A-A+

بىزدىكى بىر تەخىرسىزلىك-شىركەتنى چۈشۈنۈش

2016-يىل 29-دېكابىر كاپىتال ئىگىلىكى باھا يوقكەن زىيارەت: 141 قېتىم

نۆۋەتتە جەمئىيىتىمىزدە كارخانىچىلىقنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، مىللىي كارخانىلار يامغۇردىن كېيىنكى باھار مايسىلىرىدەك بەس-بەس بىلەن مەيدانغا كېلىپ، دۆلەت، جەمئىيەت ۋە خەلقىمىز ئۈچۈن نۇرغۇن تۆھپىلەرنى قۇشىۋاتىدۇ، نۇرغۇن يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى مىللىي كارخانىچىلىقنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتى ئىلگىرىكى ھەر قانداق بىر دەۋرنىڭكىدىن مەيلى سان، مەيلى كۆلەم-سۈپەت جەھەتتىن بولسۇن مۇتلەق ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ بىر خۇشاللىنارلىق ئەھۋال.

timg نەچچە يۈز يىللار داۋامىدا شىركەت-كارخانىلار گاھى ئاۋاتلىشىپ، گاھىدا چۈشكۈنلەشتى. ئەمما ئۇ ھايات قالدى، زورايدى ھەمدە جەمئىيەت قان تومۇرىغا بىر تامچە-بىر تامچىدىن سىڭىپ كىرىپ، ئاخىرى ئۆزىنى ھەممىلا يەردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغان قىلىپ ئۆزگەرتتى .شىركەت بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ ئىنتايىن قۇدرەتلىك رولىنى نامايان قىلدى. بىر شەخس ۋە ياكى بىر كوللېكتىپنىڭ ۋە ھەتتاكى بىر دۆلەتنىڭ مەلۇم مۇددىئاسى بىلەن دەرھاللا زىچ بىرىكەلەيدىغان بۇ ئىقتىسادىي تەشكىلات ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىنسانىيەت تارىخىدىكى نۇرغۇن بىۋاسىتە ئۆزگىرىشلەرنى روياپقا چىقاردى.
ئۇنداقتا شىركەت دېگەن زادى قانداق تەشكىلات؟ ئۇ قانداق بارلىققا كەلگەن؟
تارىخنى ۋاراقلايدىغان بولساق شىركەت ئەڭ دەسلەپ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋرۇپادا مەيدانغا كەلگەن. چۈنكى ئەينى ۋاقىتتىكى ياۋرۇپانىڭ ئىقتىسادىي سىياسەتلىرى ۋە مەدەنىيەت كەيپىياتى، شىركەتتىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ تېز تەرەققىياتىغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بەرگەن. ئەمما تارىخىي مەنىدىكى ئەڭ دەسلەپكى شىركەتنىڭ پەيدا بولغان ۋاقتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كەلسە ۋاقتىنى تېخىمۇ يىراقلاردىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ .
شىركەتتىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە ئىقتىسادىي گەۋدە قەدىمكى رىم ئىمپېرىيەسىدە ئاللىقاچان پەيدا بولۇشقا باشلىغان ئىدى. كۆپچىلىككە مەلۇم بولغىنىدەك قەدىمكى رىم ئېمپىرىيەسىنىڭ ئىگىلىگەن زېمىنى غايەت زور بولۇپ، ئۇرۇش ئارقىلىق ئىگەللەنگەن غايەت زور زېمىننى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ئىنتايىن زور مالىيە چىقىمى كېتەتتى. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا تارىخىي مەنىدىكى شىركەتلەر پەيدا بولدى. ھۆكۈمەت بىر قىسىم سودىلارنى سودىگەرلەرگە كۆتۈرە بېرىشكە يول قويدى، ھەمدە باج قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق مەبلەغ يىغىپ، مالىيە قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى. شۇنداقلا بەزى سودىگەرلەر بىرلىشىپ چوڭ قۇرۇلۇشلارنى كۆتۈرە ئېلىپ «پاي شەكلىدە» پايدا تەقسىم قىلىشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئاستا-ئاستا شىركەت شەكلىدىكى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار بارلىققا كەلدى.
