سودا پىلانىنى قانداق يازىمىز؟
ئۆزلەشتۈرگۈچى: شەرىفىدىن قارلۇق
قارلۇق كومپيۇتېر كەسىپلىرى تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ مەسئۇلى، شەرقىي ئاق دېڭىز ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد پەنلىرى ماگىستىر ئاسپرانتى
مەنبە: SherfMPD سالونى
سودا پىلانى - قىلماقچى بولغان سودىنى قانداق جەريان ۋە ئۇسۇللار بىلەن نىشانغا يېتىشنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان دوكلات ياكى بايان. بەزىدە سودا پىلانى يەنە شۇ شىركەتنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ياكى شۇ پىلاننى تۈزگەن بىر گۇرۇپپىنىڭ نىشانغا يېتىش شەكلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
سودا پىلانى چۈشەنچىسى ۋە شەكلى خېرىدار، ئىستېمالچى ياكى باج تاپشۇرغۇچى ۋە ياكى جەمئىيەتكە قاراپ ئوخشىماسلىققا ئىگە بولىدۇ. ئادەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بىر سودا چوڭراق ئۆزگىرىش قالماقچى ياكى يېڭىدىن مەبلەغ قوبۇل قىلماقچى بولسا، ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە بولغان سودا پىلانى يېزىلىشى شەرت قىلىنىدۇ. ئادەتتە مەبلەغ سالماقچى بولغانلارمۇ شۇنچىلىك ۋاقىت بۆلىكىدە پايدا ئالالايدىغان ياكى ئالالمايدىغانلقىغا قارايدۇ.
ئەمدى سىز سودا پىلانىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ۋە نېمىشقا ئالاھىدە ۋاقىت چىقىرىپ بىرمۇنچە ئۇچۇرلارنى توپلاش كېرەكلىكىنى چۈشىنەلەيسىز. ئۇنداقتا بۇ يازمىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن چاپاننى سېلىپ، قەلەمنى ئېلىڭدە كاللىڭىزدا ئويلىغان پىلانىڭىزنى قەغەز يۈزىگە چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىڭ. تۆۋەندە بىز سودا پىلانى يازغاندا چوقۇم ئۆز ئىچىگە ئېلىش كېرەك بولغان يەتتە بۆلەكنى كۆرۈپ باقايلى.
1. قىسقىچە مۇھىم مەزمۇن
سودا پىلانىدىكى بارلىق بۆلەكلەرنىڭ ئىچىدە «قىسقىچە مۇھىم مەزمۇن» ماۋزۇدىن كېينلا يېزىلىدۇ. سودا پىلانىنى ئوقۇغان كىشىگە بۇ «قىسقىچە مۇھىم مەزمۇن» سىزنىڭ نېمە قىلماقچى ۋە نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىڭىزنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرەلىشى كېرەك. بۇ بۆلەك ئىنتايىن مۇھىم. كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا نۇرغۇن سودا ئىگىلىرى بۇ بۆلەكنى سودا پىلانىنىڭ ئاخىرىدىكى بەتلىرىگە كۆمۈپ قويىدۇ.
2. سودىنى چۈشەندۈرۈش
ئادەتتە بۇ بۆلەك سىز قىلماقچى بولغان سودا تەۋە بولغان چوڭ ساھەنى چۈشەندۈرۈش بىلەن باشلىنىدۇ. چوڭ ساھەنى چۈشەندۈرگەندە ھازىرقى ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە كەلگۈسىدە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بار بولغان بەزى ئەمەلىي پەرەزلىرىڭىزنىمۇ بايان قىلىڭ. بۇنىڭدىن باشقا بۇ بۆلەكتە يەنە شۇ سىز كىرمەكچى بولغان چوڭ ساھەدىكى ھەرخىل بازار پۇرسەتلىرى، يېڭى مەھسۇلاتلار ۋە مەھسۇلات تەتقىقاتىغا ئوخشاش سىزنىڭ سودىڭىزغا پايدىسى ۋە تەسىرى بولىدىغان ئۇچۇرلارنى بايان قىلىڭ.
