A-A+

12-نۆۋەتلىك خوتەن قاش بايرىمى مول-ھۇسۇللۇق ئاياقلاشتى

2015-يىل 7-سېنتەبىر ئەقىدە قاش ئىنىستىتۇتى باھا يوقكەن زىيارەت: 560 قېتىم

ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت قىسقارتىپ تەرجىمە قىلدى

猎豹截图20150907201800

12 - قېتىملىق خوتەن قاش مەدەنىيىتى ، ساياھەتچىلىك بايرىمى بىر قېتىملىق قاش مەدەنىيىتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مول - ھۇسۇللۇق بايرام بولدى .

بۇ بايرامدا قولغا كەلگەن نەتىجىلەر :

1 . خوتەن قاش خوتەننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتىكى مۇھىم تۈر قىلىپ بېكىتىلدى  ھەم  <<  جۇڭگۇ  خوتەن  قاش   سودا  مەركىزى >> نىڭ يۇپۇقى ئېچىلدى.

猎豹截图20150907203523

2 .  ساياھەتچىلىكنى بېيىتىش ئۈچۈن خوتەن قاش ئاساسىي تېما قىلىنغان قاشتېشى باغچىسى قۇرۇش بېكىتىلدى.

( 1 ) ساياھەتچىلەر  يۈرۈڭقاش دەرياسىدىن قاش كولاش ساياھەت تۈرى يولغا قۇيۇلىدۇ .

( 2 )  خوتەن كان قاشلىرىنىڭ چىقىش ئورنى بولغان قاش كانلىرىنى ساياھەت قىلىش تۈرى يولغا قويۇلىدۇ .

猎豹截图20150907203819

3 .  نادىر ئويمىلار ۋە سەرخىل قاشلار كۆرگەزمە قىلىندى . ئويمىچىلىققا قارىتا تۇنجى قېتىم << قاش ماكانى لوڭقىسى >>  (  ئالتۇن ، كۈمۈش ، مىس لوڭقىلار تارقىتىلدى ) ئالتۇن لوڭقا بەش ، كۈمۈش لوڭقا ئون ، مىس لوڭقا 15 تارقىتىلدى  ۋە ئەڭ يارام زىرە قاشلار باھالاندى .

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەر

猎豹截图20150907202015 猎豹截图20150907202030 猎豹截图20150907202045 猎豹截图20150907202107

2015 - يىللىق خوتەن قاش بايرىمىدىكى << خوتەن قاش شاھى >>

猎豹截图20150907202126

4 . خوتەن قاش مەدەنىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى ئېلىپ بېرىلدى . دۆلىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇتەخەسىسىلەر خوتەن قاشگەرلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلەرنى بەردى .

猎豹截图20150907203352

5 . خوتەن قاش مەدەنىيەت ئەلچىلىرى باھالاپ چىقىلدى . بېيجىڭ ، شاڭخەي ، تىيەنجىن  ... قاتارلىق شەھەرلەردىن كەلگەن يۈەن گۇاڭرۇ ، لىيۇۋ جوڭروڭ ، ۋۇ دېشېڭ ، يۈ شۆتاۋ ، ۋاڭ دېخەي ، جىياڭ چۈنيۈەن ، گاۋ يۈجىن ، جىياڭ شى ، گاۋ ۋېنئەن ، گاۋ خەيجۈن قاتارلىق ئون كىشى  خوتەن قاش مەدەنىيىتى ئەلچىسى بولۇپ باھالاندى ھەم قۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرغان خوتەن ۋىلايەتلىك قاشتېشى ئويمىچىلىق مەكتىپىنىڭ مەسلىھەتچىلىكىگە تەكلىپ قىلىندى .

猎豹截图20150907202755

6 . دۆلەت دەرىجىلىك خوتەن قاش ئويمىچىلىق ئۇستىلىرى يەرلىكتىن شاگىرت قۇبۇل قىلدى.

جىياڭ چۈنيۈەن ، لىيۇۋ جوڭروڭ ، جىياڭ شى ، گاۋ خەيجۈن ، يۈ شۆتاۋ ، گاۋ ۋېنئەن قاتارلىق ئالتە داڭلىق ئويمىچى ئۇستىلار يەرلىكنىڭ ئويمىچىلىقىغا  تۆھپە قۇشۇش يۈزسىدىن يەرلىكتىن شاگىرت قوبۇل قىلدى .

猎豹截图20150907202816

7 .  كىمئاشىدۇ پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى . بۇ قېتىمقى كىمئاشىدۇ پائالىيىتىنى جۇڭگۇ خوتەن قاش بازار ئۇچۇرى بىرلەشمىسىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى ما گوچىن ئۈستىگە ئالدى . 50 پارچە ئويما كىمئاشىدۇ پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇلدى.

猎豹截图20150907202846

مەنبە : 玉石中国 سالونى

2015 - يىلى 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