مىلادىيە 1-ئەسىردە ئىجاد قىلىنغان بىر پارچە قاپارتما نەقىشتە، مەلۇم بىر كۈنى سەھەر ۋاقتىدا، ماياكنىڭ يول باشلىشى ئاستىدا، بىر سودا كېمىسىنىڭ تۇلاجىن پورتىغا ئاستا-ئاستا كىرىپ كېلىۋاتقاندەك 2000 يىل ئىلگىرىكى بىر مەنزىرە تەسۋىرلەنگەن ئىدى. دەلىللىنىشىچە، بۇ قاپارتما نەقىش قەدىمكى رىمدىكى مەلۇم بىر شىركەتنىڭ ۋىۋىسكىسى ئىكەن. بۇ بەلكىم بۈگۈنكى كۈندە كۆرۈش مۇمكىن بولغان ئەڭ قەدىمكى شىركەت ئوبرازلىرىنىڭ بىرسى بولسا كېرەك.
ئەمما، رىم ئىمپىرىيەسىنىڭ ھالاك بولۇشىغا ئەگىشىپ، شىركەتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى بىخلىرى ياخشى ئاينىيدىغان مۇھىتتىن قۇرۇق قىلىپ خارابلاشتى. ئەمما مۇھىم بولغىنى، رىم دەۋرىدە تۇرغۇزۇلغان سودا ئەندىزىسىنىڭ ۋە قانۇنىي پىرىنسىپلارنىڭ كەلگۈسى شىركەتلەر تەرەققىياتىغا بولغان تەسىرى چوڭقۇر ھەم ئۇزاق مۇددەتلىك بولدى.
15-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، يېڭى قۇرۇقلۇقنىڭ بايقىلىشى ۋە يېڭى دېڭىز يوللىرىنىڭ ئېچىلىشى يىراق ئوكيان سودىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. ياۋروپالىق سودىگەرلەرنىڭ پائالىيىتى ئوتتۇرا دېڭىزدىن ئاتلانتىك ئوكيان بويلىرىغىچە كېڭەيدى. شەرقىي يېرىم شاردىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ سودىسى مىسلىسىز گۈللەندى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە چوڭ تىپتىكى سودا پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەت تەشكىللەش جىددىي بىر ئىھتىياجقا ئايلاندى، شۇنىڭ بىلەن غەربىي ياۋرۇپادىكى سودىغا مايىل ھۆكۈمەتلەرنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئالاھىدە ئىجازەت بېرىلگەن چوڭ سودا شىركەتلىرى پەيدا بولۇشقا باشلىدى. مەسىلەن: ئەنگلىيەدە 1553-يىلدىن 1680-يىلغىچە بولغان ۋاقىتتا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 49 يىراق ئوكيان تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەت قۇرۇلغان. ئۇلار پادىشاھنىڭ ئالاھىدە ئىجازىتى بىلەن دۆلەت سىرتىدىكى مەلۇم رايوننىڭ سودىسىنى قىلاتتى. 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ رەسمىي ھالدا شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ ھەقىقىي مەنىدىكى شىركەت بارلىققا كەلگەن ۋە تەرەققىي قىلىش يولىغا ماڭغان.
1673-يىلى فىرانسىيە پادىشاھى لويىⅧ (لويى 14) «سودا ئىشلىرى نىزامنامىسى»نى ئېلان قىلدى، بۇ نىزامنامىنىڭ ئېلان قىلىنىشى تۇنجى قېتىم شىركەتكە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنى بېكىتتى. 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياۋرۇپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر شىركەتكە مۇناسىۋەتلىك نىزامنامە–قانۇنلارنى ئېلان قىلىپ چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى شىركەت تەشكىللەشتىكى يېڭى بىر خىل تۈر قىلىپ بېكىتتى ۋە پاي مەسئۇلىيەت تۈزۈمى، شىركەت مۈلكى ۋە قانۇنىي ۋەكىل قاتارلىق تۈزۈملەرگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنى كەينى-كەينىدىن ئېلان قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ھازىرقى زامان مەنىسىدىكى شىركەت بارلىققا كەلدى.
