڭلار ئۇچرىشىپ قېلىپ بىر كۈن پاراڭلاشتىڭلار. نەتىجىدە، ئۇنىڭ پادىلىرى تويغىدەك ئوتلىدى، سىز بولسىڭىز ئوتۇن كەسلىيەلمىدىڭىز. ئۇنىڭ تەكلىۋى بىلەن ئوتۇن بىلەن قوينى ئۆزارا ئالماشتۇرىدىغان بولدۇڭلار. بۇ سىزنىڭ قويغا،ئۇنىڭ ئوتۇنغا ئېرىشىدىغانلىقىڭلاردىن دېرەك بېرىدۇ.
----قىممەت ئالماشتۇرۇشتا ھېچكىمنى تۆۋەن كۆرمەڭ، چۈنكى ھەر قانداق كىشىنىڭ كېرەككە كېلىدىغان چاغلىرى بولىدۇ.
سىز ئوتۇنچى، ئۇ پادىچى، ئىككىڭلار ئۇچرىشىپ قېلىپ بىر كۈن پاراڭلاشتىڭلار. نەتىجىدە، ئۇنىڭ پادىلىرى تويغىدەك ئوتلىدى، سىز بولسىڭىز ئوتۇن كەسلىيەلمىدىڭىز. لېكىن، سىز خېرىدارلىرىڭىزنى ئۇنىڭغا تونۇشتۇردىڭىز،ئۇ خېرىدارلىرىنى سىزگە تونۇشتۇردى، شۇنىڭ بىلەن ھەر ئىككىلەڭلارنىڭ خېرىدارلىرى بىر ھەسسە كۆپەيگەنلىكتىن، ھەر ئىككىڭلارنىڭ ئوقىت ى تېخىمۇ يۈرۈشۈپ كېتىدۇ.
----خېرىدارلار ئەڭ چوڭ بايلىق، بۇ بايلىقنى ماھىرلىق بىلەن بېرىكتۈرسىڭىز، تېخىمۇ كۆپلەپ بايلىق يارىتالايمىز.
سىز ئوتۇنچى، ئۇ پادىچى، ئىككىڭلار ئۇچرىشىپ قېلىپ بىر كۈن پاراڭلاشتىڭلار. نەتىجىدە، ئۇنىڭ پادىلىرى تويغىدەك ئوتلىدى، سىز بولسىڭىز ئوتۇن كەسلىيەلمىدىڭىز. لېكىن ئىككىڭلار ھەمكارلىشىپ،بىر كاۋاپخانا ئېچىپ، سىزنىڭ ئوتۇنىڭىزدا ئۇنىڭ تەبىي ئوت يەپ سەمرىگەن قويلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەملىك گۆشىلىرىنى پىشۇرۇپ ساتىدىغان كاۋاپخانا ئېچىشنى قارار قىلغان بولساڭلار،ئىگىلىگىڭلار كەلگۈسى روناق تاپىدۇ.
----مۇكەممەل ئىنسان بولمايدۇ،لېكىن مۇكەممەل كوللىكتىپ بولىدۇ.
خۇلاسە: دۇنيادا پادىچى بىلەن ئوتۇنچىدىنمۇ ئاددى ئىنسان ، پادىچىلىق بىلەن ئوتۇنچىلىقتىنمۇ ئاددى كەسىپنى تېپىش تەس بولسا كېرەك. مۇشۇنداق ئاددى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئاددى كەسپلىرىدىكى يوشۇرۇن پۇرسەت ۋە قىممەتلەرنى قېزىپ چىقىرىپ، ئادەم كۈچى ۋە ماددى بايلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان گۈزەل كەلگۈسىنى يورۇتۇپ بەردى ھەم بىزگە زور ئىلھام بەردى. بىز ھەر كۈنى بىۋاستە ۋە ۋاستىلىق يوللار ئارقىلىق نۇرغۇن قىممەتلىك ۋاقتىمىزنى سەرىپ قىلىپ، باشقىلار بىلەن ھەر خىل ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردە بولىمىز، ھالبۇكى، بۇ مۇناسىۋەتلەرگە نۇرغۇن قىممەتلىك پۇرسەت، ھىكمەت ۋە بايلىق يوشۇرۇنغان بولۇشى مۈمكىن. بىز سەگەكلىك بىلەن مۇشۇ پۇرسەت، ھېكمەت ۋە بايلىقلارنى بايقاپ، ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ ئاز ئەجىر قىلىپ كۆپ قىممەت يارىتامدۇق ياكى بۇ ۋاقىتلىرىمىزنى ئۈنۈمسىز ئۆتكۈزۈپ، ۋاقىت ئىسراپچىلىقى قىلامدۇق،ئۆزىمىزگە باغلىق (تەييارلىغۇچىدىن).
营销战سالونى
مەنبە : باغداش تورى