A-A+

ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن بايانات

2015-يىل 7-سېنتەبىر ئەقىدە قاش ئىنىستىتۇتى باھا يوقكەن زىيارەت: 388 قېتىم

ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان كەڭ قاشگەر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېقىندىن قوللىشىغا مۇيەسسەر بولدۇق ھەم  كەسپى جەھەتتىن ناھايىتى ياخشى تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق . بىزنى قوللىغان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا سەمىمىي تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز .

QQ图片20150121154718

 تىجارەت دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ بىر قىسىم جايلار ۋە كىشلەردە ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىمىزنىڭ نامىنى سېتىپ ئالدامچىلىق قىلغان ئەھۋاللار سېزىلدى .  ئورۇنسىز زىيان ۋە تۈرلۈك ئوقۇشماسلىقلارنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى بىلەن ھەمكارلاشماقچى بولغان كەسىپداشلارنىڭ ھەر قانداق جاي ۋە ۋاقىتتا تۆۋەندىكىلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى سەمىمىي تەۋسىيە قىلىمىز  :

1 .  ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىنىڭ جىياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇشى شەھەرىدىن باشقا جايدا  تارماق تىجارەت ئاپراتى يوق .

2 .  شىركىتىمىز بىلەن قاش - تاش  ، نەق پۇل ئېلىم - بېرىمى قىلغاندا  چۇقۇم شىركەتنىڭ تامغىسى بېسىلغان قانۇنلۇق ئىسپاتنى تەلەپ قىلىڭ .

3 . ھەر قانداق ھەمكارلىق توختىمى ، نېسى ئىلىم - سېتىم قىلماقچى بولسىڭىز چۇقۇم شىركىتىمىز بىلەن ئالاقىلىشىپ ئېنىق جاۋابقا ئېرىشكەندىن كېيىن قىلىڭ ھەم مۇناسىۋەتلىك توختام - ماتىرياللارنى تۇلۇق ئېلىڭ .

4 . ئۆزىڭىزگە ئېنىڭ بولمىغان ، چۈشىنىكسىز ئىشلار بولسا ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىمىزنىڭ 24 سائەتلىك مەملىكەتلىك بىر تۇتاش مۇلازىمەت تېلىفۇنىغا 684 0991 400 تېلىفۇن قىلىپ شىركىتىمىزنىڭ قۇرغۇچىسى ، قانۇنىي ئىگىسى ئابلىكىم ئاۋۇت بىلەن ئالاقىلىشىڭ .

5 . ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت ئۈندىدار نۇمۇرى :

خوتەن قاشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بولسا  1779747588  ئۈندىدار نۇمۇرىغا ،

ئۈنچە - مەرۋايىتقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بولسا 13218854240 ئۈندىدار نۇمۇرىغا ئۇچۇر يوللاڭ .

تور ئادرىسىمىز : WWW . UYHQT . COM

يۇقارقى ئەھۋاللارغا دىققەت قىلماي كېلىپ چىققان بارلىق زىيانلارغا شىركىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ .

ئېھتىرام بىلەن :

ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى

2015 - يىلى 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