ياۋرۇپادا شىركەت تەرەققىياتى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ جەمئىيەت تەرەققىيات قۇرۇلمىسى جىددىي ئۆزگىرىش ياساۋاتقاندا بولسا جۇڭگو تېخىچە ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلەيدىغان ناتۇرال ئىگىلىك ھالىتىدە ئىدى. ئىككى قېتىملىق ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن كېيىن غەربلىكلەرنىڭ توپ-زەمبىرەكلىرىنىڭ قۇدرىتى جۇڭگودىكى كاللىسى سەگەك بىر قىسىم زىيالىيلار ۋە ئەمەلدارلارنى ھەيران قالدۇردى ۋە ئۆزى ئۈستىدە جىددىي ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلدى. ئون نەچچە يىل داۋاملاشقان تەيپىڭ تىيەنگو ھەرىكىتىنى ئەجنەبىيلەر بىلەن ئورتاق باستۇرۇپ، غەربنىڭ ئىلغار پەن-تېخنىكىسىنىڭ قۇدرىتىنى ھېس قىلىپ يەتكەن بىر تۈركۈم ھوقۇقدار ۋەزىرلەر «ئەجنەبىيلەردىن ئۆگىنىپ دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ھەربىي سانائەتنى مەركەز قىلغان ئەجنەبىيچىلىك ھەرىكىتىنى باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن جۇڭگودا شىركەت كۆكلىيەلەيدىغان مۇھىت بارلىققا كېلىشكە باشلىدى. 1872-يىلىغا كەلگەندە مەنچىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئابرۇيلۇق ۋەزىرى، شىمالىي دېڭىز قاتناش-سودا ۋەزىرى، جىلىي ئۆلكىسىنىڭ ھەربىي نازارەتچىسى لىي خۇڭجاڭ شاڭخەيدە «پاراخوت سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسى»نى قۇردى، بۇ جۇڭگودىكى تۇنجى شىركەت شۇنداقلا «ھۆكۈمەت نازارىتىدىكى سودىگەر پايچىكلار تىجارىتى» قىلىدىغان تۇنجى شىركەت ئىدى.
بۇ خىل «ھۆكۈمەت نازارىتىدىكى سودىگەر پايچىكلار تىجارىتى» ئەندىزىسىدىكى شىركەتلەر ئاساسەن ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ، ئەينى يىللىرىدىكى جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ خاراكتېرىگە ئۇيغۇن ئىدى، سودىگەرلەرنىڭ سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىپ شىركەت قۇرۇشى 1894-يىلدىكى جۇڭگو-ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشىدىن كېيىن باشلانغان. ئىلگىرى ھۆكۈمەت سودىگەرلەرنىڭ سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىشىنى چەكلەپ كەلگەن، جياۋۇ يىلدىكى ئۇرۇش مەغلوبىيىتىدىن كېيىن ياپونىيەگە ئوخشاش كىچىك دۆلەتكە يېڭىلىپ قىلىش-ئەجنەبىيلەردىن ئۆگىنىشنىڭ زۆرۆرلۈكىنى جۇڭگولۇقلار يەنە بىر قېتىم تونىغان.
ھۆكۈمەتنىڭ يول قويۇشى نەتىجىسىدە جۇڭگو مىللىي كاپىتالى سانائەتلىشىش يولىغا ماڭغان، مىللىي كاپىتالنىڭ سانائەتلىشىشى شەخسى شىركەتلەرنىڭ كۆپلەپ بارلىققا كېلىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن.
