A-A+

قاشتېشى ئويمىلارنىڭ تارىخى (خوتەن قاش مەدەنىيىتى جەمگاھى 23)

2015-يىل 11-ئاپرېل ئەقىدە قاش ئىنىستىتۇتى باھا يوقكەن زىيارەت: 166 قېتىم

ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت يازمىسى

خوتەن قاشلىرىنى ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن نەچچە مىڭ يىللاردىن بىرى ئارزۇلاپ ،ئەتىۋالاپ ئىشلىتىپ كەلدى؟ئۇنىڭدىكى قانداق سېھرى كۈچ ئۇنى تارىم ۋادىسىدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقاتتى؟نېمە ئۈچۈن خوتەن قاشلىرىنىڭ باھاسى يىلدىن يىلغا ئۆرلەپ ،ئىستىمالچىلار توپى توختاۋسىز كۆپۈيۈپ مېڭىۋاتىدۇ؟كىشىلەر خوتەن قاشلىرىنى نېمە مەخسەت-مۇدىئالار بىلەن سېتىۋالىدۇ؟ئۇنىڭ ئىنسان ماددىيىتى ۋە مەنىۋىيىتىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى نېمە؟؟؟...

يۇقارقىدەك نۇرغۇن سۇئاللارغا خوتەن قاشتېشىنىڭ ئۆزىدىن قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ تېپىش مۈمكىنچىلىكى يوق.چۈنكى ئۇ گۈھەر تاشلارغا خاس ئاددىي بىر قېزىلما بايلىق،خالاس...

يۇقارقى سۇئاللارغا توغرا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن چۇقۇم ئۇزاق تارىخ جەريانىدا شەكىللەنگەن كۆپ قاتلاملىق ،كۆپ مەنبەلىك خوتەن قاش مەدەنىيىتىنى ئەتراپلىق چۈشۈنۈشكە توغرا كېلىدۇ.

ئەقىدە قاشگەرلىكىمىز <<خوتەن قاش مەدەنىيىتى جەمگاھى >>سەھىپىمىز ئارقىلىق خوتەن قاش مەدەنىيىتىنى رەتلەپ ،توپلاپ ،تەرجىمە قىلىپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

 قاشتېشى ئويمىلارنىڭ تارىخى

ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت تەرجىمىسى 

14135055721081

قاشتېشىنى ياخشى كۆرىدىغانلار ھەقىقەتەن كۆپ.ئۇنى زامانىمىزدىكىلەرلا ياخشى كۈرۈپ قالماستىن،بەلكى مۇندىن 6000 يىل بۇرۇنقى كىشىلەرمۇ ناھايتى ياخشى كۆرگەن ۋە قاشتېشىدىن تۈرلۈك  ئويما بېزەكلەرنى ياساپ ئىشلەتكەن.

يېقىندا پۈتۈن جوڭگۇدىكى قاشتېشى ئويمىچىلىق مۇتەخەسىسلىرى بىرلىشىپ 8 يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ يېزىپ چىققان ‹‹ جوڭگۇ قاشتېشى ئويمىلار تارىخى›› ناملىق چوڭ ھەجىملىك 12 قىسىملىق قامۇس رەسمى تارقىتىلدى.بۇ دۆلەت ئىچىدە قاشتېشى ئويمىلارنى تەتقىقات ئوبىكتى قىلغان  تۇنجى قامۇس بولۇپ،كىتاپتا تۇنۇشتۇرۇلىشىچە ئەڭ بۇرۇنقى قاشتېشى ئويما بۇنىڭدىن 12000 يىل بۇرۇن بارلىققا كەلگەن ئىكەن.

‹‹ جوڭگۇ قاشتېشى ئويمىلار تارىخى›› ناملىق بۇ كىتاپنىڭ باش مۇھەرىرى،نەنجىڭ موزىيىنىڭ تەتقىقاتچىسى لۇ جەنپاڭ مۇنداق دېدى:

ھازىرقى ئارخولوگىيەلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە دۇنيادىكى ئەڭ بۇرۇنقى قاشتېشى ئويما بۇنىڭدىن 12000 يىل بۇرۇن روسىيەنىڭ بايقال كۈلى رايۇنى ئەتراپىدا بارلىققا كەلگەن.شەرقى ئاسىيادا جۈملىدىن شەرقى شىمال،ئىچكى موڭغۇل،چاڭجاڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى رايۇنلاردا بولسا 8000 يىل بۇرۇن بارلىققا كەلگەن.

لۇ جەنپاڭ تۇنۇشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى:

ئوخشاش بولمىغان دەۋرلەردە قاشتېشىنىڭ رۇلىمۇ ئوخشاش بولمىغان.مۇندىن 5500-8000 يىل بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا قاشتېشىغا گۈزەل تاش قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنغان.شاڭ سۇلالىسى ۋاقتىدا كاھىنلار،پىرىخونلار ئىشلەتكەن ۋە ھەمدەپنە بۇيۇمى قىلىنغان.ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ <قاشتېشى خاسىيەتلىك بۇيۇم بولۇپ،خىيىم-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ>دىگەن قارىشى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلانغان.شاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى خەن سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدىكى زامانلاردا قاشتېشى ئامانلىق ۋە خەيرىلىك بۇيۇم سانىلىپ بالا-قازادىن ساقلايدۇ،دەپ قارالغان.خەن سۇلالىسىنىڭ پادىشاھ،خانزادىلىرى ئۆلگەندە  ھەمدەپنە بۇيۇملىرىغا ئۇلارنىڭ ياخشى كۆرگەن قاشتاشلىرى قۇيۇلغان.ئېغىز،قۇلاقلىرىغا قاشتېشى باستۇرۇق باستۇرۇلغان ۋە قاشتېشى كىيىم (كېپەنلىك) كىيدۈرۈلگەن.بۇنىڭدىكى مەخسەت-چىرىشتىن ساقلىنىش ئىدى.

ئۇنداقتا نەنجىڭ خەلقى قايسى ۋاقىتتىن باشلاپ قاشتېشى ئويما ئىشلەتكەن؟

14135055724911

يۇقارقى قامۇستا نەنجىڭ شەھىرى گۇلۇ رايۇنى يۈننەن يۇلى 8-نۇمۇرلۇق قورودىكى بېييىن ياڭيىڭ خارابىلىقى تىلغا ئېلىنغان.بۇ جاي نەنجىڭلىقلارنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئولتۇراق خاتىرە رايۇنى بولۇپ،6000-5000 يىللىق تارىخقا ئىگە.1955-يىلدىن 1958-يىلغىچە بولغان ئارلىقتا بۇ يەردىكى 271 قەبرە كولانغان بولۇپ،نۇرغۇن ساپال بۇيۇملار بىلەن بىرگە يەنە قاشتېشى زىننەت بۇيۇملىرىمۇ چىققان. بۇ قەبرىلەردىكى ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئايالنىڭ قۇلىقىدا قاشتېشى ھالغا بۇلۇپ،يېنىدا يەنە باشقا قاشتېشى ئويما بۇيۇملارمۇ بار ئىكەن.ئارخولوگلار بۇ قاشتېشى ئويمىلارنى مۇندىن 6000 يىل بۇرۇنقى ۋاقىتقا تەۋە دەپ بېكىتتى.

مەنبە: 中国和田玉新闻网

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