3. بازار ئىستراتېگىيەسى
بازار ئىستراتېگىيەسى ئىنتايىن ئىنچىكىلىك بىلەن قىلىنغان بازار ئانالىزىنىڭ نەتىجىسىدىن كېلىدۇ. بازار ئانالىزى كارخانىچىنى ئۆزى نىشان قىلغان، كىرىپ سېتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان ئاشۇ بازارنىڭ بارلىق ئەھۋاللىرى بىلەن تونۇشلۇق بولۇشىغا ۋە چوڭقۇرراق دەرىجىدە چۈشىنىشكە ئىتتىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بازار ئىستراتېگىيەسى يېزىش ئۈچۈن بازار ئانالىزى قىلىش كېرەك.
4. رىقابەت ئانالىزى
رىقابەت ئانالىزىنىڭ مەقسىتى سىز كىرمەكچى بولغان بازاردىكى رىقابەتچىلىرىڭىزنىڭ كۈچلۈك ۋە ئاجىزلىق تەرەپلىرى ۋە ئىستراتېگىيەسىنى بىلىش سىزگە سىز كىرمەكچى بولغان بازاردىكى رىقابەت چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بەزى توسالغۇلاردىن ئاتلاپ، كۈچلۈك ھالدا بازارغا كىرىشىڭىز ئۈچۈن ئارتۇقچىلىق يارىتىپ بېرىدۇ. ھەم شۇنداقلا مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت بازارغا كىرگەندىن كېيىن يۈز بېرىدىغان بەزى ئاجىزلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
5. لايىھەلەش ۋە تەتقىقات پىلانى
«لايىھەلەش ۋە تەتقىقات پىلانى»نىڭ مەقسىتى، مەبلەغ سالغۇچىلارغا دىئاگرامما ۋە جەدۋەللەر ئارقىلىق مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت لايىھەسىنى، ئىشلەپ چىقىرىش ۋە بازار ئېچىشنىڭ جەريانىنى چۈشەندۈرۈش، ۋە شۇنداقلا شېركەتنىڭ نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن قىلىدىغان تەتقىقات چىقىملىرىنى بايان قىلىش.
6. يۈرگۈزۈش ۋە باشقۇرۇش پىلانى
يۈرگۈزۈش ۋە باشقۇرۇش پىلانى شىركەتنىڭ قايسى خىل فۇنكسىيەنى ئاساس قىلىپ يۈرۈشىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىشى كېرەك. بۇ بۆلەك پىلان شىركەتنىڭ ئارقا سەپ (ئىچكى) خىزمەتلىرىنى يورۇتۇپ بەرگەن بولىدۇ. مەسىلەن باشقۇرۇش قاتلىمىنىڭ ھەر خىل مەسئۇلىيىتى، شىركەتنىڭ ھەر بىر بۆلۈملىرىگە تەقسىم قىلىنىدىغان ۋەزىپىلەر، مۈلۈك ۋە شىركەتنىڭ يۈرگۈزۈشكە مۇناسىۋەتلىك چىقىملىرى قاتارلىقلار.
7. مالىيە ئامىللىرى
يۈرگۈزۈش چىقىملىرى، مەبلەغ چىقىمى، سېتىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش چىقىملىرى ۋە باشقا مالىيىگە مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلار دائىم سودا پىلانىنىڭ ئەڭ ئارقىسىدا بولىدۇ. ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ ئۈستىدىكى باشقا بۆلەكلەرگە قارىغاندا مۇھىملىق دەرىجىسىنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مالىيىگە مۇناسىۋەتلىك ئامىللار چوقۇم يېزىلىشى كېرەك.
مەنبە: ئۆزلەشتۈرۈلگەن
شەخسى ھايات، ئۆگىنىش، سودا، كارخانىچىلىق ۋە لېدىرلىقتا ئوخشىمىغان پىكىرلەر بىلەن زەرەتلىنىپ، ئاكتىپ پەرق بەرپا قىلىش!
سوئال، تەكلىك-پىكىر ۋە قوشۇپ قويىدىغانلىرىڭىز بولسا قارشى ئالىمىز ئەۋەتتە!
مەنبە : باغداش تورى