1895-يىلى جىياڭسۇلۇق جاڭ جىيەن قۇرغان جىياڭنەن پاختا توقۇمىچىلىق فابرىكىسى جۇڭگودىكى تۇنجى شەخسى سانائەت كارخانىسى ھېسابلىنىدۇ. ئىچكى-تاشقى بېسىم، ۋەزىيەتنىڭ قىستىشى نەتىجىسىدە چىڭ ھۆكۈمىتى 1901-يىلى «يېڭى سىياسەت»نى يولغا قويغان بولۇپ، بۇ سىياسەت شەخسلەرنىڭ سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىشىنى ئاشكارا قوللاپ، رىغبەتلەندۈرگەن، بۇنىڭ تۈرتكىسىدە جۇڭگودا زاۋۇت-كارخانا قۇرۇش دولقۇنى شەكىللەنگەن. شۇندىن كېيىنكى 50 يىل ۋاقىت ئىچىدە ئىچكى-تاشقى ئۇرۇش، داۋالغۇشلار داۋامىدا شىركەتتىن ئىبارەت بۇ سودا تەشكىلى جۇڭگودا گاھ ئۆرلەپ، گاھ چۆكۈپ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلدى.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇپ، 1978-يىلىغا كەلگەندە جۇڭگو شىركەتلىرى ھەقىقىي مەنىدىكى باھار پەسلىگە ئېرىشىپ، ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلماقتا.

ئۇنداقتا دىيارىمىز شىنجاڭدىچۇ؟ شىنجاڭدا ھەقىقىي مەنىدىكى شىركەت قاچان قۇرۇلغان؟
داڭلىق ئوبزورچى يالقۇن روزى ئۆزىنىڭ «ئاكا-ئۇكا مۇسابايۇفلارنىڭ توققۇز تۆھپىسى» دېگەن ماقالىسىدە 1905-يىلى ئىلىدا قۇرۇلغان «موسابايۇف بۇرادەرلەر شىركىتى» تۇغرۇلۇق مەخسۇس توختالغان بولۇپ، بۇ شىركەت شىنجاڭدا ئۇيغۇرلار قۇرغان ھەقىقىي ھازىرقى زامان مەنىسىدىكى تۇنجى شىركەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ماقالىدە يەنە تۆۋەندىكىدەك بايانلار بار:
-ئاكا-ئۇكا موسابايۇفلارنىڭ 1905-يىلى غۇلجىدا «موسابايۇف بۇرادەرلەر شىركىتى»نى قۇرغانلىقى ئۇلارنىڭ ئۇششاق بۇرژۇئازىيەدىن مىللىي بۇرژۇئازىيەگە ئايلىنىش يولىدا تاشلىغان دادىل بىر قەدىمى ئىدى. 20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى بۇ تۇنجى شىركەت قۇرۇلغان چاغدا ئىشلەتكەن ئىش قەغىزىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ئۇچۇرلاردىن، بۇ شىركەتنىڭ خەلقئارا ئۆلچەمدىكى شىركەت ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. رۇس ۋە ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدا ئايرىم-ئايرىم ئىشلەنگەن مەخسۇس ئىش قەغىزىنىڭ بېشىدا شىركەتنىڭ نامى، تۆۋىنىدە شىنجاڭ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە رۇسىيەدىكى سودا ئورۇنلىرى بار شەھەرلەر نامى، شىركەتنىڭ تىجارەت تۈرلىرى، مەكتۇپ ئادرېسى، تېلېگراف ئادرېسى، بانكا ھېسابات نومۇرى قاتارلىقلار تەپسىلىي يېزىلغان.

مانا مۇشۇنىڭدىن توپتوغرا بىر ئەسىر داۋامىدا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە كارخانىچىلىق مەلۇم مەزگىل ئۈزۈكچىلىك ھالىتىدە تۇردى، ئارقىدىن يەنى ئىسلاھات–ئېچىۋېتىش يولغا قۇيۇلغاندىن كېيىن ئۇيغۇر كارخانىچىلىقى ئېغىر قەدەملىرىنى سۆرەپ يېڭى ئەسىرگە كىردى.

شىركەت جەمئىيەتنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تەڭشەپ، ئۆزلۈكسىز يېڭى قان ئىشلەپچىقىرالايدىغان ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيادىكى كۈچلۈك، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم جان تومۇرىغا ئايلانغان. شىركەت ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ھەرخىل فونكسىيەلەر جەمئىيەتنىڭ ھەربىر ھالقىلىرىغىچە ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، جەمئىيەت ماشىنىسىنىڭ ماتورىغا ئايلانغان. مەسىلەن: گېرمانىيە دۇنيادىكى ياساش سانائىتى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان دۆلەت بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەتقىقات-ئېچىش سەۋىيەسى دۇنيا بۇيىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرى گېرمانىيە مائارىپ تۈزۈلمىسىدە بولۇپ، گېرمانىيە مائارىپىدا كەسپى-تېخنىكا مەكتەپلىرىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىلگەن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى كىچىكىدىن ئىككى خىل يۆنىلىش بۇيىچە تەربىيەلەيدۇ، بىرى-تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدىن كېيىن تەخمىنەن %82 ئوقۇغۇچى كەسپى-تېخنىكا مەكتەپلىرىگە كىرىپ ئوقۇپ، تېخنىك ئىشچىلار قوشۇنى بولۇپ، ئەمەلىي مەشغۇلات ئىقتىدارىغا ئىگە تېخنىك ئىشچىلار قوشۇنى بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ. يەنە بىرى %18 ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى تولۇق كورس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇپ، تەتقىتات، ئېچىش ئىقتىدارىغا ئىگە پەن-تەتقىقات قوشۇنى بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ. بۇخىل تۈزۈلمە گېرمانىيە كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر ئاساسىنى، يەنى ئىختىساسلىقلار ئامىلىنى كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرگەن. ئامېرىكا دۆلىتىدىكى يېڭى كەشپىيات ئىختىرالارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسى بولۇپ، ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى يېڭىلىق-ئۆزگىرىش-تەرەققىيات-قۇدرەتنى ھەرگىز ئامېرىكا شىركەتلىرىسىز تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.
شىركەت بىر دۆلەت ۋە خەلق ئۈچۈن شۇنچىۋالا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانىكەن شىركەتنىڭ ماھىيىتىنى ۋە فونكسىيە رولىنى، شىركەتنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى چوڭقۇر چۈشىنىش، شىركەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلەش ئۇيغۇر كارخانىچىلىقىدىكى ئەڭ تەخىرسىز ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى. شىركەت قۇرۇپ ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىۋاتقان كارخانا-شىركەتلىرىمىز ئاز ئەمەس، لېكىن تەرەققىيات بوشلۇقى قانچىلىك، تەرەققىيات سەۋىيەسىنى كېڭەيتىشتىكى ئىستراتېگىيە، پىلان-تەدبىرلىرى دۇنيادىكى، مەمىلكىتىمىزدىكى شىركەت-كارخانا تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ماس كېلەمدۇ-كەلمەيدۇ؟ شۇنىڭغا لايىق ئىختىساسلىقلار قوشۇنى بارمۇ-يوق؟ دېگەندەك بىر قاتار سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەشتە يەنىلا شىركەتنىڭ خوجايىنى بولغان شەخسنىڭ شىركەتنى قانچىلىك چۈشىنىشى ئىنتايىن ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. چۈنكى ھەر قانچە ئىقتىدارلىق خادىممۇ خوجايىننىڭ شىركەت باشقۇرۇش ئەندىزىسىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتەلمەيدۇ. ئېھتىمال دەل مۇشۇ سەۋەب بۈگۈنكى ئۇيغۇر كارخانا خوجايىنلىرى «ئىشلەيدىغان ئادەم كۆپ، ئىقتىدارلىق ئادەملەر ئاز» دەپ ۋايسىشىنىڭ بىر سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن.
ئېنىقسىز ئىستاتىسكىغا ئاساسلانغاندا ھازىر شىنجاڭ رايونىدا 20 مىڭدىن ئارتۇقراق ئۇيغۇر شىركىتى بار ئىكەن، بۇ سان ھەم توختىماي كۆپىيىشى مۇمكىن. سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان، پەن-تەتقىقات، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كارخانىلىرىمىزمۇ كۈنسېرى كۆپىيىپ مېڭىۋاتىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى ئۇيغۇرلاردا ھازىر شىركەت قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى، بۇ ھەم دەۋرنىڭ تەلىپى ھەم چوقۇم بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك يول. لېكىن شىركەتنى ماھىيىتىدىن تونۇش تېخى بىزدە كەمچىل. ئەنئەنىۋى تىجارەتكە شۇنچىلىك كۆنگەن تىجارەتچىلىرىمىز شىركەت قۇرۇپ ياخشى ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە، شان-شەرەپكە ئېرىشىپ كارخانىچى نامىنى ئالغان بولسىمۇ، ئىدىيە-ئاڭ جەھەتتە يەنىلا تىجارەتچى سەۋىيەسىدىن ھالقىيالمايۋاتقان ئەھۋال خېلى ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت. كارخانىچى بىلەن تىجارەتچىنىڭ پەرقى بار. كارخانىچى بىر سىستېما قۇرۇلۇشى قىلغۇچى ۋە شۇ سىستېمىنى زورايتىپ، جەمئىيەتنىڭ يېتەكچىلىك مەسئۇلىيىتىگە قاتنىشالايدىغان سالاھىيەتنى ھازىرلىشى كېرەك، تىجارەتچى بولسا پۇل تاپىدۇ، پۇل تاپىدۇ... خالاس. بىزدە ئەزەلدىن تىجارەتچى كەم بولغان ئەمەس، تىجارەتچى بولغاندىمۇ راۋرۇس تىجارەت قىلىپ ئەلگە داڭقى كەتكەن كىشىلەر ئاز ئەمەس. لېكىن كېيىنچو؟ قېنى ئۇ تىجارەتچىلەر؟ قېنى ئۇلارنىڭ ھەشەمەتلىك قەسىر-ئايۋانلىرى؟ قېنى ئۇلارنىڭ جېنىنى ئالىقىنىغا ئېلىپ قويۇپ تېپىپ توننىلاپ يىغىپ ساقلىغان ئالتۇن-كۆمۈشلىرى؟ قېنى ئۇلاردىن بىزگە قالغان تىجارەت ماھارەت-نەسىھەتلىرى؟ ھەممىسى كەتتى، ھەتتا ئۇلارنىڭ شۇ بايلىقلىرى ئەۋلادلىرىغا بالايئاپەت ئېلىپ كەلدى. گەرچە ئۇلار بىزنىڭ قىممەتلىك كىشىلىرىمىز، مىللىتىمىزنىڭ سەرخىللىرى بولسىمۇ ئاز ساندىكىلىرىدىن باشقىلىرى دۇنيانىڭ سودا ئويۇنى قائىدىسى بۇيىچە ماڭمىغان ھەم ئۇنى چۈشەنمىگەن، چۈشىنىشنىمۇ خالىمىغان. بۇ دۇنياۋى سودا ئويۇن قائىدىسىدىكى كۆۋرۈك دەل شىركەتتۇر. تىجارەتنى شىركەتلەشتۈرۈش دېمەك شەخسى بايلىقنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش دېگەنلىك. دېمەك شىركەتنى ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىش ھازىرقى تىجارەتچىلىرىمىز ۋە كارخانىچىلىرىمىز چوقۇم قىلمىسا بولمايدىغان بىر تەخىرسىزلىك.

مەنبە: ئىز يان بىلوگ تورى

2016-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